مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12161|ئىنكاس: 56

ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش فىلىمىدىكى كۈڭۈل ئازابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86568
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 411
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-10-28
ئاخىرقى: 2014-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 09:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش فىلىمىدىكى كۈڭۈل ئازابى

ئەمدىلەتتىن تۇلۇقسىز ئوتۇرا مەكتەپكە چىققان بىر بالا تېلىۋېزۇر كۈرۋېتىپ، ئاپىسىدىن سوراپ قاپتۇ:سەككىنزىنجى ئارمىيە رەگەتكە،ھەرە كۈنەگىسىدىن پايدىلىنىپ ياپۇنلارنىڭ توپ-زەمبىرەك،ئايرۇپىلانلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدىغان تۇرۇقلۇق يەنە سەككىز يىل ئۇرۇش قىلامدۇ؟ بالىنىڭ لوگىكىسىغا ئاساسلانغاندا ئۇلار ئۇيۇنچۇق قىلىپ ئوينىغان رەگەتكىدىن خىسلەتلىك ئوق چىقىدۇ؛ھەرە كۈنەگىسىدىن سېھىرلىك ھەرىلەر چىقىدىغان بۇلۇپ، ئايرۇپىلان،توپ-زەمبىرەكتىنمۇ كارامەت ئىدى.ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى تېلىۋىزىيە-تىياتىرلىرى تارىختىن ھالقىپ ئۈتۈپ،ئەمدىلىكتە كۈڭۈل ئېچىشتىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى بۇزۇشقا قارپ يۈزلەنگىلى تۇردى.ئالدىنقى ھەپتە بۇ خىلدىكى تېلىۋىزىيە-تىياتىرلىرى تەپ-تارماستىن «ھەممە ياقتۇردىغان تىياتىرلار»دەپ تەرىپلەندى.مۇشۇ يېقىنقى نەچچە يىلدا ياپۇنغا قارشى تېلىۋىزىيە-تىياتىرلىرى بازاردا خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگەللىدى.2012-يىلى جوڭگۇ مەدىنىيەت تارماقلىرى تەستىقلىغان يېقىنقى زامان ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان فىلىم 302 بۇلۇپ،ئىنقىلابى فىلىملەر يېرىمدىن ئاشىدۇ.بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكىلىرى بولسا ياپۇنغا قارشى باش تېما قىلىنغان فىلىملەر. 2013- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا خېڭدىيەندە 40-50فىلىم ئىشلەش گۇرۇپىسى بىرلا ۋاقىتتا ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى.ياپۇنغاقارشى فىلىملەرنى سۆرەتكە ئېلىش كۆپەيسە كۆپەيدىكى ئازايمىدى.

d24515ce36d3d53993a120983b87e950342ab07f.jpg

بىزشۇنىڭغا ئىشىنىمىز ،رەگەتكە،ھەرە ئۇۋىسى قاتارلىق نەرسىلەر شۇ جاپالىق يىللارداياپۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرال قىلىنغانلىغى راست.ئەممائايرۇپىلان،توپ-زەمبىرەكلەرنى ۋەيران قىلىۋىتىلەيدىغانلىغى كۆڭلىمىزنى تازائاچالمىدى.بۇنىمۇ كۆڭۈل ئېچىش دەيمىزمۇ ئەمدى؟كىيىنكى ئەۋلادلارنى ئالدىنقىلارنىڭ كۈلۈپ-يايراپ غەلبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغانلىغىغا ئىشەندۈرۈش، ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن گۇمانلاندۇرۇش،ئۇرۇشنى كۇمىدىيەلەشتۈرۈش،بۇ دەل «كۆڭلۈڭنى ئاچىمەن دەپ ئازاپقا قويدۇم »دىگەنلىك بولماي نىمە؟

d5b49d16fdfaaf51a88daee48d5494eef11f7aa9.jpg

كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىدىلا خاتا ئىش ئەمەس. كۆڭۈل ئېچىش ھازىر بىز ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان،ئەڭ ئىنتىلدىغان سۆزلەرنىڭ بىرى. كۆڭۈل ئېچىش يەنە تېلىۋىزىيە-تىياتىر،كىنو-فىلىم بۇ خىلدىكى تاۋارلاردا تەكىتلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل.بۇنىڭ ئوينىغان رۇلىغائۇنى-بۇنى دىيىش ئارتۇقچە.تىگى-تەكتىدىن قىلىپ ئېيتقاندا،كۆڭۈل ئېچىش بولسائىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن جۇڭگو تەرەققىياتنىڭ نامايەندىسى،كۆڭۈل ئېچىش جۇڭگولۇقلارنى ھەقىقى تۈردىكى خوشاللىقتىن بەھرىمان قىلدى.ئەمما كۆڭۈل ئېچىش چەكتىن ئېشىپ كېتىپ،ھەتتا غۇرۇرنى،جاننى،ئەقىدىنى كۆڭۈل ئېچىشقا مۇلازىمەت قىلدۇرىۋەتسەك ،ئۇنداقتا بۇ بىر ئەخلاقسىزلىك بۇلىدۇ.ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشىنى ئېلىپ ئېيتساق،بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ قانلىق تارىخىنى ئۇيۇننىڭ ئورنىدا كۈرۈش خۇددى پۇلنى دەپ يۈزنى تۈكۈش،جاندىن كېچىش دىمەكتۇر.

cecd8535e5dde711c4bc6cada6efce1b9c1661a9.jpg

بۇ ۋاستە تاللىماي قالايمىقان تۇقۇپ چىقىرىلغان، كۆڭلىمىزنى ئاچالمىغان فىلىملەر قارىماققا ھەممىسى پۇل ئۈچۈندەك قىلسىمۇ،ئەمىلىيەتتە تېلىۋىزىيە-تىياتىر بازىرىنىڭ چەكلىمىسى ۋە بەلگىمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان.تېلىۋۇزۇردا ئالتۇن ۋاقىىتتا تارقىتىلىدىغان تېلىۋىزىيە-تىياتىرلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان بەلگىلىمە ۋە چەكلىمىسى بار.ئەمما ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش تېمىسىدىكى فىلىملەر بۇنىڭ سىرتىدابولغاچقا،تەكشۈرۈشتىن ئەڭ تىز، ئەڭ بىخەتەر ئۈتىدىغان فىلىملەر بۇلۇپ قلغان.چۈنكى ياپۇنغا قارشى تېما باش مىلودىيە،ھەم بىخەتەر،تېلىۋىزىيە ئىستانسى تارقىتىشنى بەكراق خالايدۇ.كۈرۈش نىسپىتى يۇقۇرى بولسا ،ئېلان كىرىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.شۇنداق قىلىپ ئالتۇن ۋاقىتتا قاناللاردا« ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى » ئەجەپنىلەرلىك ئىش ئەمەس. يۇقۇرى كۈرۈش نىسپىتىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇلنى قولغا كەلتۈرۈش دىگەنلىك.كۆڭۈل ئېچىشتىكى بۇ پاتپاراقچىلىقتا ، ئەڭ چوڭ پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،مانا مۇشۇ خىلدىكى رەگەتكە بىلەن تانكا ئاتىدىغان، قول بومبىسى بىلەن ئايرۇپىلان پارتىلىغان كۈرۈنۈشلەر ئىجاد قىلىندى.

ddf310385343fbf29cb08978b17eca8064388f7f.jpg

ئىقتىسادى ئۈنۈم ئۈچۈن ئېيتقاندا ،ئالتۇن ۋاقىتتا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش فىلىملەر تازا پايدىغا ئېرىشتى.قەدىمقى زامان تەسۋىرلىنىدىغان فىلىملەر تەستىقتىن ئۈتۈشنى كۈتىدىغان،جاسۇسلۇق باش تېما قىلىندىغان فىلىملەر ئالتۇن ۋاقىتتا قۇيۇش چەكلنىدىغان بەلگىلىمە ئاستىدا ،ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش فىلىملىرى بۇ داغدام يولداتوسالغۇسىز ئىلگىرلەپ،پۇللىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشتى.بۇنداق پايدىلىق شارائىتتا فىلىم ئىشلىگۈچىلەر يەنە باشقا ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇرارما؟

ئويلاپبېقىڭلار، ناۋادا ئۇنچىۋالا كۆپ چەكلىمە بولمىسا،ناۋادا ھەممە «گۈللەر» تەكشى «ئېچىلسا»،ناۋادا كۆپرەك يول چىقىپ قېلىپ، ئۇنچىۋالا كۆپ چەكلىمە ۋە بەلگىلىمە بولمىسا،تېلىۋىزىيە-تىياتىرى ئىشلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش قولۋىقىغائېتىپ،بىر-بىرىگە يول بەرمەي كۆز ئالايتىپ يۈرەرمىدى؟

مەنبە:«فېليەتۇنلار»ژورنىلى 2013-يىلى 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-19 05:59 AM  


hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 02:13:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 02:20:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79036
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1366
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-4-18
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 02:46:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدە ئۇرۇشنى گۇمىنداڭ قىلىدۇ.پاكىت بۇلسا كۆرسىتىپ قۇيسىڭىز كۆزىمىز ئىچىلىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6035
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1019 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 06:42:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاۋشىيەن رەھبىرى قورال تەڭلىسە ئامرىكا ئايروپىلانلىرى قاچقان يەردە،شۇنچە چوڭ جۇڭگۇنىڭ رەگەتكىلىرى ئايروپىلان پارتىلىتالمىسا سەت تۇرا؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2571
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10809
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 5744 سائەت
تىزىم: 2010-6-12
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 09:40:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DUL يوللىغان ۋاقتى  2013-7-19 02:46 AM
نەدە ئۇرۇشنى گۇمىنداڭ قىلىدۇ.پاكىت بۇلسا كۆرسىتىپ قۇي ...

ياپونغا قارشى ئۇرۇشنى گومىنداڭ (ئەلۋەتتە كومپارتىينىڭمۇ تۆھپىسى بار، لېكىن ئاساسلىق تۆھپە يەنىلا گومىنداڭنىڭ) قىلغان، تورلاردىن ئاختۇرۇپ كۆرۈڭ!

oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:28:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2554 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:30:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرە يەيدۇ،قاغا چوقۇيدۇ...

tamaxibin بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:42:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:46:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tamaxibin يوللىغان ۋاقتى  2013-7-19 10:42 AM
ھەي بىچارە نادانلار!!!ئاتالمىش ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ب ...

ماۋۇ ئىنكاسنىڭ جېنى بار ...بۇ ئىنكاسنىڭ  پۇتى بولسا ماڭاتتى ...

خوش  مىسرانىم ساڭا قىيالمايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش