ئۆلدۈم دەپ ھايات يۈرگەنلەرنى كۆردۈم . كۈلدۈم دەپ ئازاپ چەككەنلەرنى كۆردۈم.
دۇستۇم دەپ پىچاق تىققانلارنىمۇ كۆردۈم لېكىن ئەمما ئۇنۇتتۇم دەپ ئۇنتىيالىغانلارنى كۆرمىدىم .
بىر ئادەمنىڭ ساڭا بەرگەن تۇنجى ۋە دەسلەپكى تەسىرى ھەرگىزمۇ ئۇ ئادەمنىڭ ھەقىقىي ماھىيتى ئەمەس ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاسىتا - ئاسىتا ئۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىسىەن .بىرسى ئۈستىدىن يېنىكلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش ، ئالدىراپ ئىشىنىپ كېتشنىڭ ئاخىرى ئۈمىدسىزلىك ھەم پۇشايماندىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس .
قەلبىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەسلەۋاتقان ،تەشنا بولىۋاتقان ، سېنى سېغىنۋاتقان ، شۇنداق ئادەملىرىڭ بولسۇن ! سەن ئازابلانغاندا ، مەيۈسلەنگەندە ، نېمە قىلارىڭىنى بىلمەي ھەر تەرەپكە قاتىرىغىنىڭىدا ...مەن يېنىڭدا دېيەلىگۈدەك ئادەملىرىڭ بولسۇن !
كۈلگەندە تەك كۈلەلمىسىمۇ ، يىغلىغنىڭدا كۆز يېشىڭىنى سۈرتۈپ قويالايدىغان ئادەملىرىڭ بولسۇن !
دۈشمنىڭ ئاز ، دوستىلرىڭ ساز بولسۇن .
دوستلۇق بىر -بىرىگە چوڭچلىق ، ئاخسالىق قىلىش بىلەن گۈزەل ئەمەس بەلكى ،قەدىرلەش بىلەن گۈزەل !
ھەممنىڭ قەدىرنى بىلگىن ، چۈنكى بۈگۈن پاتقان قۇياش ئەتە چىققان بىلەن ، قەبرىگە پاتقان باش ئەتىسى يەنە چىقمايدۇ .
بۈگۈن ئايغا قارىدىڭمۇ ؟
شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ ... ئايغا قارا
ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق ، ئون بەشى ئۇنىڭ ئەكسىچە ،
ھاياتمۇ ھەم شۇنداق ...
ئارمان...
سەن چۈشۈڭدە كۆرگەن نەرسە ئەمەس بەلكى ، سېنى ئوخلاتمايدىغان نەرسە .
باشقىلارنى ئالدىماڭ ، چۈنكى سىزگە ئالدىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى سىزگە ئىشەنگەن كىشلەردۇر .
ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق بەزى ئىشلارنى جىق ئويلىسىڭىز بېشىڭز ئاغرىيدۇ .ئويلاپ تىگىگە يەتسىڭىز يۈرىكىڭىز ئاغرىيدۇ .