مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1674|ئىنكاس: 4

تۆنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە (ھېكمەتلەردىن تەرمىلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83964
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 10:07:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۆنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە

(ھېكمەتلەردىن تەرمىلەر)

توپلاپ رەتلىگۈچى: ئابدۇۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرى

بىز ھەممىمىز چەكلىك ماكان، ئەمما چەكسىز زامان ئىچىدە ياشايمىز. ئاشۇ چەكسىز زاماندىن بىزگە نېسىپ بولىدىغىنى، يەنى بىز ئېرىشىپ بولغان، ئېرىشىۋاتقان ۋە ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز پەقەت ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كېلەچەكتىن ئىبارەت. تېخىمۇ ئاددىي ۋە كونكىرتنى قىلىپ ئېيتقاندا، تۆنۆگۈن بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت. خوش، ئۇنداقتا، بىز-ھەربىرىمىزگە ئاشۇنداق «تۆنۆگۈن»، «بۈگۈن» ۋە «ئەتە»دىن، ياق توغرىراقى پەقەت «بۈگۈن» دىن قانچىسى نېسىپ بولىدىغاندۇ؟  بۇ سۇئالغا ھىچكىم كەسكىن ۋە تۇلۇق جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. ئېھتىمالىم بۇ سۇئال «ئۆزىنى تۇنۇغان خۇدانىمۇ تۇنۇيدۇ» دېگەن ھېكمەت بۇيىچە، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى تۇنۇپ يەتكەن ۋە يېتىۋاتقان ھەممىلا ئادەمنى ئويلاندۇرسا كېرەك.

ھايات سەپىرىدە پەقەت بۈگۈنلا بىزگە بېرىلگەن ئەڭ تۇلۇق، ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ قىممەتلىك ياشاش پۇرسىتى. بۇ ھەقتە ئۆتكەن دانالىرىمىز ئاجايىپ ھېكمەتلىك سۆز، شېئىر مىسرالارنى مىراس قالدۇرغانكەن. مەن ئوقۇغان كىتابلاردىن مۇشۇ ھەقتىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ھاياتىمىزغا  رەھنەما بولغۇدەك ھېكمەتلىك سۆز، شېئىر مىسرالارنى خاتىرلەپ ماڭغان ئىدىم. بۇ قېتىم باشقا دوستلارغىمۇ ئاز-تولا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە توپلىغانلىرىمنى بۇ مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق تاپتىم.

                           

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان تەن ساقلىق ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك نېمىتى بار، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ قەدرىگە يەتمەي زىيان تارتىدۇ.

   ×          ×            ×

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:

سەپىرىڭدە بىر سائەتمۇ توختاپ قالماي داۋاملىق ماڭغىن، يولۇڭنى دادىل داۋاملاشتۇرمىساڭ، مەقسىدىڭگە يېتەلمەي، چۆللەردە ھالاك بولىسەن.

                           

دۇنيا چۇ رەبات، كارۋان ئادەمدۇر،

ھەر ئادەمنىڭ ئىچرە يۈز ئالەمدۇر.

مىڭ يىل ياشىساڭ جاھاندا چۈن نوھ نەبى،

ئاخىر ئۆلەرسەن غەنىمەت ئۇشبۇ دەمدۇر.

-مۇھەممەد سىدىق زەلىلى

                           

يىل ئارقىسىدىن يىلنى قوغلاپ ئۆتىدۇ يىللار،

نەتىجىدە قېرىپ كېتىدۇ ياپياش باللار.

تاپالمايسەن ئۆتۈپ كەتكەن ئۇ ئۆمرۈڭنى،

خەجلىسەڭمۇ سائىتىگە مىڭلاپ تىللا.

                             ـ ئەھمەد زىيائى

دىدى نەي: ئى كىشى ئويغان! غەپلەت ئۇيقۇدا ياتما،

كېتەر بىر خىش ھاياتىڭدىن مىنۇت ئۆمرۈڭ يوقالغاندىن.

غەنىمەتتۇر ھاياتىڭ، ياشلىقىڭ، ھەرگىز زايە قىلما،

نە پايدا ۋاقتى ئۆتكەندە يىگەن قاتتىق پۇشايماندىن.

ـ ئەھمەد زىيائى: «نەي ساداسى»

                           

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەركىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن،

تۇغۇلماق، سۈڭرە ئۆلمەكلىك  ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن،

لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۆلشنى كىم بىلۇر ئالدىن،

يېشىلمەس بىر تۈگۈن بولدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن،

غەنىمەت بىل ئادىمزاتقا بىرەر تۆھپە ۋە خىزمەتنى.

×          ×            ×

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،

مىسالدۇر رومىي ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىنگىزخان،

كېلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇ جاھانغا بىھىساپ كارۋان،

ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

           ×          ×            ×

نوھ ئۆمرۈگە باقا يوق، ئىسكەندەرمۇ ياش كەتتى،

«ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاتقان ئوق»، مىنۇت-سائەت غەنىمەت.

×          ×            ×

«ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر، قايتماس ئىزىدىن ئارسلان»،

بىلسە ئادەم بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر ئىمتىھان.

ـ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

                           

بىلەمسەن، تاڭ سەھەر خوراز ھەرقاچان
نىمىشقا قىچقىرىپ، ئەيلىگەي پىغان؟
ئۇ دەيدۇ: «ئۆمرۈڭدىن بىر كېچە ئۆتتى،
تاڭنىڭكى ئەينىكى ئۆزرە ئەي نادان!»
×          ×            ×

ئۆلىمىڭ-بىر ئۆلمەك، ئۆلگىن بىر قېتىم،
سەن نىمە بىچارە، بۇ نىچۈك بېسىم؟
نى ھاجەت بۇنچە غەم؟ چۈنكى ناھايتى
سەندە بار قان، تۇمۇر، تېرە بىر سىقىم.
             ×            ×            ×

ئۆتكەن ئۇ كۈنۈڭنى قىلما تولا ياد،

ئەتىكى ئىش ئۈچۈن ئەيلىمە پەرياد.

قايغۇرما ئۆتكەنگە، كەلمىگەنگە ھەم

شاد ياشا، ئۆمرۈڭنى ئەتمىگىن پەرياد.

×          ×            ×

ئۆتكۈنچى جاھاندىن يىمە زەررە غەم،

شاد ياشا، خۇش ئۆتكۈز، بار ئىكەن بىردەم.

دۇنيانىڭ خۇلقىدا بولغاندا ۋاپا،

باشقىدىن تەگمەيتتى نۆۋەت ساڭا ھەم.

            -ئۆمەر ھەييام

                           

سۆزلەر ئىدى تىلى بولسا ئۆلۈكلەر،
نالە قىلىپ، چۈشۈپ دادۇ-پەريادقا:
غەپلەت بىلەن ئۆتتى بىزنىڭ ئۆمرىمىز،
ئەي بۇرادەر، سەل قارىما ھاياتقا!
_ شەيىخ سەئىدى: «بوستان»
                           

بەخىتىڭنى تېپىپ ئۆرىمە يۈزۈڭ،
ئۈچكە بۆلۈنسۇن كېچە-كۈندۈزۈڭ.
بىرىنى ئۆتكۈز ئىلىم ئۈگۈنۈپ،
ئىلىمسىزلىك سەت، ئۆتمە ئۆكۈنۈپ.
ئىككىنچىسىدە سەن ئىلمىي ئىشلە،
ئۈچۈنچىسىدە ئۈگەت ئۆزگىگە.
مەن شۇنداق قىلىپ بولغانمەن دانا،
ھەم جاھالەتتىن بولغانمەن ئادا.
       _ ئابدۇراھمان جامىي

                           

ياخشىدۇر كەتمەستىن ئۇشبۇ جاھاندىن،
خالاس بولسا ئەقىللەر ھەر پۇشايماندىن.
قولۇڭدىن كەلمىگەننى قىلىشقا ئەتە-
ئاجىزسەن پايدىلان بۈگۈن ئىمكاندىن.
                _ ئىبىن سىنا
                           

سۇ بويىدا مەيلە شادان بولايلۇق،
غەم-غۇسسەدىن ئازاد ئۇشخان بولايلۇق.
ئۆمىرىمىز بەش كۈنلۈك گۈلگە ئوخشايدۇ،
خۇش چېھرە، خۇررەمۇ خەندان بولايلۇق.
            _ ھاپىز شىرازى
                                     

ئەي دىل، كۆزۈڭنى ئاچ، جااھان ئۆتكۈسىدۇر،
ئۆمرۈڭ بۇ جاھاندا ھامان ئۆتكۈسىدۇر.
تەن مەنزىلىدە مەھبۇسۇ غاپىل بولما،
مەنزىل ئېشىپ مەنزىل كارۋان ئۆتكۈسىدۇر.
-جالالىدىن رومىي
                           

سەن توختىدىڭ، ھالىبۇكى توختىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشىدە شەك يوق.
×          ×            ×

ھەرقانداق ئاساۋ ئاتقا يۈگەن بار، لېكىن ۋاقىت دېگەن ئاساۋ ئاتنى ئارقىسىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ.
                      ×          ×            ×

سەن مۇقىم بولماس بىر دۇنيادا باقى قېلىشنى ئويلايسەن. سەن يۆتكەلمەس سايە بار دەپ ئاڭلىغانمىدىڭ؟

-ئابدۇقادىر داموللا : « مىفتاھۇل ئەدەب» (ئەدەب ئاچقۇچى) دىن

                           

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت پۇرسىتى،
كېلىچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.
           ×          ×            ×

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
شىر، نە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.
              -ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
                                     

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ، ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
      ×          ×            ×

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يۇپۇرماق.
          -لۇتپۇللا مۇتەللىپ
                            

ئۆمۈر ئۇ بەركەتسىز تۈگەپ كېتىدۇ،
ئەجەل ئۇنى بىر كۈن تارمار ئېتىدۇ،
ئۇرۇق-تۇققان، دوستلىرىنى زار يىغلىتىدۇ،
كەتسە-كەلمەس مەنزىلىگە بېرىپ يېتىدۇ،
تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،
قەدىمقىلار شۇڭا ئېيتقان «ئۆمۈر ئاتقان ئوق».
             -بىلال ئەزىزى
                           

ئەقىلنى، ۋاقىتنى، تالانتنى تىجەش كېرەك.
×          ×            ×

ئۇلۇغ ئىشقا بەل باغلىغان ياش تەلەپچان ۋە قەتئى بولمىسا ھەرقانچە ئەقىللىق بولغان بىلەنمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ. ئەقىل سېنى غايە يولىدا ئۇچىرىدىغان قانات. تەلەپچانلىق بىلەن قەتئىيلىك-شۇ قاناتقا ھەركەت بېرىدىغان كۈچنىڭ مەنبيى.
                -زوردۇن سابىر
                           

نۆۋەت ئېلىپ ئۆتسە بۈگۈن، ئەتنىڭ-
كېلىشىنى بىلمەيتتىڭمۇ ئارقىدىن.
مەن ھەيرانمەن،
شۇنچە رەنجىپ بۈگۈندىن،
نىمە تېپىپ ئالماقچىدىڭ ئەتىدىن؟...
مىنۇت ساناپ كۈن ئۆتكۈزۈش كۆڭۈلسىز،
غاپىل ئۈچۈن ھەرقاچان ئۇ يۈگەنسىز.
دوستۇم، ئەتەڭ قانچە قىزىق بولسىمۇ،
بىلىپ قويغىن، كەلمەيدۇ ئۇ بۈگۈنسىز.
  -تىيىپچان ئىليۇپ: «بۈگۈن ۋە ئەتە»
                           

ياشلىقىڭ كەتتىمۇ، كەلمەيدۇ ئەبەد،
قول سۇزساڭ يەتمەيدۇ، بەرمەيدۇ مەدەت.
ئاھ! دەيسەن، زارلايسەن، قىلىسەن ئارمان،
ئارمانغا ھىچ دەرمان تېپىلماس پەقەت.
    ×          ×            ×

يىللارنى قوغلىشىپ كېلەر يەنە يىل،
بەزىدە كۈلەرمىز، بەزىدە ئاغرىپ دىل.
كۈنلەرنى بىھۇدە ئۆتكۈزمۈگۈلۈك،
ئۆمۈرنىڭ چېكى بار، چېكى يوق يىل، بىل.
   ×          ×            ×

ۋاقىتنى مەزمۇت تۇت، چەكمە نادامەت،
نادامەت بېشىڭغا سالغاي ئاداۋەت.
پۇشايمان نە كېرەك، ئۆتكەندە پۇرسەت؟
بۇ ئۆمۈر ئادەمگە كېلەر بىرلا رەت.
   ×          ×            ×

بىخوتلۇق چاغلىرىڭدىن قاچقىن ئەمدى،
ھاياتنىڭ يېڭى بابىن ئاچقىن ئەمدى.
تېرىڭدىن، ئەجرىڭدىن جەۋھەر سۈزۈپ،
خالايىق باشلىرىغا چاچقىن ئەمدى.
               ـ سەيپىدىن ئەزىزى
                           

ئەگەر ئەقىللىق كىشىلەر قاتارىدا بولغۇڭ كەلسە، كۈندە بىر قېتىم، بولمىسا ھەپتىدە بىر قېتىم، ئەڭ بولمىغاندا ئايدا بىر قېتىم ئۆزەڭگە سۇئال قويۇپ ئۆز-ئۆزۈڭدىن ھىساپ ئال! ئەنە شۇ ھىساپ ئالغاندىن كېيىنكى ئۆمرۈڭنى قانداق ئۆتكۈزدىڭكىن. ئۇ ياكى بىلىم ئېلىشقا، ياكى ئاخىرەتكە، ياكى بولمىسا جەمىئىيەتكە يارامدۇ؟ بىر كۈنلىرى كەلگەندە ئۆمرۈڭنى ئۆزەڭ ئۆكۈنمەيدىغان، پۇشايمان قىلمايدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپسەنمۇ؟ ياكى بولمىسا نىمە قىلىپ ئۆتكۈزگىنىڭنى بىلمەي قاپسەنمۇ؟
                         ـ ئاباي قۇنانباي

  Ⅹ                          Ⅹ

ھاياتنى سۆيەمسىز؟ سۆيسىڭىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭ، چۈنكى ۋاقىت ھاياتنى تەشكىل قىلغۇچى ماتېريالدۇر.

-فىرانكىلىن

  Ⅹ                          Ⅹ

مېنىڭچە، دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە «بۈگۈن» دۇر، ھەممىدىن ئاسان قولدىن كېتىدىغان نەرسىمۇ «بۈگۈن»دۇر، ئۇ ھەممىدىن ئاسان قولدىن كېتىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك.

-لى داجاۋ

  Ⅹ                          Ⅹ

ھاياتلىق ۋاقىتنى ئۆزىگە بىرلىك قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش مال-دۇنيانى دەپ جاندىن زامىن بولغانلىق بىلەن باراۋەر؛ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش ئۆزىنى ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرۋالغان بىلەن باراۋەر.

-لۇشۇن

  Ⅹ                          Ⅹ

دۇنيادا ئۈمىدسىز ئادەم-بىچارىلەر ئىچىدىكى ئەڭ بىچارە ئادەمدۇر.

-سېرگىي يېسنىن

  Ⅹ                          Ⅹ

ناۋادا تۇرمۇش ئالدىسا سېنى،

قايغۇرما، نەپرەتمۇ ياغدۇرما ئاڭا!

سەۋر قىل ۋاقىتلىق كۆڭۈلسىزلىككە،

شاد-خورام كۈنلىرىڭ ئالدىڭدا مانا.

-پۇشكىن

  Ⅹ                          Ⅹ

ۋاقىت دۆلەتنىڭ بايلىقى بولغىنغا ئوخشاش، ئادەمنىڭمۇ بايلىقى، يەنە كېلىپ بارلىق بايلىقى. چۈنكى، ھەرقانداق بايلىق-ۋاقىت بىلەن ھەركەتنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكنىڭ مېۋىسى.

-بالزاك

  Ⅹ                          Ⅹ

ھايات - ئۇ كىشىگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، كىشى ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزىشى كېرەككى، ئۇ ھاياتىنى ئەسلىگەندە، يىللار مەنىسى ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دەپ ئېچىنمىسۇن، تۇرمۇشتا چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ قويۇپتىمەن، دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمىسۇن. ئۆلۈش ئالدىدا ئومۇمەن پۈتكۈل ھاياتىمنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئولۇغۋار ئىشقا-پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت-سائادىتى يولىدىكى كۆرەشكە بېغىشلىدىم، دىيەلىسۇن.

-نىكۇلاي ئوستۇرۋېسكى


                           

بۇ جاھان مەڭگۈ تۇرار ساڭا مەقام جايمۇ ئەمەس،
زەربە قىسمەتتىن خالاس بولمايدۇ ھېچكىممۇ يانا.
بىپايان ئالەم ھامان مەشغۇلى ھەركەت ئۈستىدە،
تۇرىمىز ئوخشاپ پەقەت تامچە ۋە ياكى نوقتىغا.
                              ـ ئەبۇ نەسىر فارابى
                           

مەيلى مىڭ يىل ياشا، مەيلى ئون سەككىز يىل ياشا، بەرىبىر ئۆلىسەن، ياخشى نامىڭنى قالدۇرغىن، مەيلى باي بول، مەيلى  كەمبىغەل بول، ئۆتكەن يىل، ئاي، كۈنلەر ئۆمرۈڭنى يەيدۇ.
                ×          ×            ×

ئۆلەر چاغدا  ئاتاڭ بەلكى شۇئان-
دېگەندۇر، كۆر، ئوغلۇم بول ئويغاق ھامان.
ئۆلۈم كەتتى، كەتتىم، كېلەر ساڭىمۇ،
تىرىشقىن، كېيىن سەن ياخشى نام قازان.
ئۆتەر كۈندىن ئالغىن كېرەكلىكىنى،
تەييارلان، زامان ھەم تۈگىتەر سېنى.
سېنىڭدىن بۇرۇنلار چۈشۈپ ئۆتتىلەر،
تۇرالماي مەنزىلدە كۆچۈپ كەتتىلەر.
×          ×            ×

سېنڭدىن بۇرۇن مىڭ ئۆلگۈچىلەر،
«ماڭا باق، ماڭا » دەپ، ساڭا پەنىد بېرەر.
يۈرۈپ غەپلەت ئىچرە ئاۋۇندۇم تولا،
ئۆلۈم كەتتى، كەتتىم، ساڭىمۇ كېلەر!
                  -يۈسۈپ خاس ھاجىپ

                           

ۋاقىت ئۈچ خىل قەدەم بىلەن ماڭىدۇ: كېلەچەك ئاستا قەدەم تاشلاپ كېلىدۇ، ھازىر ئۇچقاندەك تېز قەدەم تاشلاپ كېتىدۇ.ئۆتمۈش تاشلانغان قەدەمدە مەڭگۈ قوزغالمايدۇ.

-شېللىر

                           

ۋاقىت ئۆزگەرمەس ساندۇر، لېكىن تىرىشچانلار ئۈچۈن ئۆزگۈرۈشچان ساندۇر. ۋاقىتنى «مىنۇت»لاپ ھېساپلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى «سائەتلەپ» ھېساپلايدىغان ئادەمنىڭكىدىن 59 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.

ـ رېباكوف

                           

ھەربىر سۈبھى تاڭنى ئۆز ھاياتىڭنىڭ ئىپتىداسى دەپ بىل ۋە كۈننىڭ ھەر بىر پېتىشىنى ئۆز ھاياتىڭنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىغى دەپ بىل. شۇ كۈندىلىك قىسقا ھاياتىڭ قانداقتۇر بىرەر بىرەر خەيىرلىك ئىش بىلەن، بىرەر ئىشىڭدا غەلبە قىلىشنىڭ ياكى قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئۈگىنىشىڭ بىلەن نىشانلانسۇن.

ـ ژ.رېسكىن

                           

سېنىڭ بىر مىنۇت ۋاقتىڭنىڭ بوش ئۆتكىنى ـ بىر مىنۇت ئۆمرۈڭنىڭ قىسقىرىشىدۇر.

ـ ئېدىسون

                           

سىزنىڭ ئېرىشەلەيدىغىنىڭىز پەقەت ھازىرقى ۋاقىت، كەلگۈسى يېتىپ كەلگەندە يەنە باشقا بىر ھازىر بارلىققا كېلىدۇ. ھازىرقى پەيت ـ سايىڭىزغا ئوخشاش سىزدىن ئايرىلمايدىغان ھەمدە تېگىگە يېتىش ناھايتى تەس بولغان ۋاقىت، ئەگەر پۈتۈنلەي مۇشۇ ۋاقىت ئىچىگە چۆكەلىسىڭىز، تېخىمۇ گۈزەل كەچۈرمىشلەردىن بەھرىمەن بولىسىز. سىز چۇقۇم ھازىرقى ھەر بىر مىنۇت، ھەر سېكىنۇتتىن تۇلۇق بەھرىمەن بولىشىڭىز، ئۆكەن كۈنلەرنى ۋە تەبىئى ھالدا يېتىپ كېلىدىغان كەلگۈسىنى ئويلىماسلىقىڭىز لازىم. ھازىرقى پەيتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، چۈنكى بۇ سىزنىڭ نى-نى ئىشلارنى قىلالايدىغان بىردىنبىر ۋاقتىڭىز.

ـ ۋ.ۋايىن دېيىر (ئامېركا) ( «سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز»دىن)

  Ⅹ                          Ⅹ

ئۆلۉم كىشىگە يىتەرلىك پەندىي-نەسھەتتۇر.

ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆلۉمى گۇيا ساڭا ئاتا-ئاناڭ قىلعان نەسھەتتەكلا پەندىي-نەسھەتتۇر. ئۆزى ئىيتقان ۋە ئەمەل قىلمىعان نەسھەتچى مۇشۇنداق نەسھەتكە يۉزلەنگۉچىدۇر.

                                -ئەلىشر نەۋايى: «چىھىل ھەدىس» تىن

×          ×            ×

ئۆمۈرنى  غەنىمەت بىل، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكرى قىل.

×          ×            ×

دوستلار، ياشلىقنى غەنىمەت بىلىڭلار. ئۆزىڭلارنى قېرىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇڭلار. ئاداۋەت، ھەسەتتىن ساقلىنىڭلار. ھەرنىمە قىلىپ بىرنەچچە كۈن ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار.

-ئەلىشر نەۋايى:«مەھبۇبۇلقۇلۇپ»

                           

ئۆمۈرنىڭ ھەربىر نەپەسىنى غەنىمەت بىلگىن. روھ بىر قۇش بولسا، تەن مىسالى بىر قەپەزدۇر.

×          ×            ×

ئۆمۈر گۇياكى زەر بىلەن تولغان ھەميان، ئۇنىڭدىن دەممۇ-دەم قىلغان خىراجەت ھاياتلىق سەپىرىڭنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

- مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى

                           

ئەي ئىنسان ئوغلى، غەپلەتتىن ئويغان! ئۆمرۈڭ قۇيۇندەك ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. سەن بولساڭ تار كۆز قارشىڭدىن كەلگەن غەپلەت ۋە ھاڭۋاقتىلىق بىلەن بۇ زاۋاللىق ئالىمىدە ئەسىرلەر بۇيى تۇرۇشنى خالايسەن.

×          ×            ×

  قارىغىنا، ھاياتىڭ پۈتۈنلەي كۈندۈزنىڭ يۇرۇقى ۋە كېچىنىڭ قاراڭغۇسىدەكلا بىر نەرسە! ۋاقتىڭنى غەپلەت ئۇيقۇلىرى بىلەن ئۆتكۈزمە. جىددىي ۋە غەيرەت تۇلپارىنى ئۆكچىلەپ، ئامانلىق مەنزىلىگە ئۇلاشقان ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ بىرىگە مەنسۇپ بول.

                           

كۈندۈزلىرى تاپاۋەت كويىدا مۇشەققەت چەككەن كىشى، كېچىلىرى ھارغىن ھالدا ئورنىغا دۈم چۈشىدۇ ۋە ئۆمۈر دەرىخى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇرۇپ كەتكەچ كېچىلىرىنى ھەم كۈندۈزلىرىنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن غەم-قايغۇسى شۇ بولۇپ، ئۇنىڭغا ھاياتتا باشقا غايىلىرىمۇ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسلەتمەكچى بولساڭ، گېپىڭگە قۇلاقمۇ سالمايدۇ... بۇ يولدا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۆمۈر بىكار ئۆتكەن بىر ئۆمۈردۇر، ئۇ ئادەممۇ ئۆزىنى ھەر خىل بالا-قازالار كۈتۈپ تۇرغان جىنايەتچىگە ئوخشايدۇ.

                -ئەللامە زەمەخشەرى

                           

ئۆمۈرنىڭ بېناسى، ھاياتنىڭ قۇرۇلۇشى قارارسىز، ھەر دەقىقىنى غەنىمەت بىل.

       -ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرى

                           

كىشلىك ھايات بىر قېتىمدا بىر كۈنلا ياشاش بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا تۆنۆگۈنكى دىشۋارچىلىقنى بۈگۈنگە ئەكەلمەسلىك، يەنە بۈگۈنكى ئاۋارىچىلىقنى ئەتىگىمۇ سوزماسلىق كېرەك. شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بۈگۈنكى بۇ كۈن – دەل نۇرغۇن ئىشلارنى قىلمناقچى بولغان تۆنۆگۈننىڭ ئەتىسىدۇر. يەنە ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، قىممەتلىك بۈگۈن ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەتسە كەلمەس ۋاقىت دەرياسىدا غەرق بولىدۇ.

-ساڭمىڭ يىياڭ (ياپۇنىيە): «قانداق قىلغاندا ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ» ناملىق كىتابتىن

                           

تامامەن تەنھا بۈگۈن ئىچىدە ياشاش كېرەك! ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاققان سۇ. چۈنكى ئۇ نادانلارنى گۆرگە باشلايدىغان ئەرۋاھ؛ ھەرقانچە قەيسەر ئادەم بولغاندىمۇ تۆنۆگۈن بىلەن بۈگۈندىن ئىبارەت ئىككى ئېغىر يۈكنى يۈدۈۋالغان بولسا، بىر غېرىچ ئىلگىرلىشىمۇ قىيىنغا توختايدۇ. كەلگۈسىىنىمۇ ئۆتمۈشىڭىز بىلەن ئوخشاشلا ئۈزۈل-كىسىل ئايرىۋېتىڭ! ئەتىكى ئېغىر يۈككە تۆنۆگۈنكى ئېغىر يۈك قۇشۇلسا زور توسالغۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كەلگۈسى بۈگۈننىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئىنسانلار قۇتۇلدۇرۋالىدىغان كۈن ھازىردىن ئىبارەت، زېھنى كۈچ ئىسراپچىلىغى، روھىي پەرىشانلىق  كەلگۈسى ئۈچۈن غەم يەيدىغان كىشىگە چىڭ ئەگىشىۋالىدۇ...
               ـ دالىي كارنىگ «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ» دىن

                           

ئەتىگە قالمىسا بۈگۈنكى ئىشى،

بۇ دۇنيادا غالىپ ياشار شۇ كىشى.

      -     خسراۋ دېھلىۋى

                           

كەينى-كەينىدىن كەلگەن تۇغۇلغان كۈنلەر ئولۇغ مەلۇماتقا قاراپ توختىماي ماڭىدىغان بىر ئۇزۇن قاتار تەشكىللەپ، مىڭلىغان دەريالار دېڭىزغا قۇيۇلغاندەك ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە قاراپ ماڭىدۇ.

         ×          ×            ×

سەن چاتقاللىقتىكى گۈل-چېچەكلەرنىڭ ھۆپپىدە ئېچىلىۋاتقانلىقدىن خەۋەر تاپمىدىڭمۇ؟ ئويغانغىن، ۋاي ئويغان! ئۆمرۈڭ بىكار ئۆتۈپ كەتمىسۇن!

  -«تاگۇرنىڭ دۇردانە سۆزلىرى»دىن

دۇنيادا ھەممىدىن تېز ئۆتىدىغان ھەم ھەممىدىن ئاستا ئۆتىدىغان، ھەممىدىن ئۇزۇن ھەم ھەممىدىن قىسقا، ھەممىدىن ئەرزان ھەم ھەممىدىن قىممەت، ھەممىدىن ئاسان سەل قارىلىدىغان ھەم ئادەمنى ھەممىدىن بەك پۇشايمان قىلدۇرىدىغان نەرسە ۋاقىتتۇر.

×          ×            ×

ئادەم ئالەمگە ئۆمىرى بىلەن بازارنى، ئۆلۈكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئەمەس...

ماكىسىم گوركىي


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 05:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈنۈگۈن-بالىلىق مەزگىل-يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ،
بۈگۈن- ياشلىق مەزگىل-قوياشقا ئوخشايدۇ،
ئەتە-  قېرىلىق مەزگىل- ئايغا ئوخشايدۇ.
  شۇڭا  بۈگۈننى قەدىرلەش بەكمۇ  قىممەتلىكتۇر.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1679
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8015
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 1801 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 06:14:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل تەرمىلەركەن ، داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز .

ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ ،ئەمما ۋىجدانسىز ئادەملەر ھەممىنى يەۋېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7871
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 06:50:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايلىققا ئېرىششنى ئارزۇلاش    ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق ئارزۇسى .
ئەمما ، بايلىققا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش  بىلەن ئېنىق پىلاننىڭ بايلىق يارىتالايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايتى ئاز .

ناپالېئۇن   خېئول .

ئىلگىرى  مەن ۋاقتىمنى بېمەنىلەرچە خوراتقاندىم . ئەمدى ۋاقىت مىنىڭ ھاياتىمنى خوراتماقتا .


__ ئېمىرسۇن .






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-17 06:54 PM  


ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 10:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش