سەنمۇ مەندەك سۆيۈپ باققانمۇ ؟
ئاپتورى - تاڭنۇر
سەنمۇ مەندەك سۆيۈپ باققانمۇ ؟
ھىجرانلارغا كۆنۈپ باققانمۇ ؟
يۇلتۇزلارغا دەردىڭنى ئېيتىپ ،
سۆيگۈ يېشى تۆكۈپ باققانمۇ ؟
سەنمۇ مەندەك سۆيۈپ باققانمۇ؟
نازلىق خىيال سۈرۈپ باققانمۇ ؟
بارلىقىڭنى ئاتاپ بىراۋغا ،
دىدارىنى كۈتۈپ باققانمۇ ؟
سەنمۇ مەندەك سۆيۈپ باققانمۇ ؟
سۆيگۈ بېغىدا تەنھا گۈلدەك .
مىھىر بېرىپ ، مىھىر ئالالماي ،
كۈلۈپ تۇرغان ،تەنھا ئايدەك .
سەنمۇ مەندەك سۆيۈپ باققانمۇ ؟
سۆيۈلۈشكە قادىر بۇلالماي ،
چىن ئاشىقتەك لەۋلەرنى يېقىپ ،
ئەركىلەشتىن تاتلىق كۈلەلمەي .
سەنمۇ مەندەك سۆيۈپ باققانمۇ ؟
سۆيمىگەنگە سۆيگۈڭنى بېرىپ ،
ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈلچەك قۇشتەك
تەكلىپى يوق باغلارغا كىرىپ .
سەنمۇ مەندەك سۆيۈپ باققانمۇ ؟
بەرمىسىمۇ ساڭا سۆيگۈنى .
بەخىت تەلەپ بەخىتلىكىگە ،
سوۋغا قىلىپ بەخىت گۈلۈڭنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-13 11:58 AM