|
|
|
|
تۈنۈگۈن بالىلىرىمنى ئېلىپ قەشقەر شىنخۇا كىتابخانىسى ۋە قۇتادغۇ بىلىك كىتابخانىسىنى بىرقۇر ئايلانغاندىن كېيىن ئايلانغاندىن كېيىن ۋالىي مەھكىمىسى يېنىىدكى كۆكنۇر كىتابخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئائىلە قوروسى يېنىغا يېڭىدىن ئېچىلغان « ‹ ئىنساب› بالىلار كىتابخانىسى » غا كۆزۈم چۈشۈپ بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان بۇ كىتابخانىغا قىزىقىپ ئىچىگە كىردۇق.
1- قەۋەت بالىلار كىتابخانىسى ئىكەن، بۇ يەرگە بالىلارغا ئائىت ھەرخىل تىلدىكى كىتابلار تىزىلىپتۇ ۋە بىر بوشلۇق ئايرىپ 20 چە ئوقۇغۇچى سىغىدىغان بىر دەرسخانا تەسىس قىلىپ بالىلار ئۈچۈن ساۋات چىقىرىش، تەكرارلاش سىنىپى قىپتۇ. بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس كىتابخانا ئېچىلغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇلارغا تەشەككۈرۈمنى ئېيتتىم.
2- قەۋەت « ‹ قارلىغاچ› بالىلار شاتلىق دۇنياسى» ئىكەن. بۇ يەرمۇ بالىلارغا خاس چىرايلىق بېزەلگەن بولۇپ 3 تاشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدىغان سارغايدى، لىڭگىرتاقتاق دېگەندەك ئويۇنچۇقلار تىزىلىپتۇ، ئانا- ئانىلار ۋە بالىلار ئۈچۈن كىتاب ۋە ئۇششاق ئويۇنچۇقلارمۇ شىرە يېنىدىكى كىتابجازىسىغا تىزىلغان بولۇپ پەرزەنتلىرىنى ئويناتقىلى كەلگەنلەرگە ھەقسىز ئىكەن.
ئىشقىلىپ بۇ جاينىڭ قۇرۇلغىنىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىپ يانفۇنۇم ( ئىقتىدارى تۆۋەنرەك يانفۇن) دىلا سىنغا ئالغان ئىدىم. ئۇلارنى قوللاش ۋە مەدەت يۈزىسىدىن بوشلۇققا چىقىرىپ قويدۇم.
چىقمىسا http://www.tudou.com/programs/view/wdd_RrCoznU
ياكى http://v.youku.com/v_show/id_XNTg0NjMwODQw.html دىن كۆرۈڭ
|
|
|
|
|
|