مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1785|ئىنكاس: 2

ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟ (مۇقەددىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 09:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوكتۇر يۈسۈف قەرزاۋى
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىدرىس


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار! دەۋرىمىزدىكى يېتۈك ئالىم، فەقىھ، مۇجتەھىد، دوكتور يۈسۈف قەرزاۋىينىڭ: «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» ناملىق ئەسىرىدىن مۇنبەردىكى ئوقۇرمەنلەرگە يازما تەييارلىدىم، كىتاپتىكى مەزمۇنلار ئاللاھ نېسىپ قىلسا داۋاملىق يوللىنىدۇ.

تەرجىماندىن كىرىش سۆز:

دەرۋەقە، ھاياتتا ئىنسانلار مەيلى قانداق ئىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھامان پائالىيەت ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت ئىش قىلىشلا ئەمەس، بەلكى قايسى ئىشنى قىلىش، قانداق قىلىش، قاچان قىلىش مەسىلىسىدۇر. نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىش؛ قىلماقچى بولغان ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىلگىرى ـ كېيىنلىك تەرتىپىنى بىلىش قىلغۇچىدىكى سالاھىيەتنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى بولۇپ، مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشتا يېتەرلىك سەۋىيە ۋە شۇنىڭغا سوڭدىشىپ كەلگەن سالاھىيەت شۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىكى مۇھىم شەرتلەردىن بىرى.
دۇرۇس، «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» مەسىلىسى ھازىر دۇنياۋىي بىر مەسىلىگە ئايلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئاۋۋال نېمە قىلىش، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھاياتتىن قانداق پايدىلىنىش» توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە ئوخشىمىغان قىممەتقاراش مەپكۇرىلىرى ئاساسىدا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنمۇ بولدى. مۇئەللىپ بۇ كىتابتا «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» مەسىلىسىگە قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىلمىي پاكىتلار ئاساسىدا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بۇ جاۋابلار بىزگە ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى قىيناپ كېلىۋاتقان، چارىسىز تاشلىنىپ قېلىۋاتقان، ھەل قىلىش ياكى توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە كاللا قاتۇرۇلمىغان بىر تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ؛ كاللىمىزدا ئېنىق نىشان تۇرغۇزۇشىمىزغا ۋە ئىزچىل تۈردە نىشانىمىزغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ؛ يېتىلەش خاراكتېرلىك يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گوڭگا ھاياتى ۋە ئېسەنكىرەشلىرىگە خاتىمە بېرىشىگە ھەسسە قوشىدۇ.
ناۋادا بىر خەلق ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئەۋزەللىكلىرىنى توغرا بايقاپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تونۇپ، كەلگۈسى ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارىيالايدىغانلا بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەھۋاللىرىنى ئۆزگەرتىشىگە زور دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ. بۇ كىتابتا مۇئەللىپ ئەنە شۇنداق ئەۋزەللىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ كۆرسەتمىلەردە بىزنىڭ «ھازىر نېمە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن مەسىلىمىزگە بىر قەدەر مۇھىم يورۇتۇشلار بېرىلگەن.
ئۆزى ئۈمىد قىلغان ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن خىيال قىلىش، ھەۋەس قىلىش ياكى بىر قانچە ئادەمنىڭ تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغىنىدا بۇ ھەقتىكى گۈزەل تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇرلاردىن پەقەت خىيالىي دۇنيالا ھاسىل بولىدۇ، ئىنسان ھامان خىيالدا ئەمەس رېئاللىقتا ياشايدۇ، رېئاللىق خىيالىي دۇنيادىكى گۈزەل تەسەۋۋۇرلارغا قەتئىي ئوخشىمايدۇ. ئۈممەتنىڭ ئومۇمىي مەسىلىسى شەخسىي مەسىلىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈلمىگىچە؛ ئۈممەت مەسىلىسىگە ئىچ پۇشۇقى ئورنىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلار بۇ مەسىلىنى ھايات ـ ماماتلىق مەسىلىسى دەپ قارىمىغىچە؛ قولى ئىشتىن بوشىغاندا يېنىچە يېتىۋېلىپ ئۈممەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلار تىك تۇرۇشنى ئۆگەنمىگىچە پارلاق كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ﷲنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن بۇ كىتاب دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ئەمدىكى مەسىلە كىتابنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنى مۇلاھىزە قىلايلى، باشقىلارغا يەتكۈزەيلى، قولىمىزدىكى بۇ كومپاسنىڭ ئىسترېلكىسىغا قاراپ يۈزلىنىشلىرىمىزنى توغرىلايلى.
ئوقۇرمەنلەردىكى ئوقۇش ئېغىزنىڭ ھەرىكىتىلا بولۇپ قالسا، ئېغىز ھەرىكەتلىرىگە يۈرەك سوقۇشلىرى ماس ھالدا تەڭكەش قىلمىسا، يۈرەك سوقۇشلىرىغا پۈتۈن ئەزالىرى ئاۋاز قوشمىسا... دېمەك، بۇ ئەھۋالدا كىتاب قىيامەت كۈنى يەنىلا ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ.
بەرھەق، «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» مەسىلىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر كىشىگە ناھايىتى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خۇسۇسەن مۇسۇلمان ئۈممىتى بۈگۈنكىدەك قەدرسىز، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان؛ يۈزلىنىشلىرىدە، ھەرىكەت ـ پائالىيەتلىرىدە قالايمىقانچىلىق، ئىختىلاپ ئېغىرلاشقان بىر شارائىتتا «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» ساداسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پارتلاش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قۇرئان ۋە ھەدىسلەر نۇرى ۋە بۇ توغرا چۈشەنچىلەر يېتەكچىلىكىدە ئۆزىمىزدىكى ئەۋزەللىكلەرنى توغرا بايقاپ ۋە ئۇ تەرەپلەرنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ؛ يېتەرسىز تەرەپلىرىمىزنى ھېس قىلىپ ۋە كۈنسېرى تولۇقلاپ، دىننى ﷲ نازىل قىلغان ئەسلىي مۇددىئا بويىچە چۈشىنىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇشنى ﷲتىن سورايمىز.


ئاپتۇردىن كىرىش سۆز:

قولىڭىزدىكى بۇ كىتابتا ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىغان بىر تېمىدا توختالدىم. بۇ تېما شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، ئۇنىڭدا شەرىئەت ئەمەللىرىنىڭ رەت ـ تەرتىپ ئۆلچەملىرىدىكى ئىلگىرى ـ كېيىنلىك مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ «شەرىئەت ئەمەللىرىنىڭ قايسىلىرى ئاۋۋال بەجا كەلتۈرۈلىدۇ، قايسىلىرى كېيىن بەجا كەلتۈرۈلىدۇ، قايسىلىرى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا، قايسىلىرى كېيىنكى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىلاھىي ئەمر ـ پەرمانلارنىڭ رەت ـ تەرتىپى قانداق بولىدۇ» مەسىلىسى تەتقىق قىلىنىدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا ئىلاھىي ئەمر ـ پەرمانلارنىڭ رەت ـ تەرتىپى مەسىلىسىدە ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەن بۈگۈنكىدەك شارائىتتا بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
مەن بۇرۇن بۇ تېمىغا: «ئەمەللەرنىڭ رەت ـ تەرتىپىنى چۈشىنىش» دەپ ماۋزۇ قويغان ئىدىم. كېيىنچە ئۇنى ئۆزگەرتىپ: «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» دېگەن ئاتالغۇنى قوللاندىم. چۈنكى كېيىنكى ئاتالغۇ بۇرۇنقىسىدىن ئاممىباپراق بولۇپ، تېمىنىڭ مەزمۇنىغا بەكرەك ئۇيغۇن كېلىدىكەن.
بۇ كىتاب: «شەرىئەت ئەمەللىرىنىڭ قايسىلىرىنى ئاۋۋال بەجا كەلتۈرۈش كېرەك» دېگەن تېمىنى دەلىل ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلانغان. بۇ كىتاب ئىدىيىنى تۈزىتىشكە، مېتودنى توغرىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. دىنىي ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ۋە بۇ ساھەدىكى نەزەرىيە يېتەكچىلىرى بۇ كىتابتىن ئىلھام ئېلىپ، شەرىئەت ئەمەللىرىنىڭ رەت ـ تەرتىپىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسىكەن دەيمەن. بۇ كىتاب يەنە ئوڭچىل ۋە سولچىل ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىقلىرىغا چەك قويۇپ، دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىخلاسمەن كىشىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرسا ئەجەپ ئەمەس.
بۇ كىتابنى مەزكۇر تېمىدىكى مۇكەممەل تەتقىقات دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بۇ بىر يول ئېچىش خالاس. «تىرىشقان تاپار» دەيدىغان گەپ بار. ﷲ بۇ تېمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىدىغان كىشىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرسە ئەجەپ ئەمەس.
مەن سۆزۈمنى ﷲنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا نەقىل قىلىنغان مۇنۇ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت ﷲنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) ﷲقا تاينىمەن ۋە ئۇنىڭغا يېلىنىمەن.سۈرە ھۇد،88.ئايەت.



يۈسۈف قەرزاۋى
ھىجرى 1415 ـ يىلى رەبىئۇل ئاخىر ئېيى
(مىلادى 1994 ـ يىل سېنتەبىر)
دۇھا - قاتار
سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرياتى نەشر قىلغان «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟» ناملىق كىتاپتىن تەييارلاندى.
تەييارلىغۇچى: ئىزچىل








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىنھان00 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-17 09:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 01:57:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.ئەھمىيەتلىك يازمىلىرىڭىزدىن مەنپەئەتلىنىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34552
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 03:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!بىراق قېنى ئۇ مەزمۇن؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش