|
|
|
|
بىرەر ئىشك بولسىمۇ ئوچۇق تۇرسۇن كۈسەنى
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ( ئاللاھ ئۇ زاتتىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دەيدۇ« مەھەللىمىزدە بىر قاراقچى بولىدىغان ، قارىسام بىر كۈنى مەسجىدتە ناماز ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ. ھەيران قېلىپ ھەي پالانى !، توختىماي ئوغۇر -قاراقچىلىق قىلىسەن ، ئەمدى ناماز ئوقۇساڭ ئاللاھ بۇ نامىزىڭنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟!» دېسەم .
« ھەي ئىمام !، مەن بىلەن ئاللاھىم ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ئىشكلەر تاقالغان، مۇشۇ بىرەر ئىشك بولسىمۇ ئوچۇق تۇرسۇن دېدىم » دەپ جاۋاپ بەردى.
بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ھەجگە بارسام بىر ئادەم كەبىنىڭ بۇسۇغىسغا ئېسىلىپ ، رەببىم تەۋبە قىلدىم ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى ئۆزلىرىگە ئاسى بولمايمەن دەپ تەۋبە - ئىستىغپار ئېتىپ نالە-پەرياد قىلغىلى تورۇپتۇ. ھالىغا ھەيران قىلىپ ، سىنجىلاپ قارىسام ھېلىقى ئادەم شۇ ئىكەن.
سۇبھانەللاھ..!. بۇ ئادەم ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسىدە بىر ئىشكنى بولسىمۇ ئۇچۇق قويۇپتىكەن ، مانا ئەمدى ئاللاھ ئۇنىڭغا بارلىق ئىشىكلەرنى ئېچىۋەتكەن ئىدى.
شۇنداق قېرىندىشىم ، ھەرقانچە گۇناھ - مەئسىيەت ساھىبى بولسىڭىزمۇ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى تەلتۈكۈس ئۈزۈپ قويماڭ.
|
|
|
|
|
|