ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،بەلكىم سىلەر ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرچە سىستىمىلىق ئەققلىي يانفۇنلارنى ئىشلىتىۋاتقانسىلەر، بۈگۈن مەن يوۋكۇ تورىدا بىلكان ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى ئۆتكۈزگەن "بىلكان ئەپ ئىجادىيەت مۇسابىقىسى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى"نىڭ فىلىمىنى كۆرۈپ قالدىم.ئۆزۈم ئېلىكتىرون ساھەسىدىكى مەھسۇلاتلارغا بەك قىزىققاچقا بۇ فىلىمنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم.كۆرۈپ بەكمۇ سۆيۈندۈم.تۆۋەندىكىسى شۇ فىلىم تەپسىلاتى.
بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ئۇيغۇرچە يانفۇنلار توغرىسىدا ماتېرىيال ئىزدەپ باققۇم كەپقالدى.
ئۇلىنىش تورىنىڭ شىركەت-كارخانىلار سالۇنىدىن مۇشۇ ساھاگە ئائىت شىركەتلەرنىڭ توربىتىگە كىردىم. نۆۋەتتەئۇيغۇرچە يانفۇنلاردىن ئادەتتىكى يانفۇنلار ۋە ئەقلىي يانفۇنلار ھەرئىككى خىلى بار. ئادەتتىكى يانفۇنلاردىنمۇ بىرقانچە خىلى باركەن، ئۇلارنىڭ تۆھپىسى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا خەلقىمىزگە ئۇيغۇرچە خەتلىك تېلفۇنلارنى سۇنۇپ خەلىقمىزگە كۆپ ئاسانلىقلار تۇغدۇردى، لىكىن بۇ تېمىمىزدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلار توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغان بولغاچقا ئۇلار توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك توختىلىمىز.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا كەلسەك، نۆۋەتتە پۈتۈنلەيئۇيغۇرچە سىستىمىلىق يانفۇنلاردىن بىلكان، قۇتلان ۋە ئەسىر ماركىلىق ئۈچ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بار ئىكەن. بەلكىم بەزىلىرىڭلار مۇشۇ ماركىلارنىڭ بىرەسىدىن تېلفۇنۇڭلار باردۇ. بۇ فىلىمنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ بىرنى ئالغۇم كىلىۋاتىدۇ. بولسا ئىشلىتىپ باققان تورداشلار مۇشۇ توغرىسىدا پاراڭ سەپ بەرسەڭلا، قالغان تورداشلار ئاز تۇلا بىلىمگە ئىگە بوپقالساق.
فىلىمدا دىيىلگەن " بۇنداق مەھسۇلاتنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزلا ئىشلەپ چىقىرىش شارائىتى ھازىرلانمىغان، نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەرنىڭ مال ئىشلەش ئەندىزىسىمۇ مۇشۇنداق، بىز قىلالىغىنىمىزنى قۇلىمىزنىڭ كېلىشىچە تىرىشىپ ياخشى قىلدۇق' دېگەن گەپتە خېلى مەنتىقە بار، قۇلىدىن كېلىدىغانغا تىرىشىشمۇ ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك پەزىلەت، بەلكىم بۇ يانفۇنلاردائۇنداق مۇنداق نوقسانلار باردۇر،ئەمما ئۇيغۇرچە يانفۇنلار ئەمدى تېخى باشلىنىش باسقۇچىدا ئۇلارنىڭ سىستىمىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، يەنە خېلى كۆپ ئەپلەرنى ياساپ خەلقىمىزگە سۇنىشىمۇ پەخىرلىنىش ۋە ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ئىشتۇر. ئويلاپ بېقىڭلار، دۆلىتىمىزدە ئۇيغۇردىن باشقا قايسى مىللەت ئۆزيېزىقىدا مۇشۇنداق زامانىۋى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرالىدى؟
مۇشۇ توغرىسىدا ئىلمىي پاراڭ سۇقۇپ بېقىشىڭلارنى تەكلىپ ئېتىمەن. ۋەسسالام.
مەنبە: ئۆزەم.