مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2689|ئىنكاس: 24

‹سالچىلار › رومانىغا يېزىلغان تەنقىدكە باھا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10116
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2098 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 11:52:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹سالچىلار  › رومانىغا يېزىلغان تەنقىدكە  باھا

ئاپتورى: پەرھات ئەمەتجان  

يېقىندا  شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرنى زىيارەت قىلىۋىتىپ يالقۇن روزىنىڭ‹ سالچىلار رومانى  ھەقىدە دەسلەپكى تەنقىد› ناملىق ماقالىسنى ئوقۇپ قالدىم.   مەزكۇر تېما  ماقالە ئېلان قىلىنغان ژورنال بېتىنىڭ  رەسىم ھالەتتە تارتىلىغان < ئىلكىتۇرۇنلۇق نۇسخسى>  بولغاچقىمۇ   ئوقۇشتا   تور سۈرئەت ئاستا  كېپقىلىپ  خېلى ھەرەج تارتقان بولدۇم.شۇنداقتىمۇ خېلى يەرلەرگىچە داۋاملىق ئوقۇپ باقتىم.  
يازغۇچىلارغا بولۇپمۇ كۆزگە كۆرۇنگەن يازغۇچىلىرىمىزغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئوبزۇرچى بولۇش سۈپتىدە ئاپتور ماقالىدە ‹سالچىلار› رومانىنى ئىپادىلەش ئۇسلۇبى،سىيۇژىت قۇرۇلمسى،بايان ئۇسلۇبى،ئىدىيۋى خاھىشى ،خەلق ئاساسى ،پىرسوناژلار،،،قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئەمەس بەلكى ئەدەبىىي تەنقىد بىرشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكنى ئوتتۇرغا قويغان .  چۈنكى، نەزەرىيە جەھەتتىن :‹ئەدەبىى ئەسەرنى تەنقىدسىز قوبۇل قىلىش ئەدەبىياتنى خارابلاشتۇرىدۇ.› شۇڭا ئاپتور  كەسكىن ئەدەبىي ئوبزورچى سۈپىتىدە مەسئۇلىيەتچلىق بىلەن سىلىق سىپايلىقنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ گەپنى ئوچۇق قىلغان ئىكەن.
ئەلۋەتتە،ئەدەبىي تەنقىدچلىقتە مۇلايىملىقىنى تەكىتلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەمما ئەدەبىى تەنقىد ئاغزاكى  پىكىر بولمىغاچقا ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە ئۇنداق بۇنداق دەپلا كېسىپ بىر نەرسىلەرنى دېيشمۇ مۇۋاپىق
ئەمەس دەپ قارايمەن. بۇ بىزدىكى تەنقىد ئىڭىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ،ھېسسى مۇئامىلدە بولغانلىقىمىز ئەمەس بەلكى  ئەدەبى تەنقىتتا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان تەرەپلەرگە قارىتا زورقىپ كەتمەسلىك، كەڭ قورساق بولۇش، زىغىرلاپ كەتمەسلىكمىز كېرەك دېگەنلىكتۇر..
مەن ئەڭ دەسلەپ  شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ ‹ بىر كىتاب ،بىر ئالەم›پراگراممىسدا  كىتاب ھەققىدە تۇنجى ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم. ھەمدە مۇشۇنداق بىر كىتابنىڭ نەشىرگە چىققانلىقىدىن سۆيۈندۇم. پراگراممىدا  ئازات سۇلتان ۋە كىتابنى نەشىر قىلغان ئورۇندىكى يەنە بىرەيلەننىڭ سۆھبتىنى باشتىن ئاياغ قىزىقىپ  كۆردۇم. ئۇلار رومانغا شۇنداق ياخشى باھا ۋە پىكىرلەرنى بەردى.  يازغۇچى مەمتىىن ھوشۇر ئاكا رىياسەتچنىڭ سوئاللىرىغا قارىتا باشتىن ئاياغ پەقەت سالچىلار ئۈستىدە سۆزلىدى. بۇ ھەقتىكى فىلىمنى كۆپچلىك توردا كۆرگەن بولغاچقا  تەپسلاتنى سۆزلەش ھاجەتسىز.
پراگىراممىدىكى   مۇناسۋەتلىك زىياللىرىمىزنىڭ بايانلاردىن شۇنى  چۈشەنمەك تەس ئەمەسكى سالچىلار رومانى قانداقتۇر ‹ئانايۇرۇت› رومانى ياكى باشقا رومانلاردەك ئەينى دەۋردىكى تارىخى ئارقا كۆرنۇشنى ئىپادىلەشنى مەقسەت  قىلغان  رومان ئەمەس. بەلكى كىشلىك تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بىر پارچە نادىر رومان خالاس.  ئەمما ماقالە ئاپتورى  :رومان  شۇ دەۋردىكى تارىخنى سۈرەتلەپ بەرمىگەن ياكى بېرەلمىگەن،يازغۇچىنىڭ ‹تارىخ ئېڭى تۆۋەن› دەپ ئاغرىنىپ سالچىلار ياشىغان دەۋردىكى تارىخى ۋەزىيەتلەرنى تەھىلىل قىلىپ بۇ  ھەققىدىكى ماتىرياللارنى دەلىل كەلتۇرۇپ ئاۋرە بولغان. مېنڭچە‹ سالچىلار ›نى   نوقول ھالدىكى تارىخى رومان دېمەي بەلكى ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى توپىدىكى سالچىلاردىن ئىبارەت  تارىخىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئەمما بىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ يىراقتىكى كىشلەرنىڭ ھايات داستانىدىن ئىبارەت دەپ قارىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق . بىز رومانغا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا ئاندىن ئۇنىڭ بولغان  ئېغىر تارىخى قىستۇرمىلارنى زورلاپ تاڭمايمىز. ئەگەر رومانلارنىڭ قاتلىمىدىكى تارىخى ئارقا كۆرنۇشنى خۇددى
تىېلۋوزورغا قىستۇرۇلغان ئېلاندەك قەدەمدەبىر يېزىپ ماڭسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەر خۇسۇسيتىنىڭ
ئەھمىيتى قالمايدۇ. كىشلەر يەنىلا روماندىن بەدىئىي زوق ئىزدەيدۇ. ھالبۇكى يالقۇن روزى باشتىن ئاياغ
تارىخ، قانداقتۇر مىللى پرىنسپلارنى ئىغىزدىن چۈشۈرمىگەن .ئەگەرتارىخ مەسىلىسى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە بۇنداق ئېغىر ئۆلچەم قىلىنسا  مەيلى ئۇ ھەرقانچە تارىخى رومان بولسۇن كىتابخانىلارنى ئۆزنىڭ سھېىرى دۇنياسىغا باشلاپ كىرەلمەي بىر پارچە ماتىريالسىتىك توپلانمىغا ئايلنىپ قالىدۇ.
بۇ  قاراشلىرىمنىڭ بىرىنچى تەرىپى ئىككىنچى تەرىپى بولسا:.
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئالساق ،مەيلى  ئۇنىڭ قۇم باسقان شەھەر بولسۇن ياكى باشقا ئەسەرلىرى بولسۇن رەسىمى ھالدىكى مەلۇم دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەمەس
بەزى ئەسەرلىرى ماكان زامان جەھەتتىن دەۋرسىز ھالقىپ كىشنى ھاياجانغا سالىدۇ.باشقىچە ئېيتساق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر رېئالسىتىك تۈسكە ئىگە تارىخى رومان يازغۇچىسى ئەمەس.ئۇنىڭ ئەسەرلىردىكى كىشلەربىزگە خۇددى ئەتراپىمىزدا تېپلىدىغاندەك   ئەمما يىراق دەۋرلەرگە ياكى تارىخقا مەنسۇپ بولغان  يۇمۇرسستىك،ھەرخىل قىزىقارلىق ۋەقەلەرگە باش بولغان پىرسۇناژلاردىن ئىبارەت. ئاپتور باشقا يازغۇچىلاردەك تارىختىكى كىشلەرنى تولىمۇ سۈرلۈك قىلىپ ياكى شۇ دەۋرگە  ماس ھالدا ئاكتىپلاشتۇرۇپ سۆزلىتشتەك سۇنئيىلىقنى بۆسۈپ تاشلىغان يازغۇچى دېيشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاپتور ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنى يەنى سالچى دېن ئىبارەت بۇ كىشلەرنى مەركەز قىلىپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. بىز بۇلارنى مەمتىن ھوشۇر ئاكىنىڭ تېلىۋوزردا سالچىلارنى «- بۇ ئادەملەر› دەپ   تىلغا ئالغانلىقىنى  بايقايمىز . دېمەك  ئاشۇ كىشلەرنى ھۆرمەتلىگەن، ئۇلارغا تولىمۇ قىزىققان.     ئۈچىنچى تەرەپتىن،  ئاتالغۇلار  مەسىلسى :مەسلەن. ئاپتور تىلغا ئالغان  يامۇلنىڭ چىرىكى  بىلەن ساقچى  ۋە سوتچى دېگەندەك ئاتالغۇلار . بىز روماننىڭ بىر ئەمەس ئىككى توم ئىككەنلىكىنى بىلىمىز.شۇنداقلا سالچىلارنىڭ ياشىغان دەۋرلىرنىڭ ئوخشمايدىغان تارىخى دەۋرلەرنىڭ كېسىش نۇقتىسىدا ئۆتكەن ئىكەنلىكىنى ئويلساق ئالماشقان ئىككى دەۋردىكى ئاتالغۇلارنىڭمۇ ئۆزگىردىغانلىقىنى چۈشنىشمىز كېرەك. لىكىن ئاپتور بىر يىل ئىچىدە  دەپ ئالغان. ھالبۇكى سالچىلار رومانى بىر يىلدىكى مەلۇم ۋەقەلىكىنى ئاساسي سىيۇژىت قىلغان ئەسەر ئەمەس ،بەلكى سالچىلار ۋە سالچىلىق دىن ئىبارەت بۇ ھادىسە ۋە كىشلەر چوقۇم ئۇزاق زامانلار جەريانىدا بارلىققا كەلگەن، ئۆسۈپ يېتىلگەن.
ئاندىن باشقا ماقالىدە تىلغا ئېلنغان، بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى دېگەن سۆزنىڭ   بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەپ ئېلنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار ئەسەر يازغۇچىلاردا دائىم كۆرلۇپ تۇرىدۇ.بۇنى ھەتتا بىز تەھرىراتنىڭ ئىشى دەپ گۇمان قىلساقمۇ ئوشۇق كەتمەيدۇ. قايسى بىر يازغۇچىمىز تارىخى روماندىمۇ تەڭرى تېغىنى  ___تىيانشان تاغلىرى دەپ يازغان،بۇ خەنزۇچە ئاتالغۇنى  يىراق قەدىمى دەۋردىكى ئاتا بۇۋىمىز ئىشلەتمىگەنلىكى ئۆزدىن مەلۇم.بۇنىڭغا سېلشتۇرغاندا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەپ ئېلىنىپ قېلىشى ئەسەردە تىلغا ئېلىپ كەتكۈدەك ئوبزورنىڭ ۋەزنىگە چۈشۈپ كەتكۈدەك نەرسە ئەمەس.ئەلۋەتتە بەزىدە بىز ‹پۇشايمانلىق تەپەككۇر قىلىش › دېگەندەك  سۆزلەرنىمۇ ئۇچرتىپ قالىمىز. دېمەك  گەرچە پۇشايمان ھسې تۇيغۇغا مەنسۇپ تەپەككۇر بولسا ئەقىلى بىلىشكە مەنسۇپ بولسمۇ  يېزىقچلىق جەريانىدا ئۆز ئالدىمىزغا قوللنىپ يېزىپ قالدىغان چاغلار بولىدۇ.  مەلۇم تورداش شېئىردا : سەنسراپ دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. بۇنى سېغىنشقا قاراتقان ئىبارە دەپ چۈشنىشكە مەجبۇر بولساقمۇ لىكىن ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق ئىبارە يوق. دېمەك ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشلەردە بەزدە ئۇنداق بەزدە مۇنداق سۆز جۈملىلەرنى ئىشلتىپ قالدىغان ئەھۋاللار ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت.بىز ھەممىمىز يازغۇچىلاردىن ئەستايدىللىقنى تەلەپ قىلىمىز.  شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىر  ئىلمى ماقالىسىمۇ يېقىندا ئامىرىكىدىكى بىر نوپوزلۇق ژورنالغا ئالدىراپ ئېلان قىلىنىپ بىرەيلەنىنڭ ساقلانغان مەسىلىلەر توغرسدا ماقالسى ئېلان قىلنىپ كېيىن دەرھال تۈزىتىلگەنلىكى توغرسدا بىر خەۋەرنى كۆرگەنتىم.دېمەك بۇخىل مەسىلىلەر ئىنسانچلىقتا كۆرۇلۇپ تۇردىغان يېزىقچلىق سەھۋەنلىكى بولۇپ  ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ ياكى تەتقىقاتچىنىڭ ‹ تارىخى ئېڭى تۆۋەن› بولۇشىغا ياكى ئىلمي تەتقىقاد پوزىتسىدە  بولمىغانلىقىغا دەستەك بولالمايدۇ. .
ماقالە ئاپتورى ئۆزنىڭ تەنقىدى ماقالسىدا سالچىلارنى كۆزگە ئىلمىغان ۋە ئۇلارنى ھاياتنىڭ قەدىر قىممتنى بىلەيدىغان ،ئەخلاقى چۈشكەن كىشلەر دەپ سىياقىدا تەسىۋرلەنگەنلىكىنى مسال بىلەن ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭغا بىر قسىم دېئالوگلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرستىپ ئۆتكەن. لىكىن بۇلار  سالچىلارنىڭ ئوبرازنى پۈتۈنلەي خۇنۈكلەشتۇرۇپ قويۇشقا سەۋەب بولالمايدۇ. ھەمدە روماننىڭ ئو مومى مۇۋەپپىقيتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بىز ‹سالچىلار› رومانىغا تەنقىدى پىكىر بېرشىمىز كېرەككى ھەرگىزمۇ  روماندا كەتكۈزۇپ قويۇلغان  بىر قىسىم دېئالوگلار ۋە بايانلارنى دەستەك قىلىپ قانداقتۇر ئىنكار قىلىش پوزىتسىيسىدە بولماسلىقىمىز لازىم.
ئەلۋەتتە، تەنقىدچىنىڭ سالچىلارنىڭ بەزى دېئالوگلىرى  ھەققىدىكى تەنقدىلىرىنى ئورۇنلۇق  ھەمدە بۇ تەرەپلەرگە يازغۇچىلارنىڭ جۈملىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭمۇ باشقىچە ئۇلارنى ئۆز مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى‹مىللى قەھىرىمان›لاردىن قىلۋەتمسىمۇ لىكىن لايىقىدە سۆزلىتىپ ئۇلارنى ئەنئەنە ۋە ئۆرۇپ ئادەتنىڭ مەسۇلاتى سۈپتىدە ئەكس  ئەتتۇرشنى ئۈمىد قىلىمىز.
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشورنىڭ ئۇشبۇ مول ھوسوللۇق ئەدەبىي ئىجادىيتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلگەردە  بىز بىلەن يۈز كۆرۇشۇپ يەنىمۇ يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن كاتتا ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇشىگە تىلەكداشلىق  بىلدۈرىمىز . مېنڭچە رومان ‹  سالچىلا›ر توغرىسدىكى باھا ۋە پىكىر   توختاپ قالمايدۇ. بەلكى كۆپنىڭ باھالىشى ئارقىسدا ھەقىقى بىر نەتىجگە ئىگە بولىدۇ.مەيلى قانداق بولسۇن تارىخىمىزدىكى  سالچىلارنىڭ ئابىدسى خەلق قەلبىدە تىكلىندۇ.خەلق ئۇلارنىڭ باتۇرانە،تەۋەككۇلچىلىق روھىدىن ئېلھام ئالىدۇ. بۇ تۆھپىلەرنى بىز دەل يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا بېرشكە لايىقىمىز.كېيىن مەيلى زامان قانچە ئۆزگەرسۇن  بىز كاتىرلاردا لەيلەپ،كۆلچەكلەردە قولۋققا چۈشۈپ سەيلە قىلغىنمىزدا ياكى  ھەيۋەتلىك پاراخوتلار بىلەن يىراقلارغا سەپەر قىلغان چېغىمىزدا   ئاشۇ  ئىككى قولىدا ئىتتۇرگۇچنى چىڭ تۇتقان  ھالدا شىددەتلىك ئېقىنلاردا سۈ ئۈزۈپ كېتىۋاتقان  تۈرگۈن  ئۇيغۇر سالچىلارنى ھەرگىزمۇ  ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

  سۆيگۈم يازمسى


يوللانغان ۋاقتى:2013- يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-16 12:17 AM  


توققۇز تارا مۇنبىرى سىزنى قىزغىن ئالىدۇ. تەڭرى تاغ باغرىدىكى ئەڭ  گۈزەل ماكانغا بارغۇىڭىز بارمۇ ئەمسە توقققۇزتارا تورنى زىيارەت قىلىڭ بىزنىڭ ئادرسىمىز:www.tokuztara.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95839
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 03:19:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللاھ قېرىندىشىم مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپسىز ،قەلەم قۇۋۋىتىم يېتىشكەن بولسىغۇ «رەددىيە گە رەددىيە »بېرىپ قەلەم ئارقىلىق يالقۇن روزىغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بارتى ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان ئولتۇرغان ئىدىم ،رەھمەت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5369
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 03:22:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاۋال ئوقۇي،،،،،ئاندىن.

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14556
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4078 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 06:47:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بارغۇ يولداشلار، قايسى ئىشنى قىلساقلا تەنقىد بار..

ئاغزىمىزغا چىش چىقىپ، تىما  يوللاپ باقاي دەپ شۇنداق تىما يوللىساق، خەق تىما يوللايدىكەن  مەن نىمىشكە تىما يوللىيالمىغۇدەكمەن، ئۇمۇ تاماق يەيدۇ، مەنمۇ شۇنداق دەپ، تىمايوللىسام، ئەييھانانناس، تىما يوللىغىنىمغا پۇشايمانلا قىلىۋىتىدۇ..

بەزىدە ئىنكاس يوللىسام، تىما يوللىسام ، مۇنبەر ئارقا تىمدىن ئاستا بىشىمنى چىقىرىپ،تور موللىرى بارمۇ يوق،  دەپ ئاستا كۈزىدىغان بولدۇم.. ئۇلار يوقلىقىنى سەز گەن ھامان، كۆزۇمنى يۇمۇپلا، ئوزۇم ياخشى يازدىم، ئىشەش قىلغان تىمىنى يوللايدىغان بولدۇم.. بولمىسا قۇرۇقتىن قۇرۇق، تەنقىد ئاڭلىماي دەيمەندە ئەلۋەتتە....
ئوزى تىما يوللىيالماي، ئوزى قىلالمايدۇ، بىراق باشقىلار قىلغاننى كورەلمەيدۇ.....

باشقىلارنىڭ خاتالقىنى كۆرسۇتۇپ، تەنقىد پىكىر بەرگەنلىك بۇمۇ بىر ئىسىل خىسلەت.  قوللاشقا ئەرزىيدۇ....

بىراق...
خاتالىقىنى كۆرسۇتۇپ بەردىم دەپ، ئوزىنىڭكىنى راس قىلغان ئاساستا، تمىنى يازماي، ئاشۇيازغۇچىنىڭ، ئاشۇ ئاپتۇرنىڭ، ۋەياكى باش پىرسۇناشنىڭ خاتالىقىنى يىغىنچاقلاپ، تىتملىق كۆرسۇتۇپ بەرگەندە، باشقىلارنىڭ قايىللىقغا ئىرىشەلەيدۇ ئەلۋەتتە....


بۇنداق ئوز بىشىمچىلىق بىلەن  باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆورسۇتۇپ بەردىمغۇ، مىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىم كۈچلۇكقۇ، دەپ باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى  كۆرسۇتۇپلا تىما يوللىساقلا، كورۇرمەنلەر كۆرسە بۇ تىمىڭىز نى ئۇلارنىمە  دەر.....
بىزنىڭ يىزىقىمىزنى چۇشۇنىدىغان، تىلىمىزنى چۇشۇنىدىغان، بىزنىمە دىمەكچى بولغانلىقىمىزنى چۇشۇنىدىغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەر،ھەرساھا نوپۇزلۇق زىيالى كىشلىرىمىز ئوقۇپ قالسا، نىمە دەر....

مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، بۇتىمىنى يوللىغان تىما ئىگىسىگە قارىتىلغان ئەمەس..
پەقەت، باشقىلارنىمە ئىش قىلسۇن كەينىدىن بىمەنە تەنقىد قىلىدىغان كىشلىرىمىزگە قارىتىلغان...

ئىلىپ ئىيتايلۇق، ئىسىڭلاردا بارمىكىن؟
خىلى ئايلار بۇرۇن، مەلۇم  تور يازغۇچىمىز، ئوزىچە داڭلىق شىئىرىمىز‹‹ ئىز››نى ياراتماي، ‹‹ئىز›› شېئىرىنى  ئوزگەرتىپ يازدى، ئازبىرقىسىم قوللىغىنى بىلەن كۆوپ قىسىملىرى قارشى تۇردى تورداشلار، يەنە بىر تور يازغۇچىمىز، ئوزگەرتىلىگەن‹‹ ئىزشىئېرىنى›› تەنقىدلەپ شۇنداق ئىسىل تىما يوللىغان ئىدى، شۇپىتى مۇنبەردە كۆرۇنمىدى....

مەلۇم قىز تور ياز غۇچىمىز،مەلۇم بىر تىمىنى يوللىغان ئىدى ئىسىمدە قالماپتۇ....
بىراق شۇ تىمىنى شاخلىتىپ، نوپۇزلۇق بىر قانچە  مۇنبەرلەرگە يوللىغان ئاتالمىش گۇناھى بار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر تورداش،‹‹ سىز قانداق تورداشسىز، باشقىلارنىڭ تىمىسىنى يوللىغىنىڭىز قانداق ئىش، باشقىلارنىڭ ئەجرىگە ھۇرمەت قىلىڭ›› دەپ ئۇقۇشماستىن شۇ ئىنكاسنى يوللاپتۇ.
ئۇ قىز تورداش ،شۇھامان‹‹ ئوزىنىڭ ھەرقانداق مۇنبەرگە كىرىدىغانلىقى،مىسرانىمدىكى ئىسمىنى، باشقا مۇنبەردىكى تورداشلار قويۇۋالغانلىقىنى، شۇڭا ئامالسىز باشقا ئىسىم بىلەن كىرىپ، باشقا مۇنبەردىكى تورداشلارمۇ كورۇپ باقسۇن دەپ يوللىغانلىقىنى، دىگەنن ئاساستا، بۇمۇنبەرگە كىرگەنلىكىگە پۇشايمىنى بارلىقىنى ئىنىق كۆورسۇتۇپ، ئىككىنجى كىرمەسلىكىنى قارار قىلدى. شۇپىتى كورمىدۇق ئۇتورداشنى....

يەنە بىر ئىسىلتىملارنى يوللايدىغان قىز تورداشمۇ، بۇرۇن باشقۇرغۇچى ئىكەن، كىيىن كەينىدىن، باشقۇرغۇچىلىقتىن چۇشۇپ، شۇنداق بىر ئىسىل تىتىملىق تىما يوللىسا، ئۇنىڭمۇ كەينىدىن گەپ تىپىپ، ئۇ  بۇ مۇنبەرگە كىرمەس بولدى.......

دىمەك، بىزنىڭ بىر ئىشلارنى ئارتۇقچە ئويلايدىغانلىقىمىز، يۇزەكى قارايدىغانلىقىمىز، زىيادى سەز گۈرلىكىمىز،  باشقىلارغا كۆڭۇل ئاغرىقى تىپىپ بىرىۋاتىمىز ئەلۋەتتە....

رومان مەسىلىسىگە كەلسەك:
مىنىڭ ئوقۇغۇنۇم،‹‹ ئانايۇرت››‹‹ قۇم باسقان شەھەر››.‹‹ كومۇرچى بالا››‹‹ ئىز رومانى››‹‹ جاللات خىنىم›› قاتارلىق روماانلارنى بىر -بىرلەپ ئوقۇدۇم. ھەم شۇنداق ئىسىل يىزىلغان رومانلار ئىكەن، يازغۇچىنىڭ ئەجرىگە بارىكاللا دىيەلمەي قالمىدىم.
سالچىلار رومانىنى ئوقۇمۇدۇم، ئۇمۇ شۇنداق ئىسىل ئەسەر بولغانلىقى ئۇچۇن نەشىردىن چىققان بولشى مۇمكىن.بۇ رومانغىمۇ قارىغۇلارچە تەنقىد پىكىر بەرسەك قاملاشماس....

دىمەك.. باشقىلارنىڭ ئەجرىنى ھۇرمەت قىلغان بىلەن بىرگە ئاشۇ ئاپتۇرنىڭ ئويلىغىنى ئويلاپ باقساق بولىدۇ....
بەزى رومانلاردا  بەزى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئوزگەرتىش بولىدۇ.... شۇ ئامىللار سەۋەپلىك ئوزگەرتىلگىنى چىڭ تۇتۇۋىلىپلا بىمەنە تەنقىد بەرسەك قاملاشماس..
يازغۇچىنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇر ئەلۋەتتە....

ئەڭ ئاخرقى سوزۇم:
كۆڭلۇم گەپلەرنى  ئوچۇق يورۇقلۇق بىلەن سەمىمىيلىك بىلەن ئىيىتتىم.
بەلكىم بەزى بىر ئىشلارنى يۈزەكى قارىغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن.
ئەگەر خاتا قىلغان، گەپ سۆزگە دىققەت قىلمىغان يەرلىرىم بولسا، تۇزۇتۇش بەرسەڭلار، سەمىمىي قۇبۇل قىلىمەن.

باشقىلارنىڭ ئەجرىگە تەنقىد بىرىڭ .. بىراق ھەقىقى تىتىملىق قايىل قىلغۇدەك تەنقىد بەرسىڭىز بولىدۇ.. ئامما كوڭلىگە ئازار بەرمــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەڭ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 830 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 07:41:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺳﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ(ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭ) ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻣﯘ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ياخشى ﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭙﺘﯘ! ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ! ﻣﻪﻥ ﺳﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﻭﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﺭ. ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎلﻗﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺳﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ!  ﺋﺎﻟﻼﮪﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ! ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻣﯩﺘﯩﻤﯩﻦ ﮪﻮﺷﯘﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯘﺩﯗﻗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﻩ ﺗﯜﺯﻩﺗﺴﻪ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ! ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩ!! ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-16 07:44 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84726
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 511
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2012-9-5
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 09:58:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
guzal~yurtum ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-7-16 06:47 AM
ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺭﻏﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻼ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﺑﺎ ...

يولداشلار   … دېسىڭىز قىزىل پاراڭدەك تۇيۇلۇپ كەتتا …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6473
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1126 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 10:09:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالچىلار ھاياتى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ئۇ ماڭا ھېمىڭۋاينىڭ دېڭىز ۋە بوۋاي دىگەن ئەسىرىدەك تۇيغۇ بېرەلەيدۇ،مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ ئىجادىيىتى يەنىمۇ ئۈتۈقلۇق بولغاي....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32677
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 10:41:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ھەقتە گەپ قىلمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3610
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1551 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 01:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر يازغۇچىللار ئوتتۇرسىدىكى مۇشۇنداق  ئاقماس   دەر  ـ  تالاشتىن سەسكىندىم .
ھەر   ئىشقا   ئۆزىنىڭ  خاھىشى   بۇيىنچە  پىكىر  قىلىش  قىلىش  ئىنسان  تەبىيئىتىدىكى
ئاجىزلىقتۇر ...
مەسچىتكە  كىرسە   ،   ئىشتان   ئۇشۇقتىن  ئېشىپ  كەتسە  يامان   بولىدۇ  ،  مەسچىتكە
يالاڭباش   كىرمەسلىك  توغرىسىدا   ۋەزخانلىق  قىلىپ   مۈگدەپ  ، ئالدىراپ  ـ  تىنەپ
قىلىنىۋاتقان   ئىبادەتلەر   ...    توردىمۇ   مۇشۇ  يۇسۇندا   ،   يېغىپ  ساتسا  بىر
موچەنگە ئالمايدىغان  ،  بىر  ئادەمگە   قىلچىلىك   پايدا  ـ  مەنىپەت  ،  توغرا   يول  
كۆرسەتمەيدىغان تالاش  تارتىش   ...   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-16 01:43 PM  


مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىش  ، مەن  توغۇلۇش  بىلەنلا  خۇدانىڭ
ماڭا   يۈكلىگەن   مەسئۇلىيىتىدۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93157
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 02:21:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالچىلار رومانى ئوقۇپ بەك خوش بولغان ئىددىم ئاشۇ باتىر سالچىلاردىن پەخرلەنگەن ئددىم  يالقۇن  روزىنىڭ ئوبۇزورىنى ئوقۇپ سۇكۇتە بولغان ئىددىم بۇ ماقالنى ئوقۇپ  شۇنى دىگىم كىلۈاتىدۇ يەنىلا كەڭ خەلىق ئاممىسى باھا بەرسە توغۇرا  بولىدۇ دەپ قاريمەن ئۇنتۇلغان سالچىلارنى يازغان ﻣﻪﻣﯩﺘﯩﻤﯩﻦ ﮪﻮﺷﯘرغا رەخمەت تىما ئىگسىگە رەخمەت دەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش