مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5133|ئىنكاس: 53

«ناۋا» دا ياڭرىغان مۇقام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45348
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-6-23
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 11:54:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ناۋا» دا ياڭرىغان مۇقام


9-سان ناۋا پروگراممىسىدا ئورۇنلانغان مۇقام

9-سان ناۋا پروگراممىسىنىڭ تۇلۇق نوسخىسى

    ناۋا پروگراممىسى يولغا قويۇلۇپ تا بۈگۈنگىچە 9 سان پروگرامما ئىشلىنىپ خەلققە سۇنۇلدى. تورغا يوللانغاندىن كىيىن تورداشلارنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا بۇ پروگراممىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەنمۇ بولدى. راست گەپنى قىلسام مەن ناۋا پروگراممىسىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن ھەم قىزغىنلىق بىلەن ياخشى كۆرۈۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە بىر سەنئەت پروگراممىسىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشىدە نۇرغۇن ئامىللار سەۋەبچى بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش چىقماسلىقى ھېسابلىنىدۇ. ناۋا پروگراممىسى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان بىر قانچىلىغان يەرلىك خەلق كۈيلىرى، يەرلىك ناخشا مۇزىكىلار، مۇقاملار سەھنىدە ئورۇنلىنىپ ئادەمنى تۇلىمۇ خوش قىلدى.
    ناۋا پروگراممىسىنىڭ 9- سانىدا دەل شۇنداق ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكۈدەك، مېھرى مۇھەببەتنىڭ قەلبنى ئېرىتكۈدەك ئېسىل نومۇردىن بىرسى مەيدانغا كەلدى دەپ قارايمەن. ئۇ بولسىمۇ 5-نومۇرلۇق ماھىر ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ ئايالى ۋە ئوماق قىزى مەدىنە بىلەن پروگرامما ئاخىرىدا بىرگە ئورۇنلىغان «مەن مۇقامنىڭ ۋارىسى» ناملىق مۇقام. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ بىر ناخشىدىلا بىزنى ئويلاندۇرىدىغان نۇرغۇن مەنىۋى بايلىقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز، بۇ مۇقام نەق مەيداندا ئورۇندالغاندىلا كۆرۈرمەنلەر، باھالىغۇچىلار ۋە رىياسەتچىلەر ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەردى ھەم ئۆزىنىڭ ھېس تۇيغۇ، تەسىراتلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. مەنمۇ ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم، شۇنداق سۆيۈندۈم، ھەم شۇنداقلا چوڭقۇر ئويلارغا غەرق بولدۇم. مەن بۇ يازمامدا دەل شۇ مۇقامدىن ھېس قىلغانلىرىمنى ۋە ئويلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.  
    ھەممىمىزگە ئايان ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە خەلق كۈيلىرى بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز، مەدەنىي مىراسىمىز. بۇنى ھازىر پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى» قاتارىغا كىردى. بىز بۇنىڭدىن ئالەمچە پەخىرلەنمەكتىمىز. لېكىن بىز بۇ قىممەتلىك مىراسىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە قوغدىيالىدۇق، قانچىلىك دەرىجىدە سۆيەلىدۇق، قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرەلىدۇق. گەرچە ئەقلى ئويغاق زىيالىيلىرىمىز، سەنئەتكارلىرىمىز نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقان، زۆرۈر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي خەلق ئىچىدە مۇقام دېسە ئىچى – ئىچىدىن قاينايدىغان كەيپىيات بەكمۇ سۇس بولماقتا. تېلېۋىزىيىدە مۇقام ناخشىلىرى ئورۇنلانسا قانال يۆتكىۋېتىدىغان، مۇقام ئاڭلاش خۇشياقمايدىغان، ئاغزىدا مۇقام ياخشى دەپ شوئار توۋلاپ قۇيۇپ ھەقىقىي قەدرىنى قىلمايدىغان شەكىلۋازلىقلار بىزدە يەنىلا ساقلانماقتا. شۇ سەۋەبتىن كەلگۈسى ئەۋلادلار مۇقامنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدۇ، مۇقامدىن قاچىدۇ.  ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرۇۋاتقان ناۋا پروگراممىسىدا ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن مەدىنە قىزچاقنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىمى بولغان چىمەن دوپپا بىلەن چىرايلىق كۆڭلەكنى كىيىپ، ئاجايىپ مۇڭلۇق، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن مۇقام ئورۇنلاپ بېرىشى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماي قالمىدى. ئارىمىزدا ئاجايىپ مېھىر مۇھەببىتى، زوق – ئىشتىياقى بىلەن مۇقام ئورۇنلاپ بەرگەن مۇشۇنداق بىر ئەۋلاتنىڭ بولغانلىقىدىن دىلىمىز سۆيۈنمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنى ناۋا پروگراممىسى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان بىر ئەسەر دەپ قارىساق ئارتۇق كەتمەيدۇ. مۇشۇ دەقىقىلەردە ئادەم ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلىدۇ، بۇ كۆز يىشى ئەخمەتجان ئاكىمىز ئېيتقاندەك پەرزەنتلەردىن رازى بولغان، كۆڭلى سۇ ئىچكەن ئاتا – ئانىلارنىڭ كۆزىدە، مىللىي سەنئەت ئۆز قېلىپىدىن چىقىپ ئاممىباب ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بازىرى چىقىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە ئۆز مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ گۈل تاجى بولغان مۇقاملىرىمىزنىڭ ۋارىسى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يەنىلا بارلىقىدىن كۆڭلى يايرىغان سەنئەتچىلىرىمىزدە، مىللىي مەدەنىيىتىمىز يات مەدەنىيەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ خارابلىشىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردىمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى ئۇنتۇماي مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى گۆھەر بىلىپ قوغدىيالايدىغان ئۈمىدلىك ئەۋلادلارنىڭ يىتىشىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغان زىيالىيلاردا، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تەدرىجى يوقىتىپ كۆڭلى يېرىم بولغان لېكىن  ھەقىقىي قىممەتلىك بايلىقىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئىزدەپ تاپقان ياشلاردا، ئىنسانلىق ئەركىنلىكى كىرىزىسقا دۈچ كىلىپ تارىختىكى يەنە بىر ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتسىمۇ قەلبىدە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ھارارىتى ھەر قاچان يالقۇنلاپ تۇرغان، كەلگۈسىگە يەنىلا زور ئۈمىدلەرنى باغلاپ تېپىرلاۋاتقان ئاجىز خەلقنىڭ كۆزلىرىدە بۇ كۆز يېشى ناھايىتىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ.
    بىز ناۋا پروگراممىسىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز، تېخىمۇ تالانتلىق سەنئەتكارلارنىڭ بايقىلىشىنى، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى، مۇقاملىرىمىزنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنىڭ دائىم ياڭراپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز سانغا ئەمەس سۈپەتكە ئەھمىيەت بىرىمىز، مەيلى بىر سان ئىشلەنسۇن مەيلى 10 سان ئىشلەنسۇن سۈپەتلىك ئەسەردىن بىرەرى چىقسا بىز شۇنىڭغا رازى، چۈنكى ھەممىلا ئادەمدە سەنئەت تالانتى بولۇۋەرمەيدۇ. بولۇپمۇ ياش نوتىلارنى بايقاش تېخىمۇ مۇھىم. بۇ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سەنئەت بىزنىڭ بارلىقىمىز ئەمەس لېكىن بايلىقىمىز، شۇڭا بايلىقىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا تېرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
    تور مۇنبەرلىرىدە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى كۆردۈم. خېلى ئورۇنلۇق پىكىرلەر چۈشكەن. بولۇپمۇ رىياسەتچىلەرنىڭ تىل ئىشلىتىشى جايىدا بولماسلىق، باھالىغۇچىلارنىڭ باھا سۆزىنىڭ بەكلا ئاددىي، يۈزەكى، تومتاق، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى. مېنىڭچە بۇ مەسىلىلەر ئاستا-ئاستا ھەل بولۇپ كېتىدۇ، پروگرامما يولغا قۇيۇلغىلى ئۇزۇن بولمىدى، بۇنچىلىك مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي، رىياسەتچى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ تەجرىبىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ.مەنچە پروگراممىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى يەنىلا ناھايىتى ياخشى. بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ئىشىنىمىز. شۇڭا بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز كۆپرەك قوللاش، كۆپرەك ئىلھام بېرىش، ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىماسلىق.
    ناۋا پروگراممىسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن يەنىمۇ ئىزدىنىپ خەلق ئىچىدە كۈمۈلۈپ قالغان تالانتلىق ماھىرلارنى بايقاپ، ئۇلارغا سەھنە ھازىرلاپ بىرىشىنى، ھەقىقىي تالانت ئىگىلىرىنى قىممىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئۇرۇنلارغا تۇنۇشتۇرۇپ، شارائىت ھازىرلاپ بىرىشىنى، ئۇندىن باشقا يەرلىك ناخشا- مۇزىكىلىرىمىزنى،خەلق كۈيلىرىمىزنى، مۇقاملىرىمىزنى قېزىپ چىقىپ خەلققە سۇنۇشىنى، مىللىي سەنئىتىمىز ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دىلىمدا گۈل ئۈندۈرگەن،

ئاتامدۇر مۇقام،

مېھرى بىلەن ئۈستۈرگەن،

ئانامدۇر مۇقام.

مەن مۇقامنىڭ ۋارىسى.....

2013-7-16



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qiman318 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-16 11:55 AM  


سەن سۆيگەننىڭ قۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9396
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8884
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 04:20:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋا پروگىراممىسىنىڭ 9- سانى ھەقىتەن ياخشى چىقىپتۇ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر كۆرۈپ تەسىرلەنگىنىدىن .................
ناۋا پروگىراممىسىنىڭ بۇندىن كىيىن مانا مۇشۇنداق ئېسىل نومۇرلارنى ھوزۇرىمىزغا سۇنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8401
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 04:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخمۇ تىرىشىشغا تىلەكداشمەن

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 869
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 447 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 04:34:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك تەسىرلەندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81012
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3524
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 04:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەنمۇ كورۇپ  بۇ قىزىنىڭ  ئىيتقان  ناقشىسىغا  بەك  ھەۋىسىم  كەلدى  ئىختىيارسىز كوزۇمگە  ياشلار  كەلدى  ،  بۇ ئوماق سىڭلىمىزنىڭ  بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ  ئوڭوشلوق  بولىشىنى  چىن  دىلىمدىن  تىلەيمەن  تىرىشىڭ  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tetanek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-16 04:40 PM  


قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14141
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5409 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 04:49:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەقىقەتەن  كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۈرۈنۈشلەر ......................قارىغاندا كۆپىنچە كىشلەرنىڭ مەنىۋى قاغجىراشلىرى ئېتىراپ قىلسۇن ، قىلمىسۇن پۈتۈن ئۇيغۇر گەۋدىسىدە ئورتاقلىققا ئىگە بولسا كىرەك ...................................

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

سەن خۇدادىن ئۈۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7576
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 04:59:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
9 رەقىمى بىزدە خاسىيەتلىكلىكى بىلەن تۆردىن ئورۇن ئالغان بولسا ،9-سان ناۋانىڭ ئالامەت چىقىشى كۆزلەرنى  نەملىدى .ئاپىرىن ناۋا،ئاپىرىن ..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84232
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 05:04:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم.ئىشقىپ ،كىچىك سىڭلىمىزنىڭ ناخشىسىنى نەچچە قېتىم قايتۇرۇپ كۆردۈم .

بەخت ئىرىشەلمىگەنلىكىڭدە ئەمەس،ھىس قىلالماسلىقىڭدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9280
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8320
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 05:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ ، بولۇپمۇ 5-نۇمۇرلۇق ماھىر ئەكبەر ئەبەيدۇللانىڭ ئائىلىسى بىلەن ئورۇنلىغان بۇ نۇمۇرى ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ...ئاپىرىن !
دىلىمدا گۈل ئۈندۈرگەن،
ئاتامدۇر مۇقام،
مېھرى بىلەن ئۈستۈرگەن،
ئانامدۇر مۇقام.

مەن مۇقامنىڭ ۋارىسى.....

بۇ ياڭراق سادانى ، «ناۋا»دا ئاڭلاپ ، مەنمۇ خۇشاللانغىمدىن ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدىم، شۇنداق سۆيۈندۈم...بۇ بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ بارچە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى، تېخىمۇ سەرخىل نۇمۇرلارنى خەلقىمىزگە سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5696
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 05:14:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
8-سان ناۋا پىرۇگىراممىسنىڭ چىمپىيۇنى دىلشاتنىڭ ئۆزى تۇرپان توقسۇندىن تۇرۇپ قەشقەر خەلىق ناخشىلىرنىڭ بىرى بولغان لەيلىگۈلنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىشى مىنى ھەيران قالدۇردى. مەن ھەتتا دىلشاتنى قەشقەرلىكمىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئۇ ئورۇنلىغان مۇقامدىن ئارىيەلەر، راۋابىمنىڭ ساداسى دىگەن ناخشا ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى . بۇ بالىنى بولسا ئالدىمىزدا كىلىدىغان قۇربان ھىيىتلىق سەنئەت كىچىلىكىگە تەكلىپ قىلسىكەن دىگەن ئۈمىدىم بار؟ بۇ بالىدا ئۈمىد زور ..........بۇ بالىنىڭ ئاۋازىدىكى ياڭراقلىق ۋە يىقىملىق مىلۇدىيە ھەممە سەنئەتكارلىرىمىزدىن تىپىلمايدۇ    قەشقەر شەھەردىن توردىشىڭلار   راھەت ماكان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش