لەتىپىلەر
مەنىلىك جاۋاپ
بىر مەشھۇر سىياسى ئەرباپ سايلام مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بېرىپتۇ. شۇ چاغدا مەلۇم بىر زۈرۈرىيەت بىلەن باشقا بىر يەرگە تېلىفون بەرگەنىكەن، تېلېفون ماڭماپتۇ، شۇڭا ئالدىراشچىلىقتا خاپا بولۇپ، تېلېفون ئۇلىغۇچىغا:
-ھەي، مەن كىم، بىلەمسەن؟-دەپ ۋاقىراپتۇ.
-ياق، بىلمىدىم،-دەپتۇ تېلېفونچە قىز جاۋاپ بېرىپ،-لېكىن سىزنىڭ نەدىن تېلىفون بېرىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن.
تولۇق ئەركىنلىك
بىر ئامېرىكان بىلەن بىر روس ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئەركىنلىك توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ.
-ئامېرىكا،- دەپتۇ-دەپتۇ ئامېرىكان،-بىز تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە. ھەرقانداق ئادەم ئاق ساراينىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ تۇرۇپ، رەئىس جۇمھۇرنى خۇماردىن چىققىچە تىللىيالايدۇ.
-رۇسىيىدە،-دەپتۇ رۇس،-بىزمۇ شۇنداق ئەركىنلىككە ئىگىمىز، ھەرقانداق ئادەم كېرىمىل سارىيىنىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ تۇرۇپ، رەئىس جۇمھۇرىڭلارنى خالىغىنىچە تىلىيالايدۇ.
ئەر-ئايال ئوخشاش
يۇقىرىدىن، شەھەرنىڭ رەھبەرلىرى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش مەھەللىلەرگە بارىدۇ، دېگەن ئۇختۇرۇش چۈشكەن ئىكەن، ئاھالە كومىتېتنىڭ كادىرلىرى كېچىلەپ بىرنەچچە ئون پارچە تەشۋىقات لەۋھەلىرى يازدۇرۇپ، چوڭ-كىچىك رەستە، كوچىلارغا چاپلاتتۇرۇپتۇ. ئەتىسى شەھەر رەھبەرلىرى مەھەللىلەرنى ئارىلاپ قارىسا، بىر جامائەت ھاجەتخانىسىنىڭ تېمىدىمۇ «ھازىرقى دەۋر باشقىچە دەۋر، ئەر-ئايال ئوخشاش» دېگەن لەۋھە چاپلاقلىق تۇرۇپتۇ.
ھەممىدىن كېيىنكى چىش
-ئادەمنىڭ قايسى چىشى ھەممىدىن كېيىن چىقىدۇ؟-دەپ سوراپتۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا سوئال قويۇپ:
-يالغان چىش!-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرسى.
مۇلازىمەتنىڭ ھېكمىتى
مەلۇم بىر تۈرلۈك ماللار شىركىتى ئاپتوماتىك ئېلان ماشىنىسىنى ئورنىتىپتۇ، ئۇ ماشىنا ئۆز-ئۆزىدىن مۇنداق ئېلان قىلىپ تۇرىدىكەن:
«مال زاكاس قىلسىڭىز ياكى پۇل تاپشۇرماقچى بولسىڭىز ‹5› نى بېسىڭ؛ نارازىلىقىڭىزنى بىلدۈرمەكچى بولسىڭىز، ‹6459834822955392› نى بېسىڭ. سىزگە ئامەت تىلەيمىز.
كومپىيوتېرنى ئىزلەيمەن
بىر كۈنى ئامېرىكىدا بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئېلان تاختىيىغا «118-نومۇرلۇق ياتاقتا بىر دانە كومپىيوتېر يوقىلىپ كەتتى، تېپىۋالغان ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى قولىدا بولمىسا ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرسە ھەشقاللىسىنى بېرىمەن» دېگەن بىر ئېلان چاپلانغانىكەن. ئۇزۇن ۋاقت ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە بىرەيلەننىڭ مۇنداق بىر يېڭى ئېلانى چاپلىنىپتۇ: «ئېلان! مەندە شۇنداق كومپىيوتېرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى يېزىلغان چۈشەندۈرۈش قەغىزى بار، ساتىمەن. خەۋەرلىشىش تېلېفونۇم:xxxx»
پايدىسى يۇقىرى ئىكەن
بىز ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرىمىز. بۇ يەرنىڭ ھەممە شارائىتى ھەر ھالدا يامان ئەمەس، لېكىن چوڭ كوچىغا ئۆتىدىغان تار كوچىدا چىراق يوق ئىدى. ئاي-كۈنلەر ئۆتىۋەرگەنلىكتىن ھەممىمىز قاراڭغۇدا مېڭىشقا ئادەتلىنىپمۇ قاپتىكەنمىز. قايسىبىر يىلى بىر قوشنىمىز مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ، توكنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىنىپتۇ. ئۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىلا كوچا چىراغلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئىشچىلىرى بىزنىڭ تار كوچىمىزغا ئېلېكتېر چىرىغى ئورنۇتۇپ بەردى. مەھەللىمىزدىن مەنسەپدار چىققانلىقىدىن چوڭ پايدا يۇققانلىقى ئۈچۈن ھەممىمىز خۇشال بولدۇق.
لېكىن، ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى رەھبەر باشقا ناھىيىگە يۆتكۈلۈپتۇ. ئۇ مەھەللىمىزدىن كۆچۈپ كەتكەن كۈننىڭ ئەتىسىلا كوچىمىزدىكى ئېلېكتېر چىراغلىرى يورۇمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئىچىمىز سىقىلىپ، سەۋەبىنى سورىساق، كوچا چىراغلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىكىلەر: «بۇ كوچىغا ئەسلىدىلا چىراغ ئورنىتىش پىلانىمىز يوق ئىدى. xxx ھاكىم مۇشۇ كوچىدا ئولتۇرغاچقا، سىلەرگە سىلەرگە بىرنەچچە يىل شۇنىڭ پايدىسى يۇقتى» دېدى، شۇنىڭ بېلەن ئاغزىمىز ئېتىلىپ قالدى.
شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ يەردىن توكنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغان مۇئاۋىن ھاكىمغا ئوخشاش ئادەمدىن كۆپرەك چىقسىكەن دەپ تەمە قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئىش ئىستىلىنى باھالاشتا...
مەلۇم بىر يېزا بازىرى ھۆكۈمىتى يىلنىڭ ئاخىرىدا يۇقۇرىنىڭ تاپشۇرىقىغا بىنائەن باھالاش ئۆمىكى ئويۇشتۇرۇپ، پۈتۈن يېزا بازىرىدىكى ئىدارىلەرنىڭ ئىش ئىستىلىنى باھالاپ كۆرمەكچى بوپتۇ. باھالاپ كۆرۈش داۋامىدا باھالىغۇچى ئۆمەكنى ھاراق، تاماكا ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن كۈتۈشۈۋاپتۇ، قايتىدىغان چېغىدا سوۋغا-سالام بىلەن يوللۇق تۇتۇپتۇ. لېكىن، مەكتەپلەر بولسا سۇغوق سۇ، ئىسسىق چاي بىلەن كۈتىۋاپتۇ. قايتىش ۋاقتىدا «خەير-خوش» دەپلا ئۇزىتىپتۇ. نەتىجىدە، شۇ يىلدىكى ئىش ئىستىلىنى باھالاش پائالىيىتىدە مەكتەپلەر ئىش ئىستىلى ھەممىدىن ناچار ئورۇن بولۇپ چىقىپتۇ.
چىرىكلىكتىن مىننەتدارمەن؟
بىر كىشى خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئىشسىز قالغاندىن كېيىن، بىرنەچچە يىلغىچە بىرەر ئىشنىڭ يولىنى تاپالماي ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ. كېيىن، باشقىلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قەرز پۇل ئېلىپ، مۇھىم بىر ئىدارىنىڭ يېنىدا سوۋغا-سالاملىق ماللارنى سېتىۋېلىش ماگىزىنى ئېچىپ، ئېسىل ھاراق، ئېسىل تاماكىلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، باشقا ماگىزىنلارغا يۇقىرى باھادا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بوپتۇ. ئىش-ئوقىتى راۋاج تېپىپ، قولىدىن ئۆتىدىغان ماللارمۇ كۆپىيىپتۇ. بىر يىلغا قالمايلا ئېسىل قول تېلېفون، موتسىكلىت سېتىۋاپتۇ. تېنىگە گۆش قونۇپ، يۈزىمۇ پارقىراپ قاپتۇ، بىر كۈنى شىر كەيپلىكتە سۆزلەپ: «چىرىكلىكتىن مىننەتدار بولۇۋاتىمەن...» دەپتۇ.
پۇل تېپىشنىڭ ھېكمىتى
قايسى بىر كەنت ھاجەتخانىلارنى ئىسلاھ قىلماقچى بولۇپ، خۇسۇسى ھاجەتخانىلارنىڭ ھەممىسىنى چېقىپ تاشلاپتۇ، ئاممىۋى ھاجەتخانىلار تېخى قۇرۇلماپتۇ. كەنت كادىرلىرى بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىغا بىر ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىشنى پىلانلىغان ئىكەن، ئۆي ئىگسى ماقۇل كۆرمەي، كەنت كادىرلىرىغا ھاجەتخانىنى باشقا يەرگە سالدۇرساڭلار بوپتىكەن دەپ، 2000 يۈئەن پۇل تاپشۇرۇپتۇ. كادىرلار پۇلنى ئېلىپ، ھاجەتخانىنىڭ ئورنىنى باشقا يەرگە يۆتكەپتۇ. كېيىن تاللىغان يەرنىڭ ئىگىسىمۇ شۇنداق قىلغان ئىكەن، كەنت كادىرلىرى پۇلنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئورۇننى يەنە يوتكەپتۇ. شۇنداق قىلىپ كەنت كادىرلىرى پۈتۈن كەنتنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ. ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇلماپتۇ. كەنتكە نەچچە 10 مىڭ يۇەن پۇل كېرىم بوپتۇ. كادىرلار بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ ئىشنى يەنە تەكرارلىماقچى بوپتۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«ھەق سۆزلىگەن گۇنا ئەمەس» ناملىق كىتاپتىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەنـۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-16 01:49 AM