ئالمىداشلىرىمىزغا مەلۇم بولغىنىدەك ، iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشىمىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ، ئۇيغۇرچە فونت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىن ئايرىلالمايدۇ . iPhoneغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ( بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا ۋە كېيىن بەيدۇ تېرە ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدىكى كىرگۈزگۈچ )تۇنجى قېتىم 2012-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كۇلۇبىمىزدا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=327&extra= تا ھازىرغىچە كۆپ قېتىم تۈزىتىش ، ئەلالاشتۇرۇش ، ماسلاشتۇرۇش ، بەيدۇ ئىگە تەرەپ ئالاقىلىشىش ، ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ، cydiaدىكى ۋېيفېڭ ئەپ مەنبەسىگە چىقىرىش ، شۇنداقلا ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان بەيدۇ تېرە دۇكىنىغا چىقىرىشقىچە ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى باشقۇرغۇچىلار ئەترىتىدىن دانىش ، ئەلئوغلى ، ئابدۇرېشىت ھەم مەن ( مايور) قاتارلىقلار بوشاشماستىن تىرىشىپ ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق ، تىرىشقىنىمىزغا چۈشلۇق ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىنى 2012-يىلى بەيدۇ ئىگە تەرەپنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ھەم تېخنىكىلىق يىتەكچىلىكى ئاستىدا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئۈچىنچى تەرەپ cydia مەنبەسى بولغان ۋېيفېڭ مەنبەسىگە ئوڭۇشلۇق چىقاردۇق ، چىقارغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ۋېيفېڭ مەنبەسىدىن چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 34مىڭ دىن ئارتۇق قېتىمغا ، بىۋاستە كۇلۇب مەنبەسىدىن چۈشۈرلۈش قېتىم سانى 60نەچچە مىڭ قېتىمغا يەتتى .
ئەڭ دەسلەپكى سەپلىمە ھۆججىتىنى سېستىمىدىكى ئالاھىدە مۇندەرىجە ئورنىدىكى ھۆججەتكە ئالماشتۇرۇلۇپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى نورماللاشتۇرۇش مەقسىدىگە يەتكەن بولساق ، ئۆتكەن يىلى cydia دىكى ۋېيفېڭ مەنبەسىدىن بىۋاستە ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئاپتوماتىك قاچىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە iPhone ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق تۇغدۇرۇش مەقسىدىدە بەيدۇ ئىگە تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ھەم تېخنىكىلىق تەلەپلەرگە ، سۈپەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش ئاساسىدا ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختا يۈزىدىكى ھەرپلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ، گۈزەللەشتۈرۈپ ( بۇ جەھەتتە دانىش كۆپ رىزەتلەرنى چەككەچكە ئالاھىدە رەھمەت بىلدۈرىمىز ) ، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بەيدۇ تېرە دۇكىنىغا چىقاردۇق . ئەمدى cydia دا باشقا مەنبەگە تايانمايمۇ بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ بولۇپ ، iPhone دىكى ئەپ بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىپلا ئىقتىدار قىسمىدىن بەيدۇ تىرە دۇكىنىغا كىرىپلا ئۇيغۇرچە تېرە ھۆججىتىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى تاللىساقلا بولىدۇ ، شۇ تېرە دۇكىنىدىن يەنە بەيدۇنىڭ باشقا خەنزۇچە كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئۆز قىزىقىشىمىز بويىچە چۈشۈرۋالساق بولىدۇ .
بۇ يەردە ئالمىداشلارغا يەتكۈزۈپ قويىدىغان يەنە بىر خوش خەۋىرىمىز شۇكى ، بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنىڭ قازاقچە ، قىرغىزچە تېرە ھۆججىتى نۆۋەتتە پۈتتۈرۈپ بولۇندى ھەمدە بەيدۇ تەرەپنىڭ تېخنىكىلىق باھالىشى ۋە ئىچكى قىسىمدا سىناشقا تاپشۇرۇپ بىرىلدى . قازاقچە ، قىرغىزچە تېرە ھۆججىتىمۇ پات يىقىندا بەيدۇ تېرە دۇكىنىغا چىقىرىلىدۇ .
ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى باشقۇرغۇچىلار ئەتىرىتدىكىلەرنىڭ بوشاشماستىن تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بەيدۇ ئىگە تەرەپ ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە تېرە ھۆججىتىگە بولغان تېخنىكىلق قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن iOS نىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنغاندا بەيدۇ خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ ( تېرە ھۆججىتى) بىلەن ماس قەدەمدە يېڭىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۇلۇبىمىزنى يىقىندىن قوللىغىنىغا ، شۇنداقلا بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىمىزدا بىزنى رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ، قوللىغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .