g-0 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 08:33 PM 
ماۋۇ گېپىڭزنى 10 قېتىم ئوقۇپمۇ ھېچنەرسىنى چۈشىنەلمىدى ...
سىز ئانا تىل شىركىتى ۋە بۇ شىركەتتىكىلەرنىڭ ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش يولىدىكى ئۇيغۇرچە ئىلتىماسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدە رەت قىلىنىش سەتچىلىكىگە قارىتا قانۇنلۇق دەۋادا چىڭ تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مۇئەللىم شىركىتىگە ئوخشاش قىسمەنلەرنىڭ بۇ ‹‹بازا››دىن قۇرقۇش ھەلەكچىلىكىدە ئوغرىدەك ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بولسىڭىز مەن قالدۇرغان ئادرىستىكى گۈلەننىڭ ئىنكاسلىرىغا سەمىمى قاراپ بېقىڭ،
10ئايلىق قەدەملەرنى 10مىنۇتتا چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە قادىر ئەمەسمەن.
شۇنداقتىمۇ گۈلەن ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ئادرىستا قالدۇرغان ئىنكاسىنى چاپلاپ قوياي-
| ئەسلى بىز دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ ئانا تىلغا تۆھپە قوشقان ئالىملارنى مۇكاپاتلاش ھەققىدە پىلان قىلغان. پىلانىمىز تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئېچىلمىدى. شۇ مەيۈسلۈكتە ئۈرۈمچىگە پىلانلانغان يىغىن زىياپەتكە ئۆزگەرتىلپ بىر قانچە كۈندىلا قۇراشتۇرۇلۇپ قەشقەردە قىلىندى. ئەينى چاغدا مۇئەللىم شىركىتى ئانا تىل ئىلمىي مۇاھاكىمە يىغىنى ئېچىشىمىزغا ماسلىشىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان بولغان. ھەتتا مەن يىغىننىڭ مەقسىدى، ئىسمى، قاتنىشىشقا تىگىشلىك ۋە مۇكاپاتلىنىشقا تىگىشلىك كىشىلەرگىچە دېليار ۋە مۇھەممەد سىدىققا دەپ ئۆتكەن. يىغىن تەيارلىق ئىشىغا ماسلاشقانلارمۇ ماگىستىرلىقتا بىللە ئوقۇغان مېنىڭ دوستلۇرۇم ئېدى.
خوش، يىغىن ئېچىلدى. ئەمما بۇ يىغىننى پىلانلىغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ يىغىندىن بىخەۋەر قالدى. خەۋەر تاپقان بولسام بارغان بولارىدىم. تەكلىپ قىلىنغان بولسام يىغىندا ئەسلى مەقسەدنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنىمۇ ئاشكارىلىمايتتىم، بۇنداق قىلىپ مۇئەللىم شىركىتىنىڭ ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەسلى مەقسىدىنى ماھىرلىق بىلەن بۇرىۋەتكەنلىگىنى دەپ يۈرمەيتتىم. يىغىندا سۆز قىلغان، مۇكاپات ئالغانلاردىن ماڭا دەرس بەرمىگىنى، مېنى تونۇمايدىغىنى يوق، ئۇلار«سىز نېمىشقا كەلمىدىڭىز؟» دېگەندىلا بىدىم تەكلىپ قىلىنمىغىنىمنى.
خوش، مۇشۇنداق خەقنىڭ پىلانىدا تەرلەپ سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ ئالغان شەرىپىڭلارغا مۇبارەك. بىز يەنە پىلان كۆرسىتىمىز، يەنە يارىدەمدە بولىمىز، لېكىن سىلەرنىڭ ئانا تىل شىركىتىدىن قاچىلىك قورقۇپ تۇرۇۋاتقىنىڭلارنى بىچارە يۈرۈگۈڭلار بىلىدۇ.
|
ناۋادا يەنە ئوقۇپمۇ چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز سىزگە ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-11 09:40 PM