مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 3

ئويلاردىن ھەقىقەتلەرگە پەرۋاز (زوھران) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۈيۈك نىشانىم: ھەقىقەتتە مېڭىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7460
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 5849 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 02:08:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئويلاردىن ھەقىقەتلەرگە پەرۋاز                  

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش قىرىنداشلار،ئادەم تۇغۇلۇپ تا ئۆزى ھەققىدە ئويلىغىچىلىك ،ئاق قارىنى پەرىقلەندۈرگۈچىلىك بولغۇچە ئۇنىڭدا تالاي ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىچىندۈرىغان ،تەسىرلەندۈردىغان ۋە ھەتتا ھىسداشلىقىنى قوزغىغىدەك ،يۈرەكلىرىمىزنى ئۆرتەندۈرۈپ يىغلاتقۇدەك ،ۋە ياكى توۋا دىگۈدەك ھەم شۇنداقلا ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرگىدەك قىزىقارلىق ئىشلار ،يەنە تىخى ئادەم ھەيران بولغۇدەك غەلىتە ئىشلار ،غەلىتە قىلىقلار،غەلىتە ئوي-خىياللار بولىدىكەن.مەنمۇ ئۈزۈمنى ئالسام ،ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۆزۈم ھەققىدە باش –ئاخىرى يوق ئوي-خىياللار بىلەن كىتىۋاتقان ئىنسانمەن.ئەنە شۇنداق چىكى يوق،بەزىدە ئاجايىپ چۈشەنگۈسىز،بەزىدە بەكلا خىيالى ۋە بەزىدە بەكلا قىزىقارلىق،كۈلكىلىك خۇددى ھاماقەتنىڭ خىيالىدەك ئوي خىياللاردا بولغان ئىشلىرىممۇ تالاي.شۇ سەۋەبتىنمۇ ئەيتاۋۇر بەزىدە مىجەزىم بەكلا غەيرى بولۇپمۇ قالىدۇ.يەنى كۆپىنچە يالغۇزلۇقنى خالايدىغان،كىشىلەرگە ئارلاشمايدىغان دىگەندەك.بەزىدە ئۈزۈمنى باش –ئاخىرى يوق خىياللارغا بەندلەنگەن خىيالى ئادەم،بەزىدە ھەقىقەتنى تىپىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلۋاتقان ئىنسان دەپ قاراپمۇ قالىمەن.ئىشقىلىپ خىياللىرىمدا قانداقتۇر بىمەنە خىياللارمۇ ۋە ياكى ھەقىقەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن قىلغان تەپەككۇرغا ئوخشىغان ئاجايىپ بىرخىل ئاكىتپ خىياللارمۇ يوق ئەمەس.               

   مەن نەدىن كەلدىم،نەگە كىتىۋاتقان ئىنسان؟بۇ دۇنياغا نىمە زۆرۈرىيەت بىلەن كىلىپ قالدىم؟مىنى كىم ئېلىپ كەلدى؟كىم ئېلىپ كىتىدۇ؟مەن دۇنياغا كەلمەستە ئەسلى ماكانىم نە ئىدى؟مەن زادى يوقلۇققا قاراپ كىتىۋاتقان بەندىمۇ ياكى يەنە بىر باشقا دۇنياغا كىتىۋاتقان بەندىمۇ؟ھاياتىم پەقەت مۇشۇ دۇنيادىلا ئاخىرلىشىدىغان داۋامى بولمايدىغان،ئۆلگەندىن كىيىن سىسىپ ،كىشىنى سەسكەندۈرۈدىغان بىر  نىجاسەتسىمان ،يەرگە كۆمۈلۈپلا دەپنە قىلۋىتىدىغان  ئىنتايىن بىر ئەرزىمەس نەرسىمۇ ياكى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئاجايىپ گۈزەل ھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان،سىنىلىۋاتقان،ۋە ئېمتىھان بىرىۋاتقان ،ھاياتىم ئاجايىپ قىممەتكە ئىگە بىر ئولۇغ ئىنسانمۇ دىگەن ئوي-خىياللار كاللامدا ھەرۋاقىت ئەگىپ تۇرىدۇ...                                               

    ئادەم دىگەن ئىنتايىن سىرلىق ۋە قىزىق بولىدىكەن.شۇنداق خىياللارنى قىلىپ قالىمەن.بىر نوقتىدىن ئويلىسام دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار قارىماققا ھەرخىل تىلدا،ھەرخىل رەڭدە، ھەرخىل ئېتىقادتا ۋە ھەرخىل ئويلادا ۋە ھەرخىل يوللاردا كىتىۋاتقان مەخلۇقلاردەك كۆرۈنىدۇ.بىراق يەنە بىر نوقتىدىن قارىسام ئۇلارنىڭ كىلىش مەنبەسى بىر،قايتىش مەنزىلى بىر،ياشاش قانۇنىيىتى بىر بولغان،ئىنسان دىگەن بىر ئورتاقلىققا ئىگە ۋە دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بىرخىل مەخلۇققا ئوخشىتىپمۇ قالىمەن.                                             

   ئىنساننى تۇرۇپلا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر،يەرشارىدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئەنە شۇ كۈچتۈڭگۈر ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان ،مالاي بولىۋاتقان،ئىنسان ئۇلارنى ئۆزىگە بوي سوندۈرۈپ ياشاۋاتقان بىر خىل غەلبە قىلغۇچى كاتتا ،بۈيۈك مەخلۇقتەك سېزىمەن.تۇرۇپلا يەنە ھىچ ئىشىنى ئۆز ئىرادىسى بويىچە قىلالمايدىغان،نۆۋىتى كەلگەندە تىخى بىر ھايۋاندىنمۇ قۇرقۇپ ئۆركۈپ يۈرىدىغان،جانسىز ،تىلسىز يەرنىڭ تەۋرىشىگە،سۇنىڭ ھوجۇمىغا ،رەڭگى ،پۇرىقى ،شەكلى ۋە تىخى ھىچقانداق پۇت-قولى بولمىغان ھاۋانىڭ ئىقىمى بولغان بوران –شاماللارنىڭ ھوجۇمىغىمۇ تاقابىل تۇرالمايدىغان،ھەتتا ئاخىرىدا ئۆز جىنىغىمۇ ئىگە بولالمايدىغان ناھايتىمۇئاجىز بىر مەخلۇق سۈپىتىدىمۇ كۆرىمەن.                                                                  

    دۇنيانىڭ ئەڭ ئەزىز مېھمىنى بولغان  ئىنسانلار زادى قانداق سالاھىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۋاتقان مەخلۇقلار؟ئاخىرىدا ئەڭ ئالىي مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغان بىرخىل جانلىقلار توپىمۇ ياكى باشتا دەپ ئۆتكەندەك دۇنيادا مەلۇم ۋاقىت ياشاپ ئۆتۈپ ئاندىن ئۆلگەن پىتى يوقاپلا كىتىدىغان ۋە ھاياتىمۇ تامام بولىشى بىلەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغان جانلىقلارتوپىمۇ؟                                                

مەن شۇنداق ئويلايمەنكى ئادەم تۇغۇلۇپ ئاق –قارىنى پەرىقلەندۈرگىدەك بولغاندا بىرىنچى ھەل قىلىدىغان ئىشى ئۆزىنىڭ نەدىن كىلىپ نەگە ماڭىدىغانلىقىنى ئويلىشى،تەپەككور قىلىشى ۋە بېلىشى زۆرۈر.چۈنكى ئويلاش،تەپەككور قىلش ئارقىلىقمۇ ھەقىقەت يوللىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.يەنى ئۆلگەندىن كىيىن زادى ھاياتلىقنىڭ داۋامى بارمۇ-يوق دىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشى كىرەك.بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يولى بويىچە ماڭسا بولىدۇ.بۇنىڭغا ھىچ كىشىنىڭ ئارلىشىش ھوقۇقى يوق.پەقەت ھەقىقەتچىلەرنىڭلا ھەقىقەت يولىغا دەۋەت قىلىش مەسئولىيىتى  بولىدۇ،ئەمما يەنىلا مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوقتۇر.      يەنە شۇنداق ئويلايمەن،دۇنيادا پەقەت ئۆز نەپسى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار كىشىلەرنىڭ ھايۋانلاردىن پەرقى يوقتۇر.باشقىلارنىڭ  ئادىيمىلىك قەدىر –قىممىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان،ئۇلارنىڭ ئېتىقادى،ئۆرپ-ئادىتى ۋە ھەتتا يۈرۈش –تۇرۇشىگىچە كونتىرول قىلىپ ،پەقەت ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈنلا ياشايدىغان كىشىلەر مىنىڭ نەزىرىمدە دۇنيادىكى ئەڭ شەرمەندە كىشىلەردۇر...                                 

     ھەممىمىزگە مەلۇم ئىنسانىيەتلىك بۈيۈك  ئۇستازى،ئۈلگىسى ،يولباشچىمىز، پەيغەمبىرىمىز  مۇھەممەد سەللاللاھى ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ كىشىلەرنى ھەق يولغا باشلىشى،ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشى قانداقتۇر ئۆز مەنپەئىتى  ياكى ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ياكى ئۆز مىللىتى بولغان ئەرەبلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بولغاندۇر.ئەگەر ئۇ زات ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قىلغان بولسىدى ئاللىبۇرۇن كاپىرلار ئۇنى توسۇپ ،سەن نىمە دىسەك بىز شۇنى بىرەيلى ،بۇدىننى تارقاتمىساڭ دىگەن شەرتىگە ماقۇل بولغان بولاتتى.پەيغەمبەر سەللاللاھى ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ تەرجىمھالىدىن ئاز-تولا خەۋەردار كىشىلەر ئۇ زاتنىڭ قانچىلىك جاپا-مۇشەققەت ،ئەرزىيەتلەرنى تارتقانلىقىنى بىلسە كىرەك.ئۇ زات پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت سائادىتى ئۈچۈن ئاشۇنداق چىدىغۇسىز ئەرزىيەتلەرگە سەۋر قىلغان زاتتۇر.مەن ئويلايمەن  پەيغەمبەر سەللاللاھى ئەلەيھى ۋەسسەلەم تارتقان ئۇ ئەرزىيەتلەرگە باشقىلار بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى ئەمەس بەلكى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ  چىدىماس ئىدى.دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق  ئالىيجانابلىق بولمىسا كىرەك...                       

   شۇنداق ،مەن كۈندە ئوي-خىياللار بىلەن ئۆتىمەن.بەلكىم بۇ ئوي-خىياللىرىم قانداقتۇر ۋاقتىمنى بىھودە ئۆتكۈزۈش بولماستىن بەلكى ھەقىقەت يولىنى تىپىش ئۈچۈن،ھەقىقەت يولىدا مىڭىش ئۈچۈن ئېلىنغان دەسلەپكى قەدەمدۇر.چۈنكى باشتا دەپ ئۆتكەندەك ئويلاش ،تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىقمۇ ھەق يولنى بايقىغىلى بولىدۇ.بۇ ھەقتە بىر ھەدىس ئېسىمگە كىلىپ قالدى.(قايسى كىتابتا،كىمنىڭ رىۋايەت قىلىغىنى ئىسىمدە يوق).ساھابىلەر پەيغەمبەر سەللاللاھى ئەلەيھى ۋەسسەلەمدىن كىشىلەردىن يىراق بولغان مەلۇم بىر قەۋم بولغان بولسا ئۇلارغا ھىچقانداق بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىگەن بولسا ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا يولنى بىلمىگەن بولسا ،ئۇلارمۇ گۇناھكارلار بولامدۇ دەپ سورىغاندا رەسۇلىمىز ھەئە،چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ ئەقىلنى بەرگەن دەپ ئېيتىپتىكەن.شۇڭا ئويلاش،تەپەككۇر قىلىش ئەقىلنى ئاچىدىغان ،ھەقىقەتنى بىلدۈردىغان ئاكتىپ بىر ئامىل دەپ قارايمەن.                                                            

    ئاخىرىدا پەرۋاردىگارىمىز ئاللاھتىن بىزنىڭ ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم مىڭىشىمىزنى،ئىمانىمىزنىڭ كامىل بولۇشىنى ،توغرا يولدا بولۇشىمىزنى ،مۇشۇنداق بىزگە رەھمەت قىلىدىغان،گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلىدىغان ۋە دوزاختىن ئازاد قىلۋىتىدىغان خاسىيەتلىك رامزان ئايلىرىدا تۇتقان روزىلىرىمىزنى مەقبۇل قىلىشىنى ،قىلۋاتقان ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى،ۋە دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىشىنى تىلەيمەن.                  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-16 04:13 PM  


بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ!!!

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10434
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 04:21:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاسىيەتلىك رامزان ئايلىرىدا تۇتقان روزىلىرىمىزنى مەقبۇل قىلىشىنى ،قىلۋاتقان ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى،ۋە دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىشىنى تىلەيمەن.      

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1020 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 06:02:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.رەھمەت.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95916
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2013-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 07:55:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش