مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4112|ئىنكاس: 20

روزىنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسكى خوتەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59159
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9009
تۆھپە نۇمۇرى: 1382
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2011-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 01:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھ(سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا)رازىلىقى ئۈچۈن روزا تۇتقان كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئالاھىدە قىممەتلىك بولغان مەخسۇس مۇكاپاتىغا لايىق بولىدۇ،بۇ ھەقتە پەيغەمبەر(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)مۇنداق دەيدۇ‹‹ئادەم بالىسىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ھەممىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاپ بېرىلىدۇ،1ياخشىلىققا 10دىن 700 ھەسسىگىچىلىك ساۋاب بېرىلىدۇ،ئاللاھ تائالاھ دېدىكى؛روزا تۇتقان كىشىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش ماڭا خاستۇر،ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزۈم بېرىمەن،چۈنكى روزا تۇتقان كىشى مىنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ يىمەك ئىچمەكنى ۋە ھەۋىسىنى تەرىك قىلىدۇ،روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن2 چوڭ خۇشاللىق باردۇر؛ئۇنىڭ بېرى ئۇنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىقى،يەنە بېرى ئۇنىڭ ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولغاندىكى خۇشاللىقىدۇر››  (مۇسلىم رىۋايىتى)              
2.روزا تۇتقان كىشىنىڭ بۇرۇن قىلغان بارلىق گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ،رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن‹‹كىمكى رامزان روزىسىنى چىن ئىمانى بىلەن ساۋابنى كۆزلەپ تۇتىدىكەن،ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ››(بۇخارى،مۇسلىم رىۋايىتى)              
3.روزا تۇتقان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ،تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ يېنىغا نەجدىلىك بىر ئادەم كەلدى،ئۇ يىراقتىن بىر نەرسە دەۋاتاتتى،لېكىن بىز ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىدۇق،ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقاندىن كىيىن،ئۇنىڭ ئىسلام ھەققىدە سوراۋاتقانلىقنى بىلدۇق،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بىرىپ بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇش دىدى،بۇ ئادەم ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نىمە قىلىش كىرەك ؟ دەپ سورىۋىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا يوق،پەقەت ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن نەپلە نامازلارنى ئۇقۇساڭ بولدى ،رامزان روزىسىنى تۇتىشىڭ كېرەك دەپ جاۋاب بەردى،بۇ ئادەم يەنە باشقىچۇ دەپ سورىۋىدى،نەپلە روزىلارنى تۇتساڭ بولدى دەپ جاۋاپ بەردى ۋە زاكاتنىڭ پەرزىنى چۈشەندۈردى، يەنە باشقىچۇ دەپ سورىۋىدى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ،باشقا يوق پەقەت ئختىيارى ھالدا سەدىقە بەرسەڭ بولىدۇ دەپ جاۋاپ بەردى،بۇ ئادەم قايتىپ كىتىۋېتىپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى مەن بۇلارنى كام زىيادە قىلماي ئورۇنلايمەن دىۋىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتتا ،بۇ ئادەم ئەگەر سۆزىدە راستچىل بولغان بولسا ،جەننەتكە لايىق بولدى ،دېدى›› (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)            



4. ئىنسان روزىنىڭ سايىسىدا پەرىشتىلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ،چۈنكى ئىنسان،بىز سىرتتىن كۆرۋاتقاندەك،پەقەتلا يەپ ئىچىدىغان ۋە سۆزلەيدىغان جانلىق ھەيكەل ئەمەس،بەلكى ئىنساننى ئىنسان قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان روھانىي جەۋھەردۇر. ئىنسان بۇنىڭ بىلەن تەپەككۇر قىلىدۇ،ھەقىقەتلەرنى بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېس قىلىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن لەززەتلىنىدۇ.ئاللاھ تائالا ئىنساندىكى مۇشۇ قىممەتلىك روھانىي جەۋھەرنىڭ يۈزىسىدىن پۈتۈن پەرىشتىلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان. ئىنسان شۇنداق ئۇلۇغ يارىتىلغان بىر مەۋجۇداتكى ،ئۇنىڭ روھى ئاللاھ تائالادىن،بەدىنى تۇپراقتىندۇر. ئىنسان ھەمىشە ئۇنى ئۇلۇغلۇققا كۆتىرىدىغان روھى بىلەن ، ئۇنى رەزىللىكلەرگە چۈشىرىدىغان نەپسىي ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشلار بىلەنلا ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ ،روھىنى نەپسىي ھەۋىسىگە بويسۇندۇرۇپ ،نەپسىنى روھىغا ھاكىم قىلىۋالسا، ئۇ ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغاندەك ،ئەگەر ئۇ،ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى تونۇپ،نەپسىنى روھىنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇندۇرسا ، ئۇ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش مەرتىۋىگە يېتىدۇ، بەلكى گاھىدا پەرىشتىلەردىنمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاھ ھايۋانلارغا ئەقىل ۋە روھ ئاتا قىلماستىن ،پەقەت نەپسىي ھەۋەسنىلا ئاتا قىلغان، ۋە پەرىشتىلەرگە نەپسىي ھەۋەس بەرمەستىن، پەقەت ئەقىل بىلەن روھنىلا ئاتا قىلغان، ئىنسانغا بولسا ھەم روھ بىلەن ئەقىل،ھەم نەپسىي ھەۋەس ئاتا قىلغان. شۇڭا نەپسىگىلا بېرىلىپ ئۆز قەدىر قىممىتىنى يوقاتقان ئىنسان ،ھايۋانغا ئوخشاش  ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندەك، ئەقىل ۋە روھىنى ئىشقا سېلىپ،نەپىسنىڭ ھەۋەسلىرىنى ئەقىل ۋە شەرىئەت بىلەن مۇھاكىمە قىلغان كىشىمۇ ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ،پەرىشتىلەردىن ئۇلۇغ سانىلىدۇ.  شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە‹‹ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار ھەقىقەتەن ئۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر›› دەيدۇ( بەييىنە سۈرىسى 7-ئايەت)  .  پەرىشتىلەرمۇ مەخلۇقاتنىڭ قاتارىدىن بولغاچقا، بۇ ئايەتتىكى بايان قىلىنغان سۈپەتتىكلى ئىنسانلار،پەرىشتىلەردىن ياخشى ۋە ئۇلۇغدۇر.  نەپسىي ھەۋىسى ئۈچۈنلا ياشاپ ئاللاھ تائالانى تونىمىغان ئىنسانلار توغرىلىق ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ‹‹ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسىي خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە، نەپسىي خاھىشىگە ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاشقا ھامىي بولالامسەن؟  ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گىپىڭنى) ئاڭلايدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر›› ( فۇرقان سۈرىسى 43-44- ئايەت)      
نەپىسنىڭ خاھىشلىرغا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگۈنۈپ،لەززەتلەرنى ۋاقىتلىق تەرك ئىتىش،ۋە يىرىكچىلىكلەرگە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، ئۆزىنى ئىنسانلىققا-مۇھىم بولغىنى ،مۇسۇلمانلىققا لايىق كەلمەيدىغان تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماستىن،بەلكى ئىنسانلىق ھۆرمىتىگە لايىق ھالدا پەرىشتە ماقامىغا يىتىش، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا نىڭ جەننىتىگە ۋە ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ،روزا تۇتۇش ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر ، چۈنكى روزا ئىنساننىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرىنى يىڭىپ، روھىي مەنىۋىيتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن  ئەڭ پايدىلىق ئىبادەتتۇر.   
مەنبە؛(قۇرئان ۋە ئىشەنچىلىك ھەدىسلەر) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 03:22 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئاردا + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
سائەت + 33 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 92   باھا خاتىرىسى

ئەلنى تاشلىغان،ئەر ئەمەس.

كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8241
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6615 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 04:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ  اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، ئۇلۇغ ئايلاردا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 04:26:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىككى دۇنيادا ئەزىزلەردىن  قىلسۇن  قېرىندىشىم ،مۇشۇنداق  ياخشى تىمىنى  يوللىغىنىڭىزدىن  مەمنۇن بولدۇم ،

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 04:30:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 04:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكەتىھۇ! قېرىندىشىم، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! بەكمۇ ئېسىل تېما يوللاپسىز، تېما يوللۇغان قوللۇرىڭىزغا  دەرت كەلمىسۇن! ،،،ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10354
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 05:04:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﻩﮪﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ

ئاڭلىساڭ تىڭشايسەن يۈرەك نىداسى
كۆرىسەن كۆزۈمدىن سۆيگۈئىزناسى
كۆرىمەن سىنىڭدىن كۈلكە سىماسى
قەلبىمدە تولايمەن سۆيگۈ نىداسى

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 05:11:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! رەھمەت سىزگە!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95420
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 05:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تىمىلار ئۈزۈلمىسىكەن  مىسرانىمدا

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقئەتنى.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1714 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 05:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،ئىنتايىن ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپ سىز

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84142
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 06:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  قېرىندىشىم !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش