مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3004|ئىنكاس: 19

كىشلەرنىڭ جاپاسىغا سەۋىر قىلىش ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 11:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشلەرنىڭ جاپاسىغا سەۋىر قىلىش ھەققىدە
بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ تىلىدىن يىراق كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ئىشىكىنى تاقاپ تەركىدۇنيا بولغان كىشىدۇر.
كىشىلەر خاھى ئىككى يۈزلىمە بولسۇن،خاھى توغرا-دۇرۇس بولسۇن،نېمىشقىدۇر گەپ-چۆچەكتىن خالىي بولالمايدۇ.
پەرىشتىدەك ئاسماندا ئۇچساڭ،يامان نىيەتلىك بىرى جەزمەن پېشىڭگە يېپىشىدۇ.
تىرىشىش ئارقىلىق دەجلە دەرياسىنىڭ سۈيىنى توسقىلى بولسىمۇ،يامان نىيەتلىكنىڭ تىلىنى باغلىغىلى بولمايدۇ.
بىر توپ نومۇسسىزلار ئولتۇرۇشۇپ،پالانى كىشى قۇرۇق سوپى،پالانى كىشى تەمەخۇر دەپ غەيۋەت قىلىشىدۇ.
ئەزىز دوستۇم،سەن كىشلەرنى قويۇپ يۈزۈڭنى ھەققە قارات،ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن.ئاللا قۇلىدىن خۇرسەن بولسا،كىشىلەرنىڭ سەندىن مەمنۇن بولغان-بولمىغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار؟
باشقىلارغا يامانلىق ئويلىغانلار ھەقتائالادىن خەۋەرسىزدۇر،چۈنكى ئۇلار خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن ھەقنى ئويلاشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ.
بۇنداقلار بىرىنجى قەدەمدىلا خاتا يول تۇتقاچقا،ھەققە بارىدىغان يولنى تاپالمايدۇ ۋە بىر مەنزىلگە يېتەلمەيدۇ.
ئوخشاش بىر سۆزنى ئاڭلىغان ئىككى كىشى ئارىسىدا پەرىشتە بىلەن شەيتاندەك پەرق بار.پەرىشتە مىجەزلىكى ئاڭلىغان سۆزدىن نەسىھەت ئالىدۇ،شەيتان روھلىقى بولسا،ئېيتىلغان سۆزدىن قۇسۇر ئىزدەپ،نەسىھەت تەرىپىنى كۆرەلمەيدۇ.قاراڭغۇدىن باشقىنى بىلمىگەن كىشى قۇياشنى نەدىن بىلسۇن؟
خاھى شىر بول،خاھى تۈلكە بول،نە باتۇرلۇق،نە ھىيلە بىلەن كىشىلەردىن قۇتۇلالمايسەن.
بىر كىشى پىنھان جايغا كېتىپ كىشىلەردىن يىراق ياشىسىمۇ،ئۇنى:《بۇ ئىككى يۈزلىمە ھىيلىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ…ئادەمدىن خۇددى شەيتاندىن قاچقاندەك قېچىپ يۈرىدۇ》دېيىشىدۇ.
گۈزەل چىراي ۋە ئىللىق مىجەز بولسىمۇ،ئۇنى نومۇسلۇق ۋە تەقۋادارلاردىن ھېساپلىماي《ئىپپەتسىز》دېيشىدۇ.
باينى يامانلاپ تېرىسىنى سويىدۇ:《بۇ ئالەمدە بىر پىرئەۋىن بولسا،مۇشۇ شۇ》دەيدۇ.
بىرى يوقسۇل بولسا ۋە ھاجەتمەنلىكتىن قىيلىنىپ زارلانسا،ئۇنى:《شور پىشانە گاداي》دەيدۇ ۋە 《بۇ ھال ئۇنىڭ بوشاڭلىقىدىن،ئۆز گۇناھى ئۆزىگە》دەپ ئەيىبلەيدۇ.
قول ئىلكىدە بار بىر كىشى ۋەيران بولسا،خۇشال بولۇپ ۋە بۇنى پۇرسەت بىلىپ:《خوپ بولدى،ھاكاۋۇرلىقتىن يېنىغا بارغىلى بولمايتتى،بايلىقىغا ئىشىنەتتى،يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىشنىڭ چۈشۈشىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئەقلىگە كەلتۈرمەيتتى》دېيشىدۇ.
يوقسۇلنىڭ ئىشى ئوڭغا تارتىپ،ھال-كۈنى ياخشىلانسا،زەھەرلىك چىشلىرىنى غىچىرلىتىپ:《خۇدانىڭ كۆزى يوق ئىكەن،بۇ پەسلەرگە بەرگىننى قارىمامدىغان》دېيشىدۇ.
ئىش بىلەن مەشغۇل بىرىنى كۆرسە:ۋاي،نېمە دېگەن ئاچ كۆز،پۇلغا ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويمايدىكەن،دەيدۇ.
كىچىككىنە ھۇرۇنلۇق قىلغاننى كۆرسە:《تىلەمچى مىجەز،تەييارغا ھەييار،تەييارتاپ…》دېگەندەك ناملارنى قويىدۇ.
چىرايلىق گەپ قىلساڭ:《ھەزىل-چاقچاق،داقا-دۇمباق》،چىرايلىق گەپ قىلالمىساڭ《بىلىمسىز》دەيدۇ.
سەۋىرلىك بولساڭ،《قورقۇنچىدىن زۇۋان سۈرەلمىدى》،باتۇر ۋە شىجائەتلىك بولساڭ،《خۇمپەرنىڭ پەيلى يامان》دەپ قاچىدۇ.
ئاز يىگەننى《مىراسخورلىرىغا ساقلايدۇ》دېسە،ھالال ئەمگىكى بىلەن يەپ ئىچكەننى《ئاچ كۆز،ئوپقان》دەيدۇ.
بىرى باي بولسىمۇ،ئاددى-ساددا كىيىنسە،پىخسىق،ئۆز پۇلىنى ئۆزىدىن ئايايدۇ،دەپ تىلىنى قىلىچتەك ئۇزارتىدۇ.
لېكىن بىر كىشى داچا ياستىپ نەقىشلەتسە ياكى چىرايلىق كىينىپ يۈرسە،《ھەشەمەتلىك بىنا ياساتتى،ئاياللاردەك كىيىندى》دەپ ئۇنى جېنىدىن تويدۇرىدۇ.
سايەھەتكە چىقمىغانلارنى نامەردكە چىقىرىپ《خوتۇنىنىڭ قوينىدىن چىقمايدىغان ئادەم ئىلىم،ھۈنەر ۋە ئارتۇقچىلىق بولسۇنمۇ》دەيدۇ،بىرەر ساياھەتچىنى كۆرسە《سەرگەردان ئابدال،ياخشى ئادەم بولسا شەھەردىن شەھەرگە سۈرۈلۈپ يۈرەمتى…》دەپ تېرىسىنى تەتۈر سويىدۇ.
بويتاقلارنى《بۇلاردىن يېتىپ-قوپقان يەرلىرىمۇ ئاغرىنىدۇ》دەپ ئەيىپلىسە،ئۆيلەنگەنلەرنى《كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ،ئېشەكتەك بويۇنغىچە پاتقاققا پاتتى》دەيدۇ.
ئاچچىقى يامان ئادەمنى《سەپرا مىجەز》دېسە،سەۋىرلىك،ياۋاشلارنى《ئىتىبارسىز،غۇرۇرسىز》دەپ ئەيىبلەيدۇ.
بىر كىشى مەرد بولسا《ۋاي،نېمانچە چېچىۋېتىسەن؟ئەتە ئەۋرىتىڭنى ياپقۇدەك لاتىمۇ تاپالماي،بىر قولۇڭ بىلەن ئالدىڭنى،يەنە بىر قولۇڭ بىلەن كەينىڭنى يېپىپ يۈرىسەن》دەپ ئەيىپلەيدۇ.
بىر كىشى قانائەتكار بولسا،ئىقتىسادچىللىقىغاتىل تەگكۈزۈپ《بۇ پەسمۇ ئاتىسىنى دوراپتۇ،ئۇمۇ بۇنىڭدەك يېمەي-ئىچمەي،يىغىپ-توپلاپ،ئاخىرى ھەسرەت بىلەن كەتكەن 》دەيدۇ.
سەتنى سەت دەپ غاجىسا،چىرايلىقنى،ۋاي ئۇنىڭ ھالىنى دەپ كۆرەلمەيدۇ.
سالامەت ماكانىدا كىم راھەت تاپالىسۇن ۋە بېشى ساق بولالىسۇن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ يامانلارنىڭ تىللىرىدىن قۇتۇلالىغانمۇ؟
يەكۈن شۇكى،كىشىلەرنىڭ قولىدىن،تىلىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس.تىلغا چۈشكەن كىشى ئۈچۈن بىرلا چارە باركى،سەۋىر قىلىش…
شەيخ سەئدى(ئىران)نىڭ 《بوستان》نامىلق كىتابىدىن.     272-273-273-274-بەتلەر

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1228
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:39:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك سۆزلەر،ئۆزىمىز تۈز بولساق،سايىدىن ئەنسىرەپ نېمە قىلىمىز؟

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95849
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 01:57:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپ سىز،  ئەھمىيەتلىك  سۆزلەركەن

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14192
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 02:00:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىىنڭ بىر قوشنام بار  گەپ قىلالمايدۇ، ھەم ئاڭلىيالمايدۇ .ھەممە ئىشنى جايىدا  قىلىدۇ ،ناماز ۋاقتى كەلسە  ناماز ئوقۇيدۇ ،غەيۋەت شىكايەتتىن مۇستەسنا . مانا بۇ ھەقىقى ئادەم ،

بەك ياخشى سۆزلەرنى يوللاپسىز ،بولسا يەنە يوللاڭ،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92985
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 04:04:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم. تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭ ئىكەن.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3085
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5931
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 05:39:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گۈلىستان،بوستان دەپ خېلى يەردە ئۇچرىتىپ قالدىم قارىغاندا بولىدىغان كىتاپ ئوخشايدۇ جۇمۇ، ئىككىلىسى بىر كىتاپمۇ ياكى ئايرىم كىتاپمۇ

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 05:50:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-15 05:39 AM
بۇ گۈلىستان،بوستان دەپ خېلى يەردە ئۇچرىتىپ قالدىم قار ...

ئايرىم كىتاپ،ئاۋال بوستاننى ئوقۇڭ،ئۇ بىر قەدەر چۈشۈنىشلىك،ئاندىن گۈلۈستاننى ئوقۇڭ،بەك ياخشى كىتاپ بۇ؛يەنە قىتىپ ھىدايەتنامىنى ئوقۇسىڭىز تىخىمۇ ياخشى،بىر بىرىگە بەكلا باغلىنىشلىق،بەك ياخشى كىتاپ؛

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 108 ئۇقۇپ بېرىدىغان ئىشىڭ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3085
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5931
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 05:54:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-15 09:50 AM
ئايرىم كىتاپ،ئاۋال بوستاننى ئوقۇڭ،ئۇ بىر قەدەر چۈشۈن ...

كىتاپ ئۇقۇشقا ئۆچلىكىمنى سىزلا بىلمەيدىغان ئوخشايسىز جۇمۇ، مازاق قىلماڭ يەنە خەتلەرنىمۇ ئانچە راۋان ئۇقۇيالمايمەن مەن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 ھى ھى ھى ئەمسە قانداق .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18729
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6275 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 06:04:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ كۆڭلۆمنى ئەزدى بۇ تېما.تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 بەك تەسىر قىپتۇ ھە؛

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32298
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3429 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 08:02:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      بىر بوۋاي، ئىشەككە ئۆزى مىنىپ نەۋرىسىگە ھەيدىتىپ ئېتىزلىققا كىتىۋاتسا يول دوقمۇشىدا ئولتۇرغانلار مۇنداق دەپتۇ؛-قاراڭلا،ئاۋۇ رەھمىسىز قېرىنىڭ،كىچىك بالىنى ماڭدۇرۇپ ،ئۆزى ئىشەككە مىنىۋالغىننى؛-دىيشىپتۇ.
      ئەتىسى بوۋاي ئىشەككە نەۋرىسىنى مىندۈرۈپ،ئىشەكنى ئۆزى ھەيدەپ كىتىۋاتسا،يەنە شۇ دوقمۇشتا ئولتۇرغانلار؛-قاراڭلار ئاۋۇ ئۆزىنىڭ جېنىغا ئىچى ئاغرىمايدىغان قېرىنىڭ ،ئۆزى ئۆلمەيدىغاندەك،بالىنى ئشەككە مىندۈرۈپ،ئۆزى ھەيدەپ ماڭغىننى؛-دەپتۇ.
       بوۋاي يەنە ئەتىسى ئىشەككە ھەم ئۆزىمۇ ھەم نەۋرىسىنىمۇ مىدۈرۈپ مېڭىپتىكەن،يەنە ھېلىقى يولداشلار يەنە؛-ئىشەككە ئىچى ئاغرىمايدىغان رەھمىسىز قېرى ئىكەن بۇ ؛- دەپ غۇدۇرشىپتۇ.
      بوۋاي بۇ مەلئۇنلارنىڭ ھاقارەتلىرىگە چىداپ بولالماي ئاخىرى ئىشەكنىمۇ،نەۋرىسىنىمۇ يۈدۇپ ماڭغان ئىكەن،بۇ مەلئۇنلار بوۋايغا ئىنكاس قايتۇرماستىن ئۆيلىرىگە كىرىپ كىتىشكەن ئىكەن.
     

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش