مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5091|ئىنكاس: 18

زامانىمىزدىكى پادىشاھلىقلار قەيەرلەردە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4803
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 05:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىشاھلىق  بولسا دۆلەت باشلىقى ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا قالدىغان تۈزۈم بۇلۇپ، ئۇنىڭ تارىخى   نەچچە مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى گەرچە قەدىمقى دەۋىردە مەۋجۇت بولسىمۇ ئاز ساندا بۇلۇپ، ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىشى يىقىنىقى زاماندىكى ئىش ھىساپلىنىدۇ. پادىشاھلىق بىزگە گويا ئۆتمۈشتەك تەسىرات بەرسىمۇ، لىكىن نۆۋەتتە دۇنيا بۇيىچە 20نەچچە دۆلەت يەنىلا بۇ خىل ئەنئەنىۋىي تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ. يەنە كىلىپ دەۋرىمىزدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمنىڭ مەنبەسى بولغان غەربى ياۋرۇپا رايونىدا پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر نىسپەتەن كۆپ. ئەمما بىز يەنە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭمۇ پادىشاھى بارلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، مەسلەن سەئۇدى پادىشاھى دىگەندەك.
نۆۋەتتە دۇنيادا پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر ئاساسەن  غەربى ياۋرۇپا، ئۇتتۇرا شەرق ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا مەركەزلەشكەن.
غەربىي ياۋرۇپا رايونىدا ئەنگىلىيە، لىيۇكسىمبورگ، نۇرۋىگىيە، شىۋىتسىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، دانىيە، مۇناكو، لىخنىشتىيىن قاتارلىق 10 دۆلەت پادىشاھلىق تۈزۈمدە بۇلۇپ، ئەمما پادىشاھلارنىڭ ئەمەلىي ھۇقۇقى يوق سېمۋول خاراكتېرلىك دۆلەت باشلىقى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئۇتتۇرا شەرق رايونىدا كۇۋەيىت، قاتار، بەھرەيىن، ئۇمان، ئىئوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 7 دۆلەت پادىشاھلىق تۈزۈمدە بۇلۇپ، پادىشاھ ۋە پارلامنىت ھۇقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بۇلىدۇ. پادىشاھلار قولىدا ئەمەلىي ھۇقۇق تۇتقان بۇلىدۇ. ئەمما پادىشاھلارمۇ قىسمەن چەكلىملەرگە ئۇچرايدىغان بۇلۇپ، بارغانسىرى دىمۇكراتىك بۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
شەرقى جەنۇبى ئاسىيا رايونى كامبودژا، تايلاند، بىرونىي سۇلتانلىقى، مالايسىيا پادىشاھلىق فىدراتسىيسى، بۇتان، ياپۇنىيە، نېپال قاتارلىق 7 دۆلەت پادىشاھلىق تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كامبودژا، بىرونى، ۋە ياپۇنىيە خان جەمەتى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئۇزاق دەۋىر سۈرگەن خان جەمەتلىرى بۇلۇپ، كامبودژانىڭ ھازىرقى پادىشاھى 97-ئەۋلاد پادىشاھ ھىساپلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئافرىقىدا ماراكەش، سىۋازلاند،لىسوتۇ ۋە ئوكيانىيەدىكى ئارال دۆلەت تونگا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ پادىشاھلىق تۈزۈمدە.
دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا شىمالىي ۋە جەنۇبى ئامرىكا قىتئەلىرىدە بىرمۇ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس. ئوكيانىيە قىتئەسىدە بىر دۆلەت ، ئافرىقىدا ئۈچ دۆلەت، ئاسىيادا 14 دۆلەت، ياۋرۇپادا 10 دۆلەت ھىلھەم پادىشاھلىق تۈزۈمنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدا يىقىنقى زاماندىكى مۇستەملىكچىلىك ھەركىتىنىڭ مۇئەييەن تەسىرى بار ئەلۋەتتە. مۇستەملىكچىلىكنىڭ ئەڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككى ئامرىكا قىتئەسىدە يەرلىك ھىندىئانلارنىڭ ھاكىميەتلىرى ئۈزۈل -كىسىل ۋەيران قىلۋىتىلگەن ھەتتا ئەسىلىگە كەلتۇرۇش ئىمكانىيتى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈلۈپ قۇيۇلغان بۇلۇپ، پۈتۈنلەي تىپ ئۆزگەرتىپ بولغان.  مۇستەملىكچىلىكنىڭ نىسپەتەن چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئوكيانىيە، ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى ھاكىميەتلەرمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچىغان، كۆپ قىسمى ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ساقلىنىپ قالغانلىرىمۇ مەۋجۇت. ئاسىيا قىتئەسى بولسا مۇستەملىكچىلىكنىڭ تەسىرىگە نىسپەتەن ئاز ئۇچرىغان، ھەتتا مەلۇم مەنىدە مۇستەملىكچى بولغان بولغاچقا يەرلىك ھاكىميەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشى ئازراق بولغان. ياۋرۇپا قىتئەسى مۇستەملىكە قىلىنغۇچى بولماستىن مۇستەملىكە قىلغۇچى بولغاچقا، ئۇمۇمەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلگەن، ھەتتا باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تەقدىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.
پادىشاھلىق تۈزۈم گەرچە دۆلەت باشلىقنى ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقا ۋارىس قالدۇرسىمۇ، زامانىمىزدىكى پادىشاھلىقلار مۇتلەق ھۇقۇقدارلاردىن دىگىلى بولمايدۇ. كۆپ قىسىم  پادىشاھلىق دۆلەتلەردىكى دىمكراتىيە، بەزى جۇمھۇرىيەتلەردىكىدىن كۆپ ئارتۇق دىيىشكە بۇلىدۇ. يەنە كىلىپ  چاۋشىيەندەك نامى جۇمھۇرىيەت بولىمۇ يەنىلا دۆلەت باشلىقى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ۋارىسلىق قىلدىغان دۆلەتلەرمۇ مەيدانغا چىقىپ جۇمھۇرىيەت نامىغا داغ تەككۇزۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ مەمۇرى خەرىتىسى مۇقىم بولمىغىنىدەك، سىياسى خەرىتىسىمۇ مۇقىم ئەمەس. كەلگۈسىدە قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ، پادىشاھلىقلارنىڭ مەۋجۇت بۇلۇشى ياكى يۇقىلىشىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.


سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 06:25:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىدە  زادى قانچە خەلپىلىك بار

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95420
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 06:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاۋشىيەننىمۇ پادىشاھلىق دىسە ئارتۇق  كەتمەسمىكىن دەيمەن

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقئەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 06:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىسىدىن بالىسىغا ھۇقۇق تۇتۇش بىلەن پەقەت بىرلا پارتىيە ھۇقۇق تۇتۇشنىڭ نىمە پەرقى بار ؟
بەزى دۆلەتلەردەك نەچچە پارتىيە رىقابەتلىشىپ ، پۇقرالار قايسى پارتىيەنى سايلىسا شۇ ھۇقۇق تۇتسا مانا بۇنى دىمكۇراتىيە دەيمىز .

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ana-yurit + 99 دەلىللەر يېتەرلىك
ap~qilam + 10 ئوغالۋالىدەك گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 109   باھا خاتىرىسى

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6385
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5665 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 07:07:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ، يۇرتۇم كۇچادا ، ئۇ ئادەم تېخى ھايات . يەنى داۋۇت مەخسۇت ۋاڭ .

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 08:18:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 06:25 PM
ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىدە  زادى قانچە خەلپىلىك بار {:11 ...

يەتتە چوڭ خەلىپىلىك بىرلەشكەن.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ خەلىپىلىك بولغان ئەبۇدەبى خەلىپىلىكىنى مەركەز قىلىپ ئۇيۇشقان.پايتىەختىمۇ ئەبۇدەبى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 304 تەشەككۈر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 304   باھا خاتىرىسى

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6054
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 08:23:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
KURAX.JAN يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 07:07 PM
دۆلىىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ، يۇرتۇم كۇچادا ، ئۇ  ...

ھەجەپ  نامى  چىقمىغان  پادىشاھكىنا  ئۇ  ?  ھەجەب  ئاڭلىماپتىكەنمەن ،  لېكىن  بىلىۋالدىم  ، رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 08:39:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 06:25 PM
ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىدە  زادى قانچە خەلپىلىك بار {:11 ...

مەن 7 خەلىپىلىك بار دەپ ئاڭلىغان، دۇبەيمۇ ئايرىم خەلىپىلىككەن

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 08:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
KURAX.JAN يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 07:07 PM
دۆلىىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ، يۇرتۇم كۇچادا ، ئۇ  ...

مەنمۇ ئاڭلىغان، ھەركۈنى 40نەچچە بالا-چاقا، نەۋرە-چەۋرىلىرى بىلەن ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغان،ۋەتەنپەرۋەر ۋاڭ دەپ نام بەرگەن ئادەم شۇدۇ؟

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 09:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 06:25 PM
ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىدە  زادى قانچە خەلپىلىك بار {:11 ...


u=1055327505,2791601686&fm=21&gp=0.jpg
      u=1585762119,1029786267&fm=23&gp=0.jpg

دۆلەت گىربى                     دۆلەت بايرىقى
مېنىڭچە خەلىپىلىك دېمەي ئەمىرلىك دېسەك توغرا بولىدۇ، يەتتە ئەمىرلىكنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقان. قالغىنىغا بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال بىلىدىغانلار بىر نېمە دەپ باقسۇن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-13 09:03 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش