شۇنچە سەبىي بىغۇبار بىر قىز ئىدىم ،
ئەمدى قەلبىم قارا بولدى سەن كىلىپ .
تەقۋالىقتا ، ھايا ، ئەخلاق زىننەتتى ،
ئىمانىممۇ چالا بولدى سەن كىلىپ .
يات ئەرلەرگە تىكىلمەيتتى كۆزلىرىم ،
ھايا مەندىن جۇدا بولدى سەن كىلىپ .
غۇرۇر ۋىژدان مىنى قوللاپ ماڭاتتى ،
ئەمدى شەھۋەت سادا بولدى سەن كىلىپ .
قىسقا ، كالتە ئەمەس ئىدى كىيىمىم ،
كىيمىم نىپىز ، چولتا بولدى سەن كىلىپ .
ئاددى -ساددا يۈرەر ئىدىم كىينىسەم ،
كىيمىم پال -پۇل ،ئالتە بولدى سەن كىلىپ .
گىرىم قىلماي شۇنچە تەبىئىي ياشايتىم ،
يۈزۈم ئۇنغا خالتا بولدى سەن كىلىپ .
كۈندە بەزمە ، كۈندە ئويۇن تاماشا ،
چېچىم باشتا سانتا بولدى سەن كىلىپ .
دوستلىرممۇ دەيدۇ مىنى يارى بار ،
ئابرويۇمغۇ كاتتا بولدى سەن كىلىپ .
مەھەلىمىزدا پۇراپ كەلدى جىگدىلەر ،
پىشمىسمۇ جىگدە يەيتىم سەن كىلىپ .
جاگڭاللاردا مېڭىپ يۈرەر ئۆزگىلەر ،
مېڭىپ پۇتقا تىكەن كىردى سەن كىلىپ .
ئازغۇنلۇقتا ئۆتسە يازىم كۈز كىلەر ،
كۈز كەلمەيلا خازان بولدۇم سەن كىلىپ .
بۇ سوراقنى ھامان بىر كۈن بىرەرسەن ،
بۇ ھاياتىم يامان بولدى سەن كىلىپ .
ھەي نۇمۇسسىز ! باشلاپ ماڭدىڭ زىناغا ،
شەيتانلارغا سودا بولدى سەن كىلىپ .
ياشلىقىمنى ئېيىتقىن قانداق تۆلەيسەن؟
بارلىقىمنى ۋايران قىلدىڭ سەن كىلىپ .
مەنبە : ئۇيقۇت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uykut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-15 03:03 PM