مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3230|ئىنكاس: 50

سـۆيـۈش ۋە سـۆيـۈلـۈش __ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2691
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 03:16:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

520.jpg

مۇھاببەت_بىر خىل شىرىن ئازاب

پاھ ! نېمىدېگەن پاساھەتلىك سۆيۈش-سۆيۈلۈش مەنتىقىسى ھە،بەلكىم بۇ سۆزلەر مۇھاببەت ئوتىدا كۆيگەن بىر ئاشىقنىڭ قەلىپ ساداسى بولسا كېرەك ،نېمە بولدۇمكىن بىلەيمەن ،بەزى چاغلاردا،مۇشۇ سۆزلەردىن ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزدەپ ئاۋارە بوپ كىتىمەن. توۋا ، مۇھەببەت كىشىنى ئەجەب قىلىپ قويىدىكەن دېسە،<بىراۋ بىزگە زار ،بىزلەر بىراۋنىڭ ئوتىدا خار > يۈرەكلىرىم بۇ مەنتىقىدىن ئۆزىگە تەسەللىي تاپماقتا ،بەلكىم ماڭا ئوخشاش باشقىلارنىڭ سۆيۈشىگە ئېرىشەلمەي ،باشقىلارتەرىپىدىن سۆيۈلۈش يولىدا گاڭگىراپ قالغانلار ئۈچۈن بۇ بىر جۈملە سۆز بەئەينى  رامكا ئىچىدىكى مەۋھۇم مۇھەببەت بولىشى مۇمكىن.

مەن ئۇنى چىن دىلىمدىن سۆيگەن، يۈرۈكۈمنىڭ ئەڭ نازۇك جايلىرىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ قويغان ، ئەمما ئۇ مېنى سۆيەمدۇ  يوق بىلمەيمەن،گەرچە ئۇنىڭ ئۈچۈنلا يىلىنجاپ كۆيۈۋاتقان مۇھاببەت شامىنىڭ ئوتلىرى پىلدىرلاپ ئۆچەي دەپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭغا بولغان پاك مۇھاببىتىم يەنىلا ساقلانغان،مەن ھامان ئۇنىڭ بۇ ئوتنى قايتا يالقۇنلىتىشىغا ئىشىنەتتىم ،پاك مۇھاببىتىمنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ھامان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.ئەپسۇس ،تولىمۇ ئەپسۇز،كاج  پەلەك ماڭا مۇھەببەت يولىدىكى يەنە بىر سىناقنى تاشلىدى،يۈرىكىم ئەنسىز سوقماقتا،خۇددى سېنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەكلا ،ھەممە شەيئىدە سېنىڭ سىمايىڭ ،تۇتاي دەيمەن ئەمما ئۇلار مېنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقاندەك ،يەنىلا ئۆز ئەسلىسىگە قايتىدۇ.

جاراڭ!

-ئەنە ئاڭلىدىڭمۇ ،بىرسى كېلىپ ،پەقەت سەن ئۈچۈنلا سېنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ ئۈچۈنلا ،بىزەلگەن خرۇستال مۇھەببەت ئەينىكىنى چېقىپ قەلب خانەمنى ئۆزىنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى  بىلەن ئىللىتىشقا ئۇرۇندى.مۇزلاپ كەتكەن يۈرىكىمنىڭ ئوتلۇق مۇھەببەتنىڭ كۈچىدىن ئىرىشىگە قانچىلىك مۇھتاجلىقىمنى بىلەمسەن.  

ئەمما مەن خوش بولمىدىم،ئىچ-ئىچىمدىن ئازاپلانماقتىمەن،بەلكىم ئۇنىڭ ئورنىغا سەن بولغان بولساڭ..................

شۇڭا <رەھىمسىز دۇنيا،ساختىپەز جاھان> دەپ  بىكارغا ئېيتىلمىغان ،ئۇنى رەت قىلىۋەتسەم بولاتتىغۇ؟   

توغرا،رەت قىلاي، مەن پەقەت سېنىڭلا قەلبىمگە بۆسۇپ كىرىشىڭنى خالايمەن.  

بىراق ۋۇجۇدۇمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن  بىر خىل  توسقۇنلۇق كۈچى مەن بىلەن يۇشۇرۇن جەڭ قىلىۋاتاتتى ،

-سەن يەنە ،ئۇنى رەت قىلماقچىما، قايسى خىل ئۇسۇلدا رەت قىلماقچى،باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىش بەدىلىگە ،باشقىلاردىن چىن مۇھەببەت كۈتۈش مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈۋاتقان قەلب ئۈچۈن ،ئۆز قولىدا مۇھەببەتكە قەبرە قوپۇرغانلىق.

مەن كاللامنى سىلكىپ ئويلانماقتىمەن.ئۇمېنى چىن دىلدىن سۆيگەن بىراق رەھىمسىز تەغدىر ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇيۇن كۆرسەتتى، مەن ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئازاپلاشنى خالىمايمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ قەلب خانەمدىن ئورۇن ئېلىشىنىمۇ خالىمايمەن،يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم قان يىغلىدى،بۇ دۇنيانىڭ قىسمەتلىرىگە نېمە دېگۈلۈك،سۆيۈش -سۆيۈلۈش مېنى راستىنلا ،چوڭقۇر ئەلەم-قايغۇغا پاتقۇزغانىدى قەتئىي      ،قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۇنىڭغا جاۋاپ يازاي دېدىميۇ ئەمما قولۇم قەلەم تۈۋىدە قېتىپ قالدى.


1


بۈگۈن كۆڭلۈم تولىمۇ كۆتىرەڭگۈ،ھاۋارايىچۇ تېخى،مېنىڭ خوشاللىقىمغا سوغۇق سۇ سېپىشنى خالىمىغاندەك،ئادەمگە تولىمۇ ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى،ئەتراپنىڭ قىزغىن كەيپىياتىغا نەزەر تاشلاپ كېتىپ باراتتىم تۇيۇقسىز مۈرەمگە تەگكەن بوشقىنە شاپىلاقتىن ئەندىكىپ ئارقامغا قارىدىم. قارىدىميۇ مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم ،ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ كونا ساۋاقدىشىم ئىدى.  

-بامۇيە،كونا ساۋاقداش،قارىمىسام قاراپ قۇيايمۇ دېمەيسىزغۇ،

ئۇ مېنى كۆرۈپ كىچىك تىللىرى سايراپلا كەتتى،سىزدەك نەزىرى ئۈستۈن بالىلارغۇ بىزدەكلەرگە نەزىرىمۇ چۈشمەيدۇ...

-بولدى ئاز گەپ قىلە.

ئۇنىڭ گېپى ھىچ تۈگەي دېمەيتى،شۇڭا ئامالسىز ئۇنىڭ گېپىنى توختىتىپ قويدۇم.  

-مۇشۇ قىلىقىڭنى زە، قاچانمۇ تاشلارسەن ،ئارقامدا كۆزۈم يوق مېنىڭ....شۇنداق دېيىشىمگىلا،

-كەچۈرۈڭ ، قورقىتىۋەتتىم ، كۆرۈشكىلى كەلمىسەم بوپتىكەن يېنىڭىزغا.

ئۇنىڭ قەستەن تەنە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم ،شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنى چوڭ تۇتۇپ-ۋاي كەت ئەمسە ،مەن سېنى كۆرۈش دەپ چىللاپ كەلمىدىم .

دېدىم قەستەن ئۇنىڭ چىشىغا تېگىش ئۈچۈن.

-كېتەيما، ئەمسە كەتتىم ،خوش ،مەن راسلا كەتتىم ھە؟

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مەندىن يىراقلاشتى،مۇشۇ قىز بالا شەيتان دېگەننىزە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

- ۋاي نەگە،ما تاۋى نازۇكنىڭ باتناپ كەتكىنىنى، چاق چاق كۆتۈرەلمەس بوپ قاپسەن جۇمۇ.  

-ھى!ھى!ھى! بىلەتتىم مەن  چاقىرىدىغانلىقىڭىزنى.

ئۇشۇنداق دەپ يېنىمغا كەلدى، ئەمدى ئۇنىڭغا قايتا نەزەر  تاشلاشقا باشلىدىم. ئۇ قىلچىلىك ئۆزگەرمەپتۇ، شۇنچىلىك شوخ،يەنىلا ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان شۇ بالا چىرايى،ھازىرقى زامانغا خاس شۇشيەن كىيىنىشىچۇ تېخى.

_قاچانمۇ تاشلاسەن مۇشۇ مىجەزىڭنى، قاچانغىچە چوڭ بولمايسەن ...گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغىچە ئۇمۇ

-سىزمۇ قاچان تاشلاسىز قوپاللىقىڭىزنى،قاچانلا كۆرسە سەنلىگەن ئادەمنى.

ئۇمىنىڭدىن سەل رەنجىگندەك قىلاتتى،بىراق نىمىشقىكىن ئۇنىڭ بۇنداق رەنجىشلىرىگە پەرۋاسىزلا قارايتىم.   

-سەنمۇ شۇ مېنىڭ مۇشۇ قوپالللىقىمغا كۆيۈپ يۈرگەن ئەمەسمۇ.

ئاغزىمدىن بۇ گەپلەرنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەتلىكىنىمۇ ئۇقمايلا قالدىم، ۋە ئۇنىڭغا لاپپىدە قارىدىم، شۇ دەقىقىلەردە ئىككىمىزنىڭ كۆزى يەنە ئۇچرىشىپ قالدى ، نىمىشقىكىن ئۇنىڭ مەندىن كۆزلىرىنى ئۈزگۈسى كەلمىگندەك قىلاتتى.

-قانداق كۆزۈمنىڭ بالىخانىسىغا چەكچىيىپ قارايسەنغۇ ، بىرە ئىش بوپتىما؟  

دېدىم مەن بۇ ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن.

-ھە، ياق ،ياق،كۆزىڭىز قانداقراق تۇردىكىن دەپ قاراپ باقتىم .

ئۇ سەل خىجىل بولغان چېغى ئىتتىكلا گېپىنى باشقا ياققا بۇرىۋالدى.

-تېخى ئەما بولغىنىم يوق ،ھە راس ساڭا نېمە با بۇيەردە،سېنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغانىدىم...

ئۇيەنە ئاغزىمدىن گېپىمنى تارتىۋالدى.

-سىزگىچۇ نېمە با بۇيەدە، سىزكەلسىڭىز بولىدىكەن ،مەن تۇرسام بولمامدىكەن،قاچان كەلگەنتىڭىز، سىزنى تېخى....

-ۋاي بولدى ئاز گەپ قىلە، ئۇزاق بولدى كەلگىلى ماڭا، شۇ تەقدىرنىڭ قارا قۇيۇنلىرى مەشەگە تاشلىدى بولغاي مېنى، ئۆزۈڭچۇ قاچان كەلدىڭ ،ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم سېنى.

-شۇ،مېنىمۇ لەرزان شامال ئۇچۇرتۇپ مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويدى.ھى!ھى!ھى!

تۇيۇقسىز ئۇنىڭ مامكاپ دېگەن لەقىمى ئېسىمگە كەپقالدى، مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىمىزدا،ئۇنىڭ ئوغۇللارغا خاس مىجەزى، ھەممىنى ھەيران قالدۇراتتى ،شوخ كۈلكىسى ،ئاجايىپ قىلىقلىرى بىلەن گوياكى شامال ئۇچۇرغان مامكاپتەك شۇنچە خۇشال يۈرەتتى، شۇڭا ئۇنى ھەممىمىز مامكاپ قىز دەپ ئاتايتۇق.

ئۇنىڭدىن باشقا سۇئاللارنى سوراشنى خالىمايتتىم، شۇڭا ئىككىلىمىز بىردەم سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدۇق ،ئۇ بىر گەپ دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللەتتى يۇ يەنىلا مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك جىملا بوپ قالدى.

_ھازىر بىكارمۇ سىز؟  بىكار بولسىڭىز بىردەم كوچا ئايلىنايلى، سىزدەك ساۋاقدىشىمنى ئاران بىر كۆرگەندە ئۇزاقراق بىرگە تۇرىۋالاي.  

ئۇ ئاخىرى كۆڭلىدىكى گەپنى دېدى، گەرچە ھازىرچە ئىشىم بولمىسىمۇ ،ئۇنىڭ بىلەن ئايلىنىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتىم.

-ھۇيت!نىمىنى خىيال قىلىپ، ئىشىڭىز بولسا ئاۋارە قىلماي ئەمسە.

ئۇ سۇلغۇنلۇق بىلەن ماڭا قارىدى، راس گەپ قىلسام ئۇنىڭ بۇ چىرايىنى كۆرۈپ ئۇنى رەت قىلغۇم كەلمىدى،شۇڭا ئامالسىز ،

-مەن تېخى ئىشىم با دېمىدىمغۇ ساڭا، بوپتۇ تەلىپىڭنى ياندۇرماي .

مەن شۇنداق دەپ ئالدىمغا مېڭىشقا باشلىدىم، ئۇ قايتىدىن جانلىنىپ كەتكەنىدى، ئۇ مۇ ماڭا ئەگىشىپ ماڭدى،ئۇ ماڭغاچ مەندىن ھەر خىل سۇئاللارنى سورايتى، بەزەنلىرىگە جاۋاپ بەرسەممۇ ، يەنە بەزىسىگە، سوغۇق ئىپادەم بىلەنلا جاۋاپ قايتۇراتتىم.  

- ۋاي بولدى ، نىمانداق ئۇششاق سۇئال بۇ ئاز گەپ قىلساڭ بولمامدۇ، ھىجىيىۋاتقىنىنى مانىڭ .

ئۇ گېپىمدىن خاپا بۇلۇش تۈگۈل ئەتەي مېنىڭ چىشىمغا تېگىپ يەنە سۇئال سوراشنى باشلىدى،خەپ دەپ كېتەتتىم ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا قاراپ،بىز خېلى بىر مەھەل ئايلاندۇق، نىمىشقىكىن ئۇنىڭ چىرايىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيتى،بەلكىم ئۇ ،بۇ دىياردا مەندەك ساۋاغدىشىنى كۆرگەنىدىن خوشال بولۇۋاتسا كېرەك.

-كېلىڭە بىردەم ئولتۇرايلى .

ئۇشۇنداق دەپ يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا تەمشەلدى.

بوپتۇ ئولتۇرساق ئولتۇرايلى،ئەجەپ  ئىسىپ كەتتىغۇ بۇ ھاۋا،مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇر ، مەن بېرىپ ئىچىملىك ئەكىلەي.

-بولدى مەن باراي،نېمە ئىچىسىز؟

ئۇشۇنداق دېگىنىچە ،يېقىن ئەتراپتىكى ماگزىندىن ئىككى بوتۇلكا قىزىل چاي ئەكىلىپ بىرسىنى ماڭا ئۇزاتتى.  

_مېنى مېھمان قىلغىنىڭما بۇ؟ مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئىچىملىكنى ئىچىشكە تەمشەلگەنىدىم بىراق ئۇنىڭ قىلىقى مېنى توختىتىپ قويدى، ئۇ ئېچىملىكنىڭ ئاغزىنى ماراۋاتاتتى، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى مەن چۈشىنىپ بولغانىدىم.

-ھە....مۇكاپات چىقماپتۇ.

ئۇ يىغلامسىرىغان ھالەتتە ئاچچىقلاپ قولىدىكى قۇتىنىڭ ئېغىزىنى تاشلىۋەتتى ۋە قۇلۇمدىكى تېخى ئاغزى ئېچىلمىغان ئىچىملىككە قاراپ،

-نىمىشقا ئىچمەيسىز ؟قېنى ئاغزىنى ئېچىڭە ، مۇكاپات چىقتىمۇ قاراپ باقايلى.

ئۇشۇنداق دېگىنىچە مېنىڭ قۇتىنى ئېچىشىمغا تەلمۈرۈپ ئولتۇردى.

-مەن تېخى سېنىڭ ئىچىملىكىڭدىن مۇكاپات چىقسا شۇ مۇكاپاتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەي دەپ ئولتۇرغانتىم،ھا!ھا!ھا!

مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئېغىزنى ئاچتىم.

-ئوھوي ! تەلىيىم باركەن جۇمۇ مېنىڭ، يەنە بىر بوتۇلكا ئىچىشىم باركەن.

-راستما؟

ئۇ شۇنداق دېگەنىچە ئىغىزنى قۇلۇمدىن ئالدى ۋە ماڭا بىر خىل تەبەسسۇمدا قارىغاندىن كېيىن ماگزىن تەرەپكە ماڭدى.

-توختاپ تۇرۇڭ ھە! مەن ئالماشتۇرۇپ كېلەي.

   -  نەگە ، ئىككى قۇتىنى نىم قىلىمەن ،ئەكەل بولدى ھېلىغىچە بىرگەپ بولا.

شۇنداق دېگنىمچە ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ قايتۇرۇپ ئەكەلدىم .شۇ چاغدا يۈرىكىمدىن ئاجايىپ بىر خىل سېزىم ئەگىپ ئۆتتى، بەلكىم ئۇنىڭ يۈرىكىنىمۇ توك سوقىۋەتكەندەك سېزىم بولىشى مۇمكىن.

_ئەجەپ تەلەيسىز بەندە جۇمۇ مەن ، مۇشۇنداق كىچىككىنە تەلەيمۇ مەندىن قاچىدۇ، بەختىمدىن سۆز ئېچىشىمغۇ مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ،قاچانمۇ تەلەي ماڭا كۈلۈپ قاراكىن تاڭ.

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ غەلىتە ھىسلارغا چۈمۈپ قالدىم ، ئۇ قەستەن ماڭا دەردىنى تۆكىۋاتقاندەك قىلاتتى.تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىفۇن ئككىلىمىزنى سەگەتتى.

_ۋەي....  

-كەچۈرگىن ،ھەمرا بولالمايدىغان بولدۇم،جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى، كىيىنچە يەنە بىرگە ئايلىنىش نىسىپ بولغاي.

ھەي،مۇشۇ كاللامنى زە ، كىيىنچە دەپ قويغىنىم نىمىسى ئەمدى.ئاغزىمدىن چىققان گەپلارگە پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم.

-مەيلى ئەمسە ،گېپڭىزدە تۇرسىڭىزلا بولدى،راس كىيىنچە كۆرۈشىمىز ھە؟

ئۇنىڭ بايىقى سولغۇن چىرايى نەلەرگىدۇ يوقالغانىدى،ئۇ يەنە قىزىقىپ مەندىن سورىدى.

-ئۇنداقتا؟ سىزبىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن، تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بىرەمسىز يا؟

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قولۇمدىكى يانفۇنغا قول ئۇزاتتى.

_ماقۇلە ،كىرگۈزىۋال .

مەن شۇنداق دېگگىنىمچە ئۇنىڭغا نۇمۇرۇمنى دەپ بەردىم.

-ۋۇييۇ،نىمانداق جىق تۆتلەر بۇ.......

ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېمەكچى بولدىيۇ مېنىڭ ئەلپازىمغا قاراپ يەنىلا گەپ قىلىشتىن توختاپ قالدى.   

-ھەئە ،تۆت ئاشۇنداق جىق ، كىرگۈزۋالامسەن يوق ؟مەن ئالدىراش.

-بولدى ،دېمىگەن بولاي ،خاپا بولماڭ.

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تىلىفۇنۇمنى سايراتتى، شۇ تاپتا نىمىشقىكىن تاڭ ،مۇزىكىغا ئەگىشىپ مېنىڭ يۈرۈكۈممۇ تەڭ سايراۋاتاتتى.

_خوش ئەمسە، مەن ماڭدىم ،ئالە ماۋۇ ماڭا كەلگەن بەخىتنى ساڭا بېرەي ، سەنمۇ بۈگۈنكى بەخىتتىن تەڭ ھۇزۇر ئالغىن.

مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئېغىزنى ئۇنىڭغا بەرگەچ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم،خېلى مېڭىپ تۇيۇقسىز ئارقىمغا قاراپ قالدىم .ئۇ يەنىلا ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ.



2



پاھ! نېمىدىگەن گۈزەل كەچكى شەپەق بۇ،نامازشامنىڭ گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمگەن كەچكى شەپەق نۇرىنى تاماشا قىلماقتىمەن،شۇ تاپتا ئۆزەمنى ئاسمان بىلەن يەر ئوتتۇرسىدا لەيلەپ قالغاندەك قىلاتتىم ،مۇڭلۇق خىياللار بىلەن بۇ مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسقز سايرىغان تىلىفۇن ئارامىمنى بۇزدى،غۇدۇڭشىغىنىمچە تېلىفۇنغا قارىدىم،ئېكراندا  ناتۇنۇش نۇمۇر ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى،خوشياقمىغان ھالەتتە تېلىفۇننى ئالدىم.

-ۋەي ياخشىمۇ سىز ساۋاقداش.

قارشى تەرەپتىن ئاۋازى ناھايىتى زىل بىر قىزچاقنىڭ ئۇماق چۇكۇلداشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى،ھە، شۇكەندە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،

ئالو ،مامكاپ قىز بامۇ سەن،تېلىفۇن قىپ قاپسەنغۇ؟كىم...كىمكى دەپتىمەن تېخى.

شۇ تاپتا بىرخىل ئوڭايسىزلىنىش كەيپىياتى قەلبىمنى چىرمىۋالغان ئىدى،گېپىمنىمۇ تۈزۈك دېيەلمەي دۇدۇقلاپ كەتتىم.

-شۇ تۇيۇقسىزلا سىزنى ئەسلەپ قالدىم، ۋاقتىڭىز بارمىكىن، ئەتە بىلە ئايلىنىپ كەلگەن بولساق،بەرىبىر بۇيەردە سىزدىن  باشقا دوستۇممۇ يوقكەن مېنىڭ.

ئۇ مەندىن نېمىلەرنىدۇ كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى،بايا تىلىفۇننى خوشاللىق ئىلىكىدە ئالغىنىدا،قەلبىمنى قانداقتۇر بىر تەشۋىش ئالامەتلىرى قاپلىۋالغان ئىدى،ئەمدىلىك ئۇ مېنىڭ تەشۋىشلىكىمگە جۆر بولماقچى بولۇۋاتقاندە ،ئۇنىڭدىمۇ بىر خىل تارتىنىش ئالامەتلىرى ئاۋازىدىن مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى.

-ok  !ئەتە كۆرۈشسەك مەيلى دېگىنىڭچە بولسۇن ،كۆرىشىدىغان ۋاقىتنى سەن تاللا،بەرەبىر ئەتە باشقا ئىشىممۇ يوق مېنىڭ.

مەن شۇ گەپلەرنى ئېغىزىمدىن چىقاردىميۇ،ئەمما نېمىشقىكىن يرىكىم كۆيۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر خىل سېزىم ئىچىدە بىر مەھەل سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم.   ئەجىبا...

-ۋەي !ۋەي،بامۇسىز ؟گەپ قىلمايسىزغۇ؟

ئۇنىڭ توۋلىشىدىن سەگەكلىشىپ قايتا تىلفۇننى قۇلۇقۇمغا تۇتتۇم.

-ئەمسە ئەتە سائەت 11دە....

ئۇ كۆرۈشىدىغان جاينى ئېيتىپ ئالدىراپلا مەن بىلەن خوشلاشتى.قىزىقتە بۇ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،تۇيۇقسىز مەكتەپ ھاياتى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.رومانتىك ھىسلارغا چۆمۈلۈپ قاچان ئۇخلاپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن..

مانا ،سائەتمۇ 11دىن ئاشتى بىراق ئۇ ھىچبىر كېلەي دېمەيتى،ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلاي دېدىميۇ،ئەمما ئۇنى ئېشىۋالامىكىن دەپ پەرىشانلىق ئىچىدە ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم،ئەنە ئۇ ئاخىرى كەلدى، پاھ! نېمىدىگەن .ئۇماق بوپ كەتكەندۇ بۇ، راست گەپ قىلسام مۇشۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى تەرىپلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى.بالىلارغا خاس كىيىنىشلىرى ئۆزىنى ئەسلى يېشىدىن نەچچە ياش كىچىك كۆرسىتىپ تۇراتتى،قوڭۇر چاچلىرى ...توۋا نېمە بولغاندىمەن،ئۆزەممۇ ھەيران ،ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ تۇرىمەن يانا،ئۇنىڭغا تەلپۈنىمەن.

ئۇقولىدا بىر تال ئەتىرگۈلنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى، رومانتىكىلىقىنى قارا،دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،قۇياش نۇرىدا گۈل گۈزەللىكىنى تىخىمۇ نامايان قىلاتتى.

-ئەمدى كەلدىڭما؟ساقلىغىلى نەۋاخ مەن،ئەگەر ۋەدە بېرىپ قويمىغان بولسام ئاللىبۇرۇن كېتەتتىم.

ئاچچىق زەردە بىلەن ئۇنىڭغا كايىۋاتاتتىم.

-سائەت قانچە بولدى ھازىر ،ئادەم ساقلاشقا ئەڭ ئۆچ مەن.

-نىمىگە چېچىلىسىز ،ئەمدى 10:30بولدى تېخى،..

ئۇشۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى سائەتنى ماڭا تەڭلىدى،مەنمۇ دەرھاللاقولۇمدىكى سائەتكە قارىدىم،ئەمدى راستىنلا ئوڭايسىزلىنىپ قالغانىدىم،سائىتىمنىڭ ئىستىرىلكىسى 11دە توختاپ قالغانىدى.

-كە..كەچۇر ،چېچىلىپ قويدۇم ،مۇشۇ تەرسا مىجەزىمنى زە،

ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا ئەپۇ سوراپلا كەتتىم،بىراق ئۇ مىنىڭ بۇ قىلىقىمغا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى،سەل ئاچچىغىم كېلىپ ئۇنىڭغا قايتىدىن قايناي دەپ بولغىچە ئۇ،

_ھى!ھى!ھى!بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى، نىمانداق تەكەللۇپ قىلىسىز مەندىن، كۈلگۈمنى كەلتۈرۈپ،ئەجەپ غەلىتە تۇرىدىكەن.

مانى قارا،مەن چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سوراۋاتسام مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى، غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى،قىز بالا دېگەن ئاجايىپ شەيتان كېلىدۇ ھە!ئۇنىڭغا قايتىدىن ئاچچىقلاي دەپ تۇرۇشۇمغا،

-بولدى،بولدى،تۇرىۋېرەمدۇق مۇشۇنداق؟ئايلىلانغاچ پاراڭلىشايلى.

ئۇ شۇنداق دېگنىچە ئالدىمغا ئۆتۈپ مېڭىشقا باشلىدى،ئۇنىڭغا يەنە قايتىدىن نەزەر سېلىشقا باشلىدىم.

-مېڭڭە،نىمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىڭىز.

-ھە،ھە، مانا

ئۇ مەن بىلەن كوچا ئايلانغىنىدىن خوشال بولىۋاتسا كېرەك،ئۇششاق سۇئاللىرىنى يەنە باشلىدى.

_قىز دوستىڭىز بارمۇ يوق؟

تۇيۇقسىز ،سورالغان بۇسۇئالدىن ،ئېسەڭگىرەپ قالدىم ،نېمە دېيىشىمنى ئۇقمايتىم،ئۆزەممۇ  ئۇقمايلا

-با ، مەندەك يىگىتكە قىزلار كەم بولاتتىمۇ، قانداق سېنىمۇ ھەمرا قىلىۋالايمۇ؟

ئۇ گەپلىرىمگە مىيىقىدا كۈلۈپلا قويدى، مەنمۇ نىمىشقا بۇنداق گەپ قىلغانلىقىمنى ئۇقمايلا قالغانىدىم،ئۇنىڭ بىلەن سۈكۈت ئىچىدە ئايلىنىشقا باشلىدىم ،راست گەپ قىلسام ئىككىمىز بەك ماسلاشقان بولساق كېرەك،باشقىلار بىزگە ھەۋەسلىنىپ قارايتى،ئاشىق-مەشۇقلار دەپ ئويلاپ قالغان چېغى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،ساراڭمۇ مەن ،بۇنىڭغا ھىچبىر كۆڭلۇم بولمىسا مېنىڭ،ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىس قىلىشقا تىرىشاتتىيۇ لېكىن يەنىلا قورۇنۇپ قالدىم ، باشقىلارنىڭ بىزنى بىرجۈپلەركەن دەپ قېلىشىدىن ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مېڭىشتىن قورققاندەك قىلاتتىم.مۇڭلۇق ھىسلارغا تولۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كوچا ئايلانماقتىمەن.

-توختاڭە ،يۈرۈڭ رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويايلى.

ئۇشۇنداق دېگىنىچە قۇلۇمنى تارتىپ  سۈرەتخانىغا قاراتتى.

شۇ تاپتا ئۇ مېنىڭ قولۇمنى ئەمەس بەلكى يۈرۈكۈمنى تارتىۋاتقاندەك قىلاتتى،ئوتلۇق بىر سېزىم يۈرۈكۈمدىن ئېقىپ ئۆتكەنىدى،مەن ئۇنىڭ قولۇمنى قويىۋەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلغاندەك،ئۇنىڭ باشلىشىغا  بوي سۇنۇپ سۇرەتخانىغا كىردىم.

_نىمە قىلىمز بۇ يەرگە كىرىپ ،كىچىك بالىدەك خاتىرە رەسىمگە چۈشىمىزما،مەكتەپتىن ئايرىلغاندا چۈشۈپ بولغانغۇ خاتىرە رەسىمگە.

ئۇ قولۇمنى قۇيۇۋەتكەنىدى، ئەمدى سەگەكلىشىپ قالغان بولسام كېرەك،ئىنىڭغا يەنە زەردە كونا تەلەپپۇزدا گەپ قىلىۋاتاتتىم.

-مەن رەسىمگە چۈشمەيمەن ،چۈشكۈڭ بولسا ئۆزەڭ چۇش ،مەن چىكەتتىم.

-ئۇنداق قىلماڭە؟ ئۆتۈنەي،پەقەت بىر پارچىلا چۈشسەك بولاتتى.

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماڭا يالۋۇرۇشقا باشلىدى،رەسىمگىمۇ چۇشتۇق ،ئۇ شۇنچە ئوماق،تەبىئي چۈشۈپتۇ، ئەمما مېنىڭ قانداقتۇر بىر ھىسلارغا تولغان چىرايىم رەسىمنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ قويغانىدى.

-كۆڭلىڭىز پەرىشان ئوخشىمامدۇ،بىرەر ئىش بولدىما؟

-ياقەي ،ئاخشام تۈزۈك ئۇخلىيالمىغانتىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك.

-مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلاپ ئۇخلىيالماپسىزدە،ھى!ھى!ھى!

ئۇ مېنىڭ كەيپىياتىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئۇرىناتتى، ئۇنىڭ بۇگەپلىرىگە ھىجىيىپلا قويدۇم .

ئۇ مېنى باشلاپ بىر سودا سارايغا ئەكىردى،بىز بۇ يەرنى خېلى ئۇزاق ئايلاندۇق،لىكىن ئۇ نېمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى،بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ بىر پوكەينىڭ ئالدىدا توختاپ ناھايىتى نەپىس بىزەلگەن چاقماقنى قولىغا ئېلىپ زوقى بىلەن قاراپ كەتتى.ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغانىدىم.

-ماڭا سوۋغا قىلامتىڭ؟تاماكىنى تاشلىدىم مەن .

ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ سەل ئوڭايسىزلانغان چېغى،پوكەي ئالدىدىن ئايرىلدى.

-قورسىقىم سەل ئېچىۋاتىدۇ،ماڭە ،تاماق يەپ چىقايلى.

-مېنىڭ قورسىقىم ئانچە ئاچمىدى...

-ئۇنداقتا...بولدى مەنمۇ تاماق يېمەي،يالغۇز تاماق يېسەم گېلىمدىن ئۆتمەيدۇ.

_ھۇيت!مەن تېخى تاماق يىمەيمەن دېمىدىمغۇ؟مېھمان قىلسىڭىز ياق دېمەيمەن جۇمۇ.ھى!ھى!ھى!

ئۇنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسى يۈرىكىمنى تىتتىرتىۋەتتى،گەپكە ئۇستىلىقىنى قارا مانىڭ.

-چاتاق يوق نىمە يەيمەن دېسەڭ شۇنى ئېپ بېرەي،نېمە ؟(كالا گۆشى ئۈگرىسى)نىيۇرۇمىيەن.

-نېمە ئېلىپ بەرمەمسىز؟

-تۈزۈكراق تاماق يېسەڭ بولمامدۇ، نىمانداق ئامراق سەن ئاچچىق نەرسىگە.

-ئېپ بىرەمسىز يوق؟

ئۇ سەل دومسىيىپ قالغان چېغى،ئاۋازى بوشراق چىقىۋاتاتتى.

-بوپتۇ كۆڭلۈڭ .

شۇنداق دېگەچ يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئۈگرەخانىغا كىردۇق، ئىككى قاچا بۇيرىتايلى دېسەم ئۇ مەن ئىچىپ بولالمايمەن دەپ ئۆزىگە يېرىم قاچا ماڭا بىرنى پۈتۈن بۇيرۇتتى ،قورسىقىمنىڭ بەك ئېچىپ كەتكىنىدىنمۇ،ئۈگرىنى بىردەمدىلا  ئىچىپ بوپتىمەن.ئۇنىڭغا قارىسام ،چوكىنى قاچا ئىچىدە لەيلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ.

-تېز ئىچە ، ئۆزەڭ ئامراق تاماقنى ئېلىپ بەرسەممۇ ،مىسىلداپ.

-سىز ئىچىۋېتىڭە ،قورسىقىم تويۇپ قالدى مېنىڭ.

ئۇنىڭ گەپلىرىدىن مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم.

-كۆزىڭىز يوقمۇ سىزنىڭ ، ئاۋايلاپ قىلسىڭىز بولمامدۇ؟!

-كەچۈرۈڭ خانقىز ،كەچۈرۈڭ.دېققەتسىزلىكتىن..

-دېققەت قىلىشنى بىلمىگەن ئادەمگە نېمە با ربۇ يەردە!

ئۇ سەۋەپسىزلا مۇلازىمەتچى بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەنىدى،مۇلازىمەتچى ئۇنىڭ قولىدىكى ئەتىرگۈلگە چاي چاچرىتىۋەتكەنىدى،ئۇ توختىماي كايىيتى،مۇلازىمەتچى بولسا،كەچۈرۈم سوراش بىلەن پايپەتەك ئىدى

-بولدى ،توختاپ قالە، ناھايىتى بىرتال بەرگى قايرىلىپتۇ شۇ، چېلى مەن ساڭا قايتىدىن بىرنى ېلىپ بېرەي.

شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇ يەردىن چىكەتتۇق.لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا پەرىشان ئىدى.

-يېقىنراق ماڭ ،مامكاپ قىز ،شامال ئۇچۇرتۇپ كەتمىسۇن يەنە سېنى.

ئامالنىڭ بارىچە ئۇنى خوشال قىلىشقا تىرىشاتتىم.

-نىم بولدۇم ئۇقمايمەن چېچىلىپ قالدىمغۇ تاڭ،كەچۈرۈڭ سەت بولدى...

- بولدى ،ئۆتۈپ كەتتى ،سۆزلىمگىن.

ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدۇم ،ئەمما نېمىشقىدۇر ئۇ قولىدىكى ئەتىرگۈلگە قاراپ خۇرسىناتتى.

-ئاللا! ۋاقىت بىر يەگە بېرىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ، بىجىرىدىغان ئىشىم بار ئىدى.

ئۇشتۇمتۇت كاللامغا بىر ئىش كېلىپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.

-مەيلى ئەمسە، كىيىنچە كۆرىشىشەيلى ،مانى سىزگە بېرەي.

ئۇ شۇنداق دېگەچ يېنىدىن تۇمارچىلاپ قاتلانغان بىر قەغەزنى،گۈل بىلەن تەڭ ماڭا سۇندى.

-ياق ،ھازىر ئاچماڭ.

-ۋۇييۇ! نىمانچە سىرلىق،ماقۇل بېرىپ ئاچاي.

ئۇ مەن بىلەن قانداقتۇر بىر تەشۋىش ئىلكىدە خوشلاشتى،ئۇنىڭ بۇ ھالى مېنىڭ قەلبىمنىمۇ  تەشۋىشلەر ئىچىگە باشلاپ ئەكىردى.

قايتىپ كېلىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى يادىمغا كېلىپ قالدى.

تۇمارنى ئېچىپلا قاتقىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم ،قەغەزدە بىر سۇئال بەلگىسىدىن بۆلەك ھىچنىمە يوق ئىدى.قەغەزنى چىڭ تۇتقىنىمچە ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرىق بولدۇم.

مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى،بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا ماڭا ،تۇمارچە قاتلانغان بىر قەغەزنى بەردى،ئۇ چاغلار مەن  كۆڭلۈمدىكى شۇ قىزنى قوغلىشىپ يۈرگەچكە ئۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلمىغان ئىدىم.دوستلىرىمنىڭ ئالدىدىلا ئۇ تۇمارنى ئاچتىم ،ناھايىتى چىرايلىق قاتلانغان تۇماردا پەقەت بىر تال ئەتىرگۈل بىلەن سۇئال بەلگىسىلا بار ئىدى، مەن ھەممىنى چۈشەنگەنىدىم ، ئۇمۇ مېنىڭ باشقىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا كۆڭلىنى ماڭا ئىزھار قىلغانىدى،شۇڭا ئۇنىڭ بۇ  ئىشىغا نىسبەتەن.

-ئوھوي ! مامكاپ قىز ،كۆزۈڭ ماڭا چۈشكەن ئوخشىمامدۇ،

-قاراڭلا دوستلار ،مامكاپنىڭ رومانتىكىلىقىنى ، كۆڭلىنى ئىپادىلەشكە ئۇستىكەن جۇمۇ.

-مېنىڭ ئاللىقاچان باشقا بىرسىگە كۆزۈم چۈشتى، قارا مالامۇ بەك كېلىشكەن بىرنى تاللىۋالامسەن يا؟

ھەزىل كۈلكە، قاتتىق مەسخىرە بىلەن ئۇنىڭ مۇھاببىتىنى رەت قىلغان ئىدىم.

بىراق  ئۇنىڭ ماڭا بولغان كۆڭلى يەنىلا ئۆزگەرمەپتۇ، يەنىلا شۇ خىل ئۇسۇلدا ،پاك مۇھاببىتىنى  ئىپادىلەپتۇ،لېكىن مەن قانداق قىلىشىم كېرەك، كۆڭلۈمدىكى شۇ نىگارنى ئۇنتۇشقا قانداق چىدايدۇ بۇ يۈرەك.

كاللام پارتىلاپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى،يا رەت قىلىشنى يا قۇبۇل قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم.

-بولدى رەت قىلاي،ئەمما قانداق رەت قىلسام بولار، كاللام يەنە قېتىشقا باشلىدى،ئەمدى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمايتىم.ئۇ بىر سۇئال بەلگىسى ۋە بىر تال گۈل بىلەن مۇھاببىتىنى ئىپادىلەپتۇ، ئەجىبا مەنمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ئىپادىلىيەلمەسمەنمۇ؟

تۇيۇقسىز ئويلىنىشقا باشلىدىم، سولغان گۈل، دەز كەتكەن يۈرەك.......

شۇنچە ئويلىساممۇ يەنىلا ئۇنى رەنجىتمەي رەت قىلىشنىڭ ئامالىنى تاپالمىدىم.قولۇمدا تۇمار پۇرلاشقىنىچە ماڭا ئىلتىجا ئىلكىدە قاراۋاتقاندەك قىلاتتى.

سۇئال بەلگىسى،تۇيۇقسىز بۇ بەلگنى ئويلاپ قالدىم ،توۋا !نېمىشقا سۇئال بەلگىسىگە ماسلاشقان ئىخچام جاۋاپ بەلگىسى يوق؟

تەغدىرنىڭ مۇھاببەت يولىدىكى ماڭا قويغان سىناقلىرىدىن يەنە بىر قېتىم چۆچۈدۈم ، قانداق قىلىشىمنى بىلمايتىم ،پەقەت قەلبىملا ، مۇھاببىتىمنىڭ گۇۋاھچىسىدەك،توختىماي پىچىرلايتى:

- سېنى قۇبۇل قىلالمايمەن ، مېنى كەچۇر ،مېنى كەچۈر...


3

     


ئازاپلىق ھىجران ۋەچەكسىز ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە خېلى بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزدۈم، نېمىشقىكىن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرىدىغان بولۇپ قالدىم، گەرچە ئىككىلىمىزگە يات بولغان بۇ  شەھەردە ئۇچرىشىپ  قېلىشىمىزنىڭ ئۆزى بىر  تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسىمۇ لېكىن ، كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىنى تەقدىر ئەمەس  بەلكى مەن بەلگىلىسەم  دەپ ئويلايتىم،لېكىن ھازىر ۋاقتى ئەمەس، ئۇنىڭغا قانداق ئېغىز ئېچىشىمنىمۇ بىلمەيمەن ،نەچچە كۈندىن بۇيانقى گادىرماچ خىياللار مېنى خېلى سەگىتكەن ، ئەمدى ئۇنىڭ دىلىغا ئازاربەرسەم بولمايدۇ دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە،گەرچە ماڭا بۇ يەرگە چىققىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغان بولسىمۇ،ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش قىسمەن چاغلاردا يۈز بېرىپ قالمىسا ئاساسەن دېگۈدەك بۇ ناتۇنۇش شەھەردىن ئۇنداق قەدىناسلار بىلەن كۆرۈشۈپ قالماق بەسى مۈشكۈل ئىدى ،مەكتەپتە ئوقۇغاندىن تارتىپ شۇنداق بىر گەپ ئىدىيەمگە سىڭىپ كەتكەن ، دۇنيادا مۇنداق ئۈچ دوستلۇق مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ ،ئۇلارنىڭ بىرسى كامىرداش،بىرسى ياتاقداش،بىرسى ساۋاقداش ،توغرا مەن ئۇنىڭ بىلەن  ساۋاقداشلاردىن ئىدىم،يەنە كېلىپ خېلى ئۇزۇن مەزگىللىك ،ئۇ مېنى بۇرۇندىن تارتىپ تۇنۇيدۇ،كىچىمىكىزدىن تارتىپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ،مەھەللىمىزدە قىزلار ئازمۇ تاڭ ئۇ خېلى ياشقا كىرگۈچە مەھەللىمىزدىكى ئوغۇللارنىڭ سېپىغا قۇشۇلۇپ بىز بىلەن تەڭ ئوينايتى،شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ خارەكتىرىدە مەلۇم جەھەتتىن ئوغۇللارغا خاس پىسخىك ھالەتمۇ شەكىللىنىپ قالغانىدى، ۋاقىت ئۆتىۋەردى  كۈنلەرنىڭ قوغلىشىشى بىلەن ئۇ گۈلدەك ئېچىلىپ تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتتى،مەھەللىمىزدىكى ھەممە بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغۇسى كېلەتتى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم،شۇ كىچىك چاغلىرىمىزدا گەرچە مۇھەببەت دېگەننى بىلمىسەكمۇ نېمىشقىكىن ھەممىمىز ئۇنى ئۆز ھامىيلىقىمىزغا ئېلىش ئۈچۈن بىر -بىرىمىزگە خىرىس قىلاتتۇق، بىرەسى بىلەن پاراڭلىشىپ قويسىمۇ ئۇنىڭ قېشىغا يۈگرەپ بېرىپ  سېنى بوزەك قىلىۋاتامدا دەپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورايتۇق، ئەجىبا بۇمۇ بىر مۇھاببەتمۇ؟شۇ ماڭقا چاغلىرىمىزدا بىزگە نەدىن كەلگەن ئىشىق، توۋا دەپ قالاتتىم،ئارىدىن يەنە خېلى بىر مەزگىل ئۆتتى ئەقىلمۇ تاپتىم،كېيىن شۇنى بىلىۋالدىمكى بىز ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنمىز،قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەتلىك ياخشى كۆرۈش ئەمەس بەلكى ئاكىنىڭ سىڭلىغا ،دوستىنىڭ دوستىغا بولغان مۇھاببىتىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈشنى ئىستەيدىكەنمىز، راستىنى ئېيىتقاندا ئۇ ئوغۇللارنىڭ سېپىگە قۇشۇلۇپ ئوينايدىغان بىردىن-بىر قىز  بولغاچقىمىكىن ھەممىمىز شۇنچىلىك ئىچەكىشىپ قاپتۇق،ئۇمۇ شۇنچىلىك خوشال سىلەردەك ئاكام بار جۇمۇ دەپ ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ قۇيۇشلىرى بار تېخى، كېيىنچە ئۇ مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن مەھەللىمىزدىن كۆچۈپ كەتتى شۇ چاغدىكى ئايرىلىش ھىسياتى راستىنلا كىشىنىڭ قەلبىنى ئېچىشتۇراتتى،يۈرۈكۈمنىڭ ئېغىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم،نېمىشقىكىن يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئاڭا تارتىشاتتى،بىراق ئۇ ئۇچۇرما بولغان قۇشتەك كەتكەكچى بولىۋاتىدۇ،مەنمۇ شۇنچە زارقىتىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاي دېدىميۇ لېكىن پەيلىرىم قانمىغان، قانات قاقاي دەيمەنيۇ ئازاپتىن جايىمدا جم تىپىرلاشتىن باشقىنى ئۇقمايمەن، مەھەللىدىكى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى پاراكەندە،

-نېمىگە غەمگە پېتىپ كەتتىڭلار؟

توساتتىن ياڭرىغان جاراڭلىق ئاۋازدىن ئەندىكىپ بېشىمنى كۆتۈردۈم، ئۇ نېرىراقتا توپلىشىپ تۇرىۋالغان ئاغىينە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى، غۇييىدە ئاچچىقىم كەلدى، خەپ ماڭا بىرمۇ ئېغىز گەپ قىلماي كېتىدىغان بولدۇڭ دەپ دومسىيىپ تۇراتتىم ،ئۇ قەدەملىرىنى ئىلدام ئالغىنىچە مېنىڭ قېشىمغا كەلدى.

-خېلى شوختۇڭ نېمە بولدۇڭ؟مەن ئۆيدىن كۆچۈپ كەتكەن بىلەن مەكتەپتىن كۆچۈپ كەتمەيمەنغۇ ؟مەكتەپكە بارغاندا يەنىلا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتسەك بولىدۇ، مېنىڭمۇ زادىلا كەتكىم يوق،لېكىن شۇ...

-بىلىمەن ،لېكىن سەن يەنىلا كەتتىڭ ،ئەنسىرەيدىغىنىم دوستلۇقىمىز مامكاپتەك توزۇپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلايمەن، ئۇ يەرگە بارساڭ بىزنى ئەسلەپ قۇيارسەنمۇ ، سەن بولمىساڭ ئۇيۇنىمىزمۇ قىزىمايدۇ .

-مەكتەپ بارغۇ، مەكتەپكە بارغاندا مەن يانىلا سىلەرنىڭ ياخشى ئادىچىڭلار ھى!ھى!ھى!

ئۇ شۇنداق تاتلىق ۋېلىقلىغىنىچە بىز بىلەن خوشلاشتى، دەسلىپىدە ئۇيۇنلىرىمىزدا ئۇ بولمىغاچ قىلغان ئىشلىرىمىز مەنىسىز تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالدى، مەكتەپكە بارساقمۇ ئۆگىنىش بېسىمى بولغاچ شۇ ياخشىمۇ سەن، قانداق ئەھۋالىڭ دېگەندىن باشقا ئىشلار بولمايتى، شۇ تەرىقىدە يەنە بىر مەزگىل ئۆتتى، ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ  خارەكتىرى ئىدى، ئۇ بارا-بارائوغۇللارغاخاس مىجەزىنى تاشلاپ ،قىزلاغا خاس نازەكىتى بىلەن ئالدىمىزدا پەرۋاز قىلاتتى،بۇرۇنقىدەك چاقچاق قىلىپ دولىسىغا ئۇرۇپ قويغىدەك بولساقمۇ ئۆزىنى بىزنىڭ قولىمىزدىن قاچۇرۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ يامان بولىدۇ دېگىنىچە كۆزىمىزدىن غايىپ بولاتتى، كىيىنچە ئۇنىڭ ئەركەكزەدەك دېگەن لەقىمى پەقەت بىزنىڭ ئاغزىمىزدىلا قالدى، بۇرۇن ئۇنىڭغا قانغۇچە چاقچاق قىلىپ دوستۇم -ئاغىينەم دەپ يۈرىيدىغان ئادەم ئەمدىلىك ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ قالغانىدۇ، بولۇپمۇ ماڭا ئەلەم بولغىنى ئۇنىڭ مېنى سىز دەپ چاقىرىشى ئىدى، قاچاندىن باشلاپ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن لېكىن ئۆزەم يېقىن ئادىمىم دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ مېنى سىزلىشىگە كۆنەلمەيتىم ،  خەير نە چارە دېمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى،كېيىنچە ئۇ تۈپتىن ئۆزگەردى، ئوغۇللار بىلەن ئانچە ئالاقە قىلىپ كەتمەيتى ،ناگان ناگاندا بىز بىلەن ئەھۋاللىشىپ قويمىسا قالغان چاغلارنىڭ ھەممىسىدە قىزلارنىڭ سېپىگە قۇتۇلۇپ ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى، توۋا ! دەپ قالاتتۇق ئىچىمىزدە بىزگە ئوخشاش ئۆگىنىش دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ئادەمنىڭ بۇ ئىشلىرىغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى،قەلبىم نېمىلەرگىدۇر تەشنا ئىدى،گۈلگە تەشنا بۇلبۇلغا ئوخشاش قانداقتۇر بىر سىمانى كۆرۈشنى ئىستەيتىم، يۈرىكىمنىڭ قەيەرلىرىگىدۇر يۇشۇرنىۋالغان مۇھاببەت ئۇ ئوتلىرى مەندىن يات بولغان بىر دىلغا تۇتۇشۇش ئۈچۈن لاۋۇلدايتى.

-مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.  

ئون ئالتە يېشىمدا تۇنجى قېتىم بىرسىگە كۆڭۈل بەرگەنىدىم،شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ لاتاپىتىگە-لاتاپەت قۇشۇلۇپ بارغانچە چىرايلىقلىشىپ باراتتى، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ پەقەت مەنلا ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرساممۇ لېكىن ئۇنى زادى بىر قوغلىشىپ باقمايمەنمۇ دېگەن نىيەت بىلەن ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم.

-مەن... مەن ساڭا كۆيۈپ قاپتىمەن.

قانداق گەپ بولسا ھېيىقماي دەۋېرىدىغان ئادەم شۇ بىر گەپنى دەپ بولغۇچە تاس قالدىم ھۇدۇقۇپ نىمە قىلارىمنى بىلمىگىلى ،گەرچە ئۇنىڭ قېشىغا كېلىشتىن ئاۋال دەيدىغان گەپلىرىمنى بىر قۇر ئويلىنىۋالغان بولساممۇ لېكىن نېمىشقىدۇركىن ئۇنى كۆرۈپلا تىلىم كالۋالىشىپ كەتكەنىدى ، بەلكىم بۇ شۇ چاغلاردا ئۇقۇپ قويىدىغان چۆچەكلەردىكى كۆزى لال، تىلى گال بولۇش دېگەنلىكتۇر،ئۇ ماڭا يەنە دەيدىغان گېپىڭىز بارمۇ دېگەن نەزەردە تىكىلىپ تۇراتتى،بىراق مەن شۇ گەپنىمۇ ئاران دەۋاتسام يەنە باشقا سۆز قىلالىشىم مۇمكىنمۇ  ؟

-ھى ھى ھى! نېمە دەيدىغاندۇ ما ساراڭ، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز سىز، مەن سىزنى پەقەت دوستۇم دەپ قارايمەن،يەنە كېلىپ مېنىڭ مۇھاببەت دېگەنگە ئانچە قىزىقىشىم يوق، شۇڭا سىزمۇ قىزلارغا قالايمىقان قانات سۆرىمەي ئۇقۇشىڭىزنى بىلىڭ ھە! بولمىسا قولىقىڭىزنى سوزىۋەتمەي بىكار.

ئۇ شۇنداق تاتلىق كۈلگىنىچە ئاران قويغان تەلىپىمنى چاقچىقى بىلەن سىلىققىنە رەت قىلىۋەتتى، ئەجىبا ئۇ باشقا بىرسىگە كۆڭۈل بېرىپ بولغانمىدۇ دەپمۇ ئويلىدىم، لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بۇخىل ئالامەتلەرنى بايقىۋالماق تەس ئىدى ئوڭايسىزلانغىنىمچە ئۇنىڭغا قارىدىم ۋە قولۇمنى تەڭلەپ تۇرۇپ .

-ئەمسە بۇ گۈلنى قۇبۇل قىلغىن، دوستلۇقىمىزنىڭ يالدامىسى بولۇپ قالسۇن ...

گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي ئۆزەم كۆڭۈل قويۇپ قاتلىغان بىر قەغەز گۈلنى ئۇنىڭغا تۇتتۇم، ئۇمۇ گۈلنى ئاۋايلاپقىنا ئېلىپ مەن بىلەن خوشلاشتى، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىزمۇ بارغانچە يىرىكلەشتى، مەكتەپلەردە ئۇچرىشىپ قالسام ئاددىيغىنە سالاملىشىپ قويياتتۇق،بولمىسا ئانچە ئىزدىشىپ مۇڭدىشىپ كېتىدىغان ئىشلىرىمىز كەلمەسكە كەتكەنىدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ئەقىدەم سۇسلىشىشقا باشلىدى، ئەلۋەتتە مەنمۇ خېلى كېلىشكەن ئىدىم مېنى قوغلىشىدىغان قىزلارمۇ بار ئىدى لېكىن نېمىشقىكىن گەرچە ئۇنى خاتىرەمدىن تامان چىقىرىۋەتكەن بولساممۇ مۇھەببەت دېگەنگە ئۆزەمنى ئانچە بېرەلمىگەنتىم،تۇلۇق ئوتتۇرغا چىقاندا دوستلىرىم بىر-بىرلەپ مۇھاببەت باغلاشقا باشلىدى،بۇرۇنقىدەك ئىزدىشىپ ئۆتىدىغان ئىشلىرىىمز تۈگەپ قالغاندەك قىلاتتى، ياتاققا كىرسىلا بۈگۈن قىز دوستى بىلەن ئوينىغىلى بارغانلىقىنى، قىز دوستىنىڭ تاتلىق ئەركىلەشلىرىنى دېيىشىپ ئاداش ياخشىمۇ سەن دېگۈدەك ۋاقتى چىقمايتى،بارا-بارا مەنمۇ زېرىكىشكە باشلىدىم .مەنمۇ بىر مابەت تاپمايمەنمۇ دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، شۇ چاغلاردا قوش تىللىق سىنىپتا بىر قىز بولىدىغان، باشقىلار ئۇنى كىتاپ خالتىسى دەپ چاقىراتتى، ئەلۋەتتە ئۇ كۈنبۇيى كىتاپنى قولدىن چۈشۈرمەيدىغان ئۇقۇش دەپلا تۇرىدىغان بەزى بىر ئاكتىپ بالىلاردىن پەرىقلىق ئىدى.مىجەزى خىلى ئۇچۇق بولۇپ دوستلىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ ئۆتەتتى،  شۇ چاقچاقلىشىپ ئۆتىدىغان كىشىلىرىنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم.ئۇنىڭ بىلەن قانداق تۇنۇشۇپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن، لېكىن ششۇ قېتىملىق تۇنۇشۇشتىن كېيىن يېقىن بولمىساقمۇ ئادەتتىكىدەك ساۋاقداشلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق ، ئۇنىڭ كەينىدىن  قوغلىشىشقا باشلىدىم ، ئۇ تەلىپىمنى رەت قىلمىدى لېكىن ئويلىشىپ باقاي دېگەن گپ بىلەنلا مېنى تەسەللىي تاپقۇزاتتى، ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئازراق ئىشەنچىكە تولۇپ ئۇنى داۋاملىق قوغلىشىپ يۈردۈم ، بىر يىلدەك كەينىدىن پالاقشىش ئارقىلىق شۇنى سەزدىمكى ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قاپتۇ، ئۇيۇن ئۈچۈنلا ئارلىشىمەنغۇ دەپ ئويلىغانتىم لېكىن ئۇ مېنى بىلىپ-بىلدۈرمەي ئۆزىگە رام قىلىۋاپتۇ،ھېلمۇ ياخشى ئۇنىڭ كويىدا يۈرگەنلىكىم بىكار كەتمىدى،ئۇمۇ تەلىپىمگە قۇشۇلدى، شۇ تاپتا كىىشىلەرنىڭ ماڭا ھەۋېسى كەلگەنلىكىنى بىلىپ تۇراتتىم ، ئۆزى ئاندىن چىرايلىق تېخى مەكتىپىمىزنىڭ ئۆگىنىش چىمپىيۇنى مەندەك بىر ئالىقات بىلەن يۈرىۋاتىدۇ دېسە، ئۆزۈمنى راستىنلا بەخىتلىك سېزەتتىم، ئۇنىمۇ ھەم بارغانچە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم،توساتتىن بىر كۈنى تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئۇ قېشىمغا كېلىپ قالدى ،دوستلار بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇراتتىم، توساتتىن ئۇ ماڭا بىر تۇمارنى تۇتقۇزدى، دەسلىپىدە ھەيران قالدىم شۇ چاغدا ئۇ مېنىڭ قەلبىمنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىز يىرىكلىشىپ كەتكەنىدى،ئۇچرىشىپ قالغاندا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ قويمىساق باشقا چاغلاردا ئىزدىشىپمۇ كەتمەيتتۇق ،ۋاھالەن بۈگۈن ئۇنىڭ مېنى ئىزدەپ كەلگىنىدىن ھەيران بولۇۋاتاتتىم شۇنداقتىمۇ ھەيرانلىقىمنى چاندۇرماي تۇمارچە قاتلانغان ۋاراقنى كۆز ئالدىدىلا ئاچتىم، ئىچىدە مەن ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ئەتىرگۈلنىڭ رەسىمى بىلەن سۇئال بەلگىسى تۇرۇپتۇ ،ھەممىنى چۈشەندىم ئۇ بىلەتتى مېنىڭ باشقا قىزنى قوغلىشىپ يۈرىۋاتقانلىقىمنى بىلەتتى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىپتۇ

-ئوھوي ! مامكاپ قىز ،كۆزۈڭ ماڭا چۈشكەن ئوخشىمامدۇ،

-قاراڭلا دوستلار ،مامكاپنىڭ رومانتىكىلىقىنى ، كۆڭلىنى ئىپادىلەشكە ئۇستىكەن جۇمۇ.

-مېنىڭ ئاللىقاچان باشقا بىرسىگە كۆزۈم چۈشتى، قارا مالامۇ بەك كېلىشكەن بىرنى تاللىۋالامسەن يا؟

ھەزىل كۈلكە، قاتتىق مەسخىرە بىلەن ئۇنىڭ مۇھاببىتىنى رەت قىلغان ئىدىم،ئۇمۇ گەپ-سۆزسىزلا يېنىمدىن كەتكەن ئىدى، بەلكىم شۇ چاغدا ئۇمۇ ئازاپلىنىۋاتقان بولسا كېرەك ، لېكىن  مېنىڭ مۇھاببەت يولىدىكى شىرىن ھسىلىرىم سۆيگۈ مىنۇتلىرىدىن باشقا ئىشلارنى خىيال قىلمايتى .مۇھەببەت كوچىسىدا سەيلە قىلىپ يۈرۈپ ئۇقۇشىمىزمۇ پۈتۈپ قالدى .ئۆزەمنىڭ ھالى ئۆزەمگە ئايان ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىمنى بىلىپ تۇراتتىم بۇغۇ مەيلى لېكىن مەن سۆيگەن قىزنىڭ مېنى تاشلاپ يىراققا كېتىدىغانلىقىنى ئويلىساملا قەلبىم ئازاپ دېڭىزىدا تۇنجۇقاتتى،ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئىچكىردىكى بىر مەكتەپكە ئۆتۈپ كەتتى ، ھەممە ئۇنىڭ شەنى ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتقان شۇ دەملەردە مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلەلمىدىم ئۇ كەتمەكچى، مېنى تاشلاپ قەلبىمگەسېغىنىشتىن يالداما قالدۇرۇپ پاك مۇھەببىتىمنى ئالغىنىچە يىراق-يىراقلارغا كەتمەكچى ئىدى.

-ئۇقۇشقا بارمىساڭ بولمامدا؟

-بىلىسەنغۇ مېنىڭ ئۇقۇشقا ئامراقلىقىمنى؟

-يۇرتىمىزدىكى مەكتەپلەردە ئۇقۇساڭمۇ بولاتتىغۇ؟سەن  كەتسەڭ....

-ئەسلەپ تۇرىمەن سېنى ،ساڭا بولغان مۇھەببىتىم سۇسلىشىپ قالمايدۇ، ساقلىغىن ھامان قايتىپ كېلىمەن...

ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئۆزىگە بېغىشلانغان مېھرى-مۇھاببىتىنى ئېلىپ ،ئوتلۇق ئەسلەشلىرى بىلەن مېنى بەزلەپ كېتىپ قالدى ، شۇنىڭدىن كېيىن كۈنلىرىم  ئۇنى ئەسلەش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى، كېيىنچە مەن مەكتەپتىمۇ ئۇقۇماي جەمىيەت سېپىگە قۇشۇلۇپ جاھەنكەزدىلىك قىلىپ بۇ يات شەھەرگە كېلىپ قالدىم ،شىرىن ئەسلەشلەر بىلەن شۇنچىلىك شىرىن ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىم ئۇنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن قالايمىقان بولۇپ كەتكەنىدى.

يانفۇنۇمنىڭ توساتتىن سايرىشىدىن ئېسىمنى يىغىپ قۇلۇقۇمغا تۇتتۇم .

-ۋەي!بامۇ سىز، مەندىن قورقۇپ تاشپاقىدەك بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىۋالدىڭىزمۇ نېمە؟

-ھە..ھە...ياق، ئازراق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بوپ قالدىم

ئۇنىڭ مەندىن قورقۇپ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ھودۇققىنىمدىن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم،ئەجىبا ئۇ مېنىڭ ئۆزىدىن قېچىۋاتقانلىقىمنى سېزىپ قالغانمىدۇ، ئەجەب تەڭلىكتە قالدىمغۇ .

-ھە!شۇ نەچچە كۈنلەر بولدى جىمىپلا كەتتىڭىز، دەيمەنغۇ ئەمدى سىزدەك دوستۇمنى ئاران بىر تاپقاندا ئوبدانراق مۇڭدىشىۋالاي دەپ تېلفۇن قىلغان خالىسىڭىز بۈگۈن ئۇچرىشايلى .

-ماقۇل.

ئۆزەممۇ سەزمەيلا شۇنچىلىك ئوڭاي ماقۇل دەۋەتكەنىدىم ، قانداق قىلىش كېرەك ئۇنىڭ كۆڭلىگە يەنە ئازار بېرەمەنمۇ ،توساتتىن ئۇ قايسى كۈنى ماڭا بەرگەن تۇمار ئېسىمگە كەلدى،ئەمدى ئۇنىڭ جاۋابىنى بەرمىسەم بولمايدۇ بوپتۇلا نېمە كۆرسەم كۆرەي،

-ھە راست ھېلىقى تۇمارنىڭ جاۋابىنى كۈتىمەن جۇمۇ.

ئۇ شوخلۇق بىلەن ھىجىيىپ تىلفۇننى قويۇۋەتتى،چۈشتىن كىيىن ئۇ دېگەن يەرگە بارسام ئۇ ئاللىقاچان كېلىپ بوپتۇ، مېنى كۆرۈپلا سېرىش قۇشقاچتەك سايراپلا كەتتى،

-ئەجەپ تەس بولدىغۇ قارىڭىزنى كۆرۈش .

-نېمە بولدى ھالىڭىز خاراپتەك كۆرۈنىدىغۇ ھى!ھى!ھى!

-يايرىڭىزنىڭ يوقلىقى چېنىپ قېلىۋاتامدۇ نېمە ؟

-ۋاي ،بولدى قىلە نەدىكى گەپنى قىلماي ،مۇشۇندق تۇرىۋېرەمدۇق ماڭە ئاۋۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇرايلى

مەن شۇنداق دېگىنىمچە چەتتە تۇرغان ئورۇندۇقنى ئىما قىلدىم، كاللامدا ئۇنىڭ بايىقى گېپى ئەكىس ئېتەتتى،يايرىڭىزنىڭ يوقلىقى چېنىۋاتامدۇ دەيدۇ دېسە، ئەجىبا ئۇ مېنىڭ سۆيگەن قىز دوستۇمنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟ياق، بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس،مەكتەپتىكى چاغدىلا بىلەتتى،لېكىن كۆو ساندىكى دوستلىرىم ئۇ ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالغان ، قارىغاندا بۇمۇ شۇنداق ئويلىغان ئوخشىمامدۇ؟ناۋادا مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمنى بىلىپ قايتىدىن ماڭا تەلەپ قويغان بولسىچۇ.چۇقۇم شۇنداق بولمىسا ماڭا ئۇ تۇمارنى بەرمەس ئىدى.

توساتتىن كەلگەن تېلفۇن خىيال قۇشلىرىمنى ئۈركۈتىۋەتتى، بىر دوستۇمدىن تېلفۇن كەلگەنىدى، مەن سۆزلەشكىنىمچە ئۇنى ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا شەرەت قىلىپ كەينىدىن مەنمۇ ئولتۇرغىنىمچە تېلفۇن سۆزلىشىشنى داۋام قىلدىم ،بىزنىڭ گېپىمىزتۈگىمەيۋاتاتتى، ئۇ سەل ئاچچىقلانغاندەك قىلىپ ماڭا دومسىيىپ قويدى، مەنمۇ بىز ئىشنى سەزگەندەك بولدۇمدە گەپنى قىسقا قىلىپ تېلفۇننى بېسىۋەتتىم.

-ھا!ھا!ھا!نېمىگە تۇمشۇقۇڭنى ئۇچلايسەن .

شۇنداق دېگىنىمچە يانفۇننى ئالدىمكى ياغاچ شەكىللىك ئەپچىللىك بىلەن ياسالغان ئۈستەلگە قويدۇم، ئۇ يەنە مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ جىم تۇراتتى.

-ھېلىقى بىردوستىمىز بار ئىدىغۇ، بىز سېرىق دەپ چاقىرىدىغان شۇ تېلفۇن قىپتۇ ، گېپى تۈگىمەي قالدى.

ئۇ شۇنداقمۇ دېگەن نەزەردەماڭا قاراپ سۇسقىنا ھىجىيىپ قويدى، ئارىمىزنى جىمجىتلىق قاپلىغان ئىدى ، ئۇ يەنىلا ماڭا قارىغىنىچە گەپ قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇراتتى، ئۇ جاۋاپنى بىلىشكە تەشنا ئىدى،توساتتىن مەن ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدۇم.

-ھاۋا ئەجەپ ئىسىپ كەتتى دېسە، نېمە ئىچىسەن مەن بېرىپ ئەكىلەي .

شۇنداق دېگەچ ئىچىملىك ئالغىلى يۈرۈپ ھايال ئۆتمەيلا قىزىل چايدىن ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ قايتىپ

كەلدىم،ئۆتكەنكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن مەنمۇ ئىچىملىكنىڭ ئېغىزىغا قارايدىغان بولۇپ قالغانىدىم،شۇڭا مېڭىۋاتقاچ بىر بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچتىم .

-بۇ قېتىم ماڭا مۇكاپات چىقماپتۇ، ئالە مانى سەن بىر ئېچىپ باقە.

شۇنداق دېگىنىمچە قولۇمدىكى يەنە بىر قۇتا قىزىل چاينى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم،ئۇ ئىپادىسىزلا مېنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇراتتى،توساتتىن كۆزۈم ئۇنىڭ يۇمران قوللىرىغا چۈشتى

-نېمىگە يانفۇنۇمنى سىقىمدىۋالدىڭ .

دېدىم مەن پەرۋاسىز ھالدا،ئۇ دەقىقە جىمىيىپ قالغاندىن كېيىن قولىدىكى يانفۇننى ماڭاسۇندى،مەڭدىگىنىمچە تېلفۇننى قولۇمغا ئالدىم  ئېكراندا يىراق ئىچكىردىن كەلگەن يايرىمنىڭ نۇمۇرى تۇراتتى،نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئوڭايسىزلانغان ھالەتتە ئاستا ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇمۇ ماڭا قاراپ بىر نېمىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى، بۇ مەنىلىك باش لىڭشىتىش بىر ئىشتىن دېرەك بېرەتتى، مەنمۇ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىللىق تەبەسسۇم  قىلدىم.


مەنبەسى :ئەپچىلەم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-20 07:22 PM  


كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 04:06:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاتما كەندە بۇ؟بۇرۇنلاردا مۇنبەرگە ئەزا بولماستا ئوقۇغانتىم.بىرەر يىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن.كىمنىڭ ئەسىرى بولغىيتى دەپتىكەنمەن.ئەمدىغۇ يادا....

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2691
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 04:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-7-20 08:06 PM
چاتما كەندە بۇ؟بۇرۇنلاردا مۇنبەرگە ئەزا بولماستا ئوقۇ ...

ۋاھ!مۇنبەرگە ئەزا بولماستا ئۇقۇغانتىم دەڭلار، قارىغاندا كونا ئۇقۇرمىنىمكەنسىلە جۇمۇ شۇ ئالدىنقى ئىككى بۆلەك بۇرۇن يوللىنىپ بولغان، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى تەپەككۇر يەنە قانات قېقىپ 3-بۆلىكىنى يېزىۋەتتىم، ئەمدى خېلى مۇكەممەل بولدى بۇ ھېكايە.

قارىسام مىسرانىمدا شېئىرلا يېزىپتىمەن  شۇڭا ئاستا يېزىش يۆلىنىشىمنى ئۆزگەرتىپ بۇرۇنقىدەكلا ھېكايە يازاي دەپ قالدىم،ئەپچىلەم ئەزەلدىن شېئىرغا قارىغاندا ھېكايىنى ياخشىراق يازىدۇ ئەمەسمۇ

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9544
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 04:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى خەتلەرنى بېسىشقا خېلى ۋاقتىڭىز كىتىپتۇ دە .   تىمىڭز ياخشىكەن رەھمەت

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 04:39:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-7-20 04:24 PM
ﯞﺍﮪ!ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻗﯘﻏﺎﻧﺘﯩﻢ ﺩﻩﯕﻼﺭ، ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ...

گەپ كەتمەيدۇ زادى.
قىز بالىنىڭ ئىشى بەك بىر تەرەپ قىلىش تەس ئىشكەن.ئۆزۈم خالىغىنىمنىڭ ئانىسىغا دىگەن ئىدىم.دادىسى بىلەن مەسلەھەتلىشىپ جاۋابىنى بىرەي دىگەنتى.ئۇف دەپ تۇرسام بىر قىز تىلفۇن قىپتۇ.نىمە دىسەم دادام تويۇڭنى قىلىۋىتىمەن دىگەنتى مەن ئۇنىمىدىم.توي قىلىدىغان ئادىمىم بار دىگەن دەيدۇ.ھە بوپتۇ توي قىلىۋەر ئەمسەدىسەم شۇ سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلغانتىم............
باش قاتتى.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 05:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 839
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3002
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 06:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققەتەن تەسىرلىك چىقىپتۇ لېكىن ئاخرى شۇنداقلا تۈگىدىما ئايىغى چىقمىدىمۇ نىمە

ئۈمـۈدۈم سەنـدە ئى اﷲ~!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72985
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2512
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 06:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
..........ئاخىرنى ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم......خۇددى مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى ئىيتىۋاتقاندەك......

ئۈمــــــــــــــــۈدۈم سەنـــــــــــدە ئى اﷲ~!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2691
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 06:45:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2013-7-20 10:30 PM
ھەققەتەن تەسىرلىك چىقىپتۇ لېكىن ئاخرى شۇنداقلا تۈگىدى ...

ئايىغىنى تەسەۋۇر قىلالمىدىڭىزما

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11592
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8279
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 903 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2013-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 06:57:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاببەت...........................................................

سۆيمىگەننڭ قۇلى بولغىچە  'سۆيگەنىنڭ گۇلى بول
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش