|
|
|
|
شىنجاڭ ‹پوتبولچىلار جەميىتى لو ڭقىسى›نى تالىشىش موسابىقىى ئۆتكۈزۈلمەكچى
ئاپتونوم رايونلۇق ھۇكۇمەتنىڭ ‹شىنجاڭ ياش–ئوسمۇرلەر پوتبول ھەركىتىنى كوچەيتىش ›خىزمىتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ،كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتى ،ھەمدە رايونىمىزنىڭ پوتبول ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇش ،ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت- تەنتەربىيە تورمۇشىنى بىيىتىش ئۈچۈن،شىنجاڭ پوتبولچىلار جەمئيىتى 8–ئاينىڭ 13–كۇنىدىن 19–كۇنىگىچە قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا ‹شىنجاڭ پوتبولچىلاربىرلەشمىسى لوڭقىسى›نى تالىشىش پوتبول موسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى.موسابىقە شىنجاڭ پوتبولچىلار جەمئيىتى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلىدۇ. شىنجاڭ پوتبول ھەۋەسكارلىرى جەمئيىتى ئۆز ئۆستىگە ئالىدۇ.
1998- يىلى "يۈسۈپ ئىمىن " لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈپ خەلقىمىزگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان شىنجاڭ پۇتبۇل مەستانلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ھاجى ئىمىن ئاكىمىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئاساسلىق كىشىلەردىن بولۇپ تاكى ھازىرغىچە دىيارىمىزنىڭ پۇتبۇل ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ خەلقىمىزنىڭ پۇتبۇل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاز بولمىغان قان تەرىنى تۆكۈپ كەلمەكتە . ئۇ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىمۇ ئۆزى نۇرغۇن كۈچ سەرىپ قىلىپ مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ .
مۇسابىقىگە تىزىملاتقان كوماندىلاردا بولسا دىيارىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرى جوڭگۇ ھەر دەرىجىلىك پۇتبۇل مۇسابقىلىرىگە قاتنىشىپ توپ ئويناۋاتقان بارى ، ئەرافات ، ئىلھام ... قاتارلىق پۇتبۇل چولپانلىرىمىزمۇ بار بولۇپ . مۇسابىقىدە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلغۇسى !
مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن : شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى
مۇسابىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن : شىنجاڭ پۇتبۇل مەستانىلىرى جەمئىيىتى
تور تەشۋىقاتىدا : چىمبۇلاق تورى (http://Sports.Qimbulak.Com)
تەشۋىقاتتا ھەمكاشلاشقۇچى تور بېكەتلەر :
شىنجاڭ ئۇلىنىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ، نۇر تورى (www.nur.cn) ، مىسرانىم تورى (www.misranim.com) ، كارۋان تورى (www.karwan.cn) ، ئانا تۇپراق تورى (www.anatuprak.com) ، پۇتبۇل تورى (www.putbol.cn) ، پۇتبۇل تەنەپپۇسى ئالاھىدە تور- تېلېۋىزىيە پروگىراممىسى (http://tenepus.qimbulak.com)
مۇسابىقە تەپسىلاتلىرى ۋە باشقا ئۇچۇرلار يۇقارقى تور بېكەتلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ . دىيارىمىز پۇتبۇلچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە پۇتبۇلنى قىزغىن سۆيىدىغان دوستلارنىڭ ئۆزئارا يەتكۈزۈپ ، تارقىتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
|
|
|
|
|
|