مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1152|ئىنكاس: 9

قۇچۇ ( تۇرپان ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ( 866 - 1369 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95913
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 08:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇچۇ ( تۇرپان ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ( 866 - 1369 )

قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتى

    ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار خىل قوراللارنغان، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن ياخشى تەمىنلەرنگەن قوشۇنغا ئىگە بولالمىدى. 840 - يىلىدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇلار ئۆزىنى ئززوڭشىۋالالماي ئاجىز ھالەتتە تۇردى. ئەھۋاللارغا قارىغاندا، تۇرپان ئويمانلىقىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى چاغلاردا مەركەزلەشكەن بىر ھاكىمىيەتكىمۇ ئىگە بولالمىغان. ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرنىڭ ھەربىي كۈچ - قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئوقۇپ كېتەلمەي، ئۇنىڭدىن سەل چۆچۈپ تۇرغان بولسا كېرەك. تىبەتلىكلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى ئۆززلىرىنىڭ ھەربىي كۈچ - قۇدرىتىنى مۇشۇقايتىپ كەلگۈچى ئۇيغۇرلار ھېسابىغا كۆپەيتىشنى مۆلچەرلەپ، ئۇلارغا چېقىلماستىن بۈ يەرگە ئەركىن قايتىپ كېلىشىگە يول قويدى. مۇشۇ سەۋەب بىلەن تىبەتلىكلەر كەلگۇچىلەرگە باشقا پىكىردە بولمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇ تېررىتورىيىسىگە تىنىچ يول بىلەن قايتىپ كېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى مانا مۇشۇنداق باشلاندى. كېيىنچە زئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئۆز ئېلىنى قۇردى. يېرىم كۆچمەن قەبىلىلەر بۇ يەردىكى يېڭى يەرلەرنى ئۆزلەشتۇردى، شەھەر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى يېڭى بىر دىنىي ئىدېئولوگىيە، جۇملىدىن يەرلىك ئۇيغۇرلار، جەنۇبتىكى ۋە شىمالدىكى تۈركلەر، چوڭ ۋە كىچىك جۇنيۇن  ( 小仲云 , 大仲云(ياۋچىلار ، ياغما، قارلۇق، قىرغىز، مومان، گېدو قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى(1). كېيىن ئۇيغۇرلار بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەمىسىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرلەرگە كۆچۈپ كەلگەن دەسلەپكى يىللاردا تىبەت ھاكىمىيىتى بىلەن قانداق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى بىزگە نامەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ تىبەتلىكلەرگە ئەسكەرلىككە قاتناشقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتناشقانلىقىدا گۇمان يوق. ئەھۋاللارغا قارىغاندا، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى 9 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە تىبەت ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇپ تۇرغان بولسا كېرەك. قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىبەتلىكلەرگە قارشى چوڭراق پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقلىرى جۇڭگونىڭ بىزگە مەلۇم بولغان تارىخىي مەنبەلىرىدە كۆرۈلمەيدۇ. 9 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مۇستەقىل بولۇش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرگە قارشى چوڭ بىر ئىتتىپاق تەشكىللىدى ۋە ئۇ ئىتتىپاق تىبەتلىكلەرگە قاتتىق زەربە بەردى. ۋەقەنىڭ بۇنداق تەرەققىياتىغا بۇ رايۇندا پەيدا بولغان سىياسىي ۋەزىيەتمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئا. فون گابائىن تۆۋەندىكىلەرنى يازغان: ‹‹ ئۇيغۇرلار شەرقتە جۇڭگولۇقلارنىڭ، جەنۇبتا تىبەتلىكلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىمسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى(2). ۋ. ئا. بوگوسلوۋسكىينىڭ قارىشىچە ( 1962 - يىلىدىكى ئەسىرى، 68 - 72 - بەتلەر )، 9 - ئەسىرنى ئوتتۇرىلىرىدا، تىبەتتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەت بەك ئاجىزلىشىپ كەتكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئاقسۇڭەكلەر ئۇرۇقىنىڭ كۇچىيىپ كېتىشى ۋە بۇددا راھىبلىرىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئۆزئارا ئىچكى ماجرالار كۈچەيگەن، نەتىجىدە مەركىزىي ھاكىمىيەت ئاجىزلاشقان. بىر چاغلاردا قۇدرەتلىك سانالغان تىبەت دۆلىتىنىڭ ئەمدىلىكتە پارچە - پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى ئاسانلاشتۇردى.

    ئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنى تەشكىللىگەن ۋاقتى تارىخ كىتابلىرىدا 9 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى بىلەن 70 - يىللىرىنىڭ ئارىلىقى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. بۇ يەردە ئېنىق بىر يىلنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكى دەل مۇشۇ مەسىلىنىڭ يېتەرلىك تەتقىق قىلىنمىغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. پەقەت 9 - 13 - ئەسىرلەر ئارلىقىدىكى جۇڭگو مەنبەلىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۇچۇن ئېلىپ بارغان كۈرۈشلىرىنى ئوچۇقراق قىلىپ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرۇشكە ۋە بۇ ئەلنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى ئېنقراق بېكىتىشكە ئىمان بېرىدۇ. ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› دە مۇنداق يېزىلغان: ‹‹ شيەنتوڭنىڭ 7 - يىلى ( 866 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 867 - يىل 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە ) ئۇيغۇر پۇگۇجۇن بېيتىڭ ( بەشبالىق ) دىن شىجۇغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى ھەممە قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. شەنجۇ ئۆلكىسىدىكى شېنچېن قەلئەسىنىڭ ئەمىرلەشكىرى جاڭ جىيۈن شاڭكۇڭرى ( تىبەتلىكلەرنىڭ سەركەردىسى ) بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇنى يەڭدى. قولغا چۈشۇرۇلگەن قورال - ياراغلارنى چوڭ ھۆرمەت بىلەن ئوردىغا يوللاپ بەردى. قالغان تىبەتلىكلەر بىڭجۇ ۋە نىڭجۇ ئۆلكىلىرىگە بېسىپ كىردى. چېگرا رايوننىڭ ھېراۋۇلى شۇخۇنجۇن ئۇلارغا زەربە بەردى. ئۇ پۇگۇجۇن بىلەن بىرلىكتە تىبەتلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى....››              (3). ‹‹ كونا تاڭنامە ›› دە ‹‹ ئۇيغۇرلار مىلادىيە 866 - يىلى تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن غەلبە قازاندى ›› دەپ يېزىلغان. ‹‹ شيەنتوڭنىڭ 7 - يىلى 9 - ئايدا ( مىلادىيە 866 - يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە ) شاجۇدىن جاڭ بىچاۋ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەركەردىسى پۇگۇجۇن تىبەتلىكلەرنىڭ سەركەردىسى شاڭكۇڭرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، شاڭكۇڭرىنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، ئۇنى پايتەختكە يوللاپ بەردى ›› دەپ دوكلات قىلدى. ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر ››دە پۇگۇجۇننىڭ شاڭكۇڭرى ئۇستىدىن غەلبە قىلغان ۋاقتى ئون ئاي ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھالدا يېزىلغان، بۇ ۋەقە 866 - يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە يۈز بەرگەن، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ مەنبەدە يەنە شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن شەھەرلەرمۇ كۆرسىتىلىدۇ. ‹‹ شيەنتۇڭنىڭ 7 - يىلى بەھەردا، ئىككىنچى ئاي ئىچىدە ( مىلادىيە 866 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - 20 - كۈنلىرى ) گۇييى ئۇلكىسىنىڭ ھېراۋۇلى جاڭ يىچاۋ پادىشاھقا دوكلات قىلىپ بەشبالىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى گۇجۇن ( پۇگۇجۇن )* شىجۇ ، قۇچۇ ، بېيتىڭ ( بەشبالىق )، لۇنتەي ( ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەسىدە )، چىڭجېن ( ھازىرقى ماناس ناھيىسى تەۋەسىدە ) ۋە باشقا كۆپ شەھەرلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى ›› دەپ يازغانىدى(4).

    جۇڭگو تارىخ مەنبەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ: قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى پۇگۇجۇن قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ رەھبىرى شاڭكۇڭرى ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسى نەتىجىسىدە 866 - يىلى دۇنياغا كەلگەن ئۇيغۇرلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىنى تەخمىنەن 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىگىچە كېڭەيتتى(5). ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بۇ مۇستەقىل ئىدىقۇت خانلىقى 500 يىلدىن ئارتۇقراق داۋام قىلدى.

    تاڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن قازانغان غەلبىسىنى ئاڭلىدى. چۇشىنىش ئاساسىدا، تىبەتلىكلەرگە قارشى كۈرەشتە ئۇيغۇرلار تاڭ ھاكىمىيىتىگە ئىتتىپاقچى بولىدۇ، دېگەن نەزەردە مۇئامىلە قىلدى. شۇڭا، تاڭ پادىشاھى دەرھاللا پەرمان چىقىرىپ، پۇگۇجۇننى قانۇنلۇق قاغان دەپ ئېتىراپ قىلدى. تاڭ ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارىنى تارخان ( ھەربىي قوماندان ) مى خۇەييۇگە ئۇقتۇردى. بۇ تارخاننى پۇگۇجۇن شىجۇ، بۈگۈر ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئالغاندىن كېيىن تاڭ ئوردىسىغا ئەۋەتكەنىدى(6).

    ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››دىكى شەنجۇ ئۆلكىسىدىكى شەنچېن قەلئەسىنىڭ قورۇقچى سەركەردىسى جاڭ جيەن ‹‹ شاڭكۇڭرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلدى ›› دېگەن مەلۇمات كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر شۇ چاغدا راستىنلا تاڭ ئەسكەرلىرى تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولسا، بۇ گەپ ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› ۋە باشقا تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىناتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق مەلۇمات يوق.

    قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق - دوستانە مۇناسىۋەتلەر ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. تاڭ ئوردىسىدا يۈز بەرگەن تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى تاڭ سۇلالىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە تاڭ پادىشاھلىقى پارچىلاندى. غەرب تەرەپتىكى گۇيىجۇ ئۆلكىسى تاڭ پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار تاڭغۇتلار بىلەن بىرلىشىپ ، 875 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ‹‹ تەن دىجۇن ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى ››  ( چيەنفۇنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ 12 - ئېيى ئىچىدە ››(7).

    ئۇيغۇرلار بەشبالىقتا تىبەتلىكلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى چوڭ تېررىتورىيىگە ئىگە بولدى. شىمال تەرەپتە ئۇيغۇرر ئېلىنىڭ چېگىرىسى بۈگۈنكى ئۇرۇمچى شەھەرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن 150 كىلومېتىر نېرىدا ئىدى. ( بۈگۈنكى ماناس بىلەن قۇتۇبى ئارلىقىغا جايلاشقان چىڭجېن شەھىرىمۇ پۇگۇجۇن تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئۇنىڭ ئېلى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەنىدى )(8). جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋە تبەتلەر ىلەن چېگرىلاندى. غەربتە ۋە شىمال تەرەپتە قاراخانىيلار دۆلىتى بىلەن چېگرىلاندى. شەرق تەرەپتە بولسا، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن چېگرىلاندى.

    يېڭى تەشكىل قىلىنغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەركىبىدە 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چوڭ مەدەنىيەت، سودا - تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي مەركەزلەر بولغان تۇرپان، بەشبالىق، قۇچۇ، باي قاتارلىق شەھەرلەر بار ئىدى. بۇ شەھەرلەردىن كۇچار، قۇمۇل، تۇرپان، باي قاتارلىقلار ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بەشبالىق ۋە قوچۇ شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئارخېئولوگىيىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىش ئورۇنلىرى سۈپىتىدە ساقلانماقتا ( قوچۇ - ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئىككىنچى پايتەختى ئىدى. ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى تەركىبىگە كىرگەن قوچۇ ۋە باشقا شەھەرلەردە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىشلار ئېلىپ بېرىلدى. 1819 - يىلى ر. كلېمېنتىس، 1907 - يىلى ئا. ستەيىن ھەم س. ف. ئولدېنبۇرگ، ئا. گريۇنۋېدېل، ئا. لېكوك قاتارلىقلارمۇ ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار ئېلىپ باردى. ئىدىقۇت ئېلىنىڭ پايتەختى دەسلەپتە بەشبالىق شەھىرى ئىدى. كېيىن 913 - يىلىدىن باشلاپ، بۇ ئەل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان پۇتۇن جەريان ئىچىدە، قوچۇ شەھىرى بۇ ئەلنىڭ پايتەختى بولدى.

    قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ( ئىدىقۇت - مۇقەددەس، بەخت - سائادەت دېگەن مەنىدە ) خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ياكىمۇستەقىللىقى قىسقا ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتلارنى ھېساب قىلغاندىمۇ، 500 يىلدىن ئوشۇقراق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ئاكتىپ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەر يۈرگۈزدى.

    9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، قوچۇ ئىدىقۇتلىرى ياخشى تەربىيلەنگەن ۋە ئوبدان قوراللانغان قوشۇن تەشكىللىگەن ۋە قوشىنلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيىتىدىمۇ بولغانىدى. مەسىلەن، ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ›› ( 263 - باب، 9 - توم، 8573 - بەت ) دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 902 - يىلى ئۇيغۇرلار تاڭ سارىيىغا ‹‹ ئەلچى ۋە سوۋغا - سالاملار ئەۋەتىپ، ئوردىغا ياردەم ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ھەم بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشنى سورىغان ››(9). بۇ ئەھۋال جۇڭگو پادىشاھىنى سەل ئويغا سېلىپ قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا بىر قارارغا كېلىشتىن ئاۋۋال، خەنلىن بىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى خەن ۋۇ دېگەن ئادەمگە بۇ توغرۇلۇق يازما ماتېرىيال تەييارلاشنى تاپشۇرغان. شۇنىڭدىن تۆت كۈن كېيىن، 902 - يىل 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى،خەنۋۇ پادىشاھ نامىغا دوكلات يېزىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئىسپاتلىغان: ‹‹ بۇ ياۋايى خەلقلەر ناھايىتى رەھىمسىز كېلىدۇ. ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئېلىمىزدىكى ئوبدان ئادەملەر ۋە نەرسىلەرنى كۆرۈپ، شەھىرىمىزنىڭ تاشلىنىپ قالغان ئەھۋالىنى بايقاپ، ئەسكەرلەرنىڭ بوشاڭ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلاردا تاڭ ئوردىسىغا نىسبەتەن كۆزگە ئىلماسلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ۋە ئاچكۆزلۈكى قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنى تارمار قىلغانىدى. بۇنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ مۇشۇ ھالىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن. قاغانغا جاۋاپ يازغاندا، چېگرىمىزغا ناھايىتى كىچىك دائىرىدە كېلىپ - كېىشكە رۇخسەت قىلىپ، تاڭ ئوردىسىغا ياردەمگە كەلدۇق دەپ ئىچكىرىلەپ كىرىشگە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك. ئۇلارنىڭ نومۇسسىزلارچە ئويلىغان سۈيىقەستلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى ئالدىن توسۇۋېلىش كېرەك ››. پادىشاھ خەنۋۇنىڭ بۇ پىكىرىگە قوشۇلغان(10).



....داۋامى بار....پايدىلانغان ماتېرىياللار؛(1) ‹‹ سوڭنامە ››، 490 - جىلد، 8 - 12 - بەتلەر: ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 89 - بەت، نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل(2) ئاننېمارى فون گابائىن: ‹‹ قارا قوچۇ ئۇيغۇر ئېلى ››، 20 - بەت، 1961 - يىل.(3) ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››، 216 - جىلد، 9 - بەت.(4) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 250 - جىلد، 8113 - بەت.(5) د. ئى. تىخونوف: ‹‹ 10 - 14 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى ››، 41 - بەت، موسكۋا - لېنىنگراد، 1966 - يىل(6) ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››، 27 - جىلد، 1 - 4 - بەتلەر.(7) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 9 - توم، 252 - جىلد، 8164 - 8174 - بەتلەر.(8) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 9 - توم، 251 - جىلد، 8113 - بەت(9)ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››41 - بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل(10) ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 41 - بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل          مەكىزى ئاسىيا تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار << ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى >>، رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇر سايرانى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 02:02:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى  يوللاپ ياخشى قىپسىز قېرىنداش،لېكىن قۇجۇ خانلىقى بىلەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىر گەپ ئەمەس،سىز بۇ توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز،ئابدۇراخمان ئابدۇللانىڭ ماقالىسىغا مۇراجىئەت قىلغايسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95925
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 02:29:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barstekin يوللىغان ۋاقتى  2013-7-18 02:02 AM
بۇ تېمىنى  يوللاپ ياخشى قىپسىز قېرىنداش،لېكىن قۇجۇ خان ...

قۇچۇ ئۇيغۇر خاندانلىقى بىلەن ئېدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقى بىر ئەمەسما ؟ چۈشەنچە بىرەلەرسىزمۇ؟
    ھازىرغىچە بىر دەپ يۈرۈپتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 06:00:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇز يىل دىگەن ئاغىز غىلا پاتىدۇ جۇمۇ ،

تۇرپاننى مەركەز قىلغان بۇ ئىدىقۇت خانلىقى 500 يىل ھۆكۆم سۇرۇپتۇ ،

مەن بىلدىغانلاردىن قومۇل 9 ئەۋلات ۋاڭلىقى 233 يىل ،

قارخانىلار مۇ 200 يىلدىن كام ئەمەسقۇ دەيمەن ،

يەكەن سەئىديە خانلىقىمۇ يۇزيىلدىن ئارتۇققۇ ديمەن ،

بولسا مۇكەممەل بىر نەچچە يىل مەۋجۇتلىقىنى ساقىلىغان تېزىس بىلەن تەمىنلىسەڭلار ، تارىخنى پىششىق بىلىدىغانلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3064 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 12:50:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹قۇچۇ ›› خىتى يىزىلغان تەڭگە ھازىرمۇ بار...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4597
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9371
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 02:39:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2013-7-18 12:50 PM
‹‹قۇچۇ ›› خىتى يىزىلغان تەڭگە ھازىرمۇ بار...

باردۇر لىكن ئازمكى ھى ھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95913
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 02:41:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇجۇ يەنە قۇچۇ  دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىدىقۇت ( بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ تۇرپان شەھىرى ) مەركەز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1337
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 10:43:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇچۇ ئىدىقۇت بىر يەىردىكى خاندانلىقنى كۆرسىتىدۇ.بىزنىڭ ئاتىبوۋىمىز قەھىرمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ دۆلەت قۇرۇپ .جىم تۇرغان  جاڭ تاڭلارغا مەلۇم قىلىپ يۇاشتۇردىغىنىغا ھەيرانمەن ؟ توۋا.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:06:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2013-7-18 06:00 AM
يۇز يىل دىگەن ئاغىز غىلا پاتىدۇ جۇمۇ ،

تۇرپاننى مەركە ...
قاراخانىيلار ___ 840- 1212
سەئىدىيە ___ 1514- 1678
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-18 11:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:09:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسى، «قۇچۇ ( تۇرپان ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى» دەپ ئالماي «ئۇيغۇر قۇچۇ(تۇرپان)ئىدىقۇت قاغانلىقى» دەپ ئېلىڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش