مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3258|ئىنكاس: 38

ئىشەك سېتىش (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91298
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 12:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىشەك سېتىش

(ھىكايە)


كەچلىك تاماقتىن كىيىن، تال باراڭنىڭ ئاستىدىكى يوغان كارۋات ئۈستىدە، ئانام، ئاكام ۋە ئىككى ئاچام ، بەشەيلەن ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق. پاراڭ ھەر خىل تىمىلاردا كىتىپ باراتتى.كارۋاتتىن بەش مىتىر يىراقلىقتىكى پىشايۋان تۈۋرىكىگە بىكتىلگەن شامدان ئۈستىدىكى جىن چىراغ ھويلىنى سۇس يورتۇپ تۇراتتى. كۈز كېچىسى بولغاچقا، ھاۋا سەل سوغۇق بولۇپ،مۆرىنى سەل قورۇيتى. ئەمما ھاۋا ئىنتايىن ساپ بولۇپ، باغدىكى شىرىن مىۋلەرنىڭ خۇش پۇرىقى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇراتتى. گەپنى تۇلاراق ئىككى ئاچام قىلاتتى. ئۇلارنىڭ قىيىن ئانىللىرىنىڭ ئائىلسىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ، ئۇلارنىڭ ئائىلدىكلەر بىلەن بولغان گەپ سۆزلىرى، ئەرلىرى بىلەن بولغان ئىشلار سۆزلىنۋاتاتتى. ئانام بىلەن ئاكام پات پات ئۇلاردىن «شۇنداقمۇ؟» ياكى «ھە ئەسلى شۇنداقكەندە!» دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ ياكى سۆزلەرنى قوشۇپ قوياتتى. مەن كىچىك بولغاچقا ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالغاچ ئاسماندىكى ماڭا كۆز قىسىۋاتقان يۇلتۇزلارغا قاراپ، خىياللارغا چۆكۈپ كەتكەن ئىدىم.بىر چاغدا ئاكام،

—     سىلەرگە سالدىغان بىر مەسلىھەت بار ئىدى، — دىدى. ھەممەيلەن دىققىتىمىزنى يىغىپ بەللىرىمىزنى رۇسلاپ ئاكامنىڭ ئاغزىغا قارىدۇق.

—      يەنە شۇ ئىشەكنىڭ گېپى، بىزنىڭ  ئىشەكنىڭ يېشى 30دىن ئېشىپ كىتىپتۇ، بەكلا قېرىپ كەتتى، مەھەللىدىكلەردىن مەسلىھەت سورسام ئەڭ ياخشىسى قانچە پۇلغا ئالسا شۇنچە پۇلغا سېتىۋېتىڭلار دەيدۇ، قانداق قىلىمز، ساتامدۇق ياكى ساتمامدۇق؟

—     ئۇنى دادڭلار رەھمىتى ئىككى ئايلىق مائاشىغا سېتۋالغان؟ — دىدى ئانام.

—     قېرىپ كەتكەن بىلەن ئائىلىمزدە كۈچكە كۈچ قوشۇپ بىر ئوبدان ئىشلەۋاتىدىغۇ؟ — دىدى چوڭ ئاچام.

—     بۇ ئىشەك ياۋاش ھەم ئىنتايىن مۇلايىم،— دىدى كىچىك ئاچام.

—     ساتمايلى، مەن قوي باققىلى چىقسام نىمىگە مىنىپ چىقىمەن، — دىدىم مەن.

  ھەممەيلەم جىممىدە بولۇپ قېلىشتى.

—   مەن توي قىلىپ، — دەپ گەپ باشلىدى چوڭ ئاچام، — ھەپتىدىن كىيىن ئازنىكقا چىقتىم، شۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ ئىشەك، مەھەللىنىڭ ئاخىرسىدىكى ئۆستەڭ بويىدا ئوتلاۋاتقان ئىكەن، مىنى يىراقتىن كۆرۈپ ھاڭراپ كەلگەن، مەن ئۇنىڭ مىنى تونىغانلىقىغا، ئاتايىتىن مىنىڭ يېنىمغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ، بېشىنى سىلاپ قويغان ئىدىم.

—     ئاكا ھېلىقى چاغ يادىڭدىمۇ، سەن پۇتبۇل ئويناپ پۇتۇڭ قايرىلىپ كەتكەندە، سەن ساقمۇ ساق ئىككى ئاي مەكتەپكە مۇشۇ ئىشەك بلىەن بارغانتىڭ، — دىدى كىچىك ئاچام.

—     يادىمدا، — دىدى ئاكام، — بىر قېتىم تۈگمەنگە ئۈن تارىتقىلى چىقتىم، تۈگمەندە ئۈن تارتىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، كەچ بولۇپ كەتتى، كىچىچە ئۆچرەت ساقلاشقا توغرا كەلدى، بىر چاغدا ئۈننى تارتىپ بولۇپ، قارىسام ئىشەك يوق، قەيەرگە كەتكەندۇ دەپ تىت-تىت بولۇپ، ئۆيگە كىرسەم ئېغىلدا تۇرۇپتۇ، ئىشەكنى ئېلىپ قايتىدىن تۈگمەنگە چىقىپ، ئۈگۈتنى ئەككىرگەن ئىدىم. تۆۋە ئۇ ئۆينى قانداق تاپقاندۇ دەپ ھەيران قالغان ئىدىم.

—     كاپىراتسىيە ۋاقتىدا، — دەپ سۆز باشلىدى ئانام، — ئىشىكى بار ئادەملەر ناھايىتى يوغان ھىساپلىناتتى، چۈنكى شۇ چاغلاردا، قىغ توشۇش، قۇم توشۇش، ھارۋا بىلەن شاخ – شۇمبىلارنى يۆتكەش، خامان قېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىشەك ئارقىلىق بولناتتى. ئىشىكى يوق بىچارىلەر قاپنى دولىسىدا كۆتىرەتتى. ئۇ بىزنىڭ نۇرغۇن يۈكىمىزنى يەڭگىللەتكەن.

—     ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىمىزدىكى تۈگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىش، قىغ توشۇش، خامان تىپىش، يەر ھەيدەش، قاتارلىق ھەممە ئىشلار مۇشۇ ئىشەك ئارقىلىق بولىنىۋاتىدۇ، — دىدى كىچىك ئاچام.

—     ھەممىڭلارغا مەلۈم، — دىدى چوڭ ئاچام، — دادام رەھمىتى ئۈزۈن يىل ھۆكىمەت خىزمىتىنى قىلىپ، كىيىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا ناھەق قارا چاپلىنىپ خىزمەتتىن ھەيدىلىپ كەتتى. ئاشقازان كىسىلى بولغاچقا، ئېغىز جىسمانى ئەمگەك قىلالمايتى.كەنىتتىن بۆلۈپ قويغان ئىشلارنى ئىشەك ئارقىلىق قىلىپ، خەقنىڭ ئالدىدا غۇرۇرىنى ساقلىغان.

—     ئۇنىڭدىن باشقا ، — دىدى ئانام، — داداڭلار ھەر قېتىم شەھەرگە سودىلىق ياكى كىسىلىنى كۆرسەتكىلى كىرسە، ئىشەككە مىنىپ كىرەتتى، بولمىسا كىسەل ئادەم قانداقمۇ ئوننەچچە كىلومىتىر يولنى پىيادە مېڭىپ چىدىيالايتى دەڭلار،

—     يەنە تېخى ، — دىدىم مەنمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە لوقما سېلىپ، — ھەر يەكشەنبە كۈنى شەھەرگە قوغۇن ساتقىلى كىرسەك، قوغۇننى ئىشەككە ئارتىپ ئەككىرىپ سېتىۋاتىمىز، ئىشەكنى سېتىۋەتسەك قانداق قىلىمىز؟

   ھەممەيلەن ئىشەكنىڭ ئائىلمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىللىرىنى خېلى سۆزلىدۇق. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشەك نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ھەمدەم بولۇپ، يىراقنى يېقىن، ئېغىرنى يىنىك قىلغان ئىدى.شۇڭا مولازەيدىن، سەليچاققانغىچە نۇرغۇن كىشلەر ئىشەككە مىنىپ جاھاننى كەزگەن ئىدى.بولۇپمۇ ئاشۇ نامراتلىق، مۇھتاجلىق ھەممە يەرنى قاپلىغان كاپىراتسىيە يىللىرىدا، ھەرقانداق ئۇيغۇر ئائىلسىدىكى ئىشەك، ئۆزىنىڭ خوجايىننىڭ ئېغىرچىلىقىنى بىللە كۆتىرگەن ئىدى.بىزنىڭ يۇقارقى ئوتتىرغا قويغانلىرىمىز ئەمىليەتتە شەك – شۈبھىسىزكى ئىشەككە توقۇلغان مەدھىيىلرىمىز ئىدى. ھەممەيلەننىڭ ئىشەكنى ساتقۇمىز يوق ئىدى. شۇڭا بىر قارارغا كىلەلمەي ئۇىلاپ قېلىشتۇق.

مەن ئەقلىمگە كەلسەم ئائىلمىزدە پاكار ، قارا ئىشىكىمىز بار ئىكەندۇق. بۇ ئىشەك ياۋاش ئىدى. چىشلىمەيتى، تەپمەيتى. تاغارنىڭ يېنىغا ئەككىلىپ تاغار ئارتىمىز دىسەك، بىر ئادەم بېشىنى تۇتۇپ تۇرمىسىمۇ جىم تۇراتتى. شۇ چاغلاردا تۇرمۇشىمىز نامرات بولغاچقا، ئىشەككە ئاساسەن ئوت –چۆپ ،سامان، قوناق شاخلىرنى بىرەتتۇق. ئانسا –ساندا ئۆيدە كىپەك پەيدا بولۇپ قالسا، ھەلەپمۇ ئىتىپ بىرەتتۇق. «كانايغا يوق، سونايغا نەدە» دىگەندەك، ئۆزىمىزمۇ ئاساسلىقى قارا ئاشلىق يىگەچكە ئىشەككە قوناق بىرەلمەيتۇق. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ مەھەللىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە، چۈشتىن بۇرۇن تۆت سائەت ئوقۇيتۇق، چۈشتىن كىيىن ئوقىمايتۇق. شۇڭا بارلىق بالىلار چۈشتىن كىيىن، مەھەللىمىزنىڭ غەربىدىكى تاغ باغرىغا  ئىشەككە مىنىپ قوي باققىلى چىقاتتتۇق. بىز ئىشەكنىڭ تانىسىنى ئۇزۇن قىلىپ، ئوتلۇق يەرگە باشلاپ قويۇپ،  قويلارنى ئوتلاشقا قويىۋېتىپ، بالىلار بىلەن ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايتۇق. بەزىدىكى بىدە ئورۇلغان بىدىلىكتە باقاتتۇق. بىدىلىكتىكى مەنزىرلەر ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. بىدىلىكتىن شىمالغا قارىسىڭىز، يىراقتا ھەيۋەتلىك تاغ، تاغ باغرىدا ئېقىپ تۇرغان سۈپ –سۈزۈك زۈمرەت كەبى سۇلار تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ ئېقىپ تۇراتتى. بىدىلىك ئۈستىدە قانىتىنى كەڭ يايغان قارلىغاچلار، پەس ئۈچۈپ، ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، پاشا، كۇمۇتا تۇتاتتى. بەزىدە چاتقاللىق ئىچىدىن چىققان توشقانلارنى قوغلاپ تۇتالماي، ھالىمىزدىن كىتەتتۇق. بىر كۈنى قوي بېقىۋاتساق بىر غۇلاچ ئۇزۇنلىقتىكى بىر يىلان ئېرىقتىكى سۆگەت شېخى بىلەن ياسالغان ئېغىزنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بەش ئالتە بالا يىلاننى تۇتماقچى بولدۇق. توختاخۇن، رېيىمجان ۋە ھۆمەچوڭ ئۈچى دەرھال بىردىن كەتمەن تېپىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېغىزنى بۇزۇشقا باشلىدى. بىر چاغدا يىلان ئۆزىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ سىرىتقا قاچتى، ئۈچەيلەن يىلاننى قوغلىدى، ھۆمەچوڭ كەتمەننى بىر چانىۋىدى يىلاننىڭ بېشى ئۈزلىپ كەتتى. ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتۇق. بىر ئىشنى چۈشىنەلمەي ھەيران قالدىم، بېشى ئۈزلىپ كەتكەن يىلان توختىماي تولغۇناتتى. ئۇنىڭ بېشى كىسىلىپ كەتكەن تۇرسا، يەنى ئۆلگەن تۇرسا ئۇ يەنە نىمىشقا داۋاملىق چۆرگىلەيدىغاندۇ؟ ئەتراپتىكىلەردىن سورساممۇ ئۇلار جاۋاپ بىرەلمىدى. رېيىمجان يىلاننى كەتمەن بىلەن بەش - ئالتە قىلىپ، پارچىلدى.

—   نىمە قىلىسەن؟ — سوردۇم مەن.

—   ئىشەككە يىگۈزمەن، — دىدى ئۇ.

—   ئىشەكمۇ يىلان يەمدۇ؟

—   ئىشەك يىلان يىمەيدۇ، يىلاننى پارچىلاپ، غازاڭغا يۆگەپ ئىشەكنىڭ ئاغزىغا تىقىپ زورلاپ يىگۈزۋېتىمىز.

—   يىلان يىگۈزسە نىمە پايدىسى بار؟

—   يىلان يىگەن ئىشەك ناھايىتى شوخلىشىپ كىتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئىشىكىمز بار بىر نەچچەيلەن، بىر پارچىدىن يىلاننى ئېلىپ ئىشەكلىرمىزنىڭ قېشىغا ماڭدۇق. ھۆمتەچوڭ ماڭا ياردەملەشتى. ئۇ ئىشەكنىڭ قېشىغا كىلىپ، ئىشەكنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، غازاڭغا يۆگەلگەن يىلاننى ئىشەكنىڭ ئاغزىغا قولى بىلەن زورلاپ تىقىۋەتتى، ئىشەك ئۇنى چاينىمايلا يۈتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ دىگەنلىرىنىڭ توغرىلقى ئەتىسى ئىسپاتلاندى. يەنى يىلان يىگەن ئىشەكلەر، ئەتىسدىن باشلاپ، باغلاپ  قويغان تانىنى ئۈزۈپ، باشقا ئىشەكلەرنى سۈر توقاي قىلىپ، ھاڭراپ پۈتكۈل تاغ باغرىنى بېشىغا كەيدى. بۇ ئىشەكلەرنىڭ ئىچىدە مىنىڭ ياۋاش ئىشىكممۇ بار ئىدى. ئەسلىدە قۈۋەتلىك بىرنەرسە يىمەي ئىشىكىم ياۋاشلاپ كىتىپتىكەن-دە دەپ ئويلىدىم.

ھېلىقى مەسلىھەت بولۇپ، ھەپتىدىن كىيىن، ئاچىللىرىم ئازنىكقا چىقاندا يەنە ئىشەك ھەققىدىكى مەسلىھەتنى قىلدۇق. ئاكام « ئىشەك بەكلا قېرىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دىگەن ھارام نەرسە، ئۈلۈپ قالسا، بىر تىيىنغا ئەرزىمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئۆلىكىنى نەدە سۈرەپ يۈرىيمىز، جاڭگالغا ئاپپىرىپ تاشلىۋېتىشتىمۇ، بىرمۇنچە ھەرەج تارتىدىغان گەپ، ئەڭ ياخشىسى قانچە پۇلغا ئالسا سېتىۋېتىپ پۈتۈن ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلمايلىمۇ» دەپ ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇردى. ھەممەيلەن ئامالسىز ئۇنىڭ سۆزىگە قېتىلدۇق.

يەكشەنبە كۈنى ئەتتىگەندە ئانام، سەھەردە قوپۇپ ئىشەككە ھەلەپ ئىتىپ بەردى، ھەم ئازراق قوناق بەردى. ئاندىن ئالما قېقى ، قوي يېغى بىلەن ئىسرىق سېلىپ، سودىلىق بولىشىنى تىلىدى. ئاندىن مەن ئىشەكنى يىتىلەپ دەرۋازىدىن چىقتىم، ئانام ئاچىللىرىم ئىشەكنىڭ بويۇنلىرنى سىلاپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى، ئۇلار ئىشەككە راستىنلا چىدىيالمايۋاتاتتى. لىكىن ئىشەك بىچارە تىلسىز ھايۋان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ نەگە كىتۋاتقانلىقىنى، ئۆزى 30نەچچە يىل ياشىغان ئائىلدىن بىراقلا ئايرىلدىغانلقىنى بىلمەيتى.  

مەن يولغا چىقتىم، ئۇلار خۇددى ئەزىز مىھماننى ئۇزاتقاندەك، دەرۋازا ئالدىدا مىنىڭ قارام يوقالغۇچە قاراپ قېلىشتى. ئاكام شەھەردە ساقلاپ تۇردىغان بولۇپ، بۇرۇنلا ۋېلسىپىتنى مىنىپ  مېڭىپ كەتكەن ئىدى.مەن مەھەللە دوقمۇشىغا چىقسام ، مەھەللىدىكىلەر نەەە باردىغانلىقىمنى سوردى، مەن «ئىشەك ساتقىلى» دىيىشتىن نومۇس قىلىپ، «ساپىرېققا»دىدىم، ساپېرىقتا شەھەرگە كىتىپ بارغان بىزنىڭ مەھەللىك كىشلەرگە كۇكاڭغا دىدىم. كۇكاڭدا ئۇچرىغان بىرنىڭ مەھەللىلىك كىشلەرگە چاكسىغا دىدىم، چاكسىدا  ئۇچرىغان بىزنىڭ مەھەللىلىك كىشلەرگە  قاراساقالغا دىدىم. قاراساقال بىزنىڭ مەھەللە بىلەن شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا بولغاچقا، ئۇ يەرلەردە ئۇچراپ قالغان كىشلەرگە «ئىشەك ھارۋۇسى ئالماقچى ئىدۇق، شۇڭا شەھەرگە كىرىپ كىتۋاتىمەن» دىدىم. بۇنداق دىيىشنى ئاكام ماڭا ئۆگىتىپ قويغان ئىدى. ئالاھىزەل بىرەر سائەتتىن ئارتۇق مېڭىپ، شەھەرگە كىردىم. ئۇچۇلۇقسىز ئىشەككە مىنگەچكىمۇ، ئىشەك تولا سوكۇلداپ، جۇلۇقۇمنى قويمىدى.  ئاكام گۈزەر كۆۋرۈكتە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىشەكنى تۈمەن دەرياسى بويىدىكى ئۇلاغ بازىرغا ئەككىردۇق. ئۇلاغ بازىرى كالا، قوي، تۆگە،ئات ، ئىشەكلەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئادەملەر مىغىلدايتى. خېرىدارلار ئىشەكنىڭ ئاغزىنى يىتىپ چىشىگە قاراپ ھەممىسى پۈتۈشۋالغاندەكلا «بەكلا قېرىكەن» دىيىشىپ ناھايىتى ئەرزان سورايتى. ئۇلار ئىشەكنىڭ ياش قېرىلىقىنى ئىشەكنىڭ ئېزىق چىشىغا قاراپ بىلىدىكەن، ئېزىقىدا قارا بولسا بۇنداق ئىشەكلەر ياش ئىكەن، بولمىسا قېرى ئىكەن. چۈشكىچە تۇرۇپ ئاران دىگەندە يەتتە سومغا ساتتۇق. بۇنداق قېرى ئىشەكلەرنى ئىچكىرگە ئەككىرىپ كىتىپ ، سويۇپ، گۆشىنى ئايرىم ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، سۆڭكىدە دورا ياسايدىكەن دىيىشتى. مەن ئىشەكنى يىتىلەپ، لىق قېرى ئىشەكلەر بېسىلغان  بىر يۈك ماشىنىڭ قېشىغا ئاپپىرىپ، ئالغان كىشىگە بەردىم.ئىشەك ماڭا قاراپ مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىردىن« سىلنىڭ ئائىلگە 30 نەچچە يىل ئىشلىدىم، ئاخىرى كۆرگەن كۈنۈم مۇشۇ بولدىمۇ، مەن سىلەرگە نىمە يامانلىق قىلدىم، مىنىڭ ئاتا بوۋىللىرىمۇ مۇشۇ ئانا يۇرىتقا تۆھپە قوشۇپ ئۆتكەن، ئەمدى قېرىغاندا ياقا يۇرىتقا پالاۋاتامسىلەر، ئەي ۋاپاسىزلار» دەۋاتقاندەك قەلبىم ئازاپقا تولدى. ئاكامنىڭ«ماڭئايلى» دىگەن بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ قىيالماي، كۆز چاناقلىرىمدا ياش لىغىرلىدى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم.

بازاردىن چىقىپ گۈزەردىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق. بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى بولغاچقىمۇ ئاشخانىدا ئادەم ناھايىتى جىق ئىدى. ئاكام بىلەن ئىككىمز ئوندىن يىگىرمە مانتا بۇيرۇتتۇق. مانتىدىن بىرنى يەپ بولشىمغا ، مەھەللىدىكى بىر بالىدىن ئاڭلىغان، «ھارام ھايۋاننى ساتقان پۇلغا بىرنەرسە ئېلىپ يىسە، شۇ ھايۋاننىڭ گۆشىنى يىگەن بىلەن ئوخشاش» دىگەن گەپ يادىمغا كەلدى. بۇ مانتا ئىشەك گۆشىدە ئەتكەندەك، كۆڭلىم ئېلىشىپ بولالماي قالدىم. ئاخىرى سىرىتقا چىقىپ ياندۇرۋەتتىم. لىكىن ئاكامغا ئۇ گەپنى دىمىدىم.

شۇ ئىشتىن كىيىن ، مەن تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ئائىلىمىز بىر ئىشەكلىك بولالمىدى. دىھقانچىلىق ئىشلىرنى خوشنىلارنىڭ ، ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئىشەكلىرنى ئارىيەتكە ئېلىپ قىلدۇق.كىيىن جاھان تەرەققىي قىلىپ كەتتى، ئىشەكلىك قىلدىغان نۇرغۇن ئىشلار تىراكتۇر، ئۈچ چاقلىق مۇتسىكىت بىلەن قىلنىدىغان بولدى. ئەمما ئائىلدىكلەر جەم بولغاندا ئىشەكنىڭ گېپى چىقىپ قالسا، ھېلىقى ياۋاش پاكار قارا ئىشىكىزمنىڭ گېپىنى قىلىپ قوياتتۇق.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 12:50 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەلشاھ + 500 يىراقتا قالغان بالىلى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:16:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنتۇلماس بالىلىق

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14591
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:22:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنى بەك ياقتۇردۇم، رەھمەت. شۇنداق يەڭگىل، يېقىشلىق يېزىلىپتۇ. باراڭلىق ھويلىلارنى، باراڭ تېگىدىكى كارىۋاتنى، شۇ كارىۋاتتا ئولتۇرۇشۇپ چاي ئىچكەن بولۇنىدىغان تاتلىق پاراڭلارنى، چوڭ ئاپام چوڭ داداملارنى سېغىنىپ قالدىم…

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14591
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:24:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايە ئاپتورىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يېزىپ قويۇڭلار،

ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1020 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:27:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىز بولسا يەنە ئەۋەتىپ تۇرارسىز.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96114
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-7-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:30:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك ۋاقتىم يادىمغا كەپ قالدى.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18433
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6460
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 03:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشەك ئىنتايىن جاپاكەش ھايۋان   ئۇ ھازىرمۇ يىزىلاردا موھىم قاتناش قۇرالى بولۇپ ھىساپلىندۇ.                        

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1095
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1086 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 04:17:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزىلاردا ھازىرمۇ مۇھىم قاتناش قورالى ئېشەك.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6725
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 04:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك ۋاقتىم يادىمغا كەپ قالدى

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش