ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
قايتا ئۇچرشىش
ھېكايە
تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىم ئاخىرلىشپ يۇرتقا يېنىپ كەلدىم.ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىم چۈشكە ئايلانغان بىر مەزگىلىدە توردا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.قىز بىلەن ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە كوت-كوتتا پاراڭلىشىپ چىقاتتىم.لېكىن پاراڭلىرىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
بىر كۈنى قىز تۇيۇقىسز ماڭا:
- مەن ھاياتىم بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرغان بەختسىز قىزمەن، يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، تەلەيلىك قىزمەن. چۈنكى، ىسزدەك بىر ياخشى يىگىتنىڭ مۇھەببىتگە ئېرىشتىم ، – دېدى. مەن قىزنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتقان قاباھەتىلىك گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ‹‹جىغىدە›› قىلىپ قالدى-دە:
-نېمە؟قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپسىز؟-دېدىم جىددىيلەشكەن ھالدا.
قىز كوت-كوتىمىغا ئۇچۇر يازماي بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
-مەن ھازىر بىر خىل مىكروب بىلەن كۆرەش قىلىۋاتمەن،ھايات قىلىشىم ياكى ئۆلۈپ كېتىشمنى بىلمەيمەن،-دەپ ئۇچۇر يوللىدى.
قىزنىڭ گەپلىرىدىن بىر خىل ھاياتقا بولغان قىيالماسلىق ھەم ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.مەن قىزنىڭ ئېنىق كېسلىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە يەنە سورىدىم:
-سىز زادى قانداق كېسەلگە مۇپىتلا بولۇپ قاپىسز؟ ئۆتۈنۈپ قالاي،ماڭا بىر دەپ بەرگەن بولىسڭىز؟سىزدىن خۇش بولۇپ قالاي؟!
بۇ گەپتىن پاراڭىمىز بىر ھازاغىچە ئۈزۈلۈپ قالدى.مەن ئاللىقانداق خىياللار بىلەن ئۇچۇر ساقلاپ ئولتۇراتتىم.تۇيۇقىسز كوت-كوتتىم سايراپ كەتتى.قىزدىن ئۇچۇر كەلگەنىدى.
-مېنى كەچۈرۈڭ،مەن سىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى،ھاياتقا بولغان ئشەنچىم ھەسىلەپ ئاشقانىدى.ئەپسۇس،ساقايماس بۇ كېسەل كۈندىن-كۈنگە مېنى قېيناپ،ئەجەل گىردابىغا سۆرەپ كەلمەكتە. ھازىر ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنىم سىز بىلەن بىر قېتىم يۇز-تۇرانە كۆرۈشۇش.
-ئۇنداق بولسا مەن ھازىرلا سىزنىڭ يېنىڭىزغا بارىمەن.
مەن شۇ گەپلەرنى دەپ ئورۇنۇمدىن تۇرۇپ،قىزنىڭ يۇرتى، يەنە كېلىپ مەن تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئۆتكۈزۈگەن قەشقەرگە قاراپ يول ئالدىم.
پويىزنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتىم.كۆڭلىمدە ئاللىقانداق ھاياجانلىق،ۋەھىملىك ھېسلا مەۋج ئۇراتتى.‹‹ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە نېمە دەرمەن؟نېمە دەپ تەسەللىي بېرەرمەن؟قىز زادى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندۇ؟›› دەپ ئويلايتىم.
ئىزتىراپلىق خىياللار بىلەن پويىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگە كېلىپ قالغانلىقىنمۇ تۇيماي قاپتمەن.مانا ماڭا بەش قولدەك تونۇش شەھەر مۇھيتى.مەن تالاي ماڭغان يوللار. ئېغىر پۇتلىرىمنى ئاستا سۆرەپ خەلق مەيدانغا كەلدىم.ئۇيەر-بۇيەردە ئولتۇرغان جۇپ-جۇپ قىز-يىگىتلەر،ئۆز مەنزىلىرىگە ئالدىراش كېتىپ بارغان ئادەملەر،ھاياتتىن خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۈۋاتقان كشلەر،ئاھ،ھايات نەقەدەر گۈزەل-ھە!ھەممە ئۆز بەختنى،گۈزەلىكىنى،خۇشاللىقنى ئىزدەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
مەن ئورۇندۇقتا شىرىن ۋە ئازابلىق خىياللارنىڭ دىلىنى مەسخۇش قىلىدىغان ھىدىنى پۇراپ ئولتۇرماقتىمەن.كۆز قارچۇقۇم پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىكى كىچىككنە بىر نۇقتىغا ئۆزنىڭ ھاياجان ۋە ئاچچىق نۇرىلىرىنى چاچماقتا ئىدى.
تۇيۇقىسز بىر قىزنىڭ:
-خۇش كەپىسز،-دېگەن گېپى خىيال يېىپلىرىمىنى ئۇزۇپ تاشلدى.بېشمنى كۆتۈرۈپ قىزغا قارىدىم-دە،ھەيرانلىقىتىن نېمە دېيشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم.قىزمۇ چىرايىمىنى كۆرۈپ،بىردىنلا چىرايدىكى كۈلۈمىسرەشنىڭ ئورۇننى خىجللىق،ئىسەنگىرەش ئالدى.
قىز بىلەن مەن بىر-بىرىمىزگە نېمە دېيىشمىزنى بىلەلمەي بىر ھازاغىچە تۇرۇپ كەتتۇق.چۈنكى،بۈگۈن مەن كۆرۈشمەكچى بولغان قىز دەل ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل ئارىلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەن قىز دوستۇم مەريەم ئىدى.
ئاھ،ھايات!سەن نەقەدەر گۈزەل ۋە رەھىمىسز-ھە!
(مەزكۇر ئەسەر مەركىزى خەلق رادىئو ئستانىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ئاڭلتىلىغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-19 06:02 AM