مەمىتىمىن ھۇشۇر ھېكايىلىردىكى تاققا - تۇققىلار
ئاڭلىسام ھازىر نۇرغۇن چاشقانلار سەمرىپ مۈشۈكتەك بۇلۇپ قاپتىمىش، مۈشۈكلەر چاشقاننى كۆرسە «ئاكا» دەپ خۇددى پادىشاھ لارنى كۈتكەن دىدەكلەردەك شۇ چاشقانلارنى كۈتەرمىش. بەزى قىزلارمۇ ھازىر ياز كەلدى دەپ يالغان كىيىملىرىنى تاشلاپ سىرتقا كۆرۈنمەس كىيىملەرنى كىيىپ چىققۇدەك، بازاردا ھازىر ئۇزۇن كىيىملەر ئەزانلىشىپ، قىسقا كىيىملەر قىممەتلىشىپ كەتكۈدەك. كىشىلەرمۇ سىرتقا چىققاندا قىسقا كىيىنىپ، ئۆيگە كىرگەندە ئۇزۇن كىينىۋالدىغان بوپتۇ، ئاڭلىسام بۇ بىر مەدەنىيەتمىش. بەزى يىگىتلىرىمىز< قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇلۇپ كەتتى،بۇنداق بۇلۇپ كەتتى> دەپ قاقشاپ زار-زار بۇلۇپ ئىشلارنى ئۆزلىرىدىن كۆرمەي ساراڭلاردوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالغانمىش. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتاپقا پايلىيالمىدۇق دەپ توڭلاتقۇغا يوتقان سېلىپ ياتقۇدەكمىش .
مانا،ئاڭلىغانسىز ھازىر نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولىمىز دەپ ھاراقلارنى رومكىلارغا تولدۇرۇپ قۇيىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەرلەر ئاياللىرىنى توسماقتا يوق «خو خوتۇن» دەپ ماختاپ يۈرىيدىغانلار جىقكەن.نۇرغۇنلىرى تاپقان تەرگىنىنى سىرتقا خەجلەپ تۈگىتىپ، ئۆيگە كەلگەندە قورسىقىغا تاشنى تېڭىپ يۈرگۈدەك. مانا ھازىر تاشتىن سۇ چىقارغىلى بولدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ نۇرغۇن كىشىلەر يەردىن تاشنى تېپىۋالسا خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ئۆيلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىغا سېلىپ نەچچە كۈن ئۇخلىماي قارايدىكەن. بىر نەچچەكۈن ھاۋا ئىسسپ كىتىۋىدى ماتاڭچىنىڭ ئاچچىغى كىلىپ دوغاپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ.
مەنسىزگە دېگەندىمغۇ؟ زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىمنى ھازىر خۇتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىيدۇ. يازغان ئەسىرىمنىڭ ژورنالغا بېسىلغىنىنى كۆرىپلا مانا بۇ كاستىيۇم -بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم. چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز؟ ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرتۈپ قويغاندەك تۇردىغان ئۇ نىمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق . ئادەملەر ئۇنى ياراشقىنىدىن كىيىپ يۈرىيدۇ، دەمسىز؟ مەن سىزگە ئېيتاي : چەتئەللىكلەر ھىلىغۇ شىلەپىكەن ، بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ «قاراڭلار ئۇ ئوبدانلا يارىشىدىكەن – ھە، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز ئۇنى نىمىشقا كىيمىگەندىمىز» دەپ شۇنىمۇ كىيدىغانلار چىقاتتى. …سەپ سالغانسىز بەزىلەر ھازىر توي- تۆكۈنلەردە تاۋاقتا ئازراق پولونى ئاشۇرۇپ قۇيۇشنىمۇ « مەدەنىيەت» دەپ بىلىدىغان بولدى. ئاڭلىدىڭىزمۇ ياپۇنلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ ، تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك، شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن. قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقىنىنى، بازار چۆگىلەپ يۈرگىچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ؟
ئاڭلىدىڭىزمىكىن چەتئەلدىكى يازغۇچىلاركۈندۈزدە سودا قىلىپ ، كېچىسى ئەسەر يازىدىكەن . سىزگە ئوخشاش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بولمايدىكەن ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئەسەر تەھرىرلەيدىكەن . شائىرلىرى «ھېسياتقا تەسىر يىتىدۇ» دەپ خۇتۇنمۇ ئالمايدىكەن …. قىزىق ئىشلارنى كۆرىمەن دېسىڭىز چەتئەلگە چىقسىڭىز بولىدۇ . بىر شەھەرگە بارسام ، پۇخرالىرى شۇنچە پۇزۇركىينىۋاپتۇ ، شەھەر باشلىقى يالاڭ ئاياق يۈرىيدىكەن ، ئاياللىرى يالغان بۇرۇت قۇيۇپ، ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ سالىدىكەن ؛ تاماقنى بازاردىن يەپ ، كېچىسى مېھمانخانىدا يېتىپ ، ئۆينى ئىجارىگە بېرىدىكەن ؛ قىزىق چايغا مۇز سېلىپ ئىچىپ، مارۇژنىنى ئىستىپ يەيدىكەن … ئۇقسام ئەسەر يازغانغا قارىغاندا تەرجىمە قىلغانلار كۆپ پۇل تاپقۇدەكقۇ؟ بۇمۇ بۇغداي تەرگەنلەر گادايلىشىپ بۇغداي ساتقانلار بېيىپ كىتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەڭا… بولۇۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ. بىزنىڭ مەھەلىدىكى ھىلىقى ئۆز ۋاختىدا بىلىكىگە قىزىل لاتىنى باغلىۋېلىپ ،مەسچىت ، پەشتاقلارنى بۇزۇپ، لوبو ،چامغۇر ساتقانلارنى قوغلاپ يۈرىيدىغان سەمىتاخۇننى تونۇمسىزكىن ؟ ھازىر ئۇ ئىشتان پايپاق ئېلىپ- سېتىپ بېيىپ كەتتى .بەيتۇل ھەرەمگە بېرىپ ئابدۇسەمەت ھاجىم بولۇپ كەلدى . يېقىندىن بىرى ئۇ : بىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىز نەگە كەتتى ؟ دەپ قايناپ، ماتادىن كۆڭلەك كىيىپ ، سەگەزدىن گالاستۇك باغلاپ ، يېڭى ئالغان پىكاپنىڭ ئىچىگە بورا سېلىپ ھەيدەپ يۈرىيدۇ .
كۆزۈم بىلەنغۇ كۆرمىدىم ، ئاڭلىسام ،يېقىندىن بىرى چەتئەللەردە مەخسۇس خۇتۇنى يوقلارغا خۇتۇن ، ئېرى يوقلارغا ئەربولۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ رۇناق تاپقىلى تۇرۇپتىدەك. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئاجايىپ غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش، بىكار بولۇپ قالسىلا باشقا ئىش قىلماي،كېرەكلىك يەرلىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىپ ، ئولتۇردىكەن . مەنغۇ چەتئەلدە گالاستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلغانلارنى كۆرۈپ تازا كۈلگەندىم.بۈگۈن ئەتىگەن خوشنامنىڭ ئايالىنىڭ كالپۇكىنى قىپ –قىزىل بۇيىۋېلىپ، نان يېقىپ يۈرگىنىگە قاراپ ،چەتئەلدىكى ئىشلارنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكى يوقكەن دەپ قالدىم.ئۆزگىرىشلەرنىڭ شۇنچە تىز بولۇپ كىتىۋاتقىنىنى سىزمۇ ئويلاپ باقمىغانسىز ھە! … ئاڭلىدىڭىزمۇ ھازىرچاچنى چۈشىرىۋېتىپ، بۇرۇتنى بۇدۇر قىلىۋالىدىغان مودا چىقىپتۇ …. بازارىدىكى ئەكرەم بايۋەتچىنىڭ يانچۇقىغا ئوت كەتكەنكەن ، پاژارنى ئەترەتنىڭ ئادەملىرى ئۈچ كۈندىن بىرى ئۈچۈرەلمەيۋاتقۇدەك … ھازىر ھېسامنىڭ چاقچاقلىرىنى توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ پەيدا بوپتۇدەكقۇ؟… يۇقۇرقى مەھەلىدە بىرداڭلىق دوختۇر چىقىپتۇدەك، ئۇنىڭ بەرگەن دورىسىنى ئىچمەي تۇرۇپ ياتسىڭىزمۇ ساقىيىپ قالغۇدەكسىز….يېقىندىن بۇيان مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدىم. بۇمۇ ئۆيگە ئوغرى چۈشسە ئوغرىغا كۈچى يەتمەي ، بىر-بىرىگە تاپا-تەنەقىلىشىپ كەتكەندەكلا ئىش دەڭا !
مۇشۇ كۈنلەردە جاھان تەتۈر بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ قانداق ؟قاراڭ ، ئىلگىرى ساقال بۇرۇت دېگەننى دادىللىرى قۇيۇپ ، بالىلىرىنىڭ ئىڭەكلىرى پاك– پاكىز تۇرىدىغان ، ھازىر ھەممە ساقال بۇرۇت ياشلارغا كۆچۈپ، چوڭلارنىڭ ئىڭىكى تاقىرلىشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ . ئەرلەرنىڭ پۇتىدا قونجىسىز ئاياق ، ئۈتۈك دېگەننى ئاياللار كىيىدىغان بوپتۇ . ئاياللار چېچىنى قىسقارتىپ، ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغان بوپتۇ . ياخشى ئادەملەر زىيان تارتىپ ، ساختىپەزلەر بېيىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ …. ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ چەتئەللەردە نامراتلار سەمرىپ، بايلار ئۇرۇقلاپ كېتىۋاتقۇدەك… بىر گالىستۇك چىقىپتۇدەك ، ئۇنى تاقاپ ياتقان ئادەم پەقەتلا خورەك تارتماسمىش… يەنە بىر كۆزەينەك كەشىپ بوپتىمىش ، ئۇنى تاقاپ ئۇخلىسىڭىز چۈشمۇكۆرمەيدىكەنسىز….
ئاڭلىدىڭىزمۇ يېقىندا بىر مەست دەرەخكە ئۈسىۋېلىپ ، سىركايە چىنىدەك پارچە-پارچە بوپ كېتىپتۇ-دە…. بىزنىڭ كوچىنىڭ دوقمۇشىدا نارىن ساتىدىغان بىر ئاشخانا بار ئىدى. ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئات گۆشىنى يەۋېرىپ، ئۆزى ئاتتەك كىشنەپ چىقىپ كېتىپتۇدەك… بىكار بولسىلا ئۆگزىسىگە لاي سالىدىغان بىر خوشنىمىز بولىدىغان ، ئالدىنقى كۈنىدىكى يامغۇردا ئۆگزىدە ئولتۇرۇپ ئېرىپلا كېتىپتۇ ، بالا-چاقىللىرىنىڭ ئۆگزىدىكى لاينى مالتىلاپ دادىسىنى ئىزدەپ يۈرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم…
مۇشۇ كۈنلەردە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقلىگە پەقەت سىغمايدۇ . كونىلاردىن سورىساڭ : «زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى »دىگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا زامان ئاخىرىسىدامانا شۇنداق ھەممە نەرسە ئۆز قېلىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك . توۋا …
ماۋۇ ئۆيدىكى مۆشۈك جېنىدا چاشقان تۇتماس بولىۋالدى . قايسى كۈنى قاراپ تۇرسام بىر چاشقاننى بىردەم قوغلاپلا بولدى قىلدى .ھەممىنى قىلغان ئانام بىلەن سىڭلىم . قۇرۇق نان يىسە قانداق بولىدۇ دەپ ، لەغمەنگە سەي سېلىپ بىرىپ بېقىپ يامان ئۆگەتتى . تېخى ئاكامنىڭ كىچىك بالىسى دۇكاندىن تۈرلۈك ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن . ئۇنداق قىلسا مۈشۈك دىگەن يامان ئۆگەنمەمدۇ؟ بىر ھەپتە بولدى ، ئۆيدە چاشقان پەيدا بولۇپ قالدى . ئامال يوق، بازاردىن مەخسۇس چاشقان تۇتىدىغان « قاپقان » ئەكەلدۇق . ھازىر شۇ قاپقاندا چاشقان تۇتۇپ ، ئۇدۇللۇق تۇتۇلغانلىرىنى مۈشۈككە بىرىۋاتىمىز . ماۋۇ خوشنىمىز جېلىلكامنى تونۇمسىلەركىن ؟ يېقىندىن بۇيان غەلىتىلا بولۇپ قالدى . ئۆينىڭ ئۈگزىسىگە كىچىك قورا ياساپ قوي بېقىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ دىيىشىچە : «ھاۋالىق يەردەبېقىلغان قوي ياخشى سەمىرەمىش !؟ » قايسى كۈنى ئۇنىڭ بورداۋاتقان قويىنى كۆرگىلى كەلگەن بىرى ئۆگزىگە چىقىمەن دەپ شوتىدىن يىقىلىپ ، پۇتىنى قايرىۋالدى .
باشقىلار سەھرانى « سەھرايى قىيامەت» دىيىشىدۇ . بولۇپمۇشەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەھرالىقلار مەڭگۈ تومپاي ، يۇۋاش ، باشقىلارغا بارىنى تۆكۈدىغان لىكىن باشقىلاردىن زەرىچىمۇ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان ئەخمەقلەر . بىراق بىزنىڭ سەھرالىقلارمۇ بوش ئەمەس . ھازىر سەھرانىڭ ئادەملىرىمۇ شەھەرلىكلەرگەقىزىقىدىغان ، شۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، ھەتتا شەھەرلىكلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان بولدى . ئىشەنمەمسىز ؟ ئاۋۇ مەھەللىدىكى ئاينىساگۈل ھەدىمىزمۇ : « مىنىڭ شەھەرلىكلەردىن نەرىم كام ئىدى ، شەھەرلىك قىزلاردا بار چىراي مەندىمۇ بار ،نىمىشقىمۇ بۇ سەھرايى قىيامەتتە تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن » دەپ ئۆزىنىڭ سەھرالىق بولۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان يەپ يۈرگۈدەك . ئۆتكەندە ئۆزىچە ئۆيىدە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ كالتە كۆينەك كىيىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ ، تازا گىرىم قىلىپتۇ . ئۆيدە قىلغان گىرىم قانچىلىك بولماقچىدى دەيسىلەر . ئىرى كەلگەندە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ، ناز قىلىپ كۈلۈپتۇ . دەسلەپتە يولدىشىمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي ھەيران قاپتۇ . ئاينىساگۈل يولدىشىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ : «جانىم كەلدىلىمۇ ، ۋاي – يەي نىمانچە پاسكىنا بولۇپ كەتتىڭىز » دەپ نازقىلىپتۇ . يولدىشى ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا دەسلەپ تازا كۈلۈپتۇ ، كىيىن كالا ئېغىلىغا ئەكىرىپ تازا ئۇرۇپتۇ. ..توۋا…
يەنە يېقىندىلا شۇنداق قىزىق ئىشتىن بىرنى ئاڭلىدىم . يوقۇرقى مەھەللىدىكى ھەسەنكامنىڭ ئەر ئالماي ، يېزىدىكى يىگىتلەرنىڭمۇ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر قىرى قىزى بار ئىدى . ئاڭلىساق يېقىندا يىراق بىر يېزىدىن قىزنى كىلىن قىلايلى دەپ ئەلچى كىرىپتىكەن ، خوشاللىقىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قاپتۇ…ھازىر ئېنتىرنىتتىمۇ كۈندە ئالامەت خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز . «پالانچى يەردە بىر ئايال سەمىرىپ نەچچە يۈز كىلوغا يەتتى ، يەنە سەمىرەمىش ، پالانچى يەرنىڭ باشلىقى پارىخۇرلۇق قىلىپ قېچىپ كەتتى ، پۇستانىچى دۆلەتتە ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن قىزلارغىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھاجەت قىلىدىغان ھاجەتخانە ياسالدى » دىگەندەك … ئاغىينەمنىڭ ئاتمىشلەردىن ئاشقان ئانىسىمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىدىغان بولىۋاپتۇ . «تېخى ماڭىمۇ ئۆزەڭنىڭكىدەك كوت -كوت دىن بىرنى ئېلىپ بەر » دەپ ئالغۇزۇپتۇ . نىمە دەيمىز ئەمدى ، ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى «شەھرىزات » مىش …
مەنبە: قەشقەر مۇنبىرى
«مەمتىمىن ھۇشۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب