|
|
|
|
خاتا پىچىلغان تون
مەن بۈگۈن كەچتە بىر زىياپەتكە چاقىرىلدىم مەن بارماي ئىشىم بار دەپ كۆرسەتمىگەن بانالىرىم قالمىدى شۇنداقتىمۇ ئۆي ئېگسى بەك چىڭ تۇرىۋالغاچقا ئامالسىز بوينۇمدىن باغلىغاندەك باردىم چۈنكى بۇ زىياپەتنىڭ غۇرۇرىمىزنى سىنايدىغان بىر قىتىملىق زىياپەت ئىكەنلىكىنى سەزگەن ئېدىم مەن كىرسەم مەندىن باشقا يەنە تۆت ئادەم بار ئىكەن بەشىمىزنىڭ بۇ سورۇنغا چاقىرلىشىمىزنىڭ سەۋەبى بۇ ئۆيدە ئابدىقەيۇم سۇلتان يەنى «قەيۇم قارىم» دەپ تونۇلغان بىر ئادەم بار بولۇپ قىرىق ياشلار ئۆپچۆرىسىدە سىياسېغا چېتىلىپ قېلىش سەۋەپلىك ھۆكىمەت ئىزدەۋاتقان بۇ ئادەم يوقاپ كەتكە نەچچە يىل ئىزدىگەن بولسىمۇ تاپالمىغان ئېدى،ھۆكىمىتىمىز ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغاندىن كىيىن 2004-يىلى بۇ ئادەم ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ كەڭچىلىككە ئېرشىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ ھۆكىمىتىمىز بۇ ئادەمنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار قاتارىدا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ مۇددەتسىز سوت كەسكەن ئېدى،بۇ ئادەمنىڭ ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بار بولۇپ قەيۇم قارىمنىڭ ئىككى ئېنىسى ۋە ئاتا ئانىسى بىلەن بىرگە تۇراتتى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قەيۇم قارىمنىڭ دادىسى يەنى سۇلتانمامۇتخان ھاجىمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن بۇ ئائېلىدىكىلەرگە مېراسنى ئايرىۋىتىش توغىرلۇق باشقىلار مەسلەھەت بەرگەن بۇ ئائېلىدە مېراس گېپى چىققاندىن باشلاپ جودا قۇرىمىغان يېقىندا قەيۇم قارىمنىڭ ئايالىنى قارىمنىڭ ئېنىلىرى ئۇرۇپ ئۆيدىن چىقىرۋەتمەكچى بولغان بۇ ئايال چىققىلى ئۇنىمىغان بولسا كىرەك شۇ سەۋەپتىن بىزنى چاقىرغان ئىكەن،بۇ سورۇنغا مېنىڭ چاقىرلىشىم مەن قەيۇم قارىم بىلەن نەۋرە تۇققان ئايالى بىلەن بولسا ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق تۇققان قىسقىسى بۇ ئەر-ئايالمۇ بىر نەۋرە كېلىدۇ،ئاۋۇ تۆت ئادەمنى قارىمنىڭ ئىككى ئېنىسى چاقىرغان بولۇپ بۇ مېراس ئىشىدا قارىمنىڭ ئايالى ۋە باللىرىغا مېراستىن بىر نەرسە كەلمەيدىغانلىقىنى قارىمنىڭ ئۆي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مال-مۈلىكىگە قارىمنىڭ ئىككى ئېنىسىنىڭ ئېگىدارچىلىق قېلىشنى بۇ ئايالغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن چاقىرىلغان موللاملار ئىكەن،مەن بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچى بولىدىكەنمەن،مېنىڭ بۇ سورۇنغا كىرىشىم بىلەن ئاۋۇ تۆت موللام توننى پىچىشقا باشلىدى قارىمنىڭ ئېنىلىرىنىڭ بۇ ئايالنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشىدىن خەۋىرى بارمۇ تاڭ بۇ موللاملارمۇ قارىمنىڭ ئايالىنى بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلدى، مەن بۇ ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى كەلسۇن ئۇلارنىڭمۇ پىكىرنى ئاڭلاپ باقايلى دېسەم ئاۋۇ موللاملار بىزنىڭ ئۇ قارا دېھقانلارغا چۈشەندۈردىغان ۋاقتىمىز يوق دەپ ئۇنمىدى، دېدىم مەنمۇ دېھقاننىڭ بالسى مەن بۇ سورۇنغا خاتا كىرىپتىمەن دەەپ يىنىپ چىقتىم ئۇلار بىز سىزگە مۇھتاج ئەمەس ئۆزىمىز ھەل قىلالايمىز دەپ قېلىشتى كىيىن ئاڭلىسام بۇ ئايالنى ھىچ نەرسە ئالماي بۇ ئۆيدىن ئۈچ بالىسى بىلەن قۇرۇق قول يېنىپ چىقىشقا كۆندۈرۈپتۇ ئەگەر چىقىپ كەتمىسە بۇ ئايالنىڭ يولدىشى تۇرمىغا كىرىپ كەتكەن ئون يىل جەريانىدا بۇ ئۆيدە يەپ ئىچكەن ئومومى چىقىمنى بىراقلا ھىساپ قىلغۇدەك بۇ ئۆيدە تۇرشۇڭنىڭ سەۋەبى نېمە بىز ھەر قايسىڭنى بېقىپ بولالماي قەرىزگە بوغۇلۇپ كەتتۇق دەيدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن يېنىپ چىقتىم دەيدۇ،ئەجەبا مۇشۇ ئايال يات بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدە تامىقىنى ئېتپ بىرىپ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ دېگەندەك مۇشۇلارنىڭ ئۆيىدە قىلغان ئىشلارنى قىلپ ئىشلىگەن بولسا يەنىلا قەرىزگە ئىشلەرمىدى،يولدىشىنى ھۆكىمەت جازالىدى تۈگىدى باللىرىدا ۋە ئايالىدا نېمە گۇناھ بالىسىنىڭ چوڭى 16 ياشقا كىرىپتۇ مۇشۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە مال دۇنىيانى دەپ ئانىسىنى دۇمبالاشنىڭ ئۆزى بۇ ئايالغا نىسبەتەن تۇرمىدا يېتىۋاتقان يولدىشىغا بېرىلگەن جازادىن يېنىكمۇ،ھەر بىر جان ئېگىسى ئويلاپ بېقىشى كىرەككى ئاياللارنى بىر ئىشلەمچىنىڭ ئورنىدا قويۇپ سىزنىڭ بەرگەن تويلۇقىڭىز «ئاياللارغا بېرىلدىغان مەھرى» ۋە ئېنىڭدىن كىيىنكى چىقىملىرىڭىزنى ھېساپلاپ بېقىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىڭىزنى قىلغان شۇ ئايالىڭىز قەرىزدار بولامدىكىن ياكى سىزمۇ،
ھېلىقى موللاملىرىمىزغا كەلسەك بۇلار ھۆنەرنى چالا ئۈگىنىپ دۇكان ئارىغان شاگىرتتۇر باشقا ئېلم ئېگىلىرىدىن سورىسام پىچقان تونى شەرېئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس،ھۆكىمەتنىڭ قانۇنىغا ئەسلا ئۇيغۇن ئەمەس ئۇنداقتا نېمىشقا بىر ئاجېزەگە زۇلۇم قىلىدۇ،
دىيارىمىزدا بىر كىشى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئۆزىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىدىغان ئاقنى قارا دېسە ئاق دېيەلمەيدىغان موللام تونىغا ئورنىۋالغان ساختىپەزدىن بىر نەچچىنى باشلاپ كېلىپلا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قالغان بولغاچقا موللامنىڭ دېگىنىنى قىل قىلغىنىنى قىلما دېگەنگە ئوخشاش موللا-ئالىملىرىمىزغا ھاقارەت قىلىدىغان سېسىق گەپلەر پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن ئەمىليەتتە ئۇلارغا ئوخشاش بىر نەچچە ساختىپەز دېنىمىزغا رىياسىز ۋە داۋراڭسىز تۆھپە قوشىۋاتقان موللىلىرىمىزغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،ئۇلار پەقەتلا قورساقنىڭ قۇلىدۇر.
2013-يىلى7-ئاينىڭ20-كۈنى قەشقەر قاغىلىق
مەنبە: (ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكىjuwazqiنىڭ يازمىسىدىن ئۆز ئەينى ئېلىندى)
ئەسلى مەنبەسى: http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=54195
|
|
|
|
|
|