
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەنلەر، جاسارەت ئابىدەسى زەينەب غەززالىنىڭ تەرجىمھالىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئوقىغان بولىشىڭلار مۇمكىن،ئۇنىڭ «ھايات كۈنلىرىم» ناملىق رومانى بىر قانچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماي، ئۈشبۇ كىتابنىڭ ھوزۇرىنى ئانا تىلدا سۈرەلمەي قالغانىدۇق، مۇبارەك رامىزان ئېيى بىلەن تەڭ ئۈشبۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسىمۇ تۈركچە نۇسخىسى بويىچە «زىندان خاتىرىسى» دېگەن نام بىلەن پۈتۈپ چىقتى. مەزكۇر كىتابنى ئوقۇپ ئىمانىمىزنى بىر يېڭىلىۋالالايمىز ئىنشائاللاھ.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلارغا ۋە ئوقۇپ پايدىلانغۇچىلارغا ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن ئامىين.
ئەسلى كىتابنى سېتىۋالىدىغانلار ۋە پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن كىتاب ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە :
كىتابنىڭ ئەرەپچە ئىسمى : زينب الغزالى————- أيام من حياتى
كىتابنىڭ تۈركچە ئىسمى: Zindan Hatıraları ————— Zeyneb El Gazali
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Zainab Al Ghazali : —————Return of the pharaoh
خەنزۇچە ئىسمى : 苦难的岁月————-宰娜布.埃扎丽
ئۇيغۇرچىدىكى ئۈشبۇ تەرجىمە تۈركچە ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسى ئاساس، ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى قوشۇمچە قىلىنغان ھالدا تارىخ 2013-يىلى سەفەر ئېيىدا باشلىنىپ مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنى ئاياغلاشتى. ئۈشبۇ تەرجىمە تەجرىبىسىز، ئىلمى چولتا بالا تەرجىمانلارنىڭ قولىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن خاتالىقلارنى سادىر بولغان بولىشى مۇمكىن، ئۇستازلارنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
چۈشۈرۈش
تېما مەنبەسى :
ئەي بالام بلوگى