جۇڭگو رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىيسى .شىنجاڭ مەدەنىيەت تارىخ ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئاتاقلىق جۇڭگوچە رەسىم رەسسامى تۇردى ئىمىن ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ رەسسامى ،شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ياش تالانتلىق رەسسام ئەسقەر تۇردى روسيەدە سانپېتىربۇرگ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن 6- ئاينىڭ 26- كۈنى 7- 7- كۈنىگىچە سان پېتىربۇرگ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش رەسىم كۆرگەزمىسىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزدى...
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا روسيە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگونىڭ سان - پېتىربۇرگدا تۇرۇشلۇق كونسۇلنىڭ باش ئەلچىسى لى ياچى ئەپەندى ۋە كونسۇلنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇلى قاتنىشىپ تەبرىك سۆزى قىلدى. كۆرگەزمىگە تۇردى ئىمىن ۋە ئەسقەر تۇردىنىڭ 80 پارچە جۇڭگوچە رەسىم ۋە ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ چەتئەللىك رەسساملار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى ،
6- ئاينىڭ 30 - كۈنى روسيە دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ،سان - پېتىربۇرگ مەدەنىيەت ئىدارىسى ، سان پىتىربۇرگ ئېرمىتاش دۆلەتلىك مۇزىيى ، سان پېتىربۇرگ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بۇ ئاتا - بالا رەسسامنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاكادىمىك ئۇنۋان دېپلومىنى بەردى
بىز مىسرانىم تورى نامىدىن پەخىرلىق ئۇيغۇر ئوغلانلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق ۋە نەتىجىلىك بولىشىنى،شۇنداقلا دۆلەت ۋە خالقئارا سەھنىلەردە تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئىرىشىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە رەسساملارغا بېرىلگەن تۇنجى ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-16 04:46 PM
|