مەن بىلەن
لەغمەن بىلەن پولونىڭ...كەلگەن ئىلھام

قازانـلاردا دۈملىنـىـپ ئۆتەلەمسـەن مـەن بىلـەن ،
ئىسسىق سۇدا چايقىلىپ كۈلەلەمسەن مەن بىلەن

پولو دېگەن ھەر ۋاقىت لەغمەن بىلەن بىر تۇغقان .
شاھى بولسام خانىش بوپ يۈرەلەمسەن مەن بىلەن .

قـازان گويـا بىـر تۇنۇر،ھورى بـار يۇ شـامـال يوق،
پىشىش ئۈچۈن سائەتلەپ كۈتەلەمسەن مەن بىلەن .

ئېيتالمايدۇ ھىچكىممۇ ،بۇغداي ئۆسمەس شاللىقتا ،
يانجىلـغانـدا تۈگمەندە كىرەلەمسـەن مـەن بىلەن .

ئاشلىق دېگەن ئەڭ ئۇلۇغ، شۇڭا دەيمەن بۇغداينى ،
گويا گۈرۈچ سۆيگەندەك سۆيەلەمسەن مـەن بىلەن .

نە قىسمەت بار قازاندا ، بىر كۈن پىشىپ بولغاندا ،
ئاشقـازاننىڭ ئىچىـگە كېتەلەمسـەن مـەن بىلەن .
مەنبەسى:ئەپچىلەم