مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7075|ئىنكاس: 34

( دولان ) رۇسىيەدىكى ھەقىقى ئۆزگىرىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 10:35:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇسىيەدىكى ھەقىقى ئۆزگىرىش

( CCTVئەزەلدىن خەۋەر قىلىشقا پېتىنالمىغان ھەقىقى ئەھۋال: رۇسىيەدىكى ھەقىقى ئۆزگىرىش )

مونالىزا

دولان تەرجىمىسى

رۇسىيەسابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىدىن دۆلەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ( كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچەئازكەم 200 مىليون دوللار ) يەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدە نېمە سەۋەببار؟ رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىمايدىغان سىياسىتى كۆپچىلىكنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  1، روسىيەپۇقرالىرىنىڭ خالىغان ۋاقىتتا نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋە ئىش تاشلىشى،ئاساسىي قانۇندا بەلگۈلەنگەن ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى ھەلقىلىشتىكى قانۇنلۇق ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن روسىيەگە ساياھەتكە بارغاندا دائىم قىزىل مەيداندىكىنامايىش ئەترىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  2، روسىيەدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەرقانداق دىن روسىيەدە ئەركىن تارقىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، نۆۋەتتە روسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدەئىگەللىۋالغان ئىبادەتخانىلارنى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قايتۇرۇپ بەردى،ھازىر شەھەردىكى ئەڭ چىرايلىق ئىمارەت ئىبادەتخانا. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇن ۋە « روسىيە فېدېراتسىيسى دىنىي ئەركىنلىك ۋە دىنىي تەشكىلات قانۇنى» نىڭ كاپالىتىگە ئىرىشكەن.

  3، روسىيەخەلقى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، 1000 غا يېقىن ژۇرنال تارقىتىلدۇ،ھېچقانداق تىزىملاش رەسمىيىتى بىجىرىلمەيدۇ. سۆز ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇن ۋە «روسىيە فېدېراتسىيسى ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىسى قانۇنى » نىڭ كاپالىتىگە ئىگە.روسىيە فېدېراتسىيسىدە مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن نەچچى مىڭلىغان شەخسى تارقىتىشۋاستىسى قورۇلۇپ، ئاخباراتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى بىكار قىلىنغان.

  4، روسىيەئەركىن بازار ئىگىلىكى بەرپا قىلغان بولۇپ، كارخانا ئىھتىياجغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىپ، كارخاننىڭ ئۈنۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكاروسىيەنى بازار ئىگىلىكى دۆلىتى دەپ ئېتىراپ قىلغان.

  5، روسىيەدەكۆپ پارتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، سىياسىي پارتىيە قورۇش ئۈچۈن پەقەت ئەدىلىيە مىنىستىرلىكىگە تىزىمغا ئالدۇرسىلا كۇپايە. كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ئاساسىي قانۇن ۋە « روسىيە فېدېراتسىيسى پارتىيىلەر قانۇنى » نىڭ كاپالىتىگە ئېرىشدۇ،سىياسىي پارتىيەنىڭ بارلىق راسخوتىنى ھەرقايسى پارتىيە ئۆزلىرى ھەلقىلىدۇ.

  6، روسىيەفېدېراتسىيدە ئەركىن سايلام ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، بۇ زوڭتوڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. 1991-يىلدىن بۇيان روسىيەدە قايتا-قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلگەن، 1991-يىلدىن 2004-يىلغىچە ئومۇمىي خەلق 7 قېتىم قارار ماقۇللىغان. 4قېتىم زوڭتوڭ سايلىمى، 4 قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەركىن سايلام روسىيە فېدېراتسىيسى ئاساسىي قانۇنى ۋە « روسىيە فېدېراتسىيسى زوڭتوڭ سايلام قانۇنى » « روسىيە فېدېراتسىيسى دوما سايلام قانۇنى » نىڭ كاپالىتىگە ئىگە.

  7، روسىيەفېدېراتسىيسىدە ئەدىلىيە مۇستەقىللىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، فېدېراتسىيە سودىيەسىسوتلاش ھوقۇقىنى  بىرتۇتاش يۇرگۈزىدۇ،سودىيەنىڭ مۇئاشى ۋە تەمىناتىنى پۈتۈنلەي فېدېراتسىيە مالىيەسى چىقىم قىلىدۇ، سودىيەھەرقانداق پارتىيە گورۇھقا ئەزا ئەمەس، بۇ سودىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  8، روسىيەفېدېراتسىيسىدە ھۆكۈمەت ئەزاسىنىڭ مال-مۇلكىنى ئىلتىماس قىلىش تۇزۇمى يولغاقويۇلغان، ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋەزىپىگە تېيىنلىنىشتىن بورۇن چوقۇم شەخسى ۋەئائىلە مال-مۇلكىنى ئىلتىماس قىلىدۇ، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بورۇن يىللىق كېرىمى ۋە مال-مۇلكىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك، بۇ ئىلتىماسنى ئاخباراتتا ئاشكارىلاپ، پۇقرالارنىڭ نازارىتى ۋە پاش قىلىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ،روسىيە فېدېراتسىيسى ئاساسىي قانۇنى ھۆكۈمەتنىڭمۇ قانۇن كاپالىتى.

  9، روسىيەرۇبلىنى خەلقئارادا ئەركىن ئايرىباشلىنىدىغان پۇلغا ئۆزگەرتىپ بولغان بولۇپ، رۇبلى6 يىلدىن بۇيان ئىزچىل قىممىتى مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى، نوپۇس تۈزۈمى بىكار قىلىنغاچقا رۇسىيە پۇقرالىرى ئەركىن يۆتكىيەلەيدۇ، روسىيەلىكلەرنىڭ پاسپورت ۋە رۇبلى ئېلىپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ساياھەت قىلىشى ۋە خىزمەت قىلىشى ئىشقائاشۇرۇلغان.

  10،روسىيە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىمىگە قاتنىشىپ، تىنچلىق مەزگىلىدە ئۆلۇم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىق ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان، روسىيە ئۆلۇم جازاسىنى ئىجراقىلمايدىغان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگەندىن كېيىن، روسىيىلىكلەر ياۋروپاغا بېرىپ كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە روسىيە فېدېراتسىيسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرزقىلىش قىلمىشىنى ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، روسىيەدە ئۆلۇم جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

  11، روسىيەسابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى 11 مىليارد 500 مىليون قەرزنى مۇددەتتىن بورۇن قايتۇرۇپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە پارىژ كۇلۇبىنىڭ 50 مىليارد دوللار قەرزىمۇ بار.ئىراقنىڭ 9 مىليارد دوللار قەرزىنى كەچۇرۇم قىلۋەتكەن.

  12،روسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى تاشقى پىرېۋوت زاپىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ھەتتاسابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى زاپاس مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  13،روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇنقى ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىش چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۇردى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 70 يىلدا ئاساسەن ئاشلىق ئىمپورت چوڭ دۆلىتى ئىدى، ھازىر روسىيە ئاشلىق ئېكسپورت چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغان.

  14،روسىيەدىكى مىلياردېر فوبۇستىكى ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىدە 27 يېتىپ، ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  15، روسىيەنىڭ سودىغا ئىشلىتىدىغان ئالەمگە ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىنى قويوپ بىرىش بازارى دۇنيادائالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ئىككى يېرىميىلدەك ۋاقىتتا رۇسىيە خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى ئۆزى قوغدىدى.يېقىندا خەلقئارا ساياھەت پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئادەملىك ئالەم ئايروپىلاننى مارسقا قوندۇردىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  16،موسكۋا يەرشارىدىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئونىۋېرسال ئەمىلى كۈچى جەھەتتە 12-ئورۇنداتۇرۇپ، نىيۇيوركتىن ئېشىپكەتكەن. موسكۋادا 7 ۋوگزال بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەپلىك مېتروغا ئىگە. موسكۋانىڭ نوپۇسى 10 مىليون بولۇپ، ھەر 3 ئادەمگە بىرماشىنا توغرا كەلسىمۇ لېكىن شەھەر قاتنىشى ناھايىتى راۋان.

  17،روسىيە %13 لىك شەخسى تاپاۋەت بېجىنى يولغا قويغان بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن.

  18،روسىيەدىكى بانكىلار ئاساسەن شەخسى ئىگىلىكتە، ئەنگلىيە « بانكىرلار » ژورنىلىنىڭ2004-يىللىق مەلۇماتىدا روسىيەدىكى 22 بانكا دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك بانكا قاتارىغاكېرگەن، 2004-يىلى روسىيەدىكى بانكىلارنىڭ ئوتتۇرىچە پايدىسى %26.1 ئاشقان.

  19،روسىيەدە تۇرالغۇ، سۇ، توك ئاساسەن ھەقسىز، بەزى ھەقلەر پەقەت سىموۋول خارەكتىرلىك بولۇپ، روسىيەدىكى ئائىلىلەر سۇ سائىتىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ.

  20،روسىيەدە زۇڭتۇڭدىن باشقا، زۇڭلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بارلىق ئەمەلدارلار پىنسىيىگەچىققاندىن كېيىن ئادەتتىكى پۇقرا بولۇپ، ھېچقانداق ئالاھىيدە تەمىناتتىن بەھرىمانغبولمايدۇ.

  21،روسىيە فېدېراتسىيە قوغداش ئىدارىسى قوغداشقا تېگىشلىك كىشىلەر تۆۋەندىكىچە: زۇڭتۇڭ،ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي كېسىم مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، فېدېراتسىيە كومتىتىنىڭ رەئىسى، دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى، زوڭلى قاتارلىقلار.

  22، رۇسىيەسەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى، 2006-يىلى سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار ئۇچرىشىشى رۇسىيەنىڭ سانتپېتىربورگدا ئۆتكۈزۈلدى.

  23،رۇسىيەدە ئېلېكتر تەمىنلەشتە ئاساسلىقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا تايىنىدۇ، بۇمۇھىتنى قوغداپ، قايتا ھاسىل بولمايدىغان ئېنېرگىيە كۆمۈر مەنبەسىنى تېجىگەن.

  24،رۇسىيەدىكى ئاپتومۇبىلنى ئاساسەن ئۆز دۆلىتى ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەيدۇ، فورژائاپتۇمبىل زاۋۇتى يېقىدا 23 مىليون دانە ئاپتۇمبىل ئىشلەپچىقارغانلىقنى تەبرىكلىدى.

  25،روسىيە زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىمۇ روسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان، TU-154، Y-96-300نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ روسىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان خەلق ئاۋىئاتسىيەئايروپىلانىمۇ ئاساسەن روسىيەدە ئىشلەنگەن.

  26،روسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆتيول خەرىتە پىلاننى ئىمزالىغان بولۇپ، روسىيەفېدېراتسىيسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي مەسىلىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان، ئەدىلىيە، ئالاقە، ئاۋىئاتسىيە قويۇپ بېرىش، سانائەت ئۆلچىمى،دورا ئۆلچىمى، مائارىپ ئۆلچىمى، يۇقىرى سۇرئەتلىك تاشيول ئۆلچىمى ۋە ئاۋىئاتسىيەئۆلچىمى قاتارلىق ھەممە ساھەدە بىردەكلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  27، روسىيەفېدېراتسىيە زوڭتوڭى ھەريىلى ئامېرىكا زوڭتوڭى بىلەن 8 قېتىم رەسمى ئۇچرىشىدۇ. بۇئىككى قېتىمدىن ئارتۇق بولغان قوشتەرەپلىك ئۇچرىشىش، سەككىز دۆلەت گورۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا-ياۋروپا باشلىقلار ئۇچرىشىشى قاتارلىقنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

  28، روسىيە زوڭتوڭى ھەريىلى ئازبولغادا بىرقېتىم تېلۋېزىيەدە پۇقرالارنىڭ ھەرقانداق سۇئالىغا جاۋاب بىرىدۇ؛ ئاز بولغاندا بىرقېتىم چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ھەرقانداق سۇئالىغا جاۋاب بىرىدۇ؛ دۆلەت ئىچىدە تۇيۇقسىز ۋەقە يۈزبەرگەندەدەرھال تېلۋېزىيە نۇتقى ئېلان قىلىدۇ.

  29،روسىيە فېدېراتسىيسى يەسلى مائارىپىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئاساسىي مائارىپ ۋەئوتتۇرا كەسپى مائارىپ مەجبۇرىي ھەمدە پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئالىي مائارىپتا يۇقىرى ئوقۇش مۇكاپات تۇزۇمىنى يولغا قويغان.

  30،روسىيە فېدېراتسىيسىدە داۋالىنىشتا نومۇر ھەققى، تەكشۇرۇش ھەققى ۋە داۋالاش ھەققى ئېلىنمايدۇ. دورا چىقىمىنى دۆلەت كونتۇرۇل قىلىدۇ ۋە يوقۇرى تولۇقلىما بىرىدۇ.

  31،روسىيە فېدېراتسىيسىدىكى بارلىق مەسئۇل مەمۇرىي خادىملار، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندەچوقۇم خەلققە قەسەم بېرىدۇ. يۇقىرىسى زوڭتوڭ، تۆۋىنى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى، ئادەتتىكى سوتچى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىلى چوقۇم ۋەزىپىگەتەيىنلەنگەندە خەلققە قەسەم بېرىشى كېرەك. زوڭتوڭنىڭ قەسەم بىرىش يېغىنى كاتتائۆتكۈزۇلۇپ، نەقمەيداندا ئاممىغا كۆرسىتىلىدۇ، زوڭتوڭنىڭ قەسىمى ناھايىتى ئاددى بولسىمۇ بىراق يادروسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتۇر. سوتچى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ،ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارغا مەسئۇل بولىمەن دەپ قەسەم بىرىدۇ. زوڭلى ۋەھەردەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيتىنى ئاداقىلىمەن دەپ قەسەم بىرىدۇ.

  32،روسىيە فېدېراتسىيىسى چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى تۇزۇمىنى يولغا قويغان بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايىتى بار-يوقلۇقىنى زاسېداتېللار ئۆمىكى قارار قىلىدۇ،زاسېداتېللار ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن تەشكىللەنگەن بولىدۇ.

   جۇڭگوغاسېلىشتۇرغاندا، بيۇرۇكرات مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق مەۋجۇتلا بولۇدىكەن، بىر ئۆمۇرنادامەت چەكمەي ئامال يوق.


مەنبە:

  http://blog.sina.com.cn/main_v5/ria/print.html?blog_id=blog_4e1d2e1a01018gdm



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 10:56 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوتسىيالىزىمنى تاشلاپ كاپتالىزىمغا ماڭغىننىڭ پايدىسى ئوخشايدۇ .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:22:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  پاھ ھۇي ، ماۋۇ روسلارنى جېنى تۇمشۇقىغا كىلىپ قالدى دىسەم تۈزۈلمە ئۆزگەرتىپ خېلى كۈچلىنىپ قاپتۇ جۇمۇ ...................... بىزنىڭ تاراتقۇلىرىمىزدا بۇلارنى بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەندەك سۆرەتلەۋاتاتتى ، يىگىرمە نەچچە يىلدىن بىرى بىچارە دەپ قاپتىكەنمەن .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22053
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10071 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:23:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بيۇرۇكرات مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق مەۋجۇتلا بولۇدىكەن، بىر ئۆمۇرنادامەت چەكمەي ئامال يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86577
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1584
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1406 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  نىمە دەي نىمىمۇ دىيەلەي            
روسىيە مۇشۇنداقلا ماڭسا دۆلەتلەر ئارا  چاقنىغان يۇلتۇز بولالايدۇ.......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qayan444 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 12:57 PM  


قوچقارنىڭ  كەينىگە يانغىنى  ئۇنىڭ  قورققىنى  ئەمەس  -  ئەلتېكىن

ئۆتمۈشىڭنى ئۇنۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3182
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8907
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 2380 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 01:02:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى تەرەپلىرى بولۇپ قويىدىكەن . يەنىلا بەرىبىر ئورۇس....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 901
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 576 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 01:52:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   دېمۇكراتېيە ئەركىنلىكنى ، ئەلنىڭ قەلىب ساداسىنى تىڭشاش بىلەن ئىجرا قىلغاندا ئۇنداق دۆلەت چوقۇم تەرەققى قىماي قالمايدۇ.
   تىما يوللۇغۇچىگە رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 02:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jangqi يوللىغان ۋاقتى  2013-7-15 01:59 PM
مەنبەدىكى ئەسىلى ماقالە ئۈچۈرلۇپ بوپتۇ .

رۇسىيەدەك ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەس بولغاندىكىن ئۈچۈرۈلگەندۇ .
ھەممە گەپنى دەپ دېۋېلىپ جۇڭگۇغا سېلىشتۇرۇپ قويغاندىكىن ياقمايدۇ دە ! ماختايدىغان ماقالە بولغان بولسا ئۈچۈرۈلمەيىتتى !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 02:22:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،روسيەگە بولغان چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشتى .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79036
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1366
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-4-18
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 02:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇسيە پۇقرالىرى باشقا دۆلەتلەرگە مۇھاجىر بولۇپ ئۇلتۇراقلىشىپ قىلىپ كېيىن يەنە دۆلىتىگە قايىتسا 100 نەچچە كۋادىراتمىتىرلىق ئۆي.ماشىنا.ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇنلىرى بىلەن ھەقسىز بەھرىنلىندۇ دەيدۇ.ئادەمنىڭ كىشلىك قىممىتى شۇ دۆلەتتە بۇلسا كېرەك.
رەخمەت تېمىڭىزغا .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش