|
|
|
|
جۇڭگو-ئامىركابىرلىشىپ «مىڭ بىر كىچە» فىلىمىنى يېڭىدىن D3نۇسخىدا ئىشلىمەكچى شىنلاڭخەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،«سىرلىق نىقاپ» نىڭ رىژىسورى چاك راسسېلنىڭ يېڭى فىلىمى «مىڭ بىر كىچە» جۇڭگوجېجىياڭ خېڭدىيەن كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى بىلەن بىرلىكتەسۆرەتكە ئېلىنماقچى بۇلۇپ، بىرلىكتە سۆرەتكە ئېلىش ئىلتىماسىمۇ جۇڭگوكىنو-فىلىم باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۈتۈپتۇ.فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپمۇبۇنىڭ راستلىقىنى دەلىللەپتۇ.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىرلىكتە سۆرەتكە ئېلىشئىشلىرىدا سىنارىيە قىسمەن ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ئاندىن تەستىقتىن ئۆتكەنمىش،ئەمماھۈكۈمەت تەرەپ سىنارىيەنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىك توغرىسىدا ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمەپتۇ. بۇندىنئىككى يىل بۇرۇنلا رىژىسور چاك راسسېل «مىڭ بىر كىچە»نى سۆرەتكە ئېلىشنىپىلانلىغانلىغىنى جاكارلىغان بۇلۇپ،گاناكىنو بايرىمىدا سىناق بۈلەكنى قويغان.فىلىمنىڭ تارقىتىش ھۇقۇقىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا Film Districtشىركىتىگە سېتىپ بەرگەن.شۇ ۋاقىتتا جۇڭگودىكى مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە قاتنىشىش ئۇيى بارلىغىنى بىلدۈرگەن.ئەمىلىيەتتەبۇ فىلىم ئەڭ بۇرۇن قازاغىستان كىنو-فىلىم تارقىتىش شىركىتى بىلەن بىرلىكتەئىشلەشكە پۈتۈشكەن بۇلۇپ،2011-يىلى 12-ئايدا راسسېل ئۇلار بىلەن كىلىشىمنامەئىمزالاپ،ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىدا سۈرەتكە ئالماقچى بولغان.كىيىن ئىشلارداھىچقانداق ئىلگىرلەشلەر بولمىغاندىن كېيىن،شۇ پېتى توختاپ قالغان.خېڭدىيەن كىنوچىلىق شىركىتىنىڭ باش دېرىكتۇرى لىيۇ جىجىياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مىڭ بىر كىچە»2013-يىلى 8-ئايدا سۆرەتكە ئېلىش باشلىنىدۇ،فىلىم ئىشلەش تەننەرقى 70 مىليۇن ئامىركا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىغى مۆلچەرلەنمەكتە.شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا،AN Holdings نامىدىكى بىرشىركەتمۇ بۇ فىلىمگە مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقان. رىژىسورچاك راسسېل مۇنۇلارنى بىلدۇردى:كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ ئانام ماڭا ئالاھىدىن،سىندىبات ۋە ئۇچار گىلەمنىڭ ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرەتتى.كېيىن مەن ئەسەردىكى نۇرغۇن ھىكايىلەرنىڭ جۇڭگودا يۈز بەرگەنلىگىنى بايقىدىم. رىژىسورچاك راسسېل ئىلگىرى ھوللىۋۇتنىڭ «سىرلىق نىقاپ»،«چايان پادىشاھ»،«گۇمران قىلغۇچى»ناملىق فىلىملىرىدە باش رىجىسۇرلىق قىلغان بۇلۇپ،بىلەت كىرىمى بىر مىليارتئامىركا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.مۆلچەرلىنىشىچە بۇ فىلىم 2014-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا،2015-يىلنىڭ باشلىرىدا كىنوخانىلاردا قۇيۇلۇشى مۈمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-16 04:16 PM
|
|
|
|
|
|