مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1559|ئىنكاس: 10

مىھىرى-مۇھەببەت ھەققىدىكى ئويلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 02:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مىھىرى-مۇھەببەت ھەققىدىكى ئويلىرىم



        مىھىر-مۇھەببەت قول بىلەن تۇتقىلى، سىلاپ-سىپىغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ بەلكى كۆڭۈل ياكى روھ بىلەن سەزگىلى بولىدىغان بىر خىل ئىللىق سېزىم. بۇ خىل سېزىم كىشىدە ھاسىل بولغان پەيتلەردە دۇنيا كۆزىگە شۇنچىلىك جۇلالىق، شۇنچىلىك مىھىرلىك تۇيۇلىشى، ھايات گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان دالىلىدا خۇش ھىدنى قانغىچە سۈمۈرۈپ، غەم-قايغۇدىن ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلغاندەك تۇيغۇغا كېلىشى مۇمكىن. مەيلى باشقىلارغامىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلايلى ياكى باشقىلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە نائىل بولايلى ھەممىسى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن قەدىرلىك بولغان تۇيغۇدۇر. خەلقىمىز بۇ خىل تۇيغۇنىڭ بولىشىغا قەدىمدىن تارتىپلا ئەھمىيەت بەرگەن. ئىجتىمائىي ئەخلاقى تەربىيەجەريانىدا بۇ خىل تەربىيەنى سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچىگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.مەسىلەن ئالايلى: ياشانغان، مېيىپ، ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىش؛ ئۆزى ياشاۋاتقان رايۇننىڭ مۇھىت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەرەقىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەندەكلەر بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. خەلقىمىز ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى" بىچارىگە ياردەم قىلساڭ، چىققان دۆۋەڭ ئىگىز بولغاي"، "سېنىڭ تاپىنىڭغا كىرگەن تىكەن، مېنىڭ كۆزۈمگە كىرسۇن" دېگەندەك ھېكىمەتلىرى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن.


مىھىر-مۇھەببەتسىزدۇنيانى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ مېنىڭچە،مىھىر-مۇھەببەتسىز ئىنسانلار ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي دۇنيانىلا ئەمەس، بەلكى، ھايۋاناتلار ياشاۋاتقان تەبىئەت دۇنياسىنىمۇتەسەۋۇرغا سىڭدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى گەرچە تەبىئىي جەريان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئىجتىمائىي جەرياندۇر. شۇڭىلاشقا،ئۇ ياشاش مەزگىلىدە باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا مۇئامىلە قىلىشى، ئۇچىرىشىشى،دوستلىشىشى، ھەمدەمدە بولىشى ناھايىتىمۇ زۆرۈردۇر. مانا مۇشۇ ئىجتىمائىيلىق جەرياندا ئۇ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا كېرەكلىك مىھىر-مۇھەببەتىن مەھرۇم قالسا،ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ ھاياتنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى قالماسلىقى مۇمكىن.


ئەلۋەتتە،مىھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆز-ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. ئالايلى،ۋەتەن،ئەل-يۇرتقا بولغان مۇھەببەت؛ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھىرىمۇھەببەت؛ ئەر-ئايال ياكى قىز يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھرى-مۇھەببەت؛ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار بىلەن شاگىرتلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت؛ ساۋاقداشلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىرى-مۇھەببەت....ۋاھاكازالار. ناۋادا مىسال ئېلىپ كەلسەك، مىھىر-مۇھەببەتنىڭ دائىرسىنى ھەر قانداق بىر ساھەگىچە كېڭەيتەلىشىمىز مۇمكىن. قىسقىسى،مىھىر-مۇھەببەتنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيىتى ۋاقىت خاراكتىرىنى ئالمىغان مەڭگۈلۈك ئېھتىياجدۇر.


ھازىر جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتلەر ئارسىدىكى بېرىش-كېلىش، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنىڭ قۇيۇقلىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۆز-ئارا سىڭىشىپ كىشىلەرنىڭ كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئەسلى ئەنئەنىمىزدە بار بولغان ماددىي ۋە  مەنىۋىي جەھەتتىكى بىر-بىرىنى يۆلەش، ئۆز-ئاراكۆيۈنۈش ئەنئەنىلىرىگە خېلى كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھەممىدە ماددىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ھەممىنى پۇل-بايلىق بىلەن ئۆلچەيدىغان زىيادە شەخسىيەتچىلىك خاھىشىنىڭ بارلىققا كېلىشى شەخىس ۋە كوللىكتىپ زۆرۈر بولغان مىھىر-مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ ھەممىمىز دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئائىلىدە، مەكتەپتە ۋە جەمىيەتتە بالىلارغابولغان بۇ خىل مىھىر-مۇھەببەت تەربىيىسىنى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈردۇر. مىھىر-مۇھەببەت تەربىيىسى بېرىشتە ئىشنى ئەمەلىي ۋە كىچىك ئىشلاردىن باشلاشقا ئەھمىيەت بېرىش ئەمەلىيەت بىلەن قائىدە سۆزلەشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم. مەسىلەن، ۋەتەنگە بولغان مىھىر-مۇھەببەت تەربىيىسىنى ئائىلىگە بولغان مىھىر-مۇھەببىتىنى تەربىيلەشتىن باشلاش؛ باشقىلارغا بولغان مىھىر-مۇھەببەتنى ئاتا-ئانىغا ياكى ئائىلە ئەزالىرىغاكۆيۈنۈشتىن باشلاش ۋاھاكازالار.


ئەلۋەتتە، ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى يۈزى بولغاندەك، ھازىر جەمىيىتىمىزدە ئۆز-ئارا مىھىر-مۇھەببەتلىك بولۇش ئىدىيىسى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. ئالايلى، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچىرىسا،ھەممە تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان جەمىيەت كەيپىياتى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە. تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچىرىغان رايۇنلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش،مەنىۋىي جەھەتتىن تەسەللىي بېرىش؛ بىر قىسىم كىشىلەر تەشكىللىنىپ ئېشىنچا پۇللىرىنى جۇغلاپ مەلۇم فۇندى جەمىيەت ۋە پاراۋانلىق جەمىيەتلىرىنى قورۇپ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش؛ ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئەمما داۋالىنىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقان كىشىلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەشكىللىنىپ ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ قايتىدىن ھاياتلىق يولى تېپىۋىلىشىغا مەدەت بېرىش؛ ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىش....قاتارلىقلاركىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىللىقلىق ۋە مىھىر-مۇھەببەتنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ.


مىھىر-مۇھەببەت گۈللىرى ھامان پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج. ئۇنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان مەزگىللىرى جەمىيىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىك، شاد-خوراملىققا تولغان دەۋرىدۇر. "يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس"دېگەندەك مىھىر-مۇھەببەتنىڭ چىڭىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە مۇھتاج. مەيلى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاق چۈشەنچىلىرىدە بولسۇن، مەيلى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ قائىدە –ئەھكاملىرىدابولسۇن قارشى تەرەپكە مىھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ياخشىلىق ۋە ساۋابنىڭ يادىروسى سانىلىدۇ. ئەنئەنىۋىي ئەخلاق چۈشەنچىلىرىمىزدىكى قۇلۇم-قوشنىلارغا ياكى ئەتىراپىدىكى يىتىم-يىسىرلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى بىر خىل بۇرۇچ ھېسابلاش،"تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە"دېگەن چۈشەنچەبىلەن بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىسلام دىنىمىزدىكى ئۆشرە زاكات بېرىش، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرنىڭ بېشىنى سىلاش قاتارلىق چۈشەنچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنسانلارنى مىھىر-مۇھەببەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىشنى تۈرلۈك يوللىرى ھېسابلىنىدۇ.


باشقىلارغامىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،ئۇنىڭ ھايات يولىدىكى ئەھمىيەتلىك باسقان قەدەملىرىنىڭ نىشانىسى بولۇپ، روھى جەھەتتە شۇ كىشىنى ئاۋۇندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ياخشىلىق قىلىش يولى بىلەن ساۋابقا ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. باشقىلار مىھىر-مۇھەببىتىدىن مەمنۇنلىق ھېس قىلغان پەيتتە، ئۆزىنىڭمۇ زور روھى ئازادىلىككە ئېرىشكەنلىكىنى سېزىدۇ. بۇ خىل سەزگۈ ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇرۇن بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنىڭ مۇنداقچە ئېيتقاندا گۇناھلىرىنىڭ شۇ ئارقىلىق يۇيۇلىشى ياكى يېنىكلىشى ئۈچۈن كاپالەت بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىدۇ. مىھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشكۈچىگەنىسبەتەن ئېيتقاندا، قىيىن شارائىتتا يۈزىنى سىپاپ ئۆتۈپ، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇرقاتلاملىرىنى ئىللىتقان مىھىرلىك شامالنىڭ قىممىتىنى ھېچقانداق نەرسە بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۆزى يولۇققان بەختسىزلىك ياكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا باشقىلارنىڭمۇ ھەمشىرىك بولغانلىقىنى ئۇلارنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلاردىن مىننەتدار بولماي تۇرالمايدۇ. ئۆزىگە ۋە تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، باشقىلارنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە نائىل بولغاندىن كېيىن بۇنى يەنە مىھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق قارىشى تەرەپكە ياكى باشقىلارغا ياندۇرۇش ئىرادىسى كۈچىيىدۇ. بۇ خىل ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تەسىركۆرسىتىش كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپلا قالماي، مىھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇچوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.


باشقىلارغامىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئەمىلىيەتتە ئۇنچىۋىلا مۇرەككەپ بىر ئىشمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ تۈرلىرى يالغۇز قارشى تەرەپكە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئەڭ ئاددىيسى يولدا كېتىۋىتىپ پۇتىمىزغا پۇتلاشقان بىرەر تال چوماق ياكى بىرەر تال تاشنى باشقىلار پۇتلىشىپ كەتمىسۇن، دېگەن نىيەت بىلەن كىشىلەرنىڭ يول يۈرشىگە دەخلى قىلمايدىغان جايلارغا تاشلىۋەتكەن بولساق؛ مەلۇم ئىشلار تۈپەيلى، روھى جەھەتتىن زەربىگە ئۇچىرىغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىمىزگە تەسەللى بېرىپ،ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىشىگە تۈرتكە بولغان بولساق؛ ئابتۇبۇستا ئۆرە تۇرۇپ قىيلىنىلىپ قېلىۋاتقان بوۋاي ياكى مومايغا ئورنىمىزنى بوشىتىپ ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن بولساق؛ ئالدىمىزدا كېتىۋىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەن بالىنى ئورنىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، يىقىلىپ چۈشكەندىكى ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتەلىگەن بولساق؛ باشقىلارنىڭ يولدا چۈشۈرۈپ قويغان پۇل ۋە باشقامۇھىم نەرسىلىرىگە كۆز قىرىمىزنى سالماستىن ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن بولساق................ مانا بۇلارنى تىلغا ئېلىپ كەلسەك ناھايتى كۆپ مىساللارنى تېپىشىمىز مۇمكىن. قارايدىغان بولساق، ھەممىسى ناھايىتى ئاددىي ئىشلار. لېكىن،ھەقىقىي گۈزەللىك مانا مۇشۇ ئاددىيلىقلار ئىچىدە، ھەقىقىي مىھىر-مۇھەببەت مۇشۇئاددىي ئىشلارنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كونكىرىتلىشىدۇ. ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ياشىشى خاتالىق ئەمەس، ئەمما، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىماسلىقى زور خاتالىق. بۇ يەردە ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مۇنۇ روبائىسىنى نەقىل ئېلىشنى لايىق كۆردۈم:



ئالدىڭغا يېقىقلىق شام-چىراققا باق،


كېچىنى كۈندۈزدەك قىلىدۇ ئاپئاق.


تەپەككۇر كۆزىلە ئۇنى بىر كۈزەت،


ئۆزىچۈن يانامدۇ ئۇشبۇ شام چىراق؟



گەپ تامام،پېقىرنىڭ بۇھەقتىكى چولتا پىكىرلىرى مۇشۇنچىلىك داۋاملاشسۇن! ئاللاھ ھەمىمىزگە مىھىر-مۇھەببەتلىك يۈرەك ئاتا قىلسۇن!ئامالسىزلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چىھرىدە ئىللىق تەبەسسۇملار جىلۋە قىلسۇن! مۇھتاجلىق، ئاچ-يالىڭاچلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بوينىنى قىسىمىسۇن، دۇئاغا كۆتۈرگەن جۈپ قوللىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىنى بىرلىكتەسىلايلى!



2013-يىلى7-ئاينىڭ 22-كۈنى


     



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 02:36 PM  


^_^سۈبىھى ^-^

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2651
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15022
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 4100 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى توغرا دەپسىز ...
دۇنيا ھەقىقتەن مېھر- مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر .

ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ، كىچكىنىە ئىشلاردىنمۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ  مېھر- مۇھەببەت گۈزەللكىنى ھېس قىلالايمىز . گەپ سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزدا ..دۇستۇم  قولىڭىزنى باشقىلارغا بېرىڭ .مېھر- مۇھەببتىڭىزنى باشقىلاردىن ئايىماڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   subijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 03:25 PM  


مەن قايتلانمايمەن...ھاياتىم قايتىلانمايدۇ، قايتىلىندىغىنى يېڭى ئارزو ،يېڭى  ئارمانلار...



كۈلۈپ  تۇرۇپ خوشلاشتىم يەنە ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:34:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ دىگىنىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە نىسىپ قىلسۇن.ئامىين.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28144
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-18
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:49:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<< مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات >>  مېھىر-مۇھەببەت ياشىسۇن، گۈللەنسۇن، ھەر-بىرىمىزنىڭ قەلبىمىزگە ئورنالسۇن!

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95811
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 04:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14064
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 06:48:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ.

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 08:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86618
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 01:14:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت زىمىستاندىكى بىر پارچە ئوت ، تومۇزدىكى مەيىن شامال ، باھاردىكى جىلۋىدار ئاپتاپ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 01:19:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى ھەقىقى مۇھاببەت-ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھاببىتىدۇر.

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 08:35:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ئىنساننى كۆپەيتىدۇ، دوسلۇق مۇھەببىتى بىر- بىرىگە يارىدەم بېرىدۇ، لېكىن شەھۋانىي مۇھەببەت ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ۋەيران قىلىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش