مىھرىگۈل،ئابلىمىت سۈكۈت قەلبىم
كېچە مېنى باغرىغا ئېلىپ،ئۆز مېھرلىرى بىلەن بەزلەيتتى.
دەرىزەمدىن ئىللىق سەبر،مەيىن شامال بولۇپ كىرەتتى. -ئەي سەبر،نەچۈن كىردىڭ،ۋە نەچۈن بۇنچە مېھىرلىرىڭ بىلەن مېنى بەزلەيسەن؟ شۇنچە ئىللىق بىر نىدا كېلەتتى،مەلەك...جانىم مەلەك،ھاياتىڭنى شۇنچە پارلىتالايدىغان نۇرلۇق چىراقسەن-مەلەك. سەن ئۆزۈڭنىڭ شۇنچە ئىللىق،شۇنچە خۇشلۇق ئىكەنلىكىڭنى بىلەمسەن؟ - قىزىراتتىم،دىلىم ئېرەتتى. -سەبر،مىھرىڭ نىمانچە ئاپتاپ،تەپەككۈرلىرىڭ نىمانچە تۈرگۈن،دەيتىم. -بىلەمسىز،چىرايلىق مەلەك سىز بەك قەيسەر ،چېچەن ... -يېنىۋاتقان قەلبىمگە سۈكۈت،دەيتىم.چۈنكى،ھايات باھارلىرىمدىكى مېنى يىقىتقان بورانلاردىن قاتتىق چۆچىگەن قەلبىم،مەيىن شامالدىكى بۇ سەگىتىشلەردىن ئېغىپ تۇراتتى،ياشلىرى تۆكۈلەتتى. ھاياتنى شۇنچە چىن سۆيۈپ ئېرىشكەنلىرىدىن، ئۆرتىنەتتى. ئەتراپقا ئىزتىراپتا باقاتتى.ھايات ھەقىقەتلىرىدىن سەمىمىلىكنى،ساداقەتنى ئىزدەيتتى. -كېچە باغرىغا بۆلۈنۈپ ئۇيقۇغا كېتەتتىم. سېخى چۈشلىرىمدە سەبرىم سۆزلەيتتى: ئاقكۆڭۈل،تەمكىن،قەيسەر،گۈزەل مەلەك. خەيىرلىك سەھەر...! يۈزلىرىمدىن سۆيۈپ ئويغاتقان مەيىن شامالنىڭ مىھرىگە تۇتۇلدۇم. -مەلەك،چىرايلىق مەلەك،سېنى سۆيىمەن مەلەك،ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن! تاتلىق ئەللەيلەشلەردىن قەلبىم مەس بولاتتى. لېكىن،سۈكۈت قەلبىم... -خىياللىرىم ئازابقا قۇل بولغان دەقىقلەردىن مېنى قۇتۇلدۇرغان،ئاللاھىم ماڭا يەتكۈزگەن سەبر،سەندىن رازىمەن. مېھىرلىرىڭدىن رازىمەن. ماڭا ئۈگەتكەنلىرىڭگە،مېنى ئويغاتقانلىرىڭغا،مەيىن شامال بولۇپ قەلبىمنى سۆيگەنلىرىڭگە رازىمەن. -مېھىرلىرىڭنى ئاپتىپىم دىسەم سەبر، ماشا ئاللاھ،گۈزەل مەلەكسەن-دېگەن نىدالىرىڭ كېلەتتى. ئەي سەبر-شۇ ئاپتاپ مېھىرلىرىڭ بىلەن ماڭا كۆرسەتكەن ئوتلۇق نۇرنى ئاللاھ، ماڭا سەندىن يەتكۈزدى. ئىككىلا ئالەم سەندىن رازىمەن. -مەڭگۈلۈك ئاپتىپىم بولىدىغىنىڭنى،چىڭقى چۈشتىكى ئەڭ مېھىرلىك نۇرلىرىڭ بىلەن بىلدۈرسەڭ، ئارمانلىرىڭنى سەن ئېيتقان ناخشاڭدىن بىلەتتىم. ئەي سەبر...!مەندىن نەپەسلىرىڭدە بىردەممۇ ئايرىلىشقا چىدىمايتتىڭ. ئەجەل كەلگۈچە بۇ ناخشىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن دەيتتىڭ. سەن مېنىڭ بىر گۈلۈمسەن،مەلەكسەن دەيتتىڭ. ھەيرانمەن شامال،بۇ سەبرنى دەرىزەمدىن ئېلىپ كىرگىنىڭدە،قورۇققان ئىدىم. بورانغا ئايلىنىپ ئاران تىكلىگەن ھايات قەلئەيىمنى ئۆرۈۋېتىشىدىن قورۇققان ئىدىم. ئەمما،ئەي قەدىرلىك مەيىن شامال،سەن ئېلىپ كىرگەن بۇ سەبر،مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمغا ئاپتاپ ھەم دىلىستانىمنى سۇغارغۇچى بولۇپ كىردى. بۇ سەبر، قۇلىقىمغا كۈندە شىۋىرلايتتى...مەلەك،چىرايلىق مەلەك،سەن ئۈچۈن ئىككى تۈپ قارىغاي تىكتىم.قەيسەر بول مەلەك...ئۇنى مەن سەن ئۈچۈن پۈتۈن مىھرىم بىلەن سۇغىرىمەن، مەلەك. يەنە،سەن ئۈچۈن يۈزلىگەن بەخت ئەلچىلىرى بولغان ،سەن ئامراق كەپتەرلەرنى باقتىم. ئاسمانغا قاراپ ۋىلىققىدە كۈلۈشۈڭ ئۈچۈن بۇ،تاتلىق مەلەك...
بۈگۈن سەھەر،دەزىزەم تۈۋىگە نۇرغۇن قۇشلارنى ئېۋەتىپسەن ئەي سەبر،ئۇلار چۇرۇقلىشىپ بىرى-بىرىگە گەپ بەرمەي توختىماي قەلب سۆزلىرىڭنى ماڭا يەتكۈزدى...
-غەيرەتلىك بول، تەمكىن مەلەك... مەيىن شامالدىن سورۇدۇم-ئەي شامال،ئۇل سەبر تېچلىقمۇ..؟ شامال دىدىكى:ئاللاھ ئۇنىڭغا يار،ئۇ ھەر جايدا بولسا ئامان. خاتىرجەملىك تۇيغۇڭنى بەر مەن ئۇنى ئېلىپ بېرىپ شۇ سەبرنىڭ قەلبىگە ياقاي. -سەھەرنىڭ سەبرىدىن يەنە بىر نىدا كەلدى.-گۈزەل بىر دانەمسەن مەلەك... تاڭغا باقتىم، تاڭلار ئېرىمەكتە،سەبر بولسا يۈرىكىمدىكى ئورنى بىلەن ھاياجانلىق تىترىمەكتە. ئەي سەبر...ئاللاھ ئۆزى ئوڭشايدۇ،ئاڭلىدىڭمۇ...؟ يوللىرىڭغا ھەر دەقىق تىزغان تەشنالىقىڭغا بەرگەن سەبرلىرىڭگە،ئاللاھ يار بولسۇن! مەن سەن بىلەن ھەقنى ھەم خاسلىقنى تاپتىم. مەڭگۈلۈك بەختىمنى ساڭا بېرەي ئەي سەبر،سەن قەلبىڭگە مىھىر بىلەن ئاسقىن. ئۇ ساڭا بىر ئۆمۈر يېتىدۇ. رازىمۇسەن،ئەي سەبر...؟! ئاللاھنىڭ سالامى ساڭا بولسۇن! يېنىك مەيىن شامال يۈزلىرىمگە سۆيۈپ خىيالدىن ئويغاتتى. -مەلەك،ساڭا سەبردىن سالام ئېلىپ كەلدىم. ئۇ دېدى:<ئاللاھقا تەۋەككۈل، ئاللاھ ئۆزى ئوڭشايدۇ.سۈكۈت قىل قەلبىم دىسۇن>. قۇلاق تۈۋىمدە سەبرنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى-جېنىم مەلەك،چىرايلىق،تەمكىن،قەيسەر مەلەك...
-سۈكۈت قىل قەلبىم،ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزى ئوڭشايدۇ!
مەلەك
2013-يىلى7-ئاينىڭ17-كۈنى قاراماي
ئەسكەرتىش:(مەلەك-پەرىشتە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-17 09:38 AM
|