ھەقىقى ھېسسىيات - سېغىنىش
خىيالى
تەقدىر ئەنە شۇنداق.....
مەن تەقدىرگە باغلانغان بەندە،تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى بۇ دۇنيادىكى ھەممە ،ھەممە ئىشلىرىم ھەتتا سېنى سېغىنىش ئوتىمۇ ، ئازابىمۇ تەقدىرىمگە پۈكۈلۈپ بولۇنغان.شۇڭا سېنى سېغىنماي دېسەممۇ سېغىنىمەن.بۇ ھەقىقى ھېسسىيات،يوشۇرساممۇ بەرىبىر كۆزلۈرۈم ھامان سېنى سېغىنىدىغانلىقىمنى ئوپئوچۇق ئاشكارا قىلىپ تۇرىدۇ.
سېنى سېغىنىمەن،مېنى سېغىنمىساڭمۇ.چۈنكى تەقدىر بۇ سېغىنىش ئوتىنى،ئازابىنى ساڭا ئەمەس ماڭا يېزىپتۇ.
سېغىنساممۇ ئامال قانچە....
سېغىنىش ئوتى،ئازابى بەك يامان ئىكەن.بۇنىڭغا بەرداشلىق بەرمەي ئامال يوق.سېنى سېغىنپ كېچىنى تۈنگە ئۇلىماي ئامال قانچە.ئۇيقۇغا زورلىساممۇ سېغىنىش ئوتى مېنى كۆيدۈرمەكتە،بۇ ئوتتا كۆيمەي يەنە ئامالىم يوق.
كۈندۈزى ھەم كېچە سېنى سېغىنىپ ئازاپ چەكمەكتىمەن،بۇ ئازاپ ئوتلىرى كۈچ-قۇۋۋىتىمنى،ئەقلىمنى،جىسمىم
نى كۆيدۈرۈپ،كۈلۈمنى كۆككە سورىسىمۇ،جان چىقمىسا بۇ سېغىنىش ئوتىدىن،ئازابىدىن قۇتۇلۇشقا ئامال يوق.
تەقدىرەم سېغىنىش ئوتىنى پۈكۈپ،بۇ ئوتنى مەندىن ئېلىپ تاشلاشنى پۈكمىگەن بولسا،يەنە سېنى سېغىنماي ئامالىم يوق،سەن مېنى سېغىنمىساڭمۇ.
سېغىنىش ئۇ چىن مۇھەببەت...
نېمە ئۈچۈن سېنى سېغىنىمەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ سېغىنىش ئوتۇڭدا ئازاپ چېكىپ،ھەممىنى ئۇنتۇپ،ئەس-يادىم سەندىلا قالىدۇ؟
بۇنۇڭغا ھەر قانداق بىر ئەقىل شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇكى،سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن.!!!!!!!!
شۇنداق سېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.چىن قەلبىمدىن سېنى ياقتۇرۇپ قاپتىمەن.بۇمۇ تەقدىر پۈتۈكى.
بۇ پۈتۈك ھەۋەس ياكى ئىشرەت ئەمەس،بەلكى ھەقىقى چىن قەلبىمدىن ئۇرغۇپ چىققان مۇھەببەت يالقۇنى.
بۇ مۇھەببەت يالقۇنى ئەلۋەتتە سېغىنىش ئوتىنى ياندۇرۇپ،مېنى ئازاپلاپ جانىمنى قىينىماقتا.بۇنى پەقەت
چىن يۈرەكتىن چىققان مۇھەببەت يالقۇنى سېغىنىش ئوتىنى ياندۇرۇپ،جانلىرىنى قىيناۋاتقان ماڭا ئوخشاش
چىن ئاشىقلارلا ھېس قىلالايدۇ ۋە چۈشىنىپ يېتىپ،ھەي سېغىنىش ئوتى،قاچان ئۆچەرسەن دەپ دۇئا قىلىشىدۇ.
ھەقىقى ھېسسىيات-سېغىنىش...
بۇرۇن باشقىلارنىڭ بىۋاپا يارى ئۈستىدىن ماڭا سۆزلەپ بەرگىنىدە،ئۇلارغا تەسەللى بېرىش،كەيپىياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن،ھازىرىقى ھېسسىياتىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن.ھېسسىياتىڭىزغا ئورتاقلىشاي،بۇ ئازاپلىق ھېسلارنى بىرلىكتە چىقىرىپ تاشلايلى.بۇنۇڭدىنمۇ ياخشى تەقدىر سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ،ھەقىقى مۇھەببەت سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ،بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ۋاقىت كېتىدۇ،ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ،تەقدىر ھامان سىزگە كۈلۈپ باقىدۇ،چۈنكى ئازاپلىق قايغۇ كەتتى،كەينىدىن ئەلۋەتتە كۈلكە كېلىدۇ،بۇنىڭغا ئىشنىڭ،ئىشلارنى تەقدىر ۋاقتىغا قويۇپ بېرىڭ.دېگەندەك گەپلەر قىلغان ئىدىم.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان سېغىنىش ئوتىنى ھېس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ھەقىقى ھېسسىياتنىڭ سېغىنىش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىپتىمەن.
شۇنداق ،ۋاپاسىز ياردىن ئاغرىنىشنىڭ ئۆزى دەل شۇ ۋاپاسىزنى سېغىنىش ئوتى،ئازابى. دېمەك ھەقىقى ھېسسىيات ئاغرىنىش ئازابى ئەمەس سېغىنىش ئازابى.
سېغىنىش ئازابىدا يۈرگەنلەرنىڭ قەلبىگە ئازراق بولسىمۇ دەرمان بولغان بولساممۇ،ئەمما ئۆزۈمگە كەلگەندە بۇلار ئاقماي قالدى.خۇددى دوختۇر ئۆزىنى ئوپراتسىيە قىلالمىغاندەك،مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ سېغىنىش ئوتىدا كۆيۈپ
يارلانغان قەلىب زەخمەمنى ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالىيالمىدىم،ھەتتا باشقىلارنىڭ قەلىب زەخمىسىگە مەلھەم قىلغاندەك مەلھەم قىلساممۇ،ماڭا كەلگەندە ئۈنىمى بولمىدى.دېمەك بىردىنبىر ئۈنۈملۈك دورا سەن ئىكەنسەن.
سېغىنىمەن سېغىنمىساڭمۇ....
مەن تا ھازىرغىچە ئۆيۈمنى،ئۆيۈمدىكىلەرنى ۋە ئۆزۈمنىلا سېغىنىپ كەلگەندىم.قاچاندىن بېرى تەقدىر پۈتىكى بىلەن سېنى تونۇدۇم،بىلدىم.ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ تەقدىرەمدىكى سېغىنىش ئوتى،ئازابى ئاستا-ئاستا ماڭا يېقىنلاپ كەلگەن ئىكەن.ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ،ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ،مەن بۇ سېغىنىش ئوتى پىلدىرلىغاندىلا ئۆچۈرۈپ تاشلايتىم.ئوت ئۇلغايغاندا ئۆچىرىمەن دېسە،تېخىمۇ ئۇلغىيدىكەن.
ئەلۋەتتە بۇ ئوتنىڭ ئازابىنى بەلكىم سەنمۇ تارتىپ،چىداشلىق بېرەلمەسلىكىڭ مۇمكىن.ئەنە شۇ ۋاقىتتا مېنى چۈشىنىپ يېتىسەن ھەم سېنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى بىىلپ يېتىسەن.بىراق مەن سېنىڭ بۇ
سېغىنىش ئوتىدا،ئازابىدا قالماسلىقىڭنى ئۇلۇغ ئىگەمدىن ھەركۈنى تىلەيمەن.ئازابنى مەنلا تارتىپ كېتەي،ھەتتاكى سېنىڭ ئازابىڭنىمۇ قوشۇپ.مەيلى سەن ھېس قىل ياكى ھېس قىلما،سەن مېنى سېغىنمىساڭمۇ مەن سېنى سېغىنىمەن ھەركۈنى،ھەر دەقىقە.
خىيالى(ئىجادىيەت)
ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە،تور بەتلەرگە يوللىماڭ.
[media=x,500,375][/media]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا HY@Li تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-18 01:52 AM