|
|
|
|
قارىسام ئەتراپىمىزدا ئاندىرويىد يانفونى ئىشلىتىدىغانلار بەك كۆپكەن، مەن ئۆزۈممۇ ئاندىرويىد ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى. يانفون ياخشى بولغان بىلەن، يېڭى -يېڭى دېتاللارنى قاچىلاپ تۇرمىسىڭىز ئوخشاشلا زېرىكىپ قالىدىغان گەپكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىر ئاندىرويىدقا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان دېتاللار، يەنى ئەپلەرنىڭ سانى نەچچە يۈزمىڭدىن ئاشىدىكەن، ئەمما بىز ئىشلىتىدىغانلىرى نەچچە ئوندىن ئاشمايدۇ. يېڭى ئەپلەرنى ئىشلىتىپ باقاي دىسىڭىزمۇ دەمال يادىڭىزغا كەلمەي قىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن يانفونغا ئەپ بازىرى (يانفون دېتاللىرىنى چۈشۈرىدىغان كۆزنەك) تىن بىر قاچىلاپ قويغان ياخشى. بىلىشىمچە ھازىر گۇگېل ئەپ دۇكىنى، بەيدۇ ئەپ بازىرى قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئەپ چۈشۈرىدىغان بازارلار بار، مەن تۆۋەندە كۆپچىلىك ئۈچۈن يېڭى بىر خىل ئەپ بازىرى ئىلىپ كەلدىم، بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن، بۇنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭدىكى ئەپلەرنىڭ سانى ئاز ۋە ساز، قىزىقارلىق ۋە ئويۇن تۈرىدىكى ئەپلەر كۆپ ئىكەن. مىنىڭچە كۆڭۈل ئېچىشنى خالايدىغان دوستلار يەنىلا كۆپ، شۇڭا بۇ ئەپنى يانفونىڭىزغا چۈشۈرۈپ سىناپ بىقىڭ.
ھە راست، سېغىمى پەقەت ئىككى مىگابايت، ئېقىمدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىچىدە 50 مىڭغا يىقىن ئەپ بار،ھەممىسى تاللانغان ئەپلەر....بۇ خەنزۇچە ئەپ بازىرى، تېخنىكىسى بار دوستلار تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار ياكى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى يوللاپ تۇرساڭلا بولىدۇ. ئادەم تىللىماڭلار، لىكىن.
بەيدۇدىن چۈشۈرۈش:
سىكانىرلاپ چۈشۈرۈش:
كۆرۈنمە يۈزى:
|
|
|
|
|
|