باللىرىم ئادەم بولۇڭلار!(تەرجىمە ئەسەر)
ئانا چۈمۈلە بىلەن دادا چۈمۈلە باللىرىنى ئەتىراپىغا يىغىپ، چۈمۈلىلىك ھەققىدە دەرس بېرىدىكەن، دادا چۈمۈلە دەرسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئاياقلاشتۇرۇپتۇ.
-باللىرىم ! ھاياتتا چۈمۈلە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭلار! ھىچقاچان چۈمۈلە ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!
چۈمۈلە باللىرى- قانداق چۈمۈلە بولىمىز؟ چۈمۈلە بولۇشنىڭ يولى قانداق؟ دەپ سوراپتۇ.
دادا چۈمۈلە- سىلەر بىزدىن ئۆگىنىڭلار، بىز نىمە قىلساق شۇنى قىلىڭلار دەپتۇ. بالا چۈمۈلىلەر ئانا چۈمۈلە بىلەن دادا چۈمۈلىگە دىققەت قىپتۇ، ئۇلار نىمە قىلسا شۇنى قىپتۇ، ياز پەسلىدە يەيدىغان ئوزۇق تۈلۈكىنى يەرنىڭ ئاستىغا توپلاپ، قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىپتۇ، ۋاقتى كېلىپ تۇخۇم تۇغۇپتۇ.
ئانا چۈمۈلە بىلەن دادا چۈمۈلە يەنە باللىرىنى ئەتىراپىغا يىغىپتۇ ، دادا چۈمۈلە ئۇلارغا
– باللىرىم! مەن ئەمدى ئۆلۈپ كىتىمەن، ھەممىڭلاردىن مەمنۇن بولدۇم، ھەممىڭلار چۈمۈلە بولدۇڭلار، ھىچقايسىڭلار چۈمۈلە ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنۇتمىدىڭلار، ھەققىم ھالال بولسۇن، اللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن، دەپتۇ.
ئانا بېلىق بىلەن دادا بېلىق باللىرىنى ئەتىراپىغا يىغىپ، بېلىق بولۇش ھەققىدە دەرس بېرىدىكەن، دادا بېلىق دەرسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئاياقلاشتۇرۇپتۇ.
-باللىرىم ! ھاياتتا بېلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭلار! ھىچقاچان بېلىق ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!
بېلىق باللىرى- قانداق بېلىق بولىمىز؟ بېلىق بولۇشنىڭ يولى قانداق؟ دەپ سوراپتۇ.
دادا بېلىق - سىلەر بىزدىن ئۆگىنىڭلار، بىز نىمە قىلساق شۇنى قىلىڭلار دەپتۇ. بېلىق باللىرى ئانا بېلىق بىلەن دادا بېلىق دىققەت قىپتۇ، ئۇلار نىمە قىلسا شۇنى قىپتۇ، دېڭىزدا ئۈزۈپتۇ، ئۆزىدىن كىچىك بېلىقلارنى يەپتۇ، ئۆزىدىن چوڭ بېلىقلارغا يەم بوپتۇ، قالغانلىرى بولسا تۇخۇم تۇغۇپ ئەۋلات قالدۇرۇپتۇ.
ئانا بېلىق بىلەن دادا بېلىق يەنە باللىرىنى ئەتىراپىغا يىغىپتۇ ، دادا بېلىق ئۇلارغا
– باللىرىم! ئەمدى سىلەر چوڭ بولدۇڭلار، بىز ئەمدى خاتىرىجەم ئۆلۈمىز ، ھەممىڭلاردىن مەمنۇن بولدۇق ، ھەممىڭلار بېلىق بولدۇڭلار، ھىچقايسىڭلار بېلىق ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنۇتمىدىڭلار، ئەجرىمىز بىكار كەتمىدى، ھەققىمىز ھالال بولسۇن، اللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن، دەپتۇ.
بالا بېلىقلار- بىز ھىچقانداق ئالاھىدە بىر ئىش قىلمىدۇق، پەقەت سىلەر نىمە قىلساڭلار شۇنى قىلدۇق، دەپتۇ.
ئانا ئۆردەك بىلەن دادا ئۆردەك باللىرىنى ئەتىراپىغا يىغىپ، ئۆردەك بولۇش ھەققىدە دەرس بېرىدىكەن، دادا ئۆردەك دەرسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق ئاياقلاشتۇرۇپتۇ.
-باللىرىم ! ھاياتتا ئۆردەك بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭلار! ھىچقاچان ئۆردەك ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!
ئۆردەك باللىرى- قانداق قىلغاندا ئۆردەك بولىمىز؟ ئۆردەك بولۇشنىڭ يوللىرى قايسى؟ دەپ سوراپتۇ.
دادا ئۆردەك – بۇ ئىنتايىن ئاسان، سىلەر بىزدىن ئۆگىنىڭلار، ئاناڭلار ۋە مەن نىمە قىلساق شۇنى قىلىڭلار دەپتۇ. ئۆردەك باللىرى ئانا ئۆردەك بىلەن دادا ئۆردەككە قاراپتۇ ، ئۇلار نىمە قىلسا شۇنى قىپتۇ، ۋەك...ۋەك قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپتۇ، سۇدا ئۈزۈپتۇ، قاردا يۈرۈپتۇ، جۈپلشىپ تۇخۇم تۇغۇپتۇ ۋە تۇخۇملىرىنى بېسىپ بالا چىقىرىپتۇ.
ئانا ئۆردەك بىلەن دادا ئۆردەك يەنە باللىرىنى ئەتىراپىغا يىغىپتۇ ، دادا ئۆردەك ئۇلارغا
– باللىرىم! ئەمدى سىلەر چوڭ بولدۇڭلار، ھەممىڭلار بەك ياخشى ئۆردەك بولۇپ يىتىشتىڭلار ، ھىچقايسىڭلار ئۆردەك ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنۇتمىدىڭلار، ئەجرىمىز بىكار كەتمىدى، ھەققىمىز ھالال بولسۇن، اللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن، دەپتۇ.
بالا ئۆردەكلەر - بىز ھىچقانداق ئالاھىدە بىر ئىش قىلمىدۇق، پەقەت سىلەر نىمە قىلساڭلار شۇنى قىلدۇق، دەپتۇ.
دادا ئىت بىلەن ئانا ئىت كۈچۈكلىرىگە ئىت بولۇش ھەققىدە دەرس بىرىدىكەن، دادا ئىت دەرىسىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق تاماملاپتۇ.
باللىرىم! ھاياتىڭلاردا ئىت بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭلار، ھىچقاچان ئىت ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنۇتماڭلار،دەپتۇ.
كۈچۈكلەر – قانداق قىلغاندا ئىت بولالايمىز، ئىت بولۇشنىڭ يوللىرى قايسى؟ دەپ سوراپتۇ.
دادا ئىت- بۇ بەك ئاسان، بىزدىن ئۈلگە ئېلىڭلار، بىز نىمە قىلساق شۇنى قىلىڭلار، دەپتۇ.
كۈچۈكلەر ئانا ئىت بىلەن دادا ئىتقا قاراپ، قاۋاشنى، كۆزەتچىلىكنى، سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپتۇ ۋە جۈپلىشىپ بالا تۇغۇپتۇ.
دادا ئىت بىلەن ئانا ئىت باللىرىنى يەنە ئەتىراپىغا يىغىپتۇ، دادا ئىت ئۇلارغا – باللىرىم سىلەر يىتىشتىڭلار ، ھەممىڭلار ياخشى ئىت بولدۇڭلار، ئەمدى بىز ئۆلۈپ كىتىمىز، بىز سىلەردىن رازى، سىلەر ھىچقاچان ئىت ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇنۇتمىدىڭلار، ئەجرىمىز بىكارغا كەتمىدى، ھەققىمىز ھالال بولسۇن، اللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن، دەپتۇ.
ئات، تۆگە، كالا، ئېشەك، ئۇچار قۇش جان-جانۋار...... ئىش قىلىپ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى باللىرىنى ئۆزلىرىدەك چوڭ بولىشى ئۈچۈن ، ئۇلار نىمە قىلسا باللىرىنىڭ شۇنى قىلىشىنى سۆزلەپتۇ، بالا ھايۋانلارمۇ ئانا ھايۋان بىلەن دادا ھايۋان نىمە قىلسا شۇنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىپتۇ، ئاخىرىدا ياخشى ھايۋان بولۇپ يىتىشىپتۇ، ئانا ھايۋان بىلەن دادا ھايۋان ئۆلۈش چېغىدا باللىرىدىن تولىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ھەققىنى ھالال قىپتۇ.
دادا ئىنسان بىلەن ئانا ئىنسان باللىرىنى ئەتىراپىغا يىغىپ، ئادىمىيلىك ھەققىدە دەرس بىرىدىكەن، دادا ئىنسان دەرىسىنى مۇنداق تاماملاپتۇ.
باللىرىم! ھاياتتا ئادەم بولۇش ئۈچۈن ھىچقاچان ئادىمىيلىكىڭلارنى يوقاتماڭلار، دەپتۇ، بالىلار دادىسىغا قاراپ- قانداق قىلغاندا ھەقىقىي ئادەم بولىمىز، ئادىمىيلىك بىلەن ياشاشنىڭ يوللىرى قايسى؟ دەپ سوراپتۇ. دادىسى ئۇلارغا- بۇ بەك ئاسان، ئاناڭلار ۋە مەن نىمە قىلسام شۇنى قىلىڭلار، دەپتۇ.
باللىرى ئاتا – ئانىسىدىن ئۆگىنىپ، ئۇلار نىمە قىلسا شۇنى قىپتۇ، ئاخىرى قۇيۇپ قويغاندەك دادىسىغا ئوخشاش چوڭ بوپتۇ.
دادا -ئانا ئىككەيلەن باللىرىنى يەنە ئەتىراپىغا يىغىپتۇ، دادىسى ئۇلارغا- ئىسىت ئىسىت خېجىل بولۇشساڭچۇ ، ھىچ قايسىڭلار بىز ئارزۇ قىلغاندەك ئادەم بولمۇدۇڭلار، ھىچ قايسىڭلاردا ئادىمىيىلكتىن ئەسەرمۇ يوق، بۇ نىمە دىگەن سەتچىلىك، ئەمدى بىز ئۆلۈپ كېتىمىز، ئەجرىمىز بىكارغا كەتتى ، پۈتۈن ھەققىمىز ھارام بولسۇن، قالغىنىغا اللاھ بىر نىمە دەر ........ دەپتۇ.
بالىلار تولىمۇ ھەيرانلىقتا- نىمە ئۈچۈن بىزگە بۇنچىلىك لەنەت ئوقۇيسىز دادا؟ ئەجىبا بىز خاتا ئىش قىلدۇقمۇ؟ سىزدىن ئۆرنەك ئالدۇق سىزدىن ئۆگەندۇق، سىز نىمە قىلسىڭىز بىز شۇنى قىلدۇققۇ........
يۇقارقى ھىكايىنى ئوقۇغاندىن كىيىن قانداق تەسىراتقا كەلىدىڭىز؟ ئەگەر بۇ ھىكايە سىزگە ياققان بولسا كەمىنە ئۆز ئەمگىكىمدىن تولىمۇ رازى بولغان بولاتتىم.
Ana karıncayla baba karınca yavru karıncalan çevrelerine toplamışlar onlara karıncalık dersi veriyorlardı. Baba karınca dersinin sonunu şöyle bitirdi:
- Yavrularım! Hayatta karınca olmaya çalışın! Hiçbir zaman karıncalıktan ayrılmayın.
Yavrular
- Nasıl karınca olalım? Karıncalığın yolları nelerdir?.. diye sordular.
Baba karınca
- Kendinize bizi örnek alın dedi. Biz ne yapıyorsak sizler de onu yapın!
Yavru karıncalar baba karıncayla ana karıncaya baktılar. Onlar ne yapıyorlarsa öyle yaptılar. Yazdan yiyeceklerini toplayıp toprak altına yığdılar. Kışın uyudular. Zamanı gelince yumurtladılar.
Baba karıncayla ana karınca çocuklarını yine çevrelerine topladılar. Baba karınca onlara
- Yavrularım! dedi. Ben artık ölüyorum. Hepinizden memnunum. Hepiniz karınca oldunuz. Hiçbiriniz karıncalıktan ayrılmadınız. Hakkım helal olsun. Allah sizden razı olsun.
* * *
Baba balıkla ana balık yavru balıkları çevrelerine toplamışlar onlara balıklık dersi veriyorlardı. Baba balık dersinin sonunu şöyle bitirdi:
- Yavrularım! Hayatta balık olmaya çalışın! Hiçbir zaman balıklıktan ayrılmayın.
Yavrular
- Nasıl balık olalım? Balık olmanın yollan nelerdir?.. diye sordular.
Baba balık
- Bizi örnek alın dedi. Anneniz ve ben nasıl yapıyorsak siz de öyle yapın!
Yavru balıklar ana balıkla baba balığa baktılar onlar ne yapıyorlarsa öyle yaptılar. Denizde yüzdüler. Kendilerinden küçükleri yuttular kendilerinden büyüklere yutuldular. Yumurtalar yapıp ürediler.
Baba balıkla ana balık çocuklarını çevrelerine topladılar. Baba balık onlara
- Yavrularım! dedi. Artık siz yetiştiniz. Biz de rahat rahat ölebiliriz! Hepinizden memnunum. Hepiniz balık oldunuz. Hiçbiriniz balıklıktan ayrılmadınız. Emeklerimiz boşa gitmedi. Hakkım helal olsun. Allah sizden razı olsun.
Yavru balıklar
- Biz çok bişey yapmadık dediler siz ne yaptınızsa biz de öyle yaptık...
* * *
Baba ördekle ana ördek yavru ördekleri çevrelerine toplamışlar onlara ördeklik dersi veriyorlardı. Baba ördek dersinin sonunu şöyle bitirdi:
- Yavrularım! Hayatta ördek olmaya çalışın. Hiçbir zaman ördeklikten ayrılmayın.
Yavrular
- Ne yapalım da ördek olalım? Ördek olmanın yolları nelerdir?.. diye sordular.
Baba ördek
- Çok kolay dedi. Bizi örnek alın. Anneniz ve ben ne yapıyorsak siz de öyle yapın!
Yavru ördekler ana ördekle baba ördeğe baktılar. Onlar ne yapıyorlarsa öyle yaptılar. Vak vak diye sesler çıkardılar. Suda yüzdüler karada yürüdüler. Çiftleştiler. Yumurtladılar kuluçkaya yattılar yavru çıkardılar.
Baba ördekle ana ördek çocuklarını yine çevrelerine topladılar. Baba ördek onlara
- Yavrularım! dedi. Artık siz yetiştiniz. Hepiniz iyi birer ördek oldunuz. Hiçbiriniz ördeklikten ayrılmadınız. Emeklerimiz boşa gitmedi. Hakkımız helal olsun. Allah sizden razı olsun.
Yavru ördekler
- Biz bişey yapmadık ki dediler. Size 'baktık siz ne yapıyorsanız biz de onu yaptık...
* * *
Baba köpekle ana köpek yavru köpekleri çevrelerine toplamışlar onlara köpeklik dersi veriyorlardı. Baba köpek dersinin sonunu şöyle bitirdi:
- Yavrularım! Hayatta köpek olmaya çalışın. Hiçbir zaman köpeklikten ayrılmayın. Yavrular:
- Ne yapalım da köpek olalım? Köpek olmanın yolları nelerdir?.. diye sordular.
Baba köpek
- Çok kolay dedi. Bizi örnek alın. Anneniz ve ben ne yapıyorsak siz de onu yapın!
Yavru köpekler baba köpekle ana köpeğe baktılar. Onlar ne yapıyorlarsa öyle yaptılar. Havladılar. Bekçilik ettiler. Sadık oldular. Çiftleştiler ve yavruladılar.
Baba köpekle ana köpek çocuklarını yine çevrelerine topladılar. Baba köpek onlara
- Yavrularım dedi. Siz artık yetiştiniz. Hepiniz iyi birer köpek oldunuz. Biz de ölüyoruz. Hepinizden memnunuz. Hiçbir zaman köpeklikten ayrılmadınız. Emeklerimiz boşa gitmedi. Hakkımız helal olsun. Allah sizden razı olsun.
* * *
Sığır manda hamsi balina deve fil yılan koyun yeryüzünde ne kadar baba hayvan ve ana hayvan varsa yavrularına kendileri gibi olmaları bunun için de kendileri ne yapıyorlarsa öyle yapmalarını söylediler.
Yavru hayvanlar da baba hayvanla ana hayvana bakıp onların yolundan gittiler sonunda iyi birer hayvan oldular. Baba hayvanla ana hayvan da ölürken yavrularına memnunluklarını söylediler haklarını helal ettiler.
* * *
Baba insanla ana insan çocuklarını çevrelerine toplamışlar onlara insanlık dersi veriyorlardı. Baba insan dersinin sonunu şöyle bitirdi:
- Yavrularım! Hayatta insan olmaya çalışın hiçbir zaman insanlıktan ayrılmayın. Çocuklar
- Ne yapalım da insan olalım? İnsanlığın insan olmanın yollan nelerdir?.. diye sordular.
Baba insan
- Çok kolay dedi. Kendinize bizi örnek alın. Anneniz ve ben ne yapıyorsak siz de öyle yapın!
Çocuklar baba insanla ana insana baktılar onlar ne yapıyorlarsa öyle yaptılar. Hepsi de tıpkı tıpkısına babalarına benzediler.
Baba insanla ana insan çocuklarını yine çevrelerine topladılar. Baba insan onlara - Yazıklar olsun! diye bağırdı. Hiçbiriniz bizim istediğimiz gibi yetişmediniz. Hiçbiriniz insan olmadınız. Hepiniz de insanlıktan uzaksınız. İnsanlıktan ayrıldınız. Artık ölüyoruz. Yazık oldu emeklerimize boşa gitti. Bütün hakkımız haram olsun Allah hepinizi kahretsin.
Çocuklar şaşırdılar
- Peki ama bize neden beddua ediyorsunuz? dediler. Biz yanlış bişey mi yaptık yoksa... Size baktık sizi örnek aldık. Siz ne yaptınızsa biz de onu yaptık...