خەلقىمىزدە چورۇقچىلىق
چورۇق ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ، ئىپتىدائىي چورۇق ، يەنە بىرى « شىرە چورۇق » دەپ ئاتالغان سەنئەتلىك چورۇق .
ئىپتىدائىي چورۇقنىڭ تارىخى تولىمۇ ئۇزۇن بولۇپ ، ئەجداتلىرىمىز ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىپتىدائىي دەۋىرلەردە بارلىققا كەلگەن . ئەجداتلار كالا - قوتازلارنىڭ گوشىنى يەپ ، تىرىسىنى پارچىلاپ ، چورىسىنى تىشىپ ، تىرە تاسما بىلەن بىكىتىپ پۇتىغا تارتىۋالغان . بۇ « شىرە تارتىش » دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل چورۇق خام تىرىدىن قىلىنغانلىقى ئۇچۇن ئۇنىڭ قۇرۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش زۇرۇر . بولمىسا قورۇلۇپ پۇتقا پاتمايدۇ . شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئەۋلاتلارغا « كورگەن كۇنۇڭنى ئۇنۇتما ، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما » دىگەن ھىكمەتنى قالدۇرغان .
ئەجداتلىرىمىز شەھەرلىشىپ ، شەھەر - قەلئە مەدىنىيىتى ياراتقان . قول - ھۇنەر مەدىنىيىتى بەرپا قىلىپ ، ئىچكى بازارنى گۇللەندۇرۇپ ، تاشقى بازارغا يۇزلەنگەندىن كىيىن ، يىپەك يولىنىڭ تۇگۇنىگە جايلاشقان جۇغراپىيىلىك شارائىتتىن پايدىلىنىپ ، مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا يىپەك يولىنىڭ ئىچىلىشىغا قاتناشقان ھەم ئات - توگىلىرىدىن پايدىلىنىپ ، غەرىپتىن شەرىققە سوزۇلغان 7000 كىلىومىتىردىن ئارتۇق يولنى بىخەتەر يۇرۇش ئۇچۇن كالا - قوتاز تىرىلىرىدىن ئىشلەنگەن كون - چەملەردىن ئەپچىل ، يۇمشاق ، يەڭگىل ، چىداملىق چورۇق ئىشلىگەن . بۇ خىل چورۇق قەدىمىي نام بىلەن « شىرە چورۇق » دەپ ئاتالغان . چورۇقنىڭ كالا - قوتاز تىرىسىدىن ئىشلەنگەنلىرىنى نۇسخىسىغا قاراپ ، ئۇزۇن سەخ ، ئارا سەخ ، كالتە سەخ دەپ ئۇچ تۇرگە بولگەن . ياشانغانلار كىيىدىغەن چورۇقنى « پوستەك » يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلار كىيىدىغان چورۇقنى « پۇپەش » دەپ ئاتىغان .
چورۇق يەرلىك ئۇسۇلدا كون ۋە چەمدىن تىكىلىدۇ . رەڭگى قىزىل ياكى جىگەر رەڭدە بولىدۇ . ئۇزۇن سەخ چورۇق تىزغىچە ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ . چورۇق يەنە نەپىسلىك دەرىجىسىگە قاراپ سىدام چورۇق ۋە زىغزىقلىق چورۇق دەپ ئايرىلىدۇ . سىدام چورۇقنىڭ تىكىلىشى ئانچە قول تۇتمايدۇ . زىغزىقلىق چورۇقنىڭ مەشغۇلاتى ئىنچىكە ، ئۇ ، ئۇستىلىق ، يەنى ھۇنەر تەلەپ قىلىدىغان سەنئەتلىك ئاياغ - كىيىم بولۇپ ، چورۇقنىڭ يۇقۇرسىدىن پۇت ئۇچۇغىچە ، كەينى تەرىپىگىمۇ شۇنداق زىغزىق قويۇلىدۇ . زىغزىقلىرى ئاساسەن قىزىل ، يىشىل ، سىرىق يىپلاردىن گۇل چىقىرىپ قويۇلۇپ ، چورۇققا بەكمۇ يارىشىدۇ .
چورۇقنىڭ ئارقىسىغا پۇتنىڭ ھوشۇقىنىڭ سەل يۇقۇرسىغا توغۇرلاپ چىقىرىلغان بىر تال ئىزمىسى بولۇپ ، ئۇنىڭغا رەڭمۇ - رەڭ يىپلاردىن توقۇلغان بوققۇچ ( قۇ ) ئوتكۇزۇلىدۇ . ( قۇ ،كوپ ھاللاردا قوي ژۇڭىدىن توقۇلىدۇ ) چورۇقنى كىيگەندىن كىيىن ، سىرتىدىن بوققۇچ يوگىلىپ ، بوققۇچنىڭ چۇچىسى چىقىرىپ قويۇلىدۇ . بوققۇچ چورۇقنى بوغۇپ تۇرۇش رولىنى ئالىدۇ ۋە ئاياغ - كىيىمگە زىننەت ، كەيگۇچىگە قامەت بىغىشلايدۇ .
چورۇق پاشنىسىز ، غەيرى ماتىرياللاردىن خالى بولغاچقا ناھايىتى يىنىك بولىدۇ . كىگىز پايپاق بىلەن كىيىلىدىغان بولغاچقا ئىسسىق بولىدۇ . رىماتىزىم كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . چورۇق ئەر - ئاياللار ئۇچۇن ئورتاق ئاياغ كىيىمى بولسىمۇ ، چوڭ ياشلىقلار ۋە ئاياللارغا ئاتاپ تىكىلگىنى چەمى ياخشى ، رەختى ئوچكە تىرىسىدىن ئشلەنگەنلىرىدىن سىپتا ۋە نەپىس تىكىلىدۇ . بالىلارغا تىكىلگەن پوپەش ( قاغىلىق شىۋىسىدە باچكۇنە چورۇق ، ياكى بالا چورۇق دەپ ئاتىلىدۇ ) تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ ، بۇلارغىمۇ ئالدى - كەينىگە رەڭلىك يىپتىن زىغزىق قويۇلۇپ ، چورۇق رەختىدىن پوپۇك قويۇلىدۇ .
ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر چورۇقلىرى شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىدە تىكىلگەن . لىكىن باشقا يۇرىتلارغا نىسبەتەن قاغىلىق تارىختىن بۇيان مەشھۇر قۇرۇقلۇق يولى بولغانلىقى ، چەتئەلدىن شىنجاڭغا كىلىدىغان ياكى شىنجاڭ ئارقىلىق باشقا جايغا بارىدىغان كارۋان ۋە يولۇچىلار قاغىلىقتىن ئوتۇدىغانلىقى ئۇچۇن ، چورۇق تىكىش قاغىلىقتا بەكراق راۋاجلانغان .
ئەگەر شۇ كۇنلەردە چورۇقچىلىق بازارلاشقان بولسا چەتئەلنىڭ ساياھەت ئاياغلىرى ئۇيغۇر چورۇقىغا ئورۇن بوشۇتۇشى شەرىتسىز ئىدى .
3 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (170.24 KB)
3 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (71.92 KB)
2013 - 12 - ئىيۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-20 06:24 PM