مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1528|ئىنكاس: 17

مۇھاكىمە:تورداشلارغا ئۇچۇق خەت(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8873
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 10:07:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



   -شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرىمىزدىن تەبئى پەن مۇنازىرىمىزگە نەزەر  

  تور خاتىرىلىرىنى كۆرۇش جەرىيانىدا ، تەبئى پەن مۇنازىرىسى جەھەتتە شەكىل نەزەرىيەسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىنىڭ باشقا بارلىق تەبئى پەن مۇنازىرىلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ، ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ئەڭ كەسكىن ، قاتنىشىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ،تەسىرگە ئۇچىرىغان ئادەم ئەڭ كوپ ، قايتۇرۇلغان ئىنكاس مىقتارى ئەڭ زور ، ئىنكاس ئىقتىدارى تاقىتىۋېتىلگەن تىمىسى ئەڭ كۆپ....ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا، كەمىينە ئەلپەنچى بۇھەقتە بىر نەچچە نوقتىلىق مەسلە توغرىسىدا تورداشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىپ سۆزلەشنى مۇۋاپىق تاپتىم ، جايىدا سۆزلىيەلمىگەن بولسام تورداشلارنىڭ ئەپۇچان بولىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.

1.شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇنازىرە ئەھۋالىغا قارىغاندا ، جەميىتىمىزدىكى تورداشلارنىڭ (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تەبئى پەن سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى  ئاساسى جەھەتتىن كۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ. موتلەق كۇپىمىزنىڭ سەۋىيىسى باشلانغۈچ فىزىكا سەۋىيىسىدە توختاپ قالغان . مىنىڭچە ، بارلىق تورداشلار ، جۇملىدىن بارلىق كىشىلىرىمىز ئارىسىدا تەبئى پەن ئۇگىنىش ،تەبئى پەن بىلىملىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش دولقۇنى قوزغاش ناھايىتى زۇرۇر. مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا ، شەكىل نەزەرىيەسى مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن بەلگىلىك رول ئوينىدى.

2.شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرە سۆزلىرىدىن قارىغاندا ، مۇتلەق كوپچىلىكىمىز تېخى  <<سەنئەت مىللىتى>> خارەكتىرىمىز بىلەن تەبئى پەن مەسلىلىرىنى ئانالىز قىلىش باسقۇچىدىن ھالقىپ كىتەلمەپتىمىز ، بۇنى ، ھەر بىرىمىز ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز زۇرۇر، << مەشرەپنىڭ دۇتتارى بار ،كەيپنىڭ خۇمارى >> بار دىگەندەك ، ھەر بىر تەبئى پەننىڭ ئۇزىگە خاس ۋە باشقا تەبئى پەنلەرگە ئورتاق بولغان <<سۆز>>ى بولىدۇ ،دەل مۇشۇنداق بولغاچقا ، مەندەك قىلچە ئېنگىلىزچە سەۋىيسى بولمىغان ئادەملەرمۇ دۇدۇقلاپ بولسىمۇ ئىنگىلىزچە كەسپى ماتىرىيالنى ياكى خالىغان تىلدىكى ماتىرىيالىنى كۆرۇپ 100 پىرسەنت چۇشەنمىسەكمۇ ھەرھالدا چوشىنەلەيمىز . شۇڭا ، تورداشلار ئامال بار كەسپى تىلدا <<سۆز>> قىلىشقا تىرىشساق ناھايىتى ياخشى بولاتتى .

3.شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرە پوزىتسىيىسى نوقتىسىدىن ئالغاندا ، موتلەق كوپ قىسمىمىزنىڭ پوزىتسىيىسى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ ، بىراق ، ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىمىزنىڭ پوزىتسىيىسى ئىلمىيلىشىشقا يۆزلەنمەي ، ئۇنى << ئىلمىيلىق >> قا يوزلەندورمەي بولمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.

4.شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرە سەۋىيىسىدىن ئالغاندا ، مۇنازىرە ئەھلىنىڭ مۇنازىرە سەۋىيەسىدە ناھايىتى زور پەرق بار ، بۇ پەرق -مۇقەررەركى  مەكتەپ مائارىپى ئۇرۇنلاپ بولالمىغان تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى بىلىمخۇمار ، فىزىك ، بىلىگ ...قاتارلىق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئوز ئۇستىگە ئېلىش پىدائىلىق << ئىجتىمائى>>مەسئۇليىتى بارلىقىدىن بىشارەت بەرگەن بولسا، كەمىينە مۇھاكىمىدەك تورداشلىرىمىزنىڭ تەلىم ئېلىشنى ۋە بىزنىڭ ھەرۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا!.

5.شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرىسىگە ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغاندا ، موتلەق كوپ ساندىكى تورداشلارنىڭ تور ئەخلاقى ناھايىتى ياخشى بۇلۇپ ، ئىنكاسلىرىنى ئۇقۇغان ئادەمنى سۇيۇندۇرىدۇ!(مەن يۇقۇرىقى ھورمەت ساھىبىلىرىنىڭ ئىزچىل توردە ياخشى روھىنى  جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن)، بىراق ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم تورداشلىرىمىز (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ، مەن توزىتىمەن) تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشتا يا ئۇنداق ، يا بۇنداق سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلدۇق ، قەلەم ئىگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان <<ئەخلاقسىز>> كىشىلىرىمىز شۇنىڭغا ئىشنىمىزكى ،  تورداشلىرىمىزنىڭ نازارىتىدە جەزمەن <<تۇزىلىمىز>>.

6.شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرىسى تىما دائىرىسى نوقتىسىدىن ئالغاندا ، مۇتلەق كوپ قىسمىمىز مۇنازىرە تىمىسىدىن چەتنەپ كەتمىسەكمۇ ، بىراق ، ئايرىملىرىمىز بىلىپ بىلمەي چەتنەپ كەتتۇق . مىنىڭچە ، ھەقىقەتەن مۇنازىرە قىلىشقا تىگىشلىك تىمىلار بولسا ، ئايرىم تىما سوپتىدە يوللانسا ۋە شۇ تىما ئاستىدا مۇنازىرە قىلشقا كوپچىلىك تەييار.

7.شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرىسىدىكى سىياسى مەسلەك توغرىسىدىن قارىغاندا، گەرچە ، مۇنازىرىلەشكۇچىلەرنىڭ مىللىتى ، سىياسى قارىشى ....بار بولسىمۇ ، ھەدىسىلا تىما يۇنۇلۇشىنى سىياسىغا بۇراش تەبئى پەن مۇنازىرىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە روھىغا جۇملىدىن  ئەركىن مۇنازىرىلىشىشكە كوپ پايدىسى يوق، شۇڭا ، بۇ مەسلىنى شارائىت نوقتىسىدىن ئويلىنىپ كۇرۇشمىزگە توغرا كىلىدۇ.

8.شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرىسىگە گىراماتىكا ۋە ئىسىتىلىستكا نوقتىسىدىن قارىغاندا ، نورغۇن تورداشلىرىمىز بۇ جەھەتتە ناھايىتى ياخشى دىققەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق ، مىنى ئۆز ئىچگە ئالغان تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشىمىز يىتەرسىز بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىشىمىز لازىم.

9.شەكىل نەزەرىيىسى مۇنازىرە مەنتىقىسى نوقتىسىدىن قارىغاندا ، كوپ قىسىم تورداشلىرىمىز بۇ جەھەتتە دىققەت قىلغان بولسىمۇ ، بىراق ، مەن ۋە قىسمەن تورداشلار قىلىۋاتقان ھەر بىر سۆزىمىزنى مەنتىقە <<ئەلگىكى>>دە تاسقاپ بېقىشىمىز زۇرۇر.

10.شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرە ئۇسۇلىدىن قارىغاندا ، ئايرىم ساندىكى كىشىلىرىمىزدە تىما ۋە ئىنكاسلارنى تەپسىلى كورمەسلىك ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى ئىنكاس ياكى تىمىلارنى تور پونكىتىنىڭ ئىقتىسادقا ئالماشتۇرغان تور بوشلۇقىنى ئىسراپ قىلىش ھىسابىغا قايتا چاپلاشقا مەجبۇر قىلىش ....قاتارلىق ئىشلارنى ئەقىل ئەينىكىمىز بىلەن كۆزىتىپ باقساق.

  كەمىينە ئەلپەنچى مۇھاكىمە شەكىل نەزەرىيەسى مۇنازىرىسىنى تەبئى پەن مۇنازىرىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۇرۇنۇشى دەپ قاراپ يۇقارقى قاراشلىرىمنى كوپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە سوندۇم ،بۇنىڭدىن كىيىن تەبئى پەن مۇنازىرىسى ئەمەلىيىتى جەرىيانىدا توغرا دەپ قارالسا قۇبۇل قىلىنسا قانائەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم. كەم قالغان ياكى خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا تەلىم ۋە ساۋاق بىرىشىڭلارنى ئالى ئېھتىرام بىلەن تىلەيمەن.

ھورمەت بىلەن:مۇھاكىمە

2013.07.14   

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Uyghun + 206 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
توقماق + 155 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 361   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2625
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 491 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:07:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق جىق شەكىل نەزىريىسى.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:24:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ئەمەسما بىزدە شەكىل نەزىرىيىسىنى چۈشىنىدىغانلار يوق ئاز دىنىي بىلىمى مول، ساپساپچى ،يەڭگىل تەكلەر جىق ......

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13197
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7914 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:25:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن دانالارنىڭ سۆھبەت سورونىغا داخىل بولۇشنى بىر خىل ئىپتىخار ساناپ كەلگەن ۋە بۇ جەرياندا بىر خىل گۈزەل بولغان  سورۇنغا قاتنىشىش ئەخلاقىنى يېتىلدۇرگەن .ئەجداتلاردىن قالغان  بۇ گۈزەل بولغان ئىلىم-پەن پوزىتسىيەمىزنى توردىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ قۇچساق گۈلى -گۈلىگە كەلگەن بولاتتى دەپ ئويلايمەن  .مېنىڭچە تور دۇنياسىدا باشقىلارنىڭ مۇنازىرىسى ئۇقۇپ ،ئۆز بىلىمىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ  ،بۇمۇ بىر خىل ئۆگىنىش شەكلى .ئاپتۇرنىڭ تەۋسىيەسىگە تامامەن قوشۇلىمەن .........

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1017 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 01:37:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىمىنى ئىنتايىن دەل جايىدا يېزىپسىز،مۇنازىرە قىلغان تەرەپلەر چوقۇم مۇنازىرە قىلدىغان ئوبىكىتنى توغرا تاللىشى كېرەك،يەنى مۇنازىرە تىمىسىنى ياخشى ئوقۇپ،تىمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان تۈپ مەخسەت ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرلىشى كېرەك،مۇنازىرنىڭ ئوبىكتىنى توغرا چۈشەنمەيلا ئىنكاس يېزىشتىن ساقلانساق،تىمىدىكى ئاساسى مۇنازىرە ئوبىكىتنى تاشلاپ قويۇپ،شاخلاپ باشقا مۇنازىرە شەكىللەندۈرمىسەك،
مۇنازىرە ئەخلاقىغا بويسۇنۇپ،مۇنازىرلەشكەنلەرنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلمىساق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52116
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1895
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 01:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر پاخاللقنى يوقىتىشتا بۇ تېما ياخشى رول ئوينايدۇ دىيەلەيمەن . ھەر بىر تېما ئىنكاس يېزىشنىڭ ئالدىدا تاللاپ جەۋھىرىنى ئېلىپ يازساق ،ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە . بۇ جامائەت سورۇنى ،ئامما پىكىرى ئارقىلىق تېخىمۇ روياپقا چىقىدۇ .شۇ سەۋەپ بۇ تېمىنى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 801 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 02:00:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانازىرە قىلغاندا توغرىسىنى قوبۇل قىلىش خاتالىقنى تۈزىتىش،باشقىلارنىڭ كۆزقارىشىغا  ھۆرمەت قىلىش ھە دىسىلا ئۆزەمنىڭ راس دەپ تۇرىۋالماسلىق ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيمەن دەپ تۇرىۋالماسلىق ئىلمىي گەپ سۆز قىلىش باشقىلارغا رەدىيە بەرمەسلىك گورۇھۋاز بولىۋالماسلىق ،مۇنازىرە ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9172
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 07:19:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە بىلىم ئىزدەش، مەنۋى زوق ئېلىش مەقسىتىدە ئەمەس نۇقۇل كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە مۇنبەرگە چىقىدىغانلار كۆپ بولغاچقا بىرەر ئىلمىي تىما ، تەبئىي پەن مەسلىلرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلغاندا ئاسانلا تىمنى چۈشەنمەي ھەتتا ئۇقۇپمۇ قويماي ئىنكاس يېزىپ مۇنازىرە ئەخلاقىغا باشقىلارنىڭ شەخسىيتىگەھۇجۇم قىلدىغان ئەھۋاللار  بەك ئېغىر بۇلۇپمۇ مىسرانىمدا بۇ خىل ئەھۋاللارھەممىدىن  بەك ئېغىر .بۇ مۇنبەردە تەنتەك باللار،  ساپاسىزتۇرۇپ ئۆزىنى ئەتەي بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىدىغان ياسالمىلار كۆپ بولغاچقا بىر ئوبدان مۇنازىرە  ئاخىرغا كەلگەندە ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
راستىمنى دىسەم ،قاسىم سىدىق ئەپەندى ئىسپاتلاشقا كۈچەۋاتقان شەكىل نەزىريىسىنى  مەن ئازىراقمۇ چۈشەنمەيمەن. شۇنداق بولغىنغا قارىماي نەچچە يىلدىن بۇيان  سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ بۇ تىمىغا ئىزچىل دىققەت كىلىپ كېلۋاتىمەن.مەن  قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزىريىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى  خېلى بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلىرىقلىرمىز ھەتتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرمىز ھىچقانداق ئەھمىيەتسىزدەپ قارىسىمۇ مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. بۇ مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ ئىزدىنىشنى توختاتماي نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شەكىل نەزىريىسى ئۈچۈن ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىلا قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان روھ!!!  ياشلىرمىزدا مۇشۇنداق روھ تۇلىمۇ كەمچىل، كۆپىنچىمىز ئازىراق قىيىنچىلققا ئۇچۇرساقلا بەل قۇيۇۋېتمىز . قاسىم سىدىق ئەپەندى بىز ئۈچۈن بىر تىرىك ئۈلگە. بۇنداق بىر تەبئىي پەنگە ئائىت تىمىغا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتقىمىزنىڭ ئۆزى بىزنىڭ قانچىلىك ساپاسىزلىقىمىزنى ئىسپاتلاشقا يىتىدۇ.
بىر تىمىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان مۇنبەردىن ئۆچۈپ كەتمەي مەيلى نەزىريە پۇت تىرەپ تۇرسۇن ياكى تۇرمىسۇن  مۇنازىرنىڭ داۋام قىلۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا تەبئىي پەندىكى ئىزدىنىش روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشتا، مىللىتمىزنىڭ تەبئىي پەن ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشتە بەلگىلىك تۈرىتلىك رول ئوينىدى دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ھازىرغىچە  بىر تىما مۇنبەردە بۇنچىلىك تەسىر قوزغىغان ،ئايىقى چىقمىغان  ئەمەس .
بەزىلەر فىزىكىدىن ھىچقانداق خەۋرى بولمىسمۇ شەكىل نەزىريەسىنى قىلچىلىك چۈشەنمىسىمۇ دادىسى دىمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ھىسياتىغا، ئىززەت -ھۆرمىتىگە نوقسان يەتكۈزۋاتىدۇ، مۇنازىرىدە جىڭغا توختىمايدىغان، ئاساسىز گبپلەرنى تۇلا قىلىپ ،ئوت قۇيرۇقلۇق بىلەن مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىپ كەسىپ ئەھلى كىشلەرنىڭ بۇ مەيداندا ئەركىن مۇنازىرگە چۈشىشىگە تۇسالغۇ بۇلىۋاتىدۇ.
شۇڭا مۇنبەردىكى تەنتەك، ساپاسىز تورداشلارغا دەيدىغنىم: ھىچقايسمىزنىڭ مۇنبەردە ئىنكاس يېزىش مەجبۇرىتمىز يوق! مۇنبەر پۇلى لازىم بولسا مەن بېرەي!!! ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىز بىلمەيدىغان،چۈشەنمەيدىغان تىمىلارغا ئىنكاس يازمايلى. ( مۇشۇ خىل تىمىدىكى ئىنكاسلارغا قاراپ باقسام تىمىنى ھەققىي چۈشۈنۈپ ئىنكاس يازغانلار %10كە بارمايدىكەن، كۆپىنچىسى باشقىلارغا ئەگشىپ ياكى قارىسغىلا ئىنكاس يېزىپ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلدىكەن) بىزدە مۇنداق بىر ماقال بار:« قۇلۇڭدىن كەلسە گۈل قىس، قۇلۇڭدىن كەلمىسە قۇڭاڭنى قىس!» دەپ.
قۇلىمىزدىن  ھىچنىمە كەلمىسە ئەڭ  بولمىغاندا سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ مۇشۇ  تىما ئەھلىلىرىنڭ تىما ھەققىدە ئەركىن پىكىرلىنى ئوتتورغا قۇيۇشىغا  شارائىت يارتىپ  بېرەيلى!  بەزىدە سۈكۈتنىڭ ئۆزمۇ قارشى تەرەپكە قىلغان بىر ياردىمىز بۇلۇپ قالىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 07:24 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bazarbay + 97 دەلىللەر يېتەرلىك
Uyghun + 500 پاي قوشۇپ تۇراي

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 597   باھا خاتىرىسى

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 1631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21150
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 9532 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 07:26:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
a.sayrami يوللىغان ۋاقتى  2013-7-15 07:19 PM
بىزدە بىلىم ئىزدەش، مەنۋى زوق ئېلىش مەقسىتىدە ئەمەس ن ...

ئىنكاسىڭىزدىن خوشال بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 497 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 08:34:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ياخشى سۆز قىلىپسىز قوللايمەن قېرىندىشىم،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش