مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1593|ئىنكاس: 4

سورۇندا ئولتۇرۇش ۋە سورۇننىڭ ئەدەپ – قائىدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14589
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 04:39:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سورۇندا ئولتۇرۇش ۋە سورۇننىڭ ئەدەپ – قائىدىسى

دوكتۇرمۇھەممەد ئەلى ھاشىمى
تەرجىمە قىلغۇچى: گۇلنار
(مىللەتلەر دىن مەدىنىيىتى نەشرىياتى 2001-يىل نەشرگە تەييارلىغان ‹‹مۇسۇلمانلارنىڭ يولى›› كىتابتىن كۆچۈرۈلدى)

مۇسۇلماننىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئولتۇرۇش ۋە سورۇن ئەدەپ – ئەخلاقلىرىغىچە پۈتكۈل ھاياتلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام كۆرسەتمىسىگە بويسۇنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئولتۇرۇش ۋە سورۇن ئىشلىرىدا ئەدەپ – قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ.
1 – ئولتۇرماقچى بولسا ئاۋۋال سورۇن ئەھلىگە سالام قىلىدۇ. ئاندىن سورۇننىڭ ئاخىرسىغا بېرىپ ئولتۇرىدۇ. ئولتۇرۇش ئۈچۈن بىرەرسىنى قوپۇرمايدۇ. رۇخسەتسىز ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر ئادەمنى قوپۇرىۋىتىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمىسۇن. لېكىن ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىڭلار، ياكى كېڭەيتىپ بېرىڭلار.» (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس) ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر بىرەرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىدىن قوپۇپ بەرسە، ئۇ يەردە ئولتۇرمايتى. جابىر ئىبنى سۇمرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلسەك بىزنىڭ ئولتۇرغان جايىمىز سورۇننىڭ ئەڭ ئاخىرسى بولاتتى.» (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رۇخسەتسىز ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىۋىتىش توغرا ئەمەس.» (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
2 – بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ قايتىپ كەلگەن بولسا شۇ يەردە ئولتۇرۇشقا ئەڭ لايىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ قايتىپ كەلسە، ئۇ ئاشۇ يەردە ئولتۇرۇشقا ئەڭ ھەقلىق.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
3 – سورۇننىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرىۋالماسلىق. ھۈزەيفە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ئادەمگە لەنەت قىلغان» دېگەن. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايت قىلغان)
4 – سورۇندا ئولتۇرغاندا تۆۋەندىكى ئەدەپ – قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. سورۇندا سالاپەتلىك، تەمكىن ئولتۇرۇش، بارماقلىرىنى كىرىشتۈرمەسلىك، ساقال ياكى ئۈزىكىنى ئوينىماسلىق، چىشىنى كولىماسلىق، قولىنى بۇرنىغا تىقماسلىق، تۈكۈرۈش، دىماق قېقىش، چۈشكۈرۈش، ئەسنەشنى كۆپ قىلماسلىق كېرەك. سورۇندا ھەرىكەت ئاز، تىنىچ، سۆزلەر رەتلىك بولىشى، سۆزلىسە دۇرۇس سۆزلىشى، جىق گەپ قىلماسلىقى، ئۆزىنى كۆرسىتىش، ھەزلىكەشلىكتىن ساقلىنىش، ئائىلىسى، بالىلىرى ياكى زاۋۇتى ياكى ماددىي، مەنىۋىي نەتىجىلىرىگە قىزىقىپ سۆزلىمەسلىكى، ئەگەر باشقىلار سۆزلىسە ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ئاڭلاش، سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك ياكى قايتا سۆزلەشنى تەلەپ قىلماسلىق، بۇ سۆزلىگىچىنى ئوسال قىلىپ قويىدۇ. مۇسۇلمان بۇلارغا ئىككى ئىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ. بىرى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئەخلاقى ياكى ئىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەرزىيەت يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن قىلىدۇ. مۇسۇلمانغا ئەرزىيەت بېرىش ھارام. «مۇسۇلمانلار تىلى ۋە قولىدىن سالامەت قالغان كىشى مۇسۇلماندۇر.»
ئىككىنچى، دوستلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشى ۋە ئارىلىشىپ ئۆتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىدۇ. قانۇننى يولغا قويغۇچى ئاللاھ مۇسۇلمانلار ئارا دوست بولۇش، بىرگە ئۆتۈشكە بۇيرىغان ۋە قىزىقتۇرغان.
5 – مۇسۇلمان كىشى يوللاردا ئولتۇرماقچى بولسا تۆۋەندىكى ئەدەپ – قائىدىلەرگە رىئايە قىلىدۇ.
1) يولدىن ئۆتكەن ياكى ئىشىگىدە ياكى بالكوندا تۇرغان ياكى بىرەر ئىش ئۈچۈن دەرىزىسىنى ئېچىۋاتقان ئاياللارغا قارىمايدۇ.
2) تىلى ئارقىلىق تىللاپ ياكى ئەيىپلەپ، قولى ئارقىلىق ئۇرۇپ ياكى نەرسە – كېرەك ئوغۇرلاپ ۋە ياكى يول توسۇپ ۋە ياكى  نەرسە كېرەك بۇلاپ بىرەرسىگە زىيان سالمايدۇ.
3) يولدىن ئۆتكەنلەردىن سالام  قىلغان ھەربىر كىشىگە سالام قايتۇرۇش لازىم. چۈنكى سالام قايتۇرۇش ۋاجىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىرى سالام ئېيتسا ئۇنىڭدىن چىرايلىق قىلىڭلار ياكى قايتۇرۇڭلار.»
4) بىرەر ياخشى ئىش تەرك ئېتىلسە ياكى سەل قارالسا ئۇنى قىلىشقا بۇيرۇش لازىم. چۈنكى ياخشىلىقنىڭ تەرك ئېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرغان بۇنداق كىشىنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇش جاۋاپكارلىقى بار. ياخشىلىققا بۇيرۇش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز. مەسىلەن: نامازغا ئەزان ئوقۇلغان بولسا سورۇن ئەھلىدىن تۇرمىغانلار بولسا ئۇلارنى نامازغا بېرىشقا بۇيرۇش كېرەك. يەنە بىر مىسال ئاچ ياكى يالىڭاچ ئۆتكەن بولسا ئۇنىڭغا چامىنىڭ يېتىشىچە تاماق ياكى كىيىم بېرىشى، ئەگەر ئۆزى قىلالمىسى باشقىلارنى بۇيرۇشى كېرەك.
5) كۆز ئالدىدا يامان ئىش سادىر بولسا توسۇشى لازىم. خاتالىقنى ئۆزگەرتىش ياخشى ئىشقا بۇيرۇشقا ئوخشاشلا مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىم بىر مۇنكەرنى كۆرسە ئۆزگەرتسۇن» مىسال: كۆز ئالدىدا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۇرغان ياكى ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلىۋالغان بولسا، بۇنداق ھالنى چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئۆزگەرتىپ زۇلۇم ۋە دۈشمەنلىككە قارشى تۇرۇش لازىم.
6) يول سورىغانغا يول كۆرسىتىپ قويۇش ياكى ئىزدىگەن ئادىمىنى ياكى ئۆيىنى ئېيتىپ بېرىش لازىم. بۇنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ، دۇكاننىڭ ياكى باغچىلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشنىڭ ئەدەپ – قائىدىسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يولدا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئۇلار: بىزگە باشقا ئامال يوق، ئۇ يەر بىزنىڭ ئولتۇرۇپ سۆزلىشىدىغان جايىمىز، دەپتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئولتۇرىدىغان ئىشىڭلار بولسا يولنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار، دېدى. ئۇلار: يولنىڭ ھەققى نېمە؟ دەپتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كۆزىنى يىغىش، ئەرزىيەتنى توسۇش، سالام قايتۇرۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، بىر قىسىم رىۋايەتلەردە – يولدىن ئازغانغا يول كۆرسىتىش» (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)
ئولتۇرۇشنىڭ ئەخلاقلىرىدىن بىرى سورۇندىن قوپقاندا ئۆتكۈزۈپ سالغان كەمچىلىكلەرگە ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەش، بەلكىم ئۇ سورۇندا بىرەرسىگە ئەرزىيەت يەتكۈزگەن بولىشى مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرماقچى بولسا مۇنداق دەيتى: «ئى ئاللاھ، سىزنى مەدھىيلەش بىلەن بىرگە سىزدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. سىزدىن مەغفىرەت تىلەيمەن، سىزگە تەۋبە قىلىمەن. (بۇ توغۇرلۇق سورالغاندا): سورۇندا ئۆتكەن ئىشلارغا كاپارەت، دېدى.» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 04:39 PM  


ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 06:51:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن.

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.
mahmat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 07:14:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 08:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتلەر دىن مەدىنىيىتى نەشرىياتى   نەشىر قىلغان كىتاپلار قانۇنلۇقمۇ؟ئكيلەردە ساقلىساق بولامدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 10:22:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكۇ ياخشى تىما يوللاپسىز،سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش