مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1974|ئىنكاس: 18

مۇقام ، تەسەۋۋۇپ ۋە ھاكىميەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 06:41:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.مۇقام ئەسلى بىر ھۇنەر

مۇقام ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە تارقىلىپ ، بېيىپ ، ئۆزىنىڭ ھاياتى كۇچى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىقىنى تەبئى ساقلاپ كىلىۋاتقان بىر ھۇنەر ،  خۇددى باشقا ئۇيغۇر ھۇنەرلىرىگە ئوخشاش  خەلق ئىچىدىكى تەبئى ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەش قانۇنىيىتىگە بوي سۇنغان ئاساستا خەلقىمىز ياقتۇرغان بىر ھۇنەر كەندۇق .

2.مۇقامنىڭ ھۆكۇمرانلىقنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپ قېلىشى

ئىلگىركى ھۆكۇمرانلار مۇ مۇقام ئاڭلىغاندۇ ، ئەمما مۇقامنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى ئابدۇرەشتخان زامانىسدا خان مۇقامچى ئاماننىساخانغا ئۆيلۇنۇپ ئوردىدا كىچىك خانىش قىلىپ مۇقام رەتلەشكە تەيىنلەنگەنلىكى بىلەن مۇقام ئەل ئىچىدىكى تەبئى تەرەققىياتتىن ھاكىميەتتىكى سېستىمىلىق تەرەققىياتقا ئېرىشتى . يەنى مۇقام سەئىديە خانلىقىنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپ قالدى . ھاكىميەتتە مۇقامنىڭ ئورنى بار بولدى. بۇ ھەم ياخشى بولدى ھەم يامان بولدى .
ياخىشى بولغىنى شۇكى ئەمدى مۇقامنى ھاكىميەت يۆلەيدۇ  .

3. يامان بولغىنى مۇقامنىڭ دۇشمىنى بار ئىدى

يەنى سوپىلار مۇقامنى يامان كۆرەتتى . چۇنكى مۇقام ئەل ئارىسىدىكى چاغدىلا سوپىلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ئۆز ئىديىسىنى تارقىتىشتا بىر پۇتلىكاشاڭ ئىدى . تويۇقسىز مۇقامنىڭ ھاكىميەت بىلەن بىرلىشىپ كىتىشىى سوپىلار ئۇچۇن تېخىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر رىئاللىق ئىدى .


4. ئەسلى سوپىلىق ھاكىميەت ئۇستىدە ئەمەس جايناماز ئۇستىدە بولۇشى كېرەك ئىدى

قارايدىغان بولساق مەيلى بۇخارا مەيلى تۇركىيە ، مەيلى جالالىدىن رۇمى دەيسىز سوپىلارنىڭ ھاكىميەتكە بىۋاستە ئارلاشقانلىقىنى ھاكىميەت داۋاسى قىلغانلىقىنى كۆرەلمەيسىز ، ئەمما نىمە ئۇچۇن يۇرتىمىزدا سوپىلار ھاكىميەت داۋاسى قىلىپ چىقىدۇ ، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئەھلىمۇ ؟ قانداق بولۇپ شىنجاڭدا سوپىلار ھاكىميەتكە قىزىقىپ قالدى ؟ ئۇلار سەئىديە خاقانلىقىغا قارشى چىقالىغۇدەك بۇ جۇرئەتىنى نەدىن ئالدى . يا سوپىزىمدا ھۆكۇمرانلىق تالىشىدىغان بىرەر ئەندىزە بولمىسا ؟

5. ئوردا بۇ ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇردى

ئابدۇرەشىتخان بۇ سەنئەتچى خاتۇننى ئەمىرىگە ئېلىپ مۇقامنى ئوردىغا رەسمى ئېلىپ كىردى . ئەمدى مۇقام خانىشنىڭ خاننىڭ چوڭ ئىشى بولۇپ قالدى ، بۇ مۇقام ئۇچۇن بىر مىسلسىز گۇللىنىش ئېلىپ كەلگەن بولىسمۇ ئەمما سوپىلار  پېلەكنى بويلاپ خەمەك ئىزلەپ ئاخرىى ئوردىنى ئۆزىگە دۇشمەن قىلىپ تاللۋالدى. ئەسلى ئۇلارنىڭ دۇشمىنى ئوردا ئەمەس بەلكى مۇقام ئىدى . ئەمما ھاكىميەت مۇقامنى بەك ۋاي ۋاي قىلىپ كەتكەچكە سوپىلار تىغ ئۇچىنى ھاكىميەتكە قاراتتى .

6.ئەسلىدە .....
ئەسلىدە مۇقام ئوردىنىڭ سىرتىدا خەلق ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەبئى ھاياتىنى داۋام قىلۋەرسە بولاتتى . ھاكىميەت قوللىمىسىمۇ مۇقامنى خەلق قوللاپ مېڭىۋىرەتتى .  سوپىلار بىلەن نورمال ئۇزەڭگە سوقۇشتۇرسا ئۇمۇ مەيلى ئىدى . ئۇلارنىڭ جىدىلىىنى ئوردا لىللا ئايرىپ قويسىلا بولاتتى . بۇ ھالدا سوپىلار كونسىرۋاتىپ ، مۇقامچىلار يەنە بىر نىمە تىپ بولۇپ ئوردا ، سوپىلار ، مۇقامچىلاردىن ئىبارەت ئۇچ پۇتلۇق داڭقان شەكىللىنەتتى  بۇنداقتا خەلق ئىچىدە بەزىدە خۇدا بىلەن رەسۇل ، بەزىدە تەمبۇر بىلەن ئۇسۇل  ئىبادەتنىمۇ قولدىن بەرمەيدىغان ، نورمالنى كۆڭۇل ئاچىدىغان ۋەزىيەت شەكىللنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى .سوپىلار ئەل ئىچىدىكى دەھرىلىكنى چەكلەيتتى ،مۇقامچىلار  سوپىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان تەركى دۇنياچىلىق تەشەببۇسىنى ئاجىزلاشتۇراتتى . ئەپسۇس ئوردا مۇقام ، مۇقام ئوردا بولۇپ قېلىپ ئىشلاردىن چاتاق چىقتى ،  ئوردا ئۆزىنىڭ ھەربى كۇچى بىلەن ئوردا سىرتىدىكى كۇچلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقىلىسا ياخشى بولاتتى .  سوپىلارنىمۇ ئوخشاشلا ئوردىغا كىرگۇزمەي ،پەقەت پادىشائۆزى بېرىپ تەلىم ئېلىپ كەلسىلا بولاتتى ، مانا بۇ سوپىلارغىمۇ شۆھرەت ئېلىپ كىلەتتى .

7. ئوردا چىقارغان مۇقام بورىنى  سوپىلارنىڭ گىنىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە پەقەت ماس كەلمەيدىغان ھاكىميەت تالىشىشتىن ئىبارەت بىمەنە ئىشلارغا سەۋەپ بولدى ،

ئاللاھ خالسا بۇ تاقا تۇققا نىڭ كەينى با ،






توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13857
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:06:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە قېنى ، داۋاملىق ، ئاخىرىغا تەشنامەن ...ناھايتى ئورۇنلۇق مۇھاكىمە بولىۋاتىدۇ  ، ئەقىلگە مۇۋاپىق ، ھىسسىياتتىن خالى ، نادىر تېمىدىن بىرسى تۇغۇلغۇسى .......

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .
abdurahman123 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:10:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34293
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:15:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستا نوچى گەپلەر بۇلىنىۋاتاتتى،ئاللاھ خالىسا كەينى با دەپلا تۈگەپ قالدىيا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:26:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارايدىغان بولساق مەيلى بۇخارا مەيلى تۇركىيە ، مەيلى جالالىدىن رۇمى دەيسىز سوپىلارنىڭ ھاكىميەتكە بىۋاستە ئارلاشقانلىقىنى ھاكىميەت داۋاسى قىلغانلىقىنى كۆرەلمەيسىز ، ئەمما نىمە ئۇچۇن يۇرتىمىزدا سوپىلار ھاكىميەت داۋاسى قىلىپ چىقىدۇ ، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئەھلىمۇ ؟ قانداق بولۇپ شىنجاڭدا سوپىلار ھاكىميەتكە قىزىقىپ قالدى ؟ ئۇلار سەئىديە خاقانلىقىغا قارشى چىقالىغۇدەك بۇ جۇرئەتىنى نەدىن ئالدى . يا سوپىزىمدا ھۆكۇمرانلىق تالىشىدىغان بىرەر ئەندىزە بولمىسا ؟

ماۋۇ يەردە خاتالىق بار ئىكەن. مىرزا ئۇلۇغبەك سوپىلاردىن خوجا ئەھرارنىڭ پەردە ئارقىسىدا
قوماندانلىق قىلىشى بىلەن بالىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. سوپىزىمدا ھۆكۈمرانلىق تالىشىدىغان ئەندىزە بولمىغان بىلەن مۇرت تالىشىدىغان ئىش بار. ئۇلار مۇرتنى يەردىن ئۈندۈرمەيدۇ، ياكى قوغۇن تېرىغاندەك تېرىمايدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسى بولغان پۇقرالاردىن قۇبۇل قىلىدۇ. ئەگەر ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسى بولغان پۇقرالارنىڭ كۆپچىلىكى مەلۇم سۈلۈكتىكى سوپىلارغا ئەگىشىپ كەتسە، بۇلار ھەم ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك كۈچكە ئىگە بولسا، سوپىلار بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقمىسا ئۇنداقتا ھاكىمىيەتنى يىقىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:29:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇلغۇنجان باشقا يەردىكى سوپىلار ھاكىميەتكە تەسىر كۆرسەتكەن ، بۇ توغرا ،دىمەكچى بولغۇنىم ھاكىمىيەتنى ئۆزەم باشقۇرىمەن دەپ قولىغا ئېلىۋالمايدۇ ، بىزنىڭ يۇرتىتىكىدەك دىمەكچىتىم ئەسلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:40:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2013-7-22 11:29 AM
يۇلغۇنجان باشقا يەردىكى سوپىلار ھاكىميەتكە تەسىر كۆرس ...


ھە، چۈشەندىم. بەلكىم «ساڭا بېقىپ مەن، ئىشىككە بېقىپ دەم» دەپ ئاۋۇ كەلگۈندى سوپىلارمۇ بىزنىڭ زىمىنىمىزغا كەلگەندە بىزگە مېجەزىمىزگە بېقىپ يول تۇتقان بولسا كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 11:46 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1014 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 12:13:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپلىق تەپەككۇر.ئورۇنلۇق مۇلاھىزە.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!
tamaxibin بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 12:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 12:25:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇپىلار توغۇرلۇق يەنە جەڭگى جىدەل بوپ كەتمىسلا بولاتتى . ئىلمى مۇنازىرە قىلىشساق ،مانداق مەندەك بىلمىگەنلەر بىلۋالسا .

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش