مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3343|ئىنكاس: 24

سۈننەتنى چۈشىنەيلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 05:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز قېرىنداشلار! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلىش، ئۈگۈنۈش،چۈشۈنۈش ۋە ئۈلگە ئېلىش،  ھەر بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ  بۇ ھاياتى دۇنيادا ئېزىپ كەتمەي اللە قا قۇلچىلىق قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ توغرۇلۇق ئىخچام ھەم چۈشۈنىشلىك بولغان تەلىم بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇستاز، مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىنى دېققىتىڭلارغا سۇندۇم. زۆرۈر تېپىلغان جايلارغا شۇ مەزمۇننى تېخىمۇ ئوچۇقلاپ بېرىش مەقسىتىدە، كۆپلىگەن، ئۇستاز ئۆلىمالارنىڭ سۆز، چۈشەنچىلىرىنى تولۇقلىما قىلدىم. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئىلمىي قاراشتا بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
        
  سۈننەت سۆزىنىڭ مەنىسى نىمە؟
جاۋاپ: سۈننەت سۆزى مەنە جەھەتتىن«يول» دىگەنلىك بولۇپ،‹يەنى ئەرەبچىدىكى ئەسلى مەنىسى› ئىسلام ئىستىلاھىدىكى مەنىسى ‹ يەنى، ئالىملار تەرىپىدىن ئىستىمال ۋە قوبۇل قىلىنغان مەنىسى › ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ تەرىپلىشى بىر خىل بولمىغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى سۈننەتنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم ساھاسىدىكى ئىزدىنىشىگە ئاساسەن تەرىپلىگەن.
ھەدىسشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە،سۈننەت رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى،ئىش-پائالىيەتلىرى،ئەمەل-ئىبادەتلىرى ۋە تەقرىرى ‹ساھابىلەردىن سادىر بولغان ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا كۆرۈپ تەستىقلىغانلىرى ياكى رەت قىلماستىن سۈكۈت قىلغانلىرى›  قاتارلىقلاردۇر.
فىقھىشۇناسلارنىڭ‹ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرىگە ۋە ئەقىدىسىگە ئائىت بىلىملەرنى بىلگەن ئالىم›  نەزەرىدە، سۈننەت رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغان گەپ-سۆز، ئىش-پائالىيەت ۋە تەقرىر قاتارلىقلاردىن شەرىئەت ھۆكۈمىگە دەلىل بولالايدىغانلىرىدۇر.
فىقھىشۇناسلار يەنە ئورۇندىغان كىشىگە ساۋاپ بولىدىغان، تەرك ئەتكەن كىشىگە گۇناھ بولمايدىغان ئىشلارنىمۇ سۈننەت دەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن بولسىمۇ، پەرز ياكى ۋاجىپ قاتارىدىن ئورۇن ئالمىغانلىرى سۈننەتتۇر.

ئالىملارنىڭ سۈننەتنى تەرىپلەشتىكى پەرقلىق قاراشلىرىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنىڭ سۈننەتكە قاراتقان يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغان. ھەدىسشۇناسلار سۈننەتنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن ئۈگۈنۈش ۋە ئۇنى ئۈلگە تۇتۇش تەرەپتىن يۈزلەنسە، فىقھىشۇناسلار سۈننەتنى ئۇلگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى شەرىئەت دەلىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغان ۋە دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەر بىرى شەرىئەت ئەھكاملىرى ئۈچۈن بىرەردىن دەلىل-ئىسپاتتۇر.
دىمەك، سۈننەتنىڭ ئەڭ ئىخچام مەنىسى: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىغا ئائىت بىلىملەر دىگەنلىكتۇر. ئاۋام مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ چۈشۈنۈشلىك قىلىپ ئېيتقاندا، سۈننەت دىگىنىمىز رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش دېگەنلىكتۇر.

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى ئەگەر سىلەر اللە نى دوست تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى اللە سىلەرنى دوست تۇتىدۇ» ‹سۈرە ئال ئىمران 31-ئايەت›

سۈننەت بىلەن ھەدىسنىڭ پەرقى بارمۇ؟

جاۋاپ: سۈننەت بىلەن ھەدىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. ئۆلىمالار بۇ ئىككىسىنى بىر مەنىدە قوللىنىدۇ. گەرچە ھەدىس لوغەت ئېتىبارى بىلەن «سۆز» دىگەنلىك بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىستىلاھىدا ھەدىسنىڭ مەنىسى سۈننەتنىڭ مەنىسى بىلەن بىردۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئېغىز ئارقىلىق بىلدۈرگەن تەلىماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى، تەقرىرلىرىنى، سۈپەتلىرىنى ۋە شەرئىي ھۆكۈم قاتارىغا كىرىدىغان پۈتۈن ئىش-ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ھەدىسنى پەقەت رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈنلا قويۇلغان ئاتالغۇ دەپ چۈشىنىش توغرا بولمايدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى سۈننەتمۇ؟

جاۋاپ: دوكتۇر ئىسام ئەلبەشىر‹سۇدانلىق مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى› بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرپ-ئادەت قاتارىدىن قىلغانلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلىش بۇيرۇلغان سۈننەت قاتارىدىن سانالمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام داستىخاندا ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن كىلە‹بىر خىل يەر بېغىرلىغۇچى جانىۋار› گۆشىنى يېمىگەندە، ساھابىلەر ئۇنىڭدىن كېلەنى يېيىشنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى سورىغان، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: ئۇنى يېيىشنى كۆڭلۈم تارتمايدۇ، مېنىڭ قەۋمىم ئۇنى يەپ ئادەتلەنمىگەن، دېگەن.‹ئىمام نەسائى رىۋايىتى›
دىمەك، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام كېلەنى يېيىشنى ھارام دىمىگەن ۋە يېگەنلەرنى توسمىغان. بۇنىڭغا بىنائەن كېلە گۆشىنى يەيدىغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلدى دىيەلمەيمىز. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلە گۆشىنى يېيىشنى خالىمىغانلىقى ۋە باشقىلارنىڭ يېيىشىنى توسمىغانلىقى ئۆرپ-ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش. بۇنداق بولغان ئىكەن، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى دىنىي ھۆكۈمنى ئالمايدۇ. بەلكىم بىر ئادەم: بىز ئۆزىمىزگە ئۆرپ-ئادەتنى ئەمەس، شەرىئەتنى ھۆكۈمران قىلىشىمىز لازىم، دېيىشى مۈمكىن.بۇ خىل سۇئالغا، ئۇستاز،ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: شەرىئەتنىڭ ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىدا شەك يوق. لىكىن شەرىئەتنى ھۆكۈمران قىلىش، قىلىشمۇ ئىختىيار، قىلماسلىقمۇ ئىختىيار بولغان ئىشلاردا ئەمەس بەلكى شەرىئەت قىلىشنى بۇيرۇپ كەلگەن ئىشلاردا بولىدۇ. دىمەك، شەرىئەت چەكلىمىگەن ياكى بۇيرىمىغان ئىشلار، ئۆرپ-ئادەت قاتارىدىن سانىلىپ ھەر قايسى مۇسۇلمان خەلقلىرى، ئىسلامنىڭ بۇ خىل كەڭچىلىكىدىن  بەھرىمان بولالايدۇ. شۇنىڭدەك، بىر كىشى تاماقنى قوشۇق بىلەن ياكى چوكا بىلەن يېسە ۋە ياكى يەردە ئولتۇرۇپ يېمەستىن، ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ يېسە، ئۇنى (يەردە ئولتۇرۇپ قولى بىلەن يېمىگەنلىكى سەۋەبلىك) سۈننەتكە خىلاپلىق قىلدى دېيەلمەيمىز. چۈنكى بۇ ئىشلار ئۆرپ-ئادەتكە باغلىق ئىشلار بولۇپ، ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن توسۇلغان ئەمەس. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېمەك-ئىچمەك ھەققىدە بىزگە ئۈگەتكەن سۈننىتى:
«ئەي بالام! بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم؛ دېگىن، ئاندىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىن يېگىن» دېگەن تەلىماتىدۇر. ‹ئىمام بۇخارى رىۋايىتى›

سۈننەتنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى نېمە؟

جاۋاپ: سۈننەت (ياكى ھەدىس) ئىسلام دىنىنىڭ قۇرئان كەرىمدىن قالسا، ئەڭ چوڭ دەستۇرى، ئىسلام فىقھىسىنىڭ تۆت ئاساسلىق مەنبىئىنىڭ ئىككىنجىسى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانىدۇر. اللە تائالا سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:

«رەسۇلۇللاھ سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، اللە تىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن اللە نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» ھەشىر سۈرىسى 7-ئايەت.

قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىش سۈننەتتىن بىھاجەت قىلىدۇ، دىگۈچىلەرگە قانداق رەددىيە بېرىلىدۇ؟
جاۋاپ: سۈننەت، قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنجى ئاساسىي دەستۇرى، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىنى شەرھلىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تەرجىمانىدۇر. قۇرئاندىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى شەرھلەيدىغان ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە سۈننەتتۇر. مەسىلەن: اللە تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، نامازنى قانداق، قانچە ۋاخ ۋە قايسى ۋاقىتلاردا ئوقۇشنى بايان قىلمىغان.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام اللە نىڭ ۋەھىسىگە تايىنىپ سۈننەتلىرى ئارقىلىق قۇرئاننىڭ مۇجمەللىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ناماز ۋە باشقا ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە تەرتىپلىرى، سانى ۋە ئادا قىلىنىش ۋاقىتلىرىنى بېكىتكەن.ھەمدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ ئۈگەتكەن:
«نامازنى خۇددى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار!» ‹ئىمام بۇخارى رىۋايىتى›
زاكات،رامىزان، ھەج ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرمۇ شۇنداق.«بىز قۇرئانچىلارمىز»، «بىز پەقەت قۇرئانغىلا تايىنىمىز»، «قۇرئان ئۆزىلا كۇپايە قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشىغان، ئاڭلىنىشى چىرايلىق، ئەمما باتىل مەخسەت قىلىنغان شۇئارلارنى توۋلاپ يۈرگۈچىلەر ئىسلام دىنىغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمىسا كېرەك. بۇ سۆزلەر «باتىل مەقسەت قىلىنغان ھەق سۆز» لەردۇر. چۈنكى «بىز قۇرئانچىلارمىز» دېگەن سۆز-ھەق سۆز. دىمىسىمۇ ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان قۇرئانچىدۇر. ئۇ قۇرئاننى سۆيىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئەمما بۇ سۆزنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىرىدىن بولغان سۈننەت، ئىجما ۋە قىياسلارنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار بۇ چىرايلىق سۆز ئارقىلىق ھەممە كىشى بىلىدىغان ھەقىقەتنى ئەمەس، بەلكى باتىلنى مەقسەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇ باتىل قايسى دېگەندە، قۇرئاننىڭ ھەقىقىي تەرجىمانى بولغان سۈننەتنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، قۇرئاننى ئۆز خاھىشلىرىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ خالىغانچە تەۋىل ۋە تەپسىر قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى پۈچۈكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت نىجىس مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. سۈننەتنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىمانى قوبۇل ئەمەس.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن:

«بىر زامان كېلىدۇكى، بىراۋ يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ھەدىسلىرىمدىن بىر ھەدىسنى ئاڭلىغىنىدا؛ سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا اللە نىڭ كىتابى قۇرئان بار، ئۇنىڭدا ھالال دېگەنلەرنى ھالال ۋە ئۇنىڭدا ھارام دېگەنلەرنى ھارام دەپ بىلسەڭ بىزگە يېتىدۇ، دەيدۇ. بىلىڭلاركى،اللە نىڭ رەسۇلى ھارام قىلغانلارمۇ اللە ھارام قىلغانلارغا ئوخشاشتۇر!»‹ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى›.
قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىپ، سۈننەتتىن بىھاجەت بولىمىز دېگەن دەۋا بىلەن ئۆزلىرىنى«قۇرئانچىلارمىز» دەپ ئاتىۋالغۇچىلار ئەمىلىيەتتە قۇرئانچىلار ئەمەس. چۈنكى قۇرئان كەرىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنى پەرز قىلغان.

«رەسۇلۇللاھقا ئىتائات قىلغان كىشى اللە قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۈزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق» نىسا سۈرىسى 80-ئايەت.

بەلكى قۇرئان كەرىم رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇشقا بۇيرىغان ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقۇچىلارنىڭ ئىمانىنى يوق سانىغان.
(ئى مۇھەممەد!) رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.‹نىسا سۈرىسى 65-ئايەت›
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى سەيىخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز مۇنداق دېگەن: «سۈننەتكە ھاجىتىمىز يوق دېگۈچىلەر مۇرتەد بولغان شەكسىز كاپىرلاردۇر. چۈنكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغانلىق قۇرئانغا ئىنكار قىلغانلىق، قۇرئان بىلەن سۈننەت ئىككىسىنىڭ قايسى بىرىگە ئىنكار قىلغان ئادەم پۈتۈن ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن كاپىر بولىدۇ.

ھەدىسلەرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ دېگۈچىلەرگە قانداق رەددىيە بېرىلىدۇ؟

بۇلارنىڭ، ھەدىسلەر ئارىسىدا يالغان ھەدىسلەرمۇ ئورۇن ئالغانلىقى سەۋەبلىك، ھەدىسكە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن سۆزى ئىسلام ئۆلىمالىرى خۇسۇسەن ھەدىسشۇناس ئالىملار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇنلۇق سۆز ئەمەس. ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەدىسلەر ئىچىدىن راست ھەدىسلەرنى تاللاپ چىقىرىش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ھەدىس نامى بىلەن ئاتىلىپ قالغان ھەر قانداق يالغان ياكى شۈبھىلىك ھەدىسنى، ھەتتا بىرەر ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا، شۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زەنجىرسىمان باغلىنىش ياكى رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرەرسىنىڭ راستچىللىقىدا ياكى تەقۋالىقىدا ئازراق شەك كۆرۈلگەن ھامان ئۇ ھەدىسنى قەتئىي رات قىلىپ كەلگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەدىس ياكى قانداقلا بىر خەۋەرنى ئېنىقلاشتىكى ۋايىغا يەتكەن ئېھتىياتچانلىقى ۋە ئىنتايىن ھۇشيارلىقىغا ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارايدىغان باشقا دىننىڭ ئالىملىرىمۇ قايىل بولۇپ كەلمەكتە.

  قېرىنداشلار! بىز ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز، ئىلىم-پەن ئەسىرى دەپ تونۇلغان بۇ ئەسىردە بىلىملىك كىشىلەر ۋە بىلىملىك ئىنسانلاردىن قۇرۇلغان جەمئىيەتلەرنىڭ ياشاش ۋە مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇش پۇرسىتى باردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ ئالدى بىلەن دىنىمىزدا ئۈگۈنۈش زۆرۈر بولغان دىنىي ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان، دىنىمىز بىلەن ئەخلاقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بارلىق ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈشكە تېرىشىشىمىز ۋە زاماننىڭ ئارقىسىدا قالماسلىقىمىز لازىم. ھەر تۈرلۈك پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۈگۈنىشنىڭ، ئۈگەنگەن بۇ ئىلىملەرنى تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەت سانىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم.

قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى: ھەر بىرىمىز كۈندە بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىسلامىي كىتاپلارنى ئوقۇپ تۇرۇشقا ئادەتلەنسەك. ئەھلىمىزگە، پەرزەنتلىرىمىزگە ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلساق، ئۈگەنگەنلىرىمىزگە، ئەمەل قىلىشقا تېرىشساق، شۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان كىملىكىمىزنى تېپىۋالساق، قەددىمىز رۇسلانغان بولاتتى دىگەن ئۈمۈتتىمىز.

اللە بارچىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن!

ئۇستاز، مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ ‹دىن ۋە ھايات 2000 سۇئالغا جاۋاپ ناملىق ئەسىرىدىن تەييارلاندى›
تەپسىلى بىلىملەرنى بىلىش ئۈچۈن مەزكۈر كىتاپقا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

قوشۇمچە پايدىلانغان ماتىرىياللار:

‹يېڭى ئۇسلۇپتىكى ھەنەفى فىقھىسى› ئۇستاز، ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز

‹ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە قامۇس› ئۇستاز، مۇھەممەد سالىھ داموللام

بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى! ‹ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2004
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1071 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 07:01:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 693 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 07:43:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن

ئاللاھتىن ھەممىزگە ھىدايەت ،تەۋپىق، مەغفىرەت ،ئىنساپ ۋە ئىمان تىلەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 08:25:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن.ئامىين!

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5184
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 861 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 09:16:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.امىن

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1374 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 11:03:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

رامزان مۇبارەك

ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، ئېسىل تىمىنى بىزگە سۈنۈپسىز ....ئەجىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۈن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-13 11:03 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90705
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 07:07:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبان ئىگەم كۆپ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن!
  يۇرت يۇرتلادا سۈننەتكە قارشى (دۇلقۇن ) كۈتۈرلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ،مىھرىبان ئىگەمدىن ھەممە(ئۇيغۇر) مۇسۇلمان قېرىنداشلېرىمغا سەۋىر، ئامانلىق تىلەش بىلەن بىرگە رامىزان كۈنلېرىنىڭ بەرىكەتلىك ،كۈڭۈللۈك ئۈتۈشىنى تىلەپ قالىمەن!
  ئەي مېھرىبان كۈيۈمچان ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يۇق مىېھرىبان ئىگەم«ئاللاھ» ،بىزنى زالىم قەۋىمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن. بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋىمدىن قۇتۇلدۇرغىن! ( ئامىن!)     نامازلېرىمىزدا سەجدىدە مۇشۇنداق دۇئالارنى كۆپ قىلايلى قېرىنداشلار مىھرىبان ئىگەم دۇئالېرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95019
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 12:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 12:26:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NJAD ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-7-14 07:07 AM
ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﯩﮕﻪﻡ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ!
  ﻳﯘﺭﺕ ﻳﯘﺭﺗﻼﺩﺍ  ...

اللە سىزنى ۋە بارچىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن! مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن ھەم ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا بىزنىڭ بەكمۇ ئېھتىياجىمىز چۈشكەن قۇرئاندىكى كاتتا دۇئالاردىن بىرىنى قېرىنداشلىرىمىزغا تەۋسىيە قىلىپسىز، اللە سىزگە ۋە بارچىمىزگە مەدەت بەرسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 12:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل بىلىملەركەن . ئەجرىڭىزگە رەھمەت !!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش