مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5147|ئىنكاس: 26

شىرئەلىجان يەنە شاللىنىپ قالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83119
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3332
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-7-28
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 11:41:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى(پەيشەنبە) ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا يەنە 13 كۈن قالغان پەيتلەردە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم ئىككى تەنھەركەتچىنى چوڭ تىزىملىكتىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ھالدا جاپالىق مەشىق قىلىپ كېلىۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز ــ شىرئەلىجان مۇختەر يەنە بۇ قېتىممۇ ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولدى. يەنە بىرى بىيجىڭ كوماندىسىدىن چاقىرتىلغان جىجې دېگەن يولداش.
      ھازىر دۆلەت كوماندىسىدا قىپ قالغىنى 16 ئادەم بولۇپ، بۇلاردىن يەنە 4 ى ئەتىدىن باشلاپ كۈنشەن شەھىرىدە  ئوينىلىدىغان 3 مەيدان جۇڭگو-ياۋروپا تىركىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن تىزىملىكتىن قالدۇرۇلىدىكەن.
ئاخىرىدا شىرئەلىجانغا دەيدىغىنىم:
«ئۈمىدسىزلىك – شەيتان» دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا قەتئى ئۈمىدسىزلەنمەي، ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىق-يىتەرسىزلىكىرى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، يېتەرسىز تەرەپلىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، كېلەر يىلى، كېلەر يىلى بولمىسا، يەنە بىر يىلى دۆلەت كوماندىسىدا بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگەللەپ، گۈزەل ئىستەكلىرىگە بالدۇرراق يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
       قوشۇمچە: بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. «مۇشۇ شىرئەلىجان «1-ئاۋغۇست كوماندىسى» نىڭ تېرىنىرى ئادىلجان ئاكىمىز بىلەن بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھال-مۇڭ بولۇشۇپ باقسا قانداق؟» نېمىشقا دېسەڭلار ئادىلجان پۈتۈن جۇڭگوغا تونۇلغان داڭلىق تېرىنىر. ھەم ئىككىسىنىڭ مەيداندا ئوينايدىغان ئورنى ئوخشاش. خەنزۇچە تورلارغا قارىسام مۇسابىقە كۆرىدىغان چوڭ ياشلىق خەنزۇلاردىن خېلى كۆپى ھېلىھەم «قاچانمۇ جۇڭگودىن ئادىلجاندەك تەشكىللىگۈچى چىقار؟!» دەپ ئاھ ئۇرۇشىدىكەن ( مەن ئادىلجان ئاكىمىزنىڭ مۇسابىقىسىنى شۇنداقلا مۇسابىقە فىلىملىرىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، بۇ گەپلەرنى بەلكىم يۈزەكى چۈشىنىپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن، لېكىن مۇشۇ گەپلەردىنلا ئادىلجاننىڭ قانچىلىك ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ)
ئىككەيلەن بىر يەرگە كېلىپ، بىر مۇڭدىشىپ باقسا، شىرئەلىجان ئىنىمىزمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى، ئارزۇلىرىنى دېسە؛ ئادىلجان ئاكىمىزمۇ شىرئەلى ئىنىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىق-يىتەرسىزلىكلىرى، تەرەققىيات بوشلۇقلىرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئۇنىڭغا ماس كەلگىدەك ھەرخىل تاكتىكا، تىخنىكا-ماھارەتلەرنى دەپ بەرسە، بۇنداق يۈز كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتى شىرئەلىغا زور بولامدىكى دەپ قالىمەن.
       يەنە بىرسى NBA  دىكى داڭلىق چولپانلارمۇ مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقان ئارام ئېلىش پەيتلىرىدە ئۆزىنى قايسى جەھەتتىن ئاجىز دەپ قارىسا، شۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدىغان شەخسى تېرىنىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، يىتەرسىز تەرەپلىرىنى كۆپلەپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە تولۇقلاپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە باشقىچە ئادەم بولۇپ نامايەن بولىدىكەن.
چاقماق كوماندىسىدىكى دۇرانتمۇ كۈنىگە 2000 قېتىمدەك گارغا ھەرخىل ئورۇنلاردىن توپ ئېتىپ مەشىق قىلىدىكەن.
      شىرئەلى ئىنىمىزنىڭ مەن ھېس قىلغان ئارتۇقچىلىقلىرى:
1. ۋاسكىتبولنى قىزغىن سۆيىدۇ، توپنى پۈتۈن ۋۇجۇدى، ۋىجدانى بىلەن ئوينايدۇ. مەيدانغا چۈشتىمۇ بولدى، باشىتن-ئاخىر بىر خىل بوشاشماي ئوينايدۇ ھەمدە بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن يولداشلاردىن بۆلەكچە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
2. باتۇر، قورقماس، يانماس، تەۋرەنمەس خاراكتىرگە ئىگە. مەيلى نەتىجە ئالدىدا بولسۇن ياكى ئارقىدا قالسۇن مەيدانغا چۈشكەن ھەر بىر مىنۇتنى تولىمۇ قەدىرلەپ جان تېكىپ ئېلىشىدۇ.
3. ئۈچ نومۇرلۇق توپنى ياخشى ئاتىدۇ. بۇ جەھەتتە يۈرەك خىلىلا توم. شۇڭا بۇ يىللىق «ئۈچ نومۇرلۇق توپ شاھى» شەرىپىگە ئېرىشتى.
4. ھۇجۇم مۇداپىئەدە ناھايىتى ئاكىتىپ، توپ تالىشىشى ئىنتايىن ياخشى.
.....
ئەلۋەتتە دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىغا دەل مۇشۇنداق ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، قورقماس، ۋىجدانى ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن توپ ئوينايدىغان ئادەم لازىم ئىدى.

       مەن ھازىرچە ھېس قىلغان شىرئەلى ئىنىمىز ھازىرلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەر:
(ھەر قانداق تەنھەركەتچى ھەممىلا جەھەتتىن ئىقتىدارلىق بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن، شۇنداق بولسىمۇ دەپ باقاي)
1. توپ كونتىرول قىلىش، مەيداننى تەشكىللەش، مۇسابىقە رېتىمىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسە؛
2. پاس بېرىشنى تېخىمۇ كۆپ مەشىق قىلسا؛
3. ئوتتۇرا-يېقىن ئارلىقتىن توپ ئېتىشنى ئىقتىدارىنى ئازراق بولسىمۇ ھازىرلاپ قويسا؛
4. تەشكىللىگۈچىگە پايدىسى زور بولغان تىز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى تىز توختاپ توپ تاشلاش، لەيلىتىپ توپ تاشلاش،  (急停跳投,跳投,抛投) دېگەندەك ئىقتىدارلارنى ئۆگەنسە ھەم ئىشلىتىپ كۆنسە؛
5. بۆسۈپ كىرىپ نومۇر ئېلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسە؛
6. كوزۇر ئالاھىدىلىكى بولغان-- «ئۈچ نومۇرلۇق » توپنى قاتتىق مەشىق قىلسا؛
(گۇاڭدۇڭ كوماندىسدىكى ۋاڭ شېپىڭ دېگەن يولداشنىڭ باشقا ئىقتىدارى يوق دىيەرلىك لىكىن ھالقىلىق ۋاقىتلاردا « ئۈچ نومۇرلۇق » توپنى خىلى ئىشەنچلىك تاشلاپ قويىدۇ. مۇشۇ ھۆنىرى بىلەن خىلى يىللار بولدى تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالمىدى. بەلكىم باشقا سەۋەپمۇ باردۇ)
      قالغىنىنى شىرئەلىجاننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانلار بىر نېمە دەپ باقساڭلار....



ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 12:34:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلىلا. شىنجاڭ ئۈچۈن،ئۇيغۇر ئۈچۈن ئوينىسىمۇ بولدىغۇ؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1841 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 12:37:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تەھلىل قىپسىز..    بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر ئاز يىرىم بولدى.  بىراق  شىرئەلىجاننىڭ  ئۈمۈدسىزلەنمەي    تىخىمۇ  تىرشىپ  ئۆزىنى  بىر تونۇتىپ قويىشىنى ،  ئۈمۈد قىلىمەن.   بۇ قتىمقى شاللىنىشتا     ..... گاھى بىر سەۋەبلەرنىمۇ  يوق دىگىلى بولمايدۇ.  شۇڭا پۈتۈن   خاتالىقنى  ئۆزىگە ئىلۋالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن....

   ئاللاھ ئاسانلىقنى بىرە...

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7573
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8594
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 711 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 01:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇنداق بولدى ھە. ھازىر بۇ كوماندىدا،مۇداپىيەدە چىڭ تۇرغاننىڭ پايدىسى يوقتەك قىلىدۇ. نۇمۇرلائالسا ھىساپكەن،مەيلى !!!  بىز يەنىلا سىنى قوللايمىز!ھۇررا!!! ئەمدىكى ۋەزىپە چىمپىيونلۇق.

بەخىت ئىچىدە بەخىت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16220
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 483
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 02:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىلىڭ ئىنىم .

خوشاللىق بار يەردىن غەم - قايغۇ قاچىدۇ . يورۇقلۇق بار يەردىن قاراڭغۇلۇق قاچىدۇ . غەيرەت بار يەردىن قېيىنچىلىق ، جاپا- مۇشەققەت قاچىدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81456
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3203
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 03:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەيرەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 03:36:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HENRY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-19 06:54 PM  


ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32879
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12083 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 03:42:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە باشقا سەۋەپمۇ بارمىدۇ يە؟

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78288
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-4-2
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 04:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىرئەلى نىمىشقا شانلىنىپ كېتىدۇ ؟ تېڭ شۈن  سىنا توربەتلىرىدىكى جوڭگونىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى تورداشلار شىرئەلىنىڭ شانلىنىپ كېتىشىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندى .ھەتتا يارلانغان گو ئەي لۈن  قاتىرلىقلارنى كەتكۈزۋەتمەي ساق بىر ئادەمنى يەنە بىرىنجى تۈركۈمدە شاللىدى. نىمە ئۈچۈن ؟ ھەر قايسى ئچكىردىكى تورداشلارنىڭ بايان قىلىشىچىمۇ  ، بەزى ئىشلارنى [مۇناسىۋەت] بەلگىلىپ قويىدۇ .گو ئەي لۈن نىڭ دادىسى گو شى چىياڭ جوڭگو كوماندىسىغا ئوينىغان ئەلۋەتتە بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇدە .ئىككىنجى مەسىلە لۇي ۋېي ، ۋاڭ جى جى قاتارلىق ماھىرلارنىڭ ئورۇن بوشاتماسلىقى ،بۇ تەرەپتىن پۈتۈن جوڭگو مەستانىلىرى نارازى نىمە ئۈچۈن چۈنكى ھەر يىلى شۇ ئوخشاش ئادەم 2 ياكى 3 ئالمىشىپ قالمىسىلا ،راستىنى دىگەندە ئۇ يېشى چوڭ توپچىلاردا قىزغىنلىق يوق .شىرئەلىدەك جىنىنى تىكىپ ئوينايدىغان ،قىزغىن توپچىلار جوڭگو كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ دەپ ئالاھىدە باھا بەردى .ئۈچىنجى مەسىلىگە كەلسەك مەشقاۋۇل تەلىپىگە ئۇيغۇنمۇ ؟ ياڭناجىس مەشقەۋۇل شىرئەلىنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكىزىشى كۆپ دەپ شانلاپتۇ .تەلەپكە ئۇيغۇنمۇ دىگەندە شىرئەلىدە توپ كونتىرول قىلغۇچى توپچىلاردا بولۇشا تىگىشلىك ئىقتىدار سەل ئاجىز (بۇ ھەقتە شىرئەلى ئۆزى مەن ئىسپانىيەگە چىقىپ ماھارەت ئىگىلەيمەن دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن) شىرئەلى ھۇجۇم خارەكتىرلىك توپچى شىنجاڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن بىراق دۆلەت كوماندىسىدا ئۇ بۇ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالماي مەشقاۋۇلنىڭ دىگەن يېرىدىن چىىقمىدى دىيىشكە بولىدۇ .
گەپكە كەلسەك ئەينى يىللىرى ئادىلجان ئاكىمىز خەلقىرالىق مۇسابىقىلارغا چىققان ،شىرئەلىگىمۇ ئەلۋەتتە پۇرسەت بار .قەستەن دىگەندەك گەپنى ئىشلەتمەي ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەمەللەشتۈرسە ئالماي قۇتۇلالمايدۇ .
بولسا شىرئەلىجاننىڭ ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتمەستىن بېسىپ مەشىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 04:21:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ، خەلقاراغا ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىمۇ ئىتراپ قىلىپ دۆلەتلىك كۇماندىلارغا ، ئولىمپىك كۇماندىللىرىغا تاللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن تاللايدۇ . شۇ چاغدا ھەممەيلەن خوش بۇلىمىز . لىكىن مۇسابىقىگە ئاز قالغاندا بىرەر بانا سەۋەپ بىلەن شاللايدۇ . شۇ ۋاقىتتا ۋاي ئىسىت دەپ قالىمىز .
بۇ ئىشلار نەچچە مەرتەم تەكرارلاندى . چوڭ مىللەتچىلىك قاچانغىچە داۋاملىشىدىكەن ، بۇنداق شاللاشلار ، يەكلەشلەر داۋام ئېتىۋېرىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamaxibin + 10 راس گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش