مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2797|ئىنكاس: 19

ئۆمرىمىزنىڭ قانچىلىك ۋاقتىنى ئىسلامغا ئاتىدۇق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسكى خوتەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59159
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9009
تۆھپە نۇمۇرى: 1382
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 02:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم، بەزى بىر مەسىلىلەرنى زادى ئويلىماي تۇرالمىدىم، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە‹‹ جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم››(51-سۈرە،56-ئايەت) دەپ ناھايىتى ئوچۇق خىتاب قىلىپ،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ،جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بەردى.     
لېكىن بىزچۇ؟ يەنىلا شۇ ئۆزىمىز بىلگەننى قىلىپ يۈرەمدۇق؟ ئەجەبا بىز مەڭگۈ ئۆلمەي ياشايمىزمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،بۇ ھايات شۇنچىلىك قىسقىكى ، ئۇنىڭ قىسقىلىقىنى رەسۇلۇللاھ مۇنۇ سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن‹‹ مەن نامازدا تۇرۇپ ئوڭدىن سولغا سالام بەرگۈچىلىك بولغان ، شۇ قىسقىغىنە دەقىقىدە جېنىمنىڭ تىنىمدە بولىشىغا كاپالاتلىك قىلالمايمەن›› دىگەن.     
پۈتكۈل زىمىنغا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگۈچى بولغان شۇنداق بىر بۈيۈك ،كاتتا زات بۇنداق دەۋاتقان يەردە،بىز ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىغا قانچىلىك كاپالەتلىك قىلالايمىز؟ ئەلۋەتتە بىر دەقىقىمۇ كاپالىتىمىز يوق، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك كەيىپ ساپا ،ئەيىش ئىشرەت ،راھەت پاراغەت،مەنمەنچىلىك،تەكەببۇرلۇق، گۇناھ مەئسىيەتلەرگە شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتتۇقكى،بىر كۈنىمىزنىمۇ گۇناھدىن يىراق ئۆتكۈزۈپ باقمىدۇق.   
ھازىرقى جەمئىيتىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق،مەيلى ئۆيىمىزدە بولسۇن،ياكى سىرتلاردا بولسۇن،ھەممىسى ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ،شەيتانغا يېقىن،ئاللاھتىن يىراق ئىشلار بىلەن تولۇپ كەتتى،رەسۇلۇللاھ ‹‹ بىركىشى بىر يامانلىقنى كۆرسە قولى بىلەن توسسۇن،قولى بىلەن توسۇشقا قۇربى يەتمىسە،تىلى بىلەن شۇ يامانلىقنى توسسۇن،تىلى بىلەن توسۇيالمىسا،ئەشۇ يامان ئىشقا دىلىدا نارازى بولسۇن،مانا بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزىدۇر››(بۇخارى مۇسلىم رىۋايىتى) دىگەن،بۇ ھەدىسنى مىنىڭچە كۆپىنچىمىز بىلىمىز ،ياكى ئەمدى بىلىۋاتىمىز،مانا مۇشۇ ھەدىستىن ئېلىپ ئېيتساق،بىز ئۆزىمىزنى يەنە مۇسۇلمان ،ئاللاھقا تەقۋادار كىشىلەر دەپ يۈرەلەمدۇق؟     
ئاللاھ بىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان تۇرسا،بىز شۇ ئۆزىمىزنىڭ ياراتقۇچىسىغا ،تەربىيچىمىزگە ۋە بىزنىڭ خوجايىنىمىز بولغان ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىۋاتىمىز.   
ئىنساننىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 60 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ،بىز مۇشۇ ئۆمرىمىزنىڭ قانچىلىك ۋاقتىنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدۇق؟ ئەقىل-ھوشىمىزنى بىلگەندىن تارتىپلا، بىزگە ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىغا بويسۇنىشىمىز شەرتتۇر ،لېكىن بىزچۇ؟ شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ قايسى بىرسىمىز مانا مەن شۇنداق قىلدىم،ھەم شۇنداق قىلىۋاتىمەن دىيەلەيدۇ؟      
بىز بۇ دۇنيالىق بەختىمىز ئۈچۈن بارلىقىمىزدىن كىچىۋاتىمىز،بۇ دۇنيالىق بەختىمىز ئۈچۈن تاكى چوڭ بولغۇچە  مەكتەپلەردە ئۇقۇيمىز ،ئۇنىڭغا ئاز دىگەندە 15 يىل ۋاقتىمىزنى سەرىپ قىلىمىز،مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كىين بولسا ،يەنە شۇ بۇ دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن خىزمەت،جەمئىيەت،ئائىلە دەپلا يۈرىمىز،بۇنداق يۈرىشىمىز ئاز دىگەندە ئۆمرىمىز بولسا 20 يىل داۋاملىشىدۇ، ئۇنداقتا قېلىپ قالغان 25 يىل ۋقتىمىزچۇ؟ ئۇنى نىمىگە سەرىپ قىلىمىز؟ ئۇنىڭ 20 يىلىنى بولسا ،ئاللاھ بىزلەرنى چارچاپ قالمىسۇن،ياخشى ئارام ئېلىپ ،ماڭا ياخشى ئىبادەت قىلسۇن دەپ بىزلەرگە نىئمەت قىلىپ بەرگەن ،شۇ تاتلىق ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزىمىز ، ئەڭ ئاخىرقى 5 يىلنى بولسا بەلكىم،سەبىيلىك ۋاقىتلىرىمىز بىلەن قېرىلىق ۋاقىتلىرىمىزغا سەرىپ قىلىمىز.     
مانا شۇنداق قىلىپ ئاللاھ ئىنساننى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بەرگەن 60 يىل ۋاقىتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ،بەلكىم ياخشىراق ئىبادەت قىلالىدىم،ئاللاھقا قۇلچىلىقىمنى ئادا قىلالىدىم دەپ قارىغانلىرىمىزمۇ،قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى يىغىپ ئېيتساق 5 يىلغا بارماسلىقى مۇمكىن.     
بۇ دۇنيادىكى ئازغىنە مەنپەئەتنى كۆزلەپ بارلىق ئۆمرىمىزنى سەرىپ قىلىمزيۇ،ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك بەخىت سائادەت ئۈچۈن ئازراق ئويلىنىش بولسىمۇ قىلمايمىز.     
مىنىڭ ئاخىرىدا دىمەكچى بولغىنىم،ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيلى،ئاللاھقا قۇلچىلىقىمىزنى ياخشى قىلايلى، شەيتاندىن يىراق،ئاللاھقا يېقىن كىشىلەردىن بولايلى ،بولۇپمۇ رامزاندەك ئەمەل-ئىبادەتلىرىمىزگە ھەسسىلەپ ساۋاپ بىرىلىدىغان پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيلى.                              
مەنبە: ئەسكى0903 تەپەككۇرلىرىدىن.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
بىكتەر + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
bayhenim + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 207   باھا خاتىرىسى

ئەلنى تاشلىغان،ئەر ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95420
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 04:41:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر سىكنوت ئۈچۈن جاۋاب بېرىمىز

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقئەتنى.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1714 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 04:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز نۇرغۇنلىرىمىز خۇددى ئۆلمەي مەڭگۈ ياشايدىغاندەك ،غەپلەتتە ياشاۋاتىمىز .بىركۈن كىلىپ جان تەسلىم قىلىمىز ئۇ ۋاقىتتا ئالىقاچان كىچىككەن بۇلىمىز ،ئۇلۇغ ئاللاھتىن پۈتۈن بەندىلىرىگە ئىمان ھىدايەت ،ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن ،ئامىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayhenim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-17 05:37 PM  


بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24198
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 05:06:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 05:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمرىمىزنىڭ قانچىلىك ۋاقتىنى ئىسلامغا ئاتىدۇق؟
    بۇ گەپنى نىمە دەپ چۈشىنىمىز ؟تېمىنى ئوقۇدۇم لىكىن بۇ ماۋزۇ سەل بىرقىسىملا خاتالىق باردەك ھىس قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 05:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈن--دەقىقىلەر ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن قىممەتلىك پۈرسىتى،بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ
ئىرادىمىزنى تاۋلىۋالايلى قېرىنداشلار، تىما ئىگەىسىگە كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 05:38:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44289
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15947 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 05:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىق ياشقا كىرىپمۇ ھەقىقەتكە قايتمىساڭ دوزاخقا كىرىشكە تەييەر بول .....

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 06:38:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor يوللىغان ۋاقتى  2013-7-17 05:38 PM
ئۆمرىمىزنىڭ قانچىلىك ۋاقتىنى ئىسلامغا ئاتىدۇق؟
    بۇ گ ...

تازا توغرىلىقىنى ھىس قىلالماپسىزدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78115
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3252
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 06:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ھامان بىر كۈنى قىيامەت قايىم بۇلۇپ ، مەن ياخشى كۈرۈپ ھايات پەيزىنى سۈرۈۋاتقان بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ يۇقۇلىدىغانلىقىنى ئويلىسام ، جىسمىمدا بىر تالمۇ سۆڭەك پارچىسى قالمىغاندەك ئېزىلىپ كېتىمەن  .
‏ئۇ يۇقۇلۇشنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى تەسۋۋۇر قىلىپ باقاي دەيمەنۇ ئەمما تەپەككۇرۇم شۇ يەردىلا توختاپ قالىدۇ .......
‏كەينىمگە قارىدىم كۆرگۈنۈم پەقەت بىر دۆۋە ئەخلەت ،،،  قىلغان ياخشىلىقلىرىم چاغلىق ، دەرۋەقە مەن گۇناھكار بەندىمەن . مۇشۇندق بىر ھالەتتە ، مەن ھامان بۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرلىشىپ ئاللاھنىڭ ئالدىغا ھاياتىمدى ھېساب بەرگىلى بارىدىغانلىقىمنى ئويلىسام مېنى يەنە سۈر باسىدۇ .... لىكىن مەيلى مەن بۇنى خالاي ياكى خالىماي بۇ بىر قىل سىغماس ھەقىقەت يەنى (( مەن بۇ دۇنياغا مەڭگۈلۈك كەلمىگەن ، مىنىڭ بۇ ھاياتىم ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ )) ،،،.......!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش