- جېنىم قىزىم ، خوش بولاي ، سەندىن ئۆتىنەي داداڭ ، ئاكىللىرىڭ ئالدىدا مۇنداق يېرىم – ياڭلاچ يۈرمىگىن . تېنىڭنى يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ سىرتلارغا چىققىن قىزىم .
- نەچچە قېتىم تەكرارلىدىڭ بۇ گەپنى ، بۇ قايسى زامان ، سېنىڭ ئىدىيەڭ ئەجەپمۇ قاتمال ، تېلىۋېزورنى كۆرمەيۋاتامسەن ؟
- بىز تېلۋىزوردىكىلەرگە ئوخشىمايمىز قىزىم . ياشاش ئۇسۇلىمىز ، ئۆرپى – ئادىتىمىز ئۇلارنىڭكى بىلەن ئەسلا ئوخشىمايدۇ .
- ئوھۇش ، ھەجەپ تولا كوتىلدىدىڭ ...
ئانا پەش قېقىپ چىقىپ كەتكەن قىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئېغىر ئۇھ تارتقىنىچە چوڭقۇر خىيالغا پاتتى . << ئەخلاق بىلەن شەرمى – ھايا كىشىلەرنى پاسكىنچىلىقتىن ، شەرمەندىچىلىكتىن يىراق قىلىپ ، جەمئىيەت ئاتمۇسفېراسىنى بۇلغۇنىشتىن ساقلايدىغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ ئەڭگۈشتەرگە ئېغىر دەرجىدە دەز كەتتى . جەمىيەت . ۋاپاسىزلىق ، مەيدانسىزلىق ،ئادەملەر ئارىسىغا ۋابادەك يامرىدى
- قىزىم چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمە .
- قىزىم ئىسىڭدە بولسۇن يۇيۇنغان چېغىڭدا چېچىڭنىڭ ھۆللىكىنى ھەرقانداق كىشىگە كۆرسەتمە ، بۇ بىزنىڭ ئەخلاقىمىزغا زىت .
- قىزىم ئىچ كېيىمىڭ بىلەن داداڭنىڭ ، ئاكا – ئىنىللىرىڭنىڭ ئالدىغا قەتئى چىقما .
- يات جىنىسلىقلار ئالدىدا ھېجايما .
- بارغان يېرىڭدە كەچ قالما .
- ئوھۇش ، بۇ نىمە دېگەن تۈگىمىگەن پەندى – نەسىھەت . ئانا ھازىر ھەممە نەرسىدە يېڭلىق يارتىلىۋاتسا
- قىزىم يېڭلىقنىڭ يارىتىلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش ، لېكىن يېڭىلىق دەپ ئەخلاقنى ، مىللىي ئۆرپى – ئادەتنى چۆرۋەتسەك بولمايدۇ – دە
- چۆرۋەتمەيدىغان نىمىسى بار ، زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ ئانا ؟
------------------------------------
ئىسىل ئەن – ئەنىدىن چەتنەپ ھايات كۆچۈرۈش گۇمرانلىقتۇر . ئەخلاقسىزلىق ئىچىدە ياشاش تولىمۇ نەپرەتلىكتۇر . لېكىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقان ، جەمىيەتتىكى رولىنى ئۇنۇتقان بىر قىسىم ئايال ، چوكان ، قىزلار بەتقىلىقلىق ، نۇمۇسىزلىق ئېچىدە ئادىمىلىك قىممىتىنى دەپسەندە قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ . نۇمۇسنى سېتىۋاتىدۇ ، زەھەر سودىسى قىلىۋاتىدۇ ، دەللالىق بىلەن شۇغىنلىنۋاتىدۇ
-------------------------------------------------------------
ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ، پەدىشەپنىڭ كۈندىن – كۈنىگە يىگىلەپ كىتىشى ، ئىنسان شەھۋانى نەپسىنى ئەخلاقنىڭ ئۈستىگە قويىۋالغاندا ئەتراپنى بۇزۇقچىلىق قاپلاپ ، نۇمۇسىنى سېتىپ خەجلەيدىغان ، << نۇمۇس دېمەك پۇل دېمەكتۇر >> دەپ قارايدىغان مۇناپىقلىق ئەۋج ئالىدۇ . ئەخلاق بىلەن ھايانىڭ ئورنىنى ئەخلاقسىزلىق ، ھاياسىزلىق ئىگىلەپ ، قىزلار بىلەن ئوغۇللار توي خېتى ئالماي تۇرۇپمۇ ئەر – خوتۇندەك ئۆتۈشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.....
مىللىتىمىز – پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق ، ياخشى تەربىيلىنىشگە تۈرتكە بولىدىغان ، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىنى توسۇشقا كۆڭۈل بىلىدىغان ساپاسى يۇقۇرى ئەۋلاتلارغا شۇنىڭدەك مىللەتكە كۆيىدىغان ، مىللەتنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئاتا - ئانىلارغا مۇختاج .