ئامېرىكا: ئۈرۈمچى –ئوتتۇرا ئاسيانىڭ مەڭگۇلۈك مەركىزى
ئاپتورى: ئالكساندروس ئېدىلسون
ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن
(شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى، بىرلىك كارخانا سىتراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى)
تەرجىماندىن سۆز:
1-ستىراتىگىيلىك نۇقتىدىن ئالغاندا،ئۇيغۇرلار ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا تۇگۇنىدە –يېڭى يىپەك يولىدا ياشاۋاتىدۇ.ۋە بۇ جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىك دۇنيادىكى ئالدىن كۆرەرلەرنىڭلا ئەمەس نۆۋەتتىكى رىئاللىقنىلا ئۆلچەم قىلىدىغانلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇنى ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى ‹‹ئاتلانتىك ››دا ئىلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدىن كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇ.
2- ئۇرۇمچىنىڭ،قەشقەرنىڭ كۇچلۇك ئېقتسادى ۋە جۇغراپىيلىك ئەۋزەللىكىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدۋاتقانلىقى- بىزگە ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئشەنچ بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتشىمىز كىرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسيانىڭ جان مەركىزى ،يىپەك يولىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ رايوننىڭ سودا تۈگۈنى مىڭ بىر كېچە رىۋايەتلىرىدىكى سەمەرقەنت ياكى بۇخارا ئەمەس.ئەمەلىيەتتە،بۇ رايوننىڭ مەركىزى ئوتتۇرا ئاسيادا ئەمەس .بۇ رايوننىڭ مەركىزى-جۇڭگودا .
شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى تىبەت رايونى بىلەن قوشۇلۇپ ،جۇڭگونىڭ غەربى گىرۋىكىنى تەشكىل قىلىدۇ،كۈنسايىن زورىيۋاتقان مۇستەھكەم پايتەخت ،بەلكىم ئۇ شاڭخەيدىن ئستانبۇلغىچە بولغان كەڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ مەركىزى شەھەر بولۇشى مۇمكىن،قارىماققا ئۈرۈمچى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك سانائەت شەھىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.بىراق،ئۇرۇمچىدىكى پىنيىن ياكى ئەرەب ئېلىپبەسى ياكى سىلاۋىيانچە يېزىلغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، رۇسچە، قازاقچە ،قىرغىزچە سان-ساناقسز ئىلان-تەشۋىقاتلار، بەلگىلەر، سودا پىلاكارتىلىرىغا ئاساسەن دىيەلەيمىزكى،ئۈرۈمچى جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى بىر شەھىرى ئەمەس.پاكىت شۇكى،ئۈرۈمچى- دۇنيانىڭ ئېنىرگىيە،دىپلوماتىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە بارغانسىرى يۇقىرى شۆھرەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسيا رايوننىڭ ھەقىقى كاپىتال مەركىزى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
كوچىلار،ناھايتى زىچ كەتكەن ئېلىكتىرونلۇق ئەسلىھەلەر،ئاشخانا جابدۇقلىرى بازىرى ۋە سودىگەرلەر ئۇچۇن تەمىنلەنگەن 24 سائەتلىك ھەممە ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەرزان مىھمانخانىلار،ھەممە يەردە ئۇرۇمچىنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ بەلگىسى كۆزگە چىلىقىدۇ.
سىز بۇ شەھەردە گۇاڭجۇلۇق پاكار سودىگەرلەرنىڭ چىرايىدىن جىددىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان پىشاۋارلىق پاكستان تىجارەتچىلىرى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلىقىنى ،پۈتۈنلەي روس ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ ئۇدۇلىدا خۇددى گىرتسيە ئاراللىرىدا دەم ئېلىۋاتقاندەك ئاپپاق كىينىپ يۇرگەن كىشلەرنى كۆرەلەيسز.ئىرانلىق يۈك ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ پارىس تىلىدا سۆزلەيدىغان تاجىكلارغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى،ھندىستاننىڭ مومبايدىن،بانكوكتىن كەلگەن كارخانىچىلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئنگىلىز تىلىدا شېنجىندا ئشلەنگەن ماللارنى سودا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.ياۋرو-ئاسيالىق تۈركى مىللەتلەردىن قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبەكلەر ھەتتا تۈركمەن ۋە ئازەرلەر بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ۋە ئاناتولىيەدىن كەلگەن تۈركلەر بىلەن ئورتاق تىلىدا گۇدۇڭلىشىدۇ:بىر ئورتاق تىل ئائىلىسگە ئىگە بولغان بارلىق گۇرۇپپىلار ھازىرمۇ شنجاڭدا كەڭ تارقالغان.
ئۇلار ھەممىسى بۇ يەرگە بىر مەقسەت ئۇچۇن كەلگەن:سودا قىلىش.ياشقا چوڭ كەلگەن تىجارەتچى زىيادە ئارتۇق يۈك بېسىلغان ماشىنىسىغا جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىنى باسىدۇ،ئاندىن نۆۋەتچى ئايروپىلان ياكى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قارا قالپاقىستان،ئۆزبىكىستانغا ئوخشاش رايون دۆلەتلىرىگە قايتىپ بۇ مەھسۇلاتلارنى قىممەت باھادا ساتىدۇ.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كانتىنىر خوجايىنى پويىز ۋاگونلىرىنى ھاۋا تەڭشىگۈچ ،خاتىرە كومپيۇتىر ياكى نىلون ئەدىياللار بىلەن توشقۇزۇپ فەرغانە ۋادىسنىڭ ئالدىراش بازارلىرىغا قايتىدۇ ،بۇ يەردە ئۇ ماللىرىنى پارچە ساتىدۇ ياكى ئەتراپتىكى قازاقستان ياكى روسيەلىك پارچە ساتقۇچىلارغا ئۆتكۇزۇپ بىرىدۇ.
يېڭى تىجارەتچىلەر بۇ يەردە ئۆزىنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان سودا ئىمپىرىيەسى ئۈچۈن بىر يېڭى تارماق قۇرىدۇ.ئۈرۈمچى،دۇنيادىكى دىڭىزدىن ئەڭ يىراق شەھەر،ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ ھەر قانداق دىڭىز بويى شەھەرلىرىدە بار بولغان تارماقلار ۋە مۇلازىمەتلەر تولۇق.
ئۈرۈمچىنىڭ تىخىمۇ ئەۋزەل يىرى بار،سامسۇڭنىڭ ئەڭ يېڭى ئەقلى تىلفۇنلىرى ئوراپ قاچىلاقلىق ،ھەشەمەتلىك (BMW)ماشىنىلىرى تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىدا سانجاق سانجاق تېزىلغان.
ئۈرۈمچىنىڭ ھۆكۈمەت ئىلان قىلغان نوپۇسى 3 مىلىيون ئەتراپىدا،بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى خەنزۇلار،ئۇيغۇرلار ئەمەس.بىراق بۇ يەرنىڭ ئەمەلى نوپۇسى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان (GDP) 11مىڭ دوللار بولسا ،جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى ئىككى قاتلايدۇ،بۇ پەقەت بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىن قالسلا ئۈرۈمچى ئالدىدا دىگەنلىك.بۇ بىر تاساددىپىيلىق ئەمەس:جۇڭگو ھۆكۈمىتى شنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى سودا شەھەرلىرى تۇرپان ۋە كاشغەرنى بەدەل قىلىپ تۇرۇپ ئۈرۈمچىنى قۇرۇپ چىقتى.جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى ھەر قانداق شەھىرىدىن ئۇچۇپ ئوتتۇرا ئاسياغا بارماقچى بولغان كىشى دېگۈدەك ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە توختىشى كېرەك.بۇ شەھەر يەنە جۇڭگونىڭ ئاساسى تۆمۈر يول ۋە تۇرۇبا يولى ئارتېرىيەسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى ئوتتۇرا ئاسيا،روسيە ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن باغلايدۇ.شۇڭلاشقا بۇ شەھەرگە شۇنچە كۆپ ۋە كۆپ خىل ساياھەتچىلەرنىڭ يولى ئىلىشى ئازراقمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس.
ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزى شەھەرلىك سالاھىيتى بىيجىڭدا ئېتىۋارسز قالمىدى.ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بىرى،جۇڭگو ھۆكۈمىتى رايوننىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سودا يەرمەنكىسى ،داوۋسقا ئوخشاش چوڭ يەرمەنكە بولۇشىنى كۆڭلىگە پۈككەن جۇڭگو ياۋرو-ئاسيا يەرمەنكىسگە نۇرغۇن بايلىق مەنبەلىرىنى مەبلەغ سالدى.ئۆتكەن يىلى ئالتە كۇنلۇك بۇ يەرمەنكىدە جۇڭگو دۆلەت زوڭلىسى ۋىن جىياباۋ سۆز قىلدى،رايوندىكى پاكىستان،تۈركىيە ۋە مالدىۋى رەھبەرلىرى ،ھەتتا كەسپى ھالدا چوڭ يېغىنلارغا قاتنىشىدىغان تونى بىلەيىر (ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى،ب د ت خاس ئەلچىسى)مۇ چۇشۇپ قالمىدى.قىرغىزلارنىڭ قالپىقىدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ چوڭ تىراكتورلىرىغىچە ھەممە نەرسە بار بولغان بۇ يەرمەنكىدە ئون مىلىيارد دوللارلىق سودا پۈتۈشۈلدى.ئافغانستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ كان بايلىقلىرىنى ،قازاقلار نېفىتنى، يەرلىك شنجاڭلىق دائىرىلەر شىنجاڭغا مەبلەغ سىلىش پۇرسەتلىرىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى.بۇ يىللىق يەرمەنكە بولسا خىلىنسكىدىن تارتىپ كۇئالالۇمپورغىچە پۈتۈن دۇنيا بويلاپ تەشۋىق قىلىنۋاتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رايوننىڭ پاراۋۇزى بولالىشى –ئاساسلىقى ئۇنىڭ پۇرسەتلەرگە ۋە مەدەنىيەتكە باي بولۇشىدۇر.چىڭ خاندانلىقى مەزگىلىدە ،ئۈرۈمچى مەمۇرىي ئىدارە قىلىش مەركىزى بولغان،چۈنكى مانجۇ بايراقدارلىرى جۇڭگونىڭ شەرقى قسمى بىلەن غەربى تەۋەلىكىنى ئۇزىۋەتكەن جۇڭغار موڭغۇللىرىنى مۇشۇ يەردە بىتچىت قىلغان .
بۇ يەر-شنجاڭدىكى چۆللۈكلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىك ،ئۇنىڭ تەڭرى تاغلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسيا ۋە روسىيە بويلاپ سوزۇلغان تەبىئىي لىنىيەدىكى ئورنى ئۇنى ئەتراپتىكى ھەرقانداق جاينىڭ مۇۋاپىق مەركىزى قىلغان.بۈگۈن ئۈرۈمچى جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىشنى ئويلىغان ئوتتۇرا ئاسيالىقلار ئۈچۈن ئەڭ يېقىن جۇڭگو شەھىرى،ۋە ئوتتۇرا ئاسيالىقلارغا مەھسۇلات سېتىشنى ئويلىغان جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسياغا ئەڭ يېقىن شەھەر بولۇپ قالدى.شۇنداقلا ئۈرۈمچى رايوندىكى ئىككى ئاساسى تىل –جۇڭگونىڭ دۆلەت تىلى ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسىگە (Turkic Uyghur)ئوخشاش راۋان سۆزلىنىدىغان باش سودا نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
يىراق ۋە تونۇلمىغان ئۈرۈمچىنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى پىلانلىرى ئۈچۈن بەلكىم چوڭايتىپ كۆرسىتىش كىرەكتۇر.ھازىرقى ۋاقىتتا،ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كىينكى ئوتتۇرا ئاسيا سىياسىتى رايونغا سوزۇلغان ئېقتسادى لىنىيە- بىر يىڭى يىپەك يولى ياساپ چىقىش بولۇپ ،بۇنىڭ بىلەن ئافغانستاننى سودا ۋە تىرانسپورت تۈگۈنىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.شۇنداقتىمۇ ۋاشىنگىتوننىڭ ‹‹شىمال-جەنۇب››سىتىراتىگىيسى پەقەت نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسيانىڭ شەرق بىلەن غەرپنىڭ سودا ئالاقىسنى باغلايدىغانلىقىغىلا ئەمەس،يەنە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت رايوندىكى چوڭ سودا پورتىغىمۇ سەل قاراپ كەلدى.
جۇغراپىيۋىلىك سياسى ئەۋزەللىكلەرگە ئاساسلانغان سودا كارىدورىغا ئوخشىمىغان ھالدا،ئۈرۈمچى ئشلەپچىقىرىش نۇقتىسدىن شەرقى ۋە ئوتتۇرا جۇڭگو بىلەن .بازار نۇقتسىدىن روسيە،ئوتتۇرا شەرق،ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسيالارنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان تەبئى مەركىزى نۇقتىدۇر.بۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئاللىقاچان گۈللىنىپ بولغان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يادروسىنى تۈرلۈك ياۋرو-ئاسيا ئامىللىرى بىلەن قوللىشى ئۆز مەنپەئىتگە ئۇيغۇن دىگەنلىك ئەمەس.بىراق ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق سياسىتى بۇ رايوننىڭ سودا رىياللىقى ۋە مەدەنى ئالاقىسنى ھىسابقا ئىلىشى كېرەك.ئافغانستان ۋە جەنۇبى ئاسيا ئىقتسادى جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسيا بىلەن بىرلىششى مۇمكىن.بىراق شۇ چاغلار كەلگەندىمۇ يەنىلا ئۈرۈمچىدىنمۇ ئوبدانراق كاپىتال ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان شەھەر بولمايدۇ.