مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2024|ئىنكاس: 14

‹ساھىبجامال›ئوغرىلار ‹‹فانتازىيلىك ھېكايە›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92689
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 10:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت


‹ساھىبجامال› ئوغرىلار


فانتازىيلىك ھېكايە



ۋۇگزال ئادەم دېڭىزغا ئايلانغانىدى.ئۆز مەنزىلىگە ئالدىراپ تۇرغان يولۇچلار بېلەت ئېلىش ئورندا قاتار-قاتار بولۇپ نۆۋەت كۆتۈپ تۇرشاتتى.بۈگۈن چاغاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلى بولغاچقا پويىز ئستانسدا ئادەملەر ھەقىقەتەن كۆپ،بېلەت ئېلىش ئىنتايىن تەس ئىدى.

مەمەت ئۈزۈن كەتكەن ئۈچرەتتە بىردەم تۇرۇپ بىقىپ ئىچى پۇشتى بولغاي چىقىر كۆزلىرىنى تۆت ئەتراپقا يۈگرىتى.‹ئوغرىغا مال كەم بولاپتۇ›دېگەندەك  تۇيۇقىسز كۆزى قاتاردا نۆۋەت كۆتۈپ تۇرغان ئالدىدىكى قىزغا چۈشتى.

ئۇ قىزغا سېچىلاپ قاراپ بىر يەردە كۆرگەندەك ھېس قىلىدىيۇ،تازا ئېسىگە ئالالماي،كاللىسىنى ئاللىقانداق خىياللار چىرمىۋالدى.

مەمەت ئۆتكەن ئايدا بۇ قىزنى بىر كېيىم-كېچەك تاللا بازىرىدا تۇنجىقېتىم كۆرگەنىدى. شۇ چاغدا قىز قۇندۇزدەك چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ،ئالدىغا تاشلىۋالغان، ئۇچىسىغا ئاق نوركا چاپان كىيگەن، دولىسىغا ئاق سومكا ئاسقان، پۇتىغا چۇچۇلۇق يۇمشاق ئۇزۇن ئۆتۈك كىيگەن،يۈزى ئازراق تاتىراڭغۇ، كۆزلىرى قاپقارا، ئاغزى ئويماقتەك ئىدى.بىر كۆرگەن كشنىڭ دىققتىنى ئۆزگە تارتاتتى.

مانا بۈگۈن بۇ قىز مەمەتنىڭ ئالدىدائۆچىرەتتە تۇرغانىدى. مەمەت قىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈشكە شۇنچە ئىنتىلىپ باقتى-يۇ، پەقەت قىزبېلەتنى ئېلىپ بولۇپ قايتقاندىلا ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى كۆرۈش نىسىپ بولدى. قىزچاق مەمەتنىڭ ئۆزىگە دىققەتقىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى بولغاي، شۇ زامان يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ قىزغا بىر نېمە دېمەكچى بولۋىدى،بۇ چاغدا بىلەت ساتقۇچى ئايال:

-سىزگە قەيەرنىڭ بېلىتىنى كېسىمەن؟-دەپ سوردى.

-ئۈرۈمچىنىڭ بېرىپ-كېلىشنىڭ بېلىتنى ئالىمەن،-دېدى مەمەت بېلەت ساتقۇچى ئايالغا ئاليىپ قاراپ.ئۇ ئۈرۈمچىگەبېرىپ-كېلىشنىڭ بېلىتىنى سېتىۋىلىپ پويىزنىڭ يەنە بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن يولغا چىقىدىغانلىقنى ئۇقتى-دە، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋۇگزال ئەتراپىدىكى بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ، قورسىقغا ئازىراق بىر نەرسە يەپ پويىز كۆتۈش زالغا يېنىپ چىقىتى. ئۇ بىر ‹‹قىزىل كالا ئېچىملىكى›› ئېچكەچ ئۇياق-بۇياققا مۇكدەك ئۆتۈشىۋاتقان يولۇچىلارغا، بولۇپمۇ مودا كىيىنگەن،چىرايىلىق قىزلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقىسز كۆز ئالدىدا ھېلىقى قىز زاھىر بولدى-دە،يۈرىكى ئەنىسز سوقۇشقا باشلىدى.

قىز پويىز كۆتۈش زالىنىڭ بىر بولۇڭىدا چىرايلىق كېيىنگەن بىر قىز بىلەن ئاللېقانداق ئشلار ئۈستدە قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى.بۇ چاغدا مەمەتنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى-دە، بىر ئامال قىلىپ قىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ،پويىزغا چىقىشتىن بۇرۇن ئشنى توغرلىماقچى بولدى. ئەمما،قىزچاق ئۆزىنىڭ پاراڭى بىلەن بەنىت ئىدى.مەمەتكە قاراشقا ھەپسلى يوق ئىدى.

بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن قىز يېنىدىكى قىزدىن ئايرىلىپ،پويىزدا يېيش ئۈچۈن ۋۇگزال تاللا بازىرىغا كىرىپ كەتتى.مەمەتمۇ دەرھال ئورۇندىن تۇرۇپ،تاللا بازىرىغا قاراپ ماڭدى.قىز تاللا بازىردىن بىر خالتا يېمەكلىكىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.مانا ئەمدى مەمەت ئۇنىڭغا سايىگە ئوخشاش ئەگشكەنىدى.قىز ئېرەنسىز ھالدا پويىز توختايدىغان ئورۇنغا قاراپ ماڭدى.مەمەتىمۇ ئەگىشىپ پويىز توختايدىغان ئورۇنغا كىردى.دەل مۇشۇ چاغدا، بىرسى مەمەتنى سوقۇۋەتكەندەك قىلدى،ئۇنى سوقۇۋەتكەن ئادەم مودا كېينىگەن بىر قىز ئىدى.

مەمەت بۇ قىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلاتتى.لېكىن قەيەردە كۆرگەنلىكىنى دەرھال ئېسىگە ئالالمىدى. قىز تاتلىق بىرنى كۈلۈپ قويۇپ:

ـ كەچۈرۈڭ،خىيال بىلەن مېڭىپ قاپتىمەن،-دېدى قىزارغان ھالدا.

- ھېچ ۋەقەسى يوق.بۇنىڭىدىن كېيىن دىققەت قىلىپ مېڭىڭ،-دېدى مەمەت قىزنى قەيەردە كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ. ‹‹كىمىدۇر بۇ،ئەجەب چىرايلىق قىز ئىكەن،قەيەردە كۆرگەندىمەن؟››دېگەندەك خىياللار ئسكەنجىسدە كېتۋاتقان قىزنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇراتتى. ساھىبجامال قىز بولسا تېز-تېز قەدەملىرى بىلەن ئادەملەر توپىغا سىڭىپ كەتتى.بۇ قىز پويىز كۆتۈش ئۆيدە ئۆچرەتتە تۇرغاندا كۆرگەن قىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان قىز ئىدى.

مەمەت خىلى بىر ھازاغىچە تۇرغان جايدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى.ئۇ جېلە بولغان ھالدا بىر تال تاماكا چېكىش ئۈچۈن يانچۇقغا قولىنى سالغانىدى، يانچۇقى قۇپقۇرۇق بولۇپ چىقتى. يانچۇقىدا پورتمالىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا تاتىرىپ كەتتى. ‹‹پورتمالىنى قەيەردە چۈشۈرۈپقويغاندىمەن›› دەپ ئويلىدى. پورتمالدا پۇل، ئىناۋەتلىك كارتا، مائاش كارتىسى، كىملىك،خىزمەت كىنىشكىسى قاتارلىقلار بار ئىدى.ئۇ توساتتىن بايا ئۆزىنى سوقۇۋەتكەن ھېلىقى قىزنى يادىغا ئالدى-دە، كاللىسغا: ‹‹ شۇقىز پورتمالىمنى ئوغرىلىۋالىدى››دېگەن خىيال كەلدى.

مەمەتنىڭ كاللىسغا: ‹‹ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ھېلىمۇ ياخشى پويىز بېلىتى يەنە بىر يانچۇقۇمدا ئىكەن›› دېگەن خىياللار كەلدى.لېكىن بۇ چاغدا ئاللابۇرۇن كېچكەنىدى.

ئۇ دەرھال ۋۇگزال ساقچىسىنى تېپىپ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى.ساقچىلار بولغان ۋەقەنى، قىزنىڭ تەقى-تۇرقىنى بىر قۇر سۈرۈستۈرپ خاتىرلەپ قويدى.

پويىز بېكەتكە كىرىپ ئاستا توختىدى.يولۇچىلار ئالدىراش ھالدا پويىزغا چىقىۋاتاتتى.مەمەتمۇ بېشغا كەلگەن بۇ پشكەنلىكنى ئويلىغاچ پويىزغا قاراپ ماڭدى.ۋاگۇن ئىچىدە ئولتۇرغۇدەك ئورۇنمۇ يوق ئىدى.ئۇ ئورۇن ئىزدەپ كۆزلىرىنى ۋاگون ئىچىدىكى بوش جايلارغا يۇگۇرۈتتى.

تۇيۇقىسز ئارقا رەتتە تېلېفۇن ئويناپ ئولتۇرغان بىر قىزنى كۆردى-دە،يۈرىكى ئەنىسز سوقۇشقا باشلىدى.بۇ قىز دەل بايا ئۇنى سوقۇۋەتكەن قىز ئىدى.ئۇ بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ قىزنىڭ يېنىغا كەلدى. قىزچاق پۈتۈن زېھنى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتقاندەك قىلاتتى. قىزنىڭ يېنىدا بىر بوش ئورۇن بولۇپ، مەمەت ئاستا كېلىپ ئولتۇرۈپ قىزغا:

-مەن باياتىندىن بېرى سىزنىئىزدەۋاتقانتىم، - دېدى. قىز بىر خىل ئىپادىسىز ھالدا مەمەتكە قارىۋېتىپ:

- مەن سىزنىتونۇمايمەن،- دەپ جاۋاب بەردى.

- تونۇيسىز،باياملا كۆرۈشكەن ئىدۇق،-دېدى مەمەت ئىزتىراپلىق خىياللار بىلەن.  

قىز ئېغىر بىر ئۇھسىنىۋېتىپ، تېلېفۇننىيانچۇقغا سېلىپ قويۇپ:

- بۇ سىزنىڭ قىزلارنى ئوۋلاشتىكى ئۇسۇلىڭىزمۇ ؟ مېنى ئەخمەق قىلماقچىمۇ، مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟-دېدى ئاچچىقلانغان ھالدا.

- مېنىڭ پورتمالىمنى خاتا ئېلىپ قويۇپىسز، - دېدى مەمەت قىزنىڭ كۆزگە مىختەك تىكىلىپ تۇرۇپ.

- نېمە دېدىڭىز،مەن سىزنىڭ پورتمالىڭىزنى ئېلۋالىدىغان ئوغرى بولمىسام،قانداقسىگە ئېلىپ قويدىكەنمەن؟-دېدى قىز تېخمۇ ئاچچىقلانغان ھالدا.

- پورتمالىمنى سىز ئالدىڭىز، ئەگەر قايتۇرۇپبەرسىڭىز بۇ ئىشلارنى ساقىچغا دەپ يۇرمەيمەن، قايتۇرۇپ بەرمىسىڭىز سىزنى ساقچىغا تاپشۇرۇپبېرىمەن،-دېدى مەمەت پوپوزا قىلىپ.

-ماقۇل،سىزنىڭ پورتمالىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي،-دېدى قىز.

قىز ئاق سومكىسىنى تىزىغا قويۇپ ئىچىدىن بىر پورتمالنى چىقىرىپ مەمەتكە تەڭلىدى.

مەمەت پورتمالنى قولغا ئېلىپ:

-ياق، بۇ مېنىڭ پورتمالىم ئەمەس، - دېدى.

بۇ چاغدا پويىز تېخى قوزغالمىغانىدى.تۇيۇقىسز قىز بىر نەرسىدىن ئۇركىگەن كېيىتەك ئورنىدىنتۇرۇپلا قاچتى،مەمەت تاپ بېسىپ قىزنىڭ كەينىدىن قوغلىدى.قىز پويىزدىن چۈشۈپ بېكەت ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى.مەمەتمۇ ھاسىراپ-ھۆمىدەپ قىزنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ ئەنسز ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

-ئوغرىنى تۇتۇڭلار، ئاۋۇ ئادەم پورتمالىمنى ئېلىپ قاچتى.

مەمەتنىڭ ئالدىدا قېچىپ كېتۋاتقان ھېلىقى قىز تۇيۇقىسز كۆزدىن غايىپ بولدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئالدى تەرەپتە بېكەت ئىچىنى چارلاۋاتقان پۇيىز ساقچسى مەمەتنى تۇتىۋالدى.بۇ چاغدا مەمەت قولىدا ئۆزىگە تەئەللۇقبولمىغان ھېلىقى پورتمالنى مەھكەم تۇتۇۋالغانىدى.

بۇ بىر ئايالچە پورتمالبولۇپ، پورتىمال پارچە-پۇرات پۇل، ئىناۋەتلىك كارتا دېگەندەكلەرگە لىق تولغانىدى.

-مېنىڭپورتمالىمنى ئالغان دەل مۇشۇ ئادەم ،- دېدى قىز.

مەمەت ئۆزىنى قوغلاپ كەلگەن بۇ قىزنىڭ باشقا بىرىسى ئەمەس بېلەت ئېلىش ئورندا ئازىراق مۇڭداشقان نازىنىن ئىكەنلىكىنى بىلدى-دە،شۇئان كاللىسغا ئۆزنىڭ پورتمالىنى ئېلۋالغان قىزنىڭ مۇشۇ قىز بىلەن پويىز كۆتۈش ئۆيدە پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقى كەلدى.

مەمەت ساقىچغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.ساقچى مەمەتنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلدى،ئەپسۇس ئۇنىڭدا كىملىكمۇ يوق ئىدى. مەمەت ساقچىلارغا قايتا-قايتا كىملىكى سېلىنغان پورتمالىنى بىر قىزنىڭ ئوغرىلىۋالغانلىقنى دېگەن بولسىمۇ ساقچىلار ئۇنىڭغا ئشەنمىدى.شۇنىڭ بىلەن مەمەتنى ساقچىخانغا ئېلىپ كەتتى.

مەمەت ‹‹ئوغرى››لىق جىنايتى بىلەن تۇرمىدە يېتىپ چىقىتى.ئۆيگە كەلگەندە بىر پارچە پوسۇلكا تاپشۇرۇۋالدى.پوسۇلكا ئىچىدە ئۆزىنىڭ يۈتكەن پورتمالى ۋە پورتمال ئىچىدىكى نەرسىلىرى تۇراتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-19 06:01 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95839
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 03:11:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس

ھەر ۋاقىت ئالغا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9686
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2077 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 03:20:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   شەۋھەت پەرەسلەرنىڭ كۆزىگە چىرايىلىق قىزلار تۇنۇشتەكلە بىلىنىدۇ، خۇددى باياتتىن كۆرگەندەكلە ھىس قىلىدۇ  دەۋاتقانتى بىرسى....  ماۋۇ فانتازىيلىك ھېكايىنى ئۇقۇپ  ئۇنىڭ سۆزى ئىسىمگە كىلۋاتىدۇ....  

بۇ جاھان بىز ئۈچۈن  بىر ئۆتەڭ خالاس...   

www.qirah.com چىراغ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4868
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 06:21:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئون نوچىدىن بىر پەمچى يامان.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ياخشىلىق قىل يام

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7427
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:25:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى يامان ئەمەس  باشلاندىغۇ  بۇ ھېكايە     داۋامىغا تەشنا مىز

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 12:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلسەك بولغۇدەك

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3745
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 12:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akkogul يوللىغان ۋاقتى  2013-7-19 10:25 AM
خېلى يامان ئەمەس  باشلاندىغۇ  بۇ ھېكايە     داۋامىغا تەش ...

بىر ئۇقۇپلا مىكرو ھىكايە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمدىڭزما؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3745
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 12:43:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ياخشى ئەسەركەن،قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95513
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 01:58:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 06:00:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساھىپجامال ھىيلىسىگە ......................

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش