مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1920|ئىنكاس: 16

ئۆي سېتىش سېتۋىلىش توختامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31438
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 11531 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 11:01:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تورداشلارغا ئازىراق بولسىمۇ پايدىسى بولسۇن ئۇچۇن

ئۆي سېتىش سېتۋىلىش توختامىسىنى مۇنبەر ئەھلىگەسۇندۇم، بۇ توختام نامىنى چوقۇم ساخلاپ قويۇڭ سىزگە ھامان ئەسقىتىشى مۇمكىن.

ئۆي سېتىش سېتۋىلىش توختامى


ئۆي ساتقۇچى      ( [ئا]  تەرەپ) :                            كىملىك نومۇرى:
ئۆي سېتىۋالغۇچى  ( [ب] تەرەپ):                              
كىملىك نومۇرى:
  1.《جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىتى توختام قانۇنى》،《جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىتى شەھەر ئىچى ئۆي مۇلۇك باشقۇرۇش قانۇنى》 ۋە يەرلىك مۇناسىۋەتلىك بەلگىملەرگە ئاساسەن [ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ تولۇق ھوقوقلۇق قانۇنى ۋەكىل بولۇش سالاھىتى بىلەن ئەقلى-ھۇشى جايىدا،نۇرمال روھى ھالەتتە،ئادىل بولغان ئاساستا، ئۆزلىرى خالاپ،ئۆز- ئارا كىلىشىش ئارقىلىق [ئا]  
تەرەپ [ب] تەرەپكە ئۆي سېتىپ بىردىغان بۇ ئۆي سېتىش سېتۋىلىش توختامىنى تۇزۇپ چىقتۇق.
    2.[ئا]  
[ب] ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ[ئا] تەرەپ ئۆز ئىگدارلىقىدىكى قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت مەمۇرلىرى ئولتۇراق بىناسى ــــــــــــــــــــــ بىنا ــــــــــــــــــــــ كۇرپۇس ــــــــــــــــــــــ قەۋەت ــــــــــــــــــــــ نومۇرلۇق ـــــــــــــــــــــ كۇۋادىرات مىتېر ئۆيىنى بىر يۇز سەكسەن مىڭ(180000) يۇەنگە[ب] تەرەپكە سىتىپ بەردى.
       3 .ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا كىلىشىپ [ب] تەرەپ [ئا]  تەرەپكە بىر قىتىمدىلا بىر يۇز سەكسەن مىڭ(180000) يۇەننى بەردى.[ب] تەرەپ [ئا]  
تەرەپكە بىر يۇز سەكسەن مىڭ(180000) يۇەننى بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ ئۆيگە تولۇق ئىگە بولىدۇ.
    4.ئۆي كىنىشكە رەسمىيەتلىرى چىققاندىن كىيىن [ئا]  تەرەپ [ب] تەرەپكە بىرىدۇ ھەمدە [ئا]  
[ب] ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ھۆكۇمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۇزىدۇ،ھۆكۇمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۇزۇش ھەققىنى [ب] تەرەپ ئۇستىگە ئالىدۇ.
    5 .[ئا] تەرەپ 2012-يىل 3- ئاينىڭ 9- كۇندىن باشلاپ بۇ ئۆينىڭ تالۇن رەسمىيەتلىرىنى، ئاچقۇچىنى، ئۆي ئىچىنى، يەر ئاستى ئۆيىنى [ب] تەرەپكە تولۇق ئۆتكۇزۇپ بىرىدۇ، شۇ كۇندىن باشلاپ [ب] تەرەپ بۇ ئۆيگە تولۇق ئىگە بولىدۇ. [ئا]  
تەرەپنىڭ ھوقوقى پۇتۇنلەي تۇگەيدۇ ھەمدە بۇ ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ھوقوقى بولمايدۇ.
    6. توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسھۇلىيىتى: ئەگەر [ب] تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىپ بۇ ئۆينى قايتۇرماقچى بولسا ئومومى پۇلنىڭ % 30 بويىچەتوختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تاپشۇرىدۇ، [ئا]  تەرەپ توختامغا خىلاپلىق  
قىلىپ بۇ ئۆينى قايتۇرۋالماقچى بولسا ئومومى پۇل بىر يۇز سەكسەن مىڭ(180000) يۇەننى [ب] تەرەپكە تولۇق قايتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆينى مال باھا تارمىقىدىن باھالىتىپ يىنىۋالغان ۋاقىتتىكى باھانىڭ % 30 بويىچەتوختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلنى قوشۇپ [ب] تەرەپكە تاپشۇرىدۇ.
    7.توختام ئىمزالىنىشتىن بۇرۇنقى  ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقۇرۇش پۇلى،توك سۇ پۇلى، گاز پۇلى،ئالاقىلىشىش پۇلى،ئۆي كىنىشكە بىجىرىش، ئۆي ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ھەققى، ئۇ ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك باج ھەققى قاتارلىق تۆلەشكە تىگىشلىك باھارلىق ھەقلەرنى [ئا]  تەرەپ ئۇستىگە ئالىدۇ، توختام ئىمزالانغاندىن كىيىنكى باشقۇرۇش پۇلى،توك سۇ پۇلى، گاز پۇلى،ئالاقىلىشىش پۇلى قاتارلىق ھەقلەرنى [ب] تەرەپ ئۇستىگە ئالىدۇ،[ب]تەرەپ توختام ئىمزالىنىشتىن بۇرۇنقى  
ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھىچ قانداق مەسھۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.
    8.بۇ ئۆينىڭ ئۆي ئىگىلىك گۇۋاھنامىسىنى [ب] تەرەپ ئۆز نامىغا ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، بىجىرىش رەسمىيىتىنى [ب] تەرەپ ئۆتەيدۇ،[ئا]  
تەرەپ چوقۇم ئاكتىپ ماسلىشىپ بىجىرىشكە ياردەم قىلىش كىرەك.
    9. توختامغا [ئا]  
[ب] ئىككى تەرەپ تولۇق ھوقوقلۇق قانۇنى ۋەكىل بولۇش سالاھىتى بىلەن ئىمزا قويۇپ بارماق باسقان ۋاقىتتىن باشلاپ كۇچكە ئىگە بولىدۇ.
    10. [ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ ئائىلىسدىكىلەر يۇقارقى توختام مەزنۇنىغا تولۇق قوشۇلغان ئاساستا بۇ توختامنى تۇزۇپ چىقتۇق، [ئا]  
[ب] ئىككى تەرەپ چوقۇم ئورتاق رىئايە قىلىش كىرەك.
    11. بۇ توختام ئىمزالانغان ۋاقىتتىن باشلاپ[ئا]  
تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى، پەرزەنىتلىرى ۋە ھەر قانداق ئۇرۇق-تۇققىنى قاتارلىقلارنىڭ بۇ ئۆيدە ھەر قانداق ھەققى، ھوقوقى بولمايدۇ،بۇ توختام ھەممەيلەننىڭ تولۇق رازىلىقى بىلەن تۇزۇلگەن.
  
12. بۇ توختام ئىككى نۇسقا بولۇپ، [ئا] [ب] ئىككى تەرەپ تەڭ ئىمزا قويۇپ ھەر ئىككىسى بىر نۇسقىدىن ساقلايدۇ.
13.ئەگەر [ئا]  
[ب] ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا تالاش-تارتىش يۇز بەرسە بۇ توختامغا ئاساسەن قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش كىرەك.
14.توختامغا گۇۋاھ بولغۇچىلار تۆۋەندىكىلەر:
   ئۆي ساتقۇچى [ئا]  
تەرەپ ئائىلە ئەزالىرى :
   
ئۆي سىتىۋالغۇچى [ب] تەرەپ ئائىلە ئەزالىرى:
   
گۇۋاھچىلار:
  ئۆي ساتقۇچى       ( [ئا]  تەرەپ ئىمزا) :              ( تامغا ياكى بارماق ئىزى   
)  
ئۆي سېتىۋالغۇچى    ( [ب]  تەرەپ ئىمزا):              ( تامغا ياكى بارماق ئىزى   
)
                            2012-يىل3-ئاينىڭ 9-كۇنى

مەنبە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەردار566 + 10 سىزدىن سوراپ باقسام !ب.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31438
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 11531 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 11:27:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي ئىجارە بىرىش-ئېلىش توختامنامىسى
ئا تەرەپ ئىسىمى(يەنى ئىجارە بەرگۇچى ):
كىمىلىك نۇمۇرى:
ب تەرەپ ئىسىمى(يەنى ئىجارە ئالغۇچى):
كىمىلىك نۇمۇرى:
ئىككى تەرەپ كېلشىش ئارقىلىق ئا تەرەپ ئۆزنىڭ
دىكىئېغىز ئۆيىنى ب تەرەپنىڭ ئولتۇرىشىغا ئىجارە بىرىدۇ.
1.ئۆينى ئىجارە بىرىش-ئېلىش -يىلى -ئاينىڭ-كۇنىدىن باشلاپ،-يىلى -ئاينىڭ-كۇنىگىچە بولىدۇ.
2.ئۆينىڭ ئايىلىق ئىجارە پۇلى يۇئەن،يىللق ئىجارە پۇلىيۇئەن(خەتچىلاپ يېزىلىشى:)نى ب تەرەپ ئا تەرەپكە بىرلا قېتىمدا تاپشۇرىدۇ.ب تەرەپ ئا تەرەپكە كاپالەت پۇلىيۇئەن(خەتچىلاپ يېزىلىشى:)تاپشۇرىدۇ،ئا تەرەپ ئىجارە ۋاقتى توشقاندا ھەممە ئىشلار نورمال بولسا ئاندىن ب تەرەپكە قايتۇرۇپ بىرىدۇ.
3.كېلىشىش ئارقىلىق تۇزۇلگەن مەزمۇنلار:
(1) ،ب تەرەپ كۆچۇپ كىرگەندە قۇلۇپنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك، ئالماشتۇرماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە ب تەرەپ مەسئۇل بولمايدۇ.ئىشلىتىش توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئوت ،توك،گاز ،سۇ قاتارلىق تەبئىي بولمىغان ئاپەتلەرگە ب تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ.
(2) ب تەرەپنىڭ ئۆينى باشقىلارغا ئۆتۇنۇپ بىرىشىگە،ئۆز ئالدىغا باشقىلارغا ئىجارە بىرىشىگە،باشقىلارغا سېتۋىتىشىگە بولمايدۇ،ھەمدە ئا تەرەپنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ خالىغانچە ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋىتىشگە بولمايدۇ.ئۆي ئىچىدىكى ئەسلىھەلەرنى ئاسرىشى،ئەگەر ئادەم ئامىلى سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەسلىھەلەرنى ب تەرەپ ئەسلىگە كەلتۇرىدۇ ياكى ئۆز باھاسى بويىچە ئا تەرەپكە تۆلەپ بىرىدۇ.ئۆزلىگىدىن ئوغۇرلىقىتىن، ئوت ،توك،گاز،سۇ ئاپەتلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
(3) ب تەرەپ ئولتۇراق رايوننىڭ ھەر تۇرلۇك باشقۇرۇش قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشى،ھەمدە ،توك،گاز،سۇ،پار،تور،تېلۋىزىيە كۆرۇش پۇللىرىنى ۋە خوجلۇق پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك.
(4) ئا تەرەپ مۇشۇ ئۆينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە مەسلە كۆرۇلمەسلىكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.ئەگەر ئۆي چىقىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا ب تەرەپ دەرھال ئۆينى بىكارلاپ بىرىدۇ.ئا تەرەپ توشمىغان ۋاقتنىڭ پۇلىنى ئومۇمىي پۇلىنى كۇنگە سۇندۇرۇپ ب تەرەپكە قايتۇرۇپ بىرىدۇ.
(5) ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلار:
                                                                                
                                                                          .
4.بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ھەر ئىككى تەرەپ بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا:توككىلىۋات،سۇتوننا،گازلىپاڭ.
ئا تەرەپ(يەنى ئىجارە بەرگۇچى ) ئىمىزاسى:
تېلغۇن نۇمۇرى:
ب تەرەپ (يەنى ئىجارە ئالغۇچى) ئىمىزاسى:
تېلغۇن نۇمۇرى:
2012-يىلى   -ئاينىڭ   -كۇنى
ئۆي ئىجارىگە بېرىش توختامى
ئا تەرەپ :                              كىملىك نومۇرى :
ب تەرەپ :                              كىملىك نومۇرى:
1. ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىجارىگە بەرگەن ئۆينىڭ ئادرېسى: ...............................................................................
2. توختام مۇددىتى          -يىلى      - ئاينىڭ     -كۈنىدىن
-يىلى       -ئاينىڭ    - كۈنىگىچە ئىجارىگە بېرىلىدۇ .
3. ئىككى تەرەپ توختام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باراۋەر ئاساستا كېڭىشىپ بۇ توختامنى تۈزدى. بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئورتاق بويسۇنىدۇ.
4. ئۆينىڭ ھەر ئايلىق ئىجارىسى (        ) يۈەن بولۇپ، زاكالەت پۇلى ئۈچۈن (        ) يۈەن تاپشۇرىدۇ. توك، سۇ، گاز پۇلىنى ب تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
5. پۇل تۆلەش ئۆلچىمى: ( ھەر ________ ئايدا ) ؛
6. ئۆيدە بار ئەسلىھەلەر:
7. ئۆي ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇش، يوقاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ب تەرەپ ئەسلى باھاسى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ، ھەم ئۆي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئىشىك-دەرىزىلەرنى ئالماشتۇرۇشقا ۋە ئەۋرەز يولىنى توسۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.
8. ئۆيدە پەقەت ب تەرەپ تۇرىدۇ، باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىشكە ۋە رەنىگە قويۇشقا بولمايدۇ.
9. ب تەرەپ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى ۋە گازنى، توكنى ھەم باشقا خەتەرلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا خىلاپ ھالدا مەشغۇلات قىلىش سەۋەبىدىن بىرەر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا، جاۋابكارلىققا ب تەرەپ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ھەم بىخەتەرلىك قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇشنى سەمىگە سالىمىز.
10. توختام ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ب تەرەپ ئۆينى قايتۇرماقچى بولسا، ئۆي پۇلى ۋە زاكالەت پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.
11. توختام ۋاقتى توشۇپ ب تەرەپ ئۆيدىن كۆچمەكچى بولسا، چوقۇم بىر ئاي بۇرۇن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
12. كىلەر قېتىملىق ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى:
    ـ يىلى    ـ ئاينىڭ   ـ كۈنى، (يەنى    كۈن بۇرۇن تاپشۇرىدۇ.)
13. بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ئىككى تەرەپتە بىر نۇسخىدىن ساقلىنىدۇ، ھەم ئىككى تەرەپ قول قويغاندىن كېيىن قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئا تەرەپ ئىمزاسى:                                         تېلىفون:
ب تەرەپ ئىمزاسى:                                        تېلىفون:
      ـ يىلى       ـ ئاينىڭ      ـ كۈنى  

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10527
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3378 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 03:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالاي جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84726
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 517
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-9-5
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 03:14:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جۇمۇ .....  مەنمۇ يېقىندا ئۆي سېتىۋالماقچىتىم ....  پايدىنلانسام بولغۇدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 03:32:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئادەم سۆيگەنلىك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15828
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 1417
توردا: 3960 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 03:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ساقلىۋالاي جۇمۇ

دەرتكەداۋا تەنگەشىپابولسا تاتلىق سۆزۆڭ ياخشى بىلەن ياماننى پەرىق ئەتسۇن نۇرلۇق كۆزۆڭ

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9396
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8884
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 510 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 06:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى بار تېما، رەھمەت سىزگە

*ئاللاھ گۇناھلىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8248
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1773 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 06:18:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا دۇككان سېتىش سېتۋىلىش ، ئىجارە بىرىش-ئېلىش    توختامىسىنىمۇ يوللاپ بەر سەڭلار بەك لازىم ئىدى.

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8696
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42865
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 6916 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 07:48:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلاپ قوياي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13245
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5706 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 09:57:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تۇركۇم شەخشى ئۆي خۇجايىنلىرىدىن ئۆي سېتىۋالغاندا بەكرەك دىققەت قىلساق بۇلىدىكەن.ئۆينى سېتىپ بۇلۇپلا قوغداش،تازلىق،كۇكەرتىش،تىلكامىرا بىكىتىش،ئۆي سۇپىتى قاتارلىقلارغا ئىگە بولمايدىكەن ئەمەسمۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش