مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 3

ئاۋۋال نېمە قىلىش كىرەك؟ (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 04:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋى

ئىسلام ئۈممىتى ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە موھتاج

ئۆلچەمنىڭ بۇزۇلغانلىقى


تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغان كىشى تۇرمۇشىمىزنىڭ ماددىي، مەنىۋىي، ئىدىيىۋىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە باشقا تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەمەللەرنىڭ رەت ـ تەرتىپ ئۆلچىمىنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇلغانلىقىنى بايقايدۇ.
ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەمەللەرنىڭ رەت ـ تەرتىپ ئۆلچىمى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاستىن ـ ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن. مەسىلەن: سەنئەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرى دائىم مائارىپنىڭ ۋە ئىلىم ـ پەننىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان. خۇددى ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەنلىك پەقەت ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغىلا كۆڭۈل بۆلۈش دېگەنلىك بولىدىغاندەكلا، ياشلار پائالىيىتىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەقىلنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان. ئادەم جىسمانىيىتى بىلەنلا ياكى ئەقلى ۋە روھىيىتى بىلەنلا ئادەم بولالايتتىمۇ؟! بىز ئەبۇل پەتھىل بۇستىينىڭ مەشھۇر قەسىدىسىدىكى مۇنۇ بېيىتلەرنى خېلى زامانلاردىن بېرى يادلاپ كېلىۋاتىمىز:
قاچانغىـچە ياشايسـەن جـىسمىڭ ئۈچۈن جاھاندا،
مىغ ـ مىغ زىيان ئىـچىدىـن تاپالامسـەن بىر پايدا،
كېرەك سېنىڭ تاپمىقىڭ خىسلەت بىلەن روھىڭنى،
روھسىـز جەسـەت ئادەم دەپ ئاتالغىنى بار قايدا؟!

بۇستىيدىن بۇرۇن ئۆتكەن شائىر زۇھەير ئىبنى ئەبىي سەلمانىڭ مۇئەللەقەسىدىكى مۇنۇ بېيتنىمۇ يادىلىغانىدۇق:
ئادەم ئۇ ھـاۋالـە تىـل ۋە يـۈرەكـكـە،
ئۇنىڭسىز قامەتلەر كەلمەس كېرەككە.

لېكىن ھازىر ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ جىسمانىيىتى بىلەنلا ئادەم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى يازدا «بازارغا سېلىنغان» بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ داۋرىڭى پۈتۈن مىسىرنى بىر ئالدى. مۇسابىقە كۇلۇبلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باھا تالىشىشتا بۇ تەنھەرىكەتچىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ چارەك كەم بىر مىليون جۇنەيھكە چىقتىغۇ؟! ئۇلار تەنھەرىكەتنىڭ ھەممە تۈرىگە، بولۇپمۇ ئاۋام خەلق كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نەپ ئالىدىغان تۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلسىغۇ مەيلى ئىدى، بىراق ئۇلار پەقەت بىر قانچە ئادەم ئوينىسا، قالغانلار تاماشا كۆرىدىغان مۇسابىقە تەنھەرىكىتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئالىملار، ئەدىبلەر، مۇتەپەككۇرلار، دەۋەتچىلەر جەمئىيەتتە ئالقىشلانمايۋاتىدۇ، ئۇلارغا چولپان دېگەندەك شەرەپلىك ناملارمۇ نېسىپ بولمايۋاتىدۇ. ئەمما ئاتالمىش سەنئەتچى، پۇتبولچى دېگەندەكلەر چولپان ئاتىلىپ شۆھرەت قازانماقتا. گېزىت ـ ژۇرناللاردىمۇ، رادىئو ـ تېلېۋىزورلاردىمۇ پەقەت شۇلارنىڭلا داۋرىڭى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش قەھرىمانلىقلىرى ۋە تەۋەككۇلچىلىقلىرى كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە، پارچە ـ پۇرات ئىشلىرىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا. ئەمما باشقىلار بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلاردا بويۇن قىسىپ قالماقتا، بەلكى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلماقتا. بىرەر سەنئەتچى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا لەرزىگە كەلمەكتە، گېزىت بەتلىرى بۇ توغرىدىكى خەۋەرلەر بىلەن توشۇپ كەتمەكتە. ئەمما بىرەر ئالىم ياكى ئەدىب ۋە ياكى چوڭ ئۇستازلار ۋاپات بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئۈن ـ تىنسىز ئۇزىتىلماقتا!
ئېقتىسادىي جەھەتتىكى ئىشلارغا كەلسەك: تەنتەربىيەگە، سەنئەتكە، تەشۋىقاتقا، نامدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى»گە، ئەمەلىيەتتە  ھۆكۈمدارلار بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىلماقتا، ھىچكىم بۇنىڭغا قارشى تۇرالمىدى ياكى «نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ» دەپ ئېتىراز بىلدۈرەلمىدى. مائارىپ، سەھىيە، دىن ۋە ئۇل ـ مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى مەبلەغ قىسىنچىلىقىدىن قاقشىماقتا، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دەۋر قەدىمىگە ماسلىشىشقا پۇل تاپالمايۋاتقانلىقىدىن زارلانماقتا. «كىيگەنلەر قوش پايپاق، كىيمىگەنلەر قوڭالتاق» دېگەندەك ئىش بولماقتا. ئىبنى مۇقەففەئ قەدىم زاماندا ئېيتقان مۇنۇ سۆزنىڭ ھەقىقىي رېئال كۆرۈنۈشى كۆز ئوڭىمىزدا ئايان بولماقتا: «قەيەردە ئىسراپخورلۇق بولىدىكەن، شۇ يەردە كىشى ھەققىنىڭ زايا بولغانلىقىنى كۆردۈم».

ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشتە زامانىمىزدىكى دىيانەتلىكلەرمۇ خاتالاشتى

زامانىمىزدا ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشتە پەقەت ئادەتتىكى مۇسۇلمان ئاممىسى ياكى ئازغان مۇسۇلمانلارلا خاتالىشىپ قالماستىن، بەلكى دىيانەتلىكلەرمۇ خاتالاشماقتا. بۇنىڭغا توغرا چۈشەنچە ۋە ھەقىقىي ئىلىمنىڭ يوقلۇقى سەۋەب بولماقتا.
ھەقىقىي ئىلىم بولغاندىلا، ساۋابى چوڭ ئەمەلنى ساۋابى كىچىك ئەمەلدىن، پەزىلەتلىك ئەمەلنى پەزىلەتسىىز ئەمەلدىن، توغرىنى خاتادىن، سۈننەتنى بىدئەتتىن، قوبۇل بولىدىغان ئەمەلنى قوبۇل بولمايدىغان ئەمەلدىن ئايرىغىلى، ھەرقانداق ئەمەلنىڭ شەرىئەت ئۆلچىمىدىكى قىممىتىنى ۋە دەرىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئىلىمنىڭ نۇرىدىن ۋە توغرا چۈشەنچىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئەمەللەرنىڭ چەك ـ چېگرىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئايرىيالمايدۇ ياكى ئەمەللەرگە شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھۆكۈم قىلالمايدۇ ـ دە، ئوڭچىللىق ياكى سولچىللىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، دىن دىندا چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر ۋە ئۆلچەمگە يەتمىگۈچىلەر قولىدا نابۇت بولىدۇ. بۇنداقلار گەرچە دىنغا ئىخلاس قىلسىمۇ، ساۋابى كىچىك ئىشنى قىلىمەن دەپ ساۋابى چوڭ ئىشنى تاشلاپ قويىدۇ ـ دە، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدۇ.
مەلۇم بىر ۋاقىتتا ساۋابى چوڭ بولغان بىر ئەمەلنىڭ يەنە بىر ۋاقىتقا كەلگەندە ساۋابى كىچىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن بىلىمى ئاز، چۈشەنچىسى تۆۋەن كىشىلەر ئىككى ۋاقىتنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، ئىككى ھالەتنى ئايرىيالمايدۇ.
قارىسام، ياخشى نىيەتلىك بەزى مۇسۇلمانلار مەسجىد شۇنچە تولا يەرلەرگە يەنە مەسجىد سالغىلى تۇرۇپتۇ، بەزى مەسجىدلەرگە مىليونلاپ پۇل خەجلەۋېتىپتۇ. مۇشۇ پۇللارنى ياكى ئۇنىڭ يېرىمىنى ۋە ياكى ئازغىنە بىر قىسمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىغا ياكى دىنسىزلىققا قارشى تۇرۇشقا ياكى دىنىي خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشكە ياكى ئادەم كۈچى تاپالىسىمۇ، ئەمما ئىقتىساد تاپالمايدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ھېچكىم بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ماددىي قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشەنچ قىلغان بىلەن مەنىۋىي قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈمىگە ئىشەنچ قىلمايدۇ.
قارىسام، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە كۆپلىگەن مۇسۇلمان بايلار نەپلە ھەجگە بېرىشقا ناھايىتى ئامراق ئىكەن، ئۇلار تېخى كۆپىنچە ھاللاردا نەپلە ھەج بىلەن قوشۇپ رامىزاندا ئۆمرىمۇ قىلىشىدىكەن، بۇنىڭغا پۇلنى ئايىماي خەجلەيدىكەن. گاھىدا تېخى ﷲ ھەج ۋە ئۆمرىگە تەكلىپ قىلمىغان كەمبەغەللەرنىمۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بىللە ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ چىقىمىنىمۇ قىلىپ بېرىدىكەن. ئەمدى سىز ئۇلاردىن مۇشۇ بىر يىللىق نەپلە ھەج چىقىملىرىنى پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارغا، بوسنىيەدىكى سىربلارغا قارشى تۇرۇشقا؛ ياكى ھېندىنوزىيىدىكى، بېنگالدىكى ۋە ياكى باشقا ئەللەردىكى ناسارالاشتۇرۇشنى توسۇشقا؛ ياكى دەۋەت مەركىزى قۇرۇشقا؛ ياكى مەخسۇس دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى جابدۇشقا؛ ياكى پايدىلىق ئىسلامىي كىتابلارنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇلار بۇنىڭغا ھەرگىز ئۇنىمايدۇ، چوڭچىلىق قىلىپ بۇ تەلىپىڭىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان كەرىمدە جىھاد تۈرىدىكى ئەمەللەرنىڭ ھەج تۈرىدىكى ئەمەللەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى ناھايىتى روشەن بايان قىلىنغان: سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى ﷲقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ﷲ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ ﷲنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ﷲنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ﷲنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىدىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېئمەتكە ئېرىشىدۇ] سۈرە تەۋبە، 19 – ۋە 20 – ئايەتلەر.
ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ھەج ۋە ئۆمرىلىرى نەپلە ئەمەللەر جۈملىسىدىن. ئەمما كاپىرلىققا، دىنسىزلىققا، ئەخلاقسىزلىققا، سكولارىزمغا ۋە بۇلارنى يۆلەۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان جىددىي پەرزدۇر.
ئىككى يىل ئىلگىرى ھەج مەۋسۇمى يېتپ كېلىش ئالدىدا مەشھۇر مۇسۇلمان يازغۇچى، قەدىرلىك ئۇستاز فەھمىي ھۇۋەيدى سەيشەنبە كۈنلىرى نەشىردىن چىقىدىغان ھەپتىلىك ماقالىسىدا مۇسۇلمانلارغا ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: «بوسنىيەنى قۇتقۇزۇۋېلىش ھەج پەرزىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ».
بۇ ماقالىنى ئوقۇغان نۇرغۇن كىشى مەندىن:- بۇ سۆز شەرىئەت ۋە فىقھى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قانچىلىك توغرا؟ - دەپ سوراشتى. مەن ئۇلارغا شۇ چاغدا مۇنداق دېدىم:- يازغۇچىنىڭ بۇ سۆزى فىقھى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يوللۇق، توغرا ئېيتىلغان سۆز. چۈنكى، شەرىئەتتە مۇنداق قائىدە بار: دەرھال ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك پەرزلەر كېچىكىپ ئىجرا قىلسىمۇ بولىدىغان پەرزلەرنىڭ ئالدىدا ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەج پەرزىنى بەزى ئىماملارنىڭ قارىشىچە كېچىكىپ ئىجرا قىلسىمۇ بولىدۇ. بوسىنىيەلىكلەرنى ئاچارچىلىقتىن، سوغۇقتىن، كېسەللىكتىن، كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇۋېلىش دەرھال ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان پەرز، پۈتۈن ئىسلامىي ئۈممەتنىڭ نۆۋەتتىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.
ھەج قىلىش، ھەج مەۋسۈمىنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ھەم پەرز، بۇنىڭدا تالاش ـ تارتىش يوق. لېكىن بۇ پەرز ئىككى ھەرەمدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كۆپ چىقىم تارتماي ھەج قىلالايدىغانلار بىلەنمۇ ئورۇندىلىدۇ.
مېنىڭچە، ئۇستاز فەھمى ھۇۋەيدىنىڭ تەشەببۇسىنى ئورۇنداشتا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ھاجەت چۈشمەيدۇ. چۈنكى، ھەج مەۋسۈمىدە قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ھەج قىلىپ بولغانلار، ھەج پەرزى گەدىنىدىن ساقىت بولغانلار. بۇرۇن ھەج قىلمىغانلار ئومۇمى ھاجىلارنىڭ %15نىمۇ تەشكىل قىلالمايدۇ، تەخمىنەن ئىككى مىليون ئادەم ھەجگە بارغان بولسا، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى قېتىم ھەجگە كەلگەنلەر ئۈچيۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ مىت قىلىپ قويمايۋاتىدۇ. چۈنكى، ھازىر ھەقىقەتچىلەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئەمەس، بەلكى كۈچلۈكلەرنىڭ كۈچى غالىب ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھاجىلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگەللىگەن شۇ نەپلە ھەج قىلغۇچىلار، يىل بويى، بولۇپمۇ رامىزاندا ئۆمرە قىلغۇچىلار ھەج ۋە ئۆمرىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، بۇنىڭ چىقىمىنى ﷲ يولىدا بەرسىچۇ؟! ماددىي ۋە مەنىۋىي ھالاكەتكە دۇچار بولۇۋاتقان، زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقان، ئىززەت ـ ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇۋالسىچۇ؟!
مىسىر، قاتار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئارال دۆلەتلىرىدە بەزى ياخشى نىيەتلىك، دىيانەتلىك مۇسۇلمانلارنى تونۇيمەن، ئۇلار ھەر يىلى ھەج قىلىشقا بەكمۇ ھېرىسمەن. ئۇلارنىڭ گاھىلىرى قىرىق يىلدىن بېرى ئۇدا ھەج قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇق ـ تۇغقانلار، دوست ـ بۇرادەرلەر، ھەم شېرىكلىرى بىلەن توپلىشىپ بارىدۇ، بەزىدە بىرەر يۈز ئادەم بولۇپ كېتىدۇ. مەن بىر يىلى بۇ ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمغا ئۆزەمنىڭ ھىندونوزىيەنىڭ لىتىۋا دېگەن يېرىگە بارغانلىقىمنى، ئۇ يەردە ناسارالاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ مائارىپ، مىدىتسىنا، ئىجتىمائىي ئىشلار... قاتارلىق جەھەتلەردە ناسارالاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىغا ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇنداق دېدىم : “بۇ يىل ھەج قىلىش نىيىتىڭلاردىن يېنىپ، ھەجنىڭ چىقىمىنى ناسارالاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشقا سەرپ ئەتسەڭلار قانداق؟ يۈز ئادەمنىڭ ھەر بىرىڭلار 10مىڭ جۇنەيھتىن چىقىم قىلساڭلار، بىر مىليون جۇنەيھ پۇل بولىدىكەن، بۇ پۇل چوڭ بىر ئىشنىڭ يادروسى بولالايدۇ، بىز بۇ ئىشنى باشلىساق، ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرسەك، باشقىلار بىزگە ئەگىشىشى مۇمكىن، بىزمۇ ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجرىگە ئېرىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس». ئەپسۇس، قېرىنداشلار مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى ھەج ئېيى يېتىپ كەلسە، ھەجنى سېغىنىپ تۇرالماي قالىدىكەنمىز، روھىمىز ھەرەمگە قاراپ پەرۋاز قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ، ھەجگە قاتناشساق، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىمىز». بۇنى ئاڭلاپ يىراق ئۆتمۈشتە بىر كىشىنىڭ بىشرى ھافىيغا دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم. «بىر كىشى مەشھۇر زاھىد بىشر ھافىيغا: بەزى ئادەملەر رامىزاندا ﷲقا راسا ئىبادەت قىلىدىكەن، روزا چىقىپ كەتسە، ئىبادەتنى تاشلاپ قويىدىكەن، - دېگەنىكەن، بىشرى ھافىي مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: ﷲنى پەقەت رامىزاندىلا تونۇيدىغان ئادەملەرنى ياخشى ئادەم دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبادەتنى مەلۇم بىر كۈنگىلا باغلىۋالغانمۇ؟ - دەپ سورالغاندا، ئۇ (ئائىشە): ياق، رەسۇلۇللاھ دائىم ئوخشاش ئىبادەت قىلاتتى، _ دەپ جاۋاب بەرگەن.»


ناۋادا بۇ ھاجىلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسى توغرا بولغان بولسا، ئىماندا راستچىل بولغان بولسا، ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن بولسا ئىدى، ئۇلار ھەج چىقىملىرىنى ئىسلامنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتەلەيتتى؛ يېتىم–يېسىرلارنى باقىدىغان، ئاچ قالغانلارغا تائام بېرىدىغان، ئۆي ـ ماكانسىزلارنى ماكانلاشتۇرىدىغان، كېسەللەرنى داۋالايدىغان، بىلىمسىزلەرگە بىلىم بېرىدىغان، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلالايتتى؛ شۇنداق قىلغانسېرى ھەج قىلىشتا ھېس قىلغاندىن بەكرەك بەخت تۇيغۇسىغا چۆمەتتى، روھىيىتى تېخىمۇ كۈچىيەتتى.
قارىسام، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مېدىتسىنا، گېئومېتىرىيە، ئاگرونومىيە، تىل ـ ئەدەبىيات قاتارلىق نەزەرىۋىي ۋە ئەمەلىي فاكۇلتېتلىرىدا لاياقەتلىك، ئەلا ئوقۇۋاتقان دىيانەتلىك ياشلار پۈتۈن كۈن دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى باھانە قىلىپ ئوقۇشنى تاشلاپتۇ، ئۇلار مەكتەپتىن ئايرىلغىنىغا قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدىكەن. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەسىدە ئوقۇپ مۇتەخەسسىسلىشىشى پەرز كۇپايىلەر جۈملىسىدىن ئىدى، بۇ پەرز كۇپايىلەرنى قىلىشقا ئادەم چىقمىسا، پۈتۈن ئۈممەت گۇناھكار بولاتتى. ئۇلار ئۆز ئىشىنى دۇرۇس نىيەت بىلەن پۇختا ئادا قىلغان بولسا، ﷲنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن بولسا، شۇ ئىشلىرىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرالايتتى ئەمەسمۇ؟! ناۋادا ھەممە مۇسۇلمان كەسىپنى تاشلىۋەتسە، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كىم قوغدايدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ ساھابىلەر ھەرخىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى، رەسۇلۇللاھ ھېچكىمدىن پۈتۈن كۈن دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىش باھانىسى بىلەن كەسىپنى تاشلاشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدى، ھەممە ئادەم ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋەرگەن ئىدى، ھىجرەتتىن بۇرۇنمۇ، كېيىنمۇ ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىدى. جىھادقا چاقىرىلغاندا، جىھادقا چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىنغاندا بولسا، ئۇلار ئۇلۇغ ـ ئۇششاق ھەممىسى مال ـ جانلىرىنى ﷲ يولىغا پىدا قىلىپ جىھادقا چىقاتتى.
ئىمام غەزالىي ئۆز زامانىسىدا مۇسۇلمانلار يۇرتىدا يەھۇدىي ۋە ناسارا تېۋىپتىن باشقا تېۋىپ بولمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ داۋالىنىشى كاپىر تېۋىپنىڭ قولىغا قالغان، مۇسۇلمانلارنىڭ جانلىرى ۋە جان يەرلىرى كاپىر تېۋىپلانىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇلغان، روزىدار ئىپتار قىلغۇدەك كېسەلمۇ، يارىدارنىڭ يارىسى تەيەممۇم قىلغۇدەك ئېغىرمۇ دېگەندەك شەرىئەت ھۆكۈملىرىدە كاپىر تېۋىپنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىقھى ئۆگىنىشكىلا يۈزلەنگەنلىكىنى توغرا تاپمىغان ئىدى.
قارىسام، يەنە بىر مۇنچە ياشلار كۈندە دېگۈدەك شاخچە مەسىلىلەر ياكى ئىختىلاپى مەسىلىلەردە جاڭجاللىشىپ جاھاننى بېشىغا كېيىدىكەن؛ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، ئىسلامنى ئۆچ كۆرىدىغان، ئىسلامدىن ئەنسىرەپ، توزاق قۇرۇپ ئۇنى يوقىتىش تەمەسىدە بولۇۋاتقان دىن دۈشمەنلىرى بىلەن زادىلا كارى بولمايدىكەن. تېخى ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە پاناھلىنىۋاتقان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار ئىچىدىمۇ: “سائەتنى ئوڭ قولغا سېلىش كېرەكمۇ ياكى سول قولغىمۇ؟ كاستىيۇم ـ بۇرۇلكا كىيگەننىڭ ئورنىغا ئۇزۇن ئاق كۆينەك كىيىش سۈننەتمۇ ياكى ۋاجىبمۇ؟ ئاياللارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟ شىرەدە تاماق يېيىش، تاماق يېگەندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش، قوشۇق، ۋىلكىلارنى ئىشلىتىش كاپىرلارغا ئۆزىنى ئوخشاتقانلىق بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟” دېگەندىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىكەن.
مانا بۇنىڭدەك مەسىلىلەر ۋاقىتنى نابۇت قىلىدۇ، بىرلىكنى بۇزىدۇ، سۈركىلىش پەيدا قىلىدۇ، تىرىشچانلىقنى ۋە جىھادنى زايا قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلىلەرگە كۈچ سەرپ قىلغانلىق ھاۋاغا مۇشت ئاتقانلىق ۋە ئۆز قۇيرۇقى بىلەن ئۆزى تالاشقانلىقتۇر.قارىسام، ئىبادەتگۇي، پەرھىزكار يىگىتلەر ئاتا ـ ئانىلىرىنىڭ، قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى ياكى دىندىن چەتنىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارغا يىرىك، قوپال مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇلار ﷲ تائالانىڭ گەرچە ئاتا ـ ئانا مۇشرىكلىققا ئۈندىسىمۇ، بار كۈچى بىلەن ئىسلام دىنىدىن ئازدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بالىنى ئاتا ـ ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ: ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن    سۈرە لوقمان، 15 – ئايەت. ﷲ مانا بۇ ئايەتتە ئاتا ـ ئانا بالا ـ ۋاقىنى دىنسىزلىققا زورلىغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى، ئاتا ـ ئانىنىڭ ھەققى ﷲنىڭ ھەققىدىن باشقا ھەرقانداق ھەقنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، شۇڭا ﷲ مۇنداق دەيدۇ: (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر  سۈرە لوقمان، 14 – ئايەت.
ئاتا ـ ئانا دىنسىزلىققا بۇيرىسا، ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ﷲقا ئاسىي بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما، ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلماسلىققا ھەرگىز بولمايدۇ، بۇنىڭغا ھەرقانداق باھانە ـ سەۋەب كۆرسەتكەن بىلەن ئاقمايدۇ. ﷲ تائالا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلپ مۇنداق دەيدۇ: سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، ﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر سۈرە نىسا، 1 – ئايەت
مۇسۇلمانلار چۈشكۈنلىشىش دەۋرلىرىدە بىر مۇنچە پىشكەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاسارىتى ھېلىھەم مەۋجۇد. تۆۋەندە ئۇنىڭ بەزىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
1-        ئىلىم ـ پەندە، سانائەتتە، ھەربىي ھازىرلىقتا يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇش پەرز كۇپايە ئىدى، بۇ پەرز كۇپايە ئۈممەتنى قەغەز يۈزىدە ئەمەس، ئېغىزدا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە ئۆز ـ ئۆزىگە خوجا قىلالايتتى. فىقھى ھۆكۈملەرنى ئىجتىھاد بىلەن خۇلاسىلەپ چىقىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، تولۇق ئەركىنلىك بىلەن سايلام ئېلىپ بېرىپ، كېڭەش بىلەن ھاكىمىيەت قۇرۇش، دىندىن چەتنىگەن زالىم پادىشاھلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش قاتارلىقلار پەرز كۇپايە ئىدى. دىننى دۈشمەن تۇتقان پادىشاھقا قارشى چىقىش تېخىمۇ پەرز ئىدى. مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئۈممەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بۇ پەرز كۇپايىلەرگە ناھايىتى زور دەرىجىدە سەل قارىدى.

2 ـ مۇسۇلمانلار بەزى پەرز ئەينلەرگىمۇ سەل قارىدى ياكى پەرز ئەيننىڭ قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىدى. مەسىلەن: ياخشىغا بۇيرۇش، ياماندىن توسۇش پەرز ئەين ئىدى، قۇرئاننىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ئايىتىدە بۇ پەرز ئەين نامازنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىدى: مۇئمىن ئەرلەر، مۇئمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ] سۈرە تەۋبە، 71 – ئايەت.
  ياخشىغا بۇيرۇش، ياماندىن توسۇش ئۈممىتى مۇھەممەدنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈممەت بولىشىدىكى بىرىنچى سەۋەپ ئىدى: (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ﷲقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەرسۈرە ئال ئىمران، 110 – ئايەت.
ياخشىغا بۇيرۇشقا، ياماندىن توسۇشقا سەل قاراش بەنى ئىسرائىلنى ﷲنىڭ لەنىتىگە دۇچار قىلغان ئىدى: بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلار داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى. ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!] سۈرە مائىدە، 78 – ۋە 79 – ئايەتلەر.

3 - مۇسۇلمانلار بەزى رۇكىنلارغا دەرىجىدىن تاشقىرى ئەھمىيەت بېرىپ كەتتى. مەسىلەن: روزىغا نامازدىن بەكرەك ئەھمىيەت بەردى، رامىزاندا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمان يوق دېيەرلىك، بولۇپمۇ، يېزا ـ قىشلاقلاردا شۇنداق. لېكىن نامازغا كەلگەندە، ھورۇنلۇق قىلىدىغان مۇسۇلمانلار (بولۇپمۇ ئاياللار) خېلى كۆپ، ئۆمرىدە ﷲقا رۇكۇ ـ سەجدە قىلىپ باقمايدىغانلارمۇ بار تېخى. شۇنىڭدەك، ئۇلار يەنە نامازغا زاكاتتىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋەھالەنكى، ﷲ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىتابىنىڭ 28 يېرىدە ناماز بىلەن زاكاتنى تەڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: “بىز ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇلدۇق، زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ نامىزى ناماز بولمايدۇ” دېگەن. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: “ﷲ بىلەن قەسەمكى، ناماز بىلەن زاكاتنى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋەتكەن كىشىگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن” دېگەن. ساھابىلەر زاكات بەرگىلى ئۇنىمىغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن. ئۇلار بۇ ئۇرۇشنى پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلغانلارغا ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇش بىلەن ئوخشاش دەپ قارىغان. ئىسلام دۆلىتى تارىختا كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغان.

4 - مۇسۇلمانلار بەزى نەپلە ئەمەللەرگە پەرز، ۋاجىبقا ئەھمىيەت بەرگەندىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتتى. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، كۆپلىگەن دىيانەتلىك كىشىلەر زىكىر ـ تەسبىھنى كۆپ ئېيتىدۇ، كۈندىلىك ۋەزىپە قىلىۋالغان دۇئا - دۇرۇدلارنى جىق ئوقۇيدۇ، ئەمما ئۇلار نۇرغۇن پەرزلەرگە، بولۇپمۇ، ئاتا ـ ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە - رەھىم قىلىش، قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ناتىۋانلارغا شەپقەت قىلىش، يېتىم ـ مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، يامانلىقنى توسۇش، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي زوراۋانلىقلارغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىجتىمائىي پەرزلەرگە ئۇنچىلا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ.

5 - مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇش، زىكىر ئېيتىشقا ئوخشاش شەخسىي ئىبادەتلەرگە باشقىلارغا پايدىسى تېگىدىغان جىھاد، فىقھى، كىشىلەرنى ياراشتۇرۇش، ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىش، سەۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇشقا تەۋسىيە قىلىش، ئادىللىقنى ۋە كېڭەشنى تەشەببۇس قىلىش، ئادەملەرنىڭ، بولۇپمۇ، ئاجىز ئادەملەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىبادەتلەرگە كۆڭۈل بۆلگەندىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى.

6 - كۆپلىگەن كىشىلەر شاخچە ئەمەللەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، يىلتىز ئەمەللەرگە سەل قارىدى، ۋەھالەنكى، كونىلار: “يىلتىزنى بۇزغانلار شېخىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ” دېگەن ئىدى، ئۇلار ئۇلغا سەل قارىدى، يەنى ئېتىقاد، ئىمان، تەۋھىد، ئىخلاسنى چىڭ تۇتمىدى.

7 - كۆپلىگەن كىشىلەر ھاراملارغا قارشى تۇرغاندىن بەكرەك مەكرۇھقا ياكى شۈبھىلەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولدى. كەسكىن ھارامغا قارشى تۇرغاندىن بەكرەك ھالال ـ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ بولغان نەرسىلەرگە قارشى تۇردى. رەسىمگە چۈشۈش، ناخشا ـ مۇزىكا، يۈزىنى يۆگەش دېگەندەك ئىختىلاپىي مەسىلىلەرگە ئاشنا بولغان ئادەملەرمۇ باركى، ئۇلار باشقا ئىشى يوقتەك شۇنداق مەسىلىلەر توغرىسىدا جەڭگە ـ جېدەل قوزغاپلا يۈرىدۇ، ھەممە ئادەمنى ئۆزىنىڭ قارىشىغا مەجبۇرى كۆندۈرمەكچى بولىشىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇلار ئۈممەتنىڭ ھايات ـ ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەرنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. جۈملىدىن نۇرغۇن كىشىلەر گۇناھى سەغىرگە قارشى تۇرىدۇ ـ يۇ، گۇناھى كەبىر بىلەن كارى يوق. رەمباللىق، سېھرىگەرلىك، كاھىنلىق، قەبرىلەرگە باش ئۇرۇش، ئۆلگەنلەردىن ياردەم سوراش، ئۆلۈكلەرنىڭ نامىنى ئاتاپ مال بوغۇزلاش، ھاجەتلەرنىڭ راۋا بولۇشىنى، قىيىنچىلىقنىڭ ھەل بولۇشىنى ئۆلۈكلەردىن تىلەش دېگەندەك سۈزۈك تەۋھىد ئېتىقادىنى دۇغلاشتۇرىدىغان گۇناھى كەبىرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كارى يوق. كېڭەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ئەركىنلىكنى بوغۇش، خەلق ھوقۇقىنى ۋە ئىنسانىي ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلىش، ناباپ ئادەملەرگە ھوقۇق تۇتقۇزۇش، سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلىش، ئۈممەتنىڭ بايلىقىنى تالان ـ تاراج قىلىش، ئائىلىۋىي ۋە سىنىپىي ئىمتىيازلارنى پەش قىلىش، ئىسراپخورلۇق ۋە بۇزۇپ ـ چېچىش قاتارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گۇناھى كەبىرلەر ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ.
زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۆلچەملىرى ئەنە شۇنداق قاتتىق بۇزۇلغان، چوڭىنى كىچىك بىلىدىغان، كىچىكنى چوڭ بىلىدىغان، ئاددىينى ئۇلۇغلاپ، ئۇلۇغنى خارلايدىغان، ئاۋۋالقىسىنى كېيىن، كېيىنكىسىنى ئاۋۋال قىلىدىغان، پەرز بىلەن كارى يوق نەپلەگە يامىشىدىغان، چوڭىنى تاشلاپ كىچىكىگە ئېسىلىدىغان، ئىختىلاپىي مەسىلىگە جان ـ جەھلى بىلەن بېرىلىپ، ئىختىلاپ يوق مەسىلە بىلەن كارى بولمايدىغان بولۇپ قالغان... مانا بۇ ئەھۋال زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى، بەلكى ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشنىڭ ئۇلارغا ئىنتايىن زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. زامانىمىز كىشىلىرى بۇ مەسىلىدە قايتا ـ قايتا ئويلىنىپ، بەس ـ مۇنازىرە قىلىشىپ، بار كۈچى بىلەن ئىزدىنىپ، قانائەتلىنەرلىك بىر خۇلاسىگە كېلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا يۈزلىنىشى كېرەك.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىدرىس
«ئاۋۋال نېمە قىلىش كىرەك؟» ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.
سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئىزچىل


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19630
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5914
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1954 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:12:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كىتابنىڭ پ د ف نوسخسىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىزچۇ. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن. مەندە تىلفۇن نوسخىسى بار. بىراق................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78115
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 07:12:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ بېشىدا سۆزلەنگەن بېيتنى مىفتاھۇل ‏ئەدەپتە (( ‏ئەي ئۆز تېنىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان «ئىنسان»!  سەن قاچانغىچە تېنىڭنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن  شاپاشلايسەن  ؟ ئەپسۇس سەن زىيان چىقىدىغان نەرسىدىن پايدا ئىزدەۋاتىسەن  .....  روھىڭنى كۈچەيتكىن ، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرگىن ، بىلگىنكى سەن تېنىڭ بىلەن ئەمەس ،  بەلكى روھىڭ بىلەن ئىنساندۇرسەن ،،،،!!!! )) دەپ ئېلىنىپتىكەن ؟؟؟؟؟؟؟ تەرجىمە دىگەن ئەجەپ بىر زەەەەەەە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 04:23:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sawerqan001 ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-7-20 01:12 AM
ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﭖ ﺩ ﻑ ﻧﻮﺳﺨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﭼﯘ.  ...

نىمىشقىكى بۇ مۇنبەر مەن يوللىغان كىتاپلارنى چىقارمايدۇ ياكى تەستىقلاپ بولۇپ يۇيىۋېتىدۇ، سىزگە لازىم بولسا ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى  qq1805830767@com غا يوللاڭ، مەن  ئېلكىتاپنى يوللاپ بېرەي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش