NASA: ئۇچار تەخسە ۋە ناسا
بىلىمخۇمار
ئۇيغۇر قېرىنداشلار مەندىن ئەڭ كۆپ سورايدىغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە مۇنداق ئىككى سوئال بار: (1) ئۇچار تەخسىلەر راسلا بارمۇ؟ (2) تاشقىي پلانېتىلاردا راسلا ئادەم بارمۇ؟ مەن ھازىرغىچە 1-سوئالغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بېرىپ كەلدىم. ھەمدە كائىنات ھەققىدە يازغان بىر قانچە ماقالىلاردىمۇ ئۇلار توغرىسىدا قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتىم. يېقىندا يېڭى بىر توردىشىمىز بۇ سۇئاللارنى يەنە سوراپتۇ. شۇڭا مەن مەزكۇر ماقالىدە ئۆزەم ئىگىلىگەن ۋە بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ناسا نىڭ ئۇچار تەخسە ئىشلىرىغا تۇتقان ھازىرقى مەيدانى:
1947-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە، ناسا «كۆك دەپتەر قۇرۇلىشى» (Project Bluebook) دېگەن ئىسىم ئاستىدا، كۆنكىرت ئىشلارنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئېلىپ بېرىشى بىلەن، ئۇچار تەخسىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قۇرۇلىشىنى ئېلىپ بارغان. ئاشۇ ئارىلىقتا، «ئۇچار تەخسىلەرنى كۆرۈش» ۋەقەسىدىن 12،618 ۋەقە تىزىمغا ئېلىنغان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ قانداق ۋەقە ئىكەنلىكى ئاساسەن ئېنىقلانغان بولۇپ، «ئېنىقلانمىغان» لىرىدىن پەقەت 701 ۋەقەلا قالغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ قۇرۇلۇش 1969-يىلى 17-دىكابىر كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پارچە تەكشۈرۈش-تەتقىقات دوكلادى، ئامېرىكا ئىلىم-پەن ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر پارچە دوكلادى، ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 1940-يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە ئېلىپ بارغان ئىشلىرى ئۈستىدىكى بىر پارچە دوكلاتىغا ئاساسەن ئالغان.
1977-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناسا دىن ئۇچار تەخسىلەر تەكشۈرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلىقى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاشنى تاپشۇرغان. ناسا شۇنىڭغىچە يىغىلغان ھەممە ماتېرىياللار ئۈستىدە بىر تەل-تۈكۈس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تاشقىي پلانېتىلاردىن كەلگەن ئۇچار تەخسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچ قانداق ئىشەنچىلىك پاكىتلارنىڭ يوقلىقىنى، شۇڭا ئۇچار تەخسىلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھېچ نېمىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچار تەخسە تەتقىقاتىنى توختۇتۇپ قويۇشتا ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبلىرى مۇنداق:
(1) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى دوكلات قىلغان، تەكشۈرگەن، ۋە باھالاپ چىققان ئۇچار تەخسە ۋەقەلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھتىد بولالمايدۇ.
(2) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى «نامەلۇم ئۇچار تەخسە» دېگەن كاتېگورىيىگە كىرگۈززۈپ دوكلات قىلغان ياكى بايقىغان ۋەقەلەر ئىچىدە، ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ سىرتىدىكى تەرەققىيات ياكى پرىنسىپلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
(3) كىشىلەر كۆرۈپ، «نامەلۇم ئۇچار تەخسە» دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ تاشقىي پلانېتىلاردىن كەلگەن نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچ قانداق ئىسپات يوق.
ئامېرىكا يۇقىرىدىكى قۇرۇلۇش جەريانىدا توپلىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى 1977-يىلىدىن كېيىن ئاشكارە قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ھازىر ھەر قانداق ئادەم ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسىگە بېرىپ كۆرسە بولىۋېرىدۇ.
ھازىرمۇ ئۇچار تەخسە تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلار:
تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدە ئۇچار تەخسە تەتقىقاتىنى ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار دۆلەتلەر بويىچە تىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا، رۇسىيە، فرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ ئىسمى، ۋە 30-40 تەك تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قانچىسى داۋالىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانچىسى ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى رەسمىي تەشكىلات، ئۇ ماڭا مەلۇم ئەمەس (ئۇچار تەخسە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رەسمىي تەشكىلاتلارغا قارىغاندا، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلارنىڭ تەشكىلاتلىرى كۆپتەك قىلىدۇ). قىزىقىدىغان ۋە ئىنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۇ تور بەتلىرىگە ئۆزلىرى قاراپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن:
http://en.wikipedia.org/wiki/List_of_UFO_organizations
تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدە ناسا دەسلەپتە «ئۇچار تەخسە» دەپ ئويلاپ، كېيىن تەكشۈرسە ئۇنداق ئەمەس بولۇپ چىققان بىر ھادىسە بايان قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭدا بىر قانچە پارچە رەسىملەرمۇ بار ئىكەن:
UFO No Longer Unidentified:
http://www.nasa.gov/vision/space/travelinginspace/no_ufo.html
دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھەر خىل چولپانلار ئىچىدىمۇ «ئۇچار تەخسە ئادەملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدىم»، دەيدىغانلىرى بار ئىكەن. ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتى ئۇلىنىشىدىن كۆرەلەيسىز:
Politicians and Celebrities who have encountered Aliens
https://cassiopaea.org/forum/index.php?topic=17719.0
تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدە ئۇچار تەخسە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ناھايىتى تەپسەلىي بايان قىلىنىپتۇ:
Unidentified flying object
https://en.wikipedia.org/wiki/Unidentified_flying_object
تاشقىي پلانېتىلاردا ئادەم بارمۇ؟
بۇ سوئالغا مەن تۆۋەندىكى ماقالىدا جاۋاب بەرگەن ئىدىم:
«تاشقىي پلانېتىلارنى تاپىدىغان «كىپلېر ئالەم تېلېسكوپى» دىن چاتاق چىقتى»
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106076-1-1.html
ئاساسىي پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
UFO's and Aliens -The Official NASA Stance
http://www.abovetopsecret.com/forum/thread380357/pg1
= =========================================
كائىنات توغرىسىدىكى بۇرۇنقى تېمىلىرىم (ئەڭ يۇقىرىسىدىكىسى ئەڭ كونىسى):
1. تاشقىي پلانېتىلارنى تاپىدىغان «كەپلەر ئالەم تېلېسكوپى» دىن چاتاق چىقتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106076-1-1.html
2. 2016-يىلى NASA «ئاستەروئىد» نى تەكشۈرىدىغان بىر يېڭى ئالەم ئۇشقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-105749-1-1.html
3. NASA يەر شارىغا تەھتىد سالىدىغان كائىنات تاشلىرىنى تۇتۇش پىلانىنى يولغا قويدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-105750-1-1.html
4. ناسا نىڭ 2014-يىللىق خىراجەت پۇلى بۈگۈن ئېلان قىلىندى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106332-1-1.html
5. ئايغا ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106495-1-1.html
6. ئەڭ چوڭ كائىنات ئۇچار تېشى يەر شارىنى زىيارەت قىلدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106754-1-1.html
7. يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107132-1-1.html
8. كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106758-1-1.html
9. كائىناتتىكى ئادەتتىكى ماددا %4، قاراڭغۇ ماددا% 22، قاراڭغۇ ئېنېرگىيە % 74
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107190-1-1.html
10. مارستا قۇرۇق مۇزنىڭ ئىزى بايقالدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107297-1-1.html
11. بىر ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسى چېگرىسىغا يېتىپ باردى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107626-1-1.html
12. كېيىنكى 2 كۈندە ئاي ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107660-1-1.html
13. مارسنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنىشى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107802-1-1.html
14.ناسا كائىنات ئۇچار تاشلىرىنىڭ 10000ئىنچىسىنى بايقىدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108115-1-1.html
15. بىزگە خوشنا گالاكسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەسىمى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108116-1-1.html
16. پلۇتوننىڭ ئىككى ھەمراھىغا ئىسىم قويۇلدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108204-1-1.html
17. مارس بەزىدە تەتۈر ماڭامدۇ؟
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108241-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-16 11:26 AM