مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1054|ئىنكاس: 7

سەھرالىق بالا -ئەخەتجان تۇردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5311
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 11:51:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر تۈركۈم ھېكايە-شېئىرلىرى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتى سېپىگە كىرىپ كەلگەن ئۈمۈدلىك ياش

ئەخەتجان تۇردى

1991-يىلى 11-ئايدا  پوسكام  ناھىيەسىدە  نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
  
ئەخەتجان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىن باشلاپ «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «ئۈمۈد چېچەكلىرى»نى بېرىلىپ ئوقۇغان ۋە ئۇلارغا تەقلىد قىلىپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن.
   باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا «قارلىغاچ» ناملىق تۇنجى شېئىرى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان.شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»،«تارىم غۇنچىلىرى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا
60 پارچىغا يېقىن ھېكايە-شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئەخەتجان 2010-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  
ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.
  ئۇ ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان ئاساسەن سەھرا  بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىپ كەلگەن ئىدى.ئەخەتجان مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىكى ئىلگىرى نەشىر  قىلىنغان بالىلار ئەدەبىياتىغا ئائىت كىتابلارنى دېگۈدەك ئوقۇپ ،ئۇلاردىكى ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ ، سەھرا
بالىلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرى ئاساسى تېما قىلىنغان «تۈگمەن مەھەللىسىدىكى بالىلار»،«كۆكيار مەھەللىسىدىكى بالىلار»،«ئويمان مەھەللىسىدىكى بالىلار»،«كۆنچى مەھەللىسىدىكى بالىلار»،«ئاۋات مەھەللىسىدىكى بالىلار »، « بوستان مەھەللىسىدىكى بالىلار»...قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىلەرنى يېزىپ تاماملىدى.
ئەخەتجاننىڭ «سەھرا بالىلىرى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن، « بوۋام تىككەن توغراقلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.ئۇ ھازىر يېرىم  
يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان،بىر بالىنىڭ بېلىقلار يۇرتىدىكى ئاجايىپ ساياھىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «سۇغا سەكرىگەن بالا»ناملىق رومانى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.
  بىز بۇ ئۈمۈدلىك ياشنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ بالىلار ئەدەبىياتى ساھايىمىزدە مول مېۋىلەرنى بېرىشىگە تىلەكداشمىز!

ئەخەتجان تۇردى ھېكايىلىرىدىن

كونا قۇدۇق
(ھېكايە)



مەن سەل ئېسمنى بىلگەندىن باشلاپ ھەركۈنى سەھەردە ياغاچ دەرۋازىمىزنىڭ قېقىلغىنىنى، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا«سۇ كەلدى!ساپ قۇدۇق سۈيى، تېز چىقىپ سۇ  ئېلىۋېلىڭلار»دېگەن ئاۋازنى ئاڭلايتتىم.مەيلى يازنىڭ يامغۇرلۇق ،قىشنڭ قاتتىق شېۋىرغان، قارلىق كۈنلىرى بولمىسۇن بۇ ئاۋاز بىر كۈنمۇ توختاپ قالمايتتى. مەنچە بولسا مەھەللىدىكى ئادەملەرگە سۈبھى پەيتىدە خورازلارنىڭ چىللىشى بىھاجەت ئىدى. چۈنكى ھەركۈنى تاڭ سۈزۈلۈپ بولغۇچە بوۋاي ھەممە ئائىلىنىڭ دەۋازىسنى قېقىپ ئۇلارغا ئەتىگەنلىك چاي قاينىتىپ ئىچىش ئۈچۈن بىر چىلەكتىن سۇ يەتكۈزۈپ بېرەتتى.
ھەركۈنى دەرۋازىمىز قېقىلغان ھامان دادام بىلەن ئانام قوللىرىدىكى قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قويۇپ ياغاچ سوغىنى كۆتۈرگىنىچە سىرتقا ماڭاتتى.كېيىنكى كۈنلەردە مەنمۇ دادامغا ئەگىشىپ دەرۋازا ئالدىغا چىقىدىغان بولدۇم. مەن ھەر قېتىم دادام بىلەن چىققىنىمدا دەرۋازا ئالدىدا بىر ئەپكەش سۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان  پاكىزە قېرىغان،چىرايى نۇرلۇق،چاچ-ساقاللىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر بوۋاينى كۆرەتتىم.ئۇ بوۋاي  دادام بىلەن «ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم» دەپ سالاملىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن بىر چىلەك سۇنى  
دادامنىڭ قولدىكى ياغاچ سوغىغا قۇيۇپ بېرەتتى ۋە دادام بىلەن خوشلىشىپ قوشنىمز مەرۇپ ئاكىنىڭ دەرۋازىسنى قېقىش ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىپ قالاتتى.
خېلى چوڭ بولۇپ قالغان كۈنلىرىمنىڭ بىرى ئىدى.يەنە شۇ ئادىتىمدىكىدەك دادامغا ئەگىشىپ ئىشىك ئالدىغا چىقتىم. سۇنى بىزنىڭ سوغىغا قۇيۇپ بولغان  
بوۋاينىڭ كۆزلىرى تۇيۇقسز ماڭا تىكىلدى. ئۇ كۈلۈمسىرەپقىنە مېنىڭ قېشىمغا كەلدى ۋە يىرىك ئالىقانلىرى بىلەن دوپپا كىيىشنى ئۇنتۇپ قالغان بېشمنى سىلىدى. نېمە ئۈچۈندۈر يۈرىكىم «جۇغغىدە» قىلىپ قالدى.مەن بىر خىل خىجىللىق ئارىلاشقان تۇيغۇ ئىچىدە بوۋايدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم ۋە دادامنڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇرىۋالدىم.
- نېمىشقا قاچىسەن ،ئوغلۇم! بۇ كۈندە بىزگە سۇ ئەكىلىپ بېرىدىغان ياخشى ئاتاش ئەمەسمۇ ؟قېنى ئالدىغا ئۆت،قۇربان بوۋاڭغا سالام بەر ؟ـ دېدى دادام.
مەن يەنىلا دادامنىڭ كەينىدە جىممىدە تۇرىۋېلىپ ئالدىغا ئۆتمىدىم.
- ئۆزلىرىدىن ياتسىراۋاتىدۇ بۇ بالا،-دېدى دادام خىجىللىق بىلەن.
- مېنى بەك قېرى ئادەم ئىكەن دەپ چاچ- ساقاللىرىمدىن قورقۇپ قالدىغۇ دەيمەن،-دېدى بوۋاي خىرىلداپ كۈلۈپ.
بوۋاي دائىملىق ئادىتى بويىچە دادام بىلەن قىسقىلا خوشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.
- دادا،ئۇ بوۋاي كىم؟-دېدىم مەن ئۇزاپ كېتىۋاتقان بوۋايدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.
- ئۇ قۇربان ئاتا، ئوغلۇم!-دېدى دادام بېشىمنى سىلاپ.
- ئۇ كىمنىڭ ئاتىسى؟-سورىدىم مەن ھەيران بولۇپ.
- قۇربان بوۋاي مېنىڭ،سېنىڭ يەنە مەھەللىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئاتىسى.
- قانداقسىگە ئۇنداق بولىدۇ؟ ئۇ نېمىشقا مېنىڭمۇ بوۋام بولۇپ قالىدۇ،دادا؟
- ئاڭلا ئوغلۇم،-دېدى دادام مۇلايىملىق بىلەن ،-قۇربان ئاتا ھەر كۈنى سەھەردە،چۈشتە،كەچتە ھەممە ئائىلىلەرگە سۇ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇ قىلغان ئىشىغا ھەق ئالمايدۇ. مەھەللىدىكىلەرنىڭ يولىنى قىسقا،ئىشىنى ئاسان قىلىدىغان، ئادەملەرگە ئابىھايات سۈيى بېرەلەيدىغان خىزىرغا ئوخشايدۇ. شۇڭا سەنمۇ ئۇنى ھۆرمەتلىشىڭ كېرەك...
ئانام ھەركۈنى كەچتە قارا چىراغ يېنىدا ئولتۇرۇپ يىڭنە ئىشى قىلغاچ ماڭا ئاجايىپ-غارايىپ قىسسە-چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى.ئاشۇ كۈنى كەچتە ئانام ماڭا كۈندە ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ ھەممە ئۆيلەرگە  
سۇ توشۇيدىغان قۇربان بوۋاي ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.
قۇربان بوۋاي مەھەللىدىكىلەر ئۈچۈن جاپا چېكىدىكەن.مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە كونا قۇدۇقتىن ئۆي-ئۆيلەرگە سۇ توشۇيدىكەن .ئۇ ئەكەلگەن قۇدۇق سۇيى بىلەن ئۆيلەرنىڭ مورىسدىن تۈتۈن چىقىدىكەن. ئادەملەر ئۆزلىرى سۇ ئەكىلىمىز دەپ ئاۋارە بولۇپ يۇرمەيدىكەن. خۇددى بىرى مۇقەددەس ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرغاندەك كۈندە ئائىلىلەرگە سۇ توشۇش قۇربان بوۋاينىڭ ئادىتى ئىكەن.ئۇ، دادام مەن  
دېمەتلىك چاغلاردىمۇ ئەپكەش بىلەن سۇ توشۇيدىكەنتۇق.
-ئەگەر قۇربان بوۋاي بولمىغان بولسا مەھەللە ئىچىدە ئۇنداق-مۇنداق كېسەللەر ئاۋۇپ كەتكەن بولاتتى.قارىمامسەن،ئېرىقتا سۇ بىلەن ئېقىپ كېلىۋاتقان ئەخلەت-چاۋالار،مەينەت نەرسىلەرنى.ئادەملەر مۈشۈكى ئۆلسىمۇ ئېرىقتىكى سۇغا تاشلاۋاتقان.بەزىلەر ئۇششاق بالىلارنىڭ تەرىتىنىمۇ سۇغا تاشلىشىدۇ.ئۇنداق بۇلغانغان سۇنى ئىچكەن ئادەملەر نېمە بولماقچى ؟ ھېلىمۇ ياخشى قۇربان بوۋاي ئاشۇ قۇدۇقتىن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي بۇلغانمىغان،ئىچسە جاننى ياشارتىدىغان مۇزدەك سۇ ئەكىلىپ بىزنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ،-دېدى ئانام ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ.
  
ئانامنىڭ سۆزلىرى يۈرىكمىنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كەتتى.نېمىدېگەن ئۇلۇغ،مېھنەتسىز ئەمگەك-ھە! قۇربان بوۋاي راستىنلا ھايات ئادەملەر ئارىسىدىكى خىزىر ئىكەن.
ئەتىسى مەن بالىلار بىلەن ئويناپ يۈرۈپ قۇدۇق بېشىغا بېرىپ قاپتىمىز. بىز كەلگەندە قۇربان بوۋاي كونا قۇدۇق جازىسىغا تايىنىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىۋاتقان ئىكەن. مېنىڭ سەل ئالدىراڭغۇ مىجەزىم بولغاچقا ئاخشام ئانامنىڭ دېگەنلىرىنى قۇربان بوۋايغا سۆزلەپ بەردىم.
-بۇ قۇدۇق ئەل ئارىسىدىكى داستانچىلار سۆزلىگەن،يۈسۈپ ئاكىلىرى تەرىپىدىن تاشلانغان قۇدۇقتەك سېھرى-كارامەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن،سۈيى ساپ،ئەل ئېغىزىدا بىر ئاتىلىدىغان نۇرغۇن پالۋان-ھەكىملەر،باخشى-تالىپلار مۇشۇ قۇدۇقتىن سۇ ئىچىپ چوڭ بولغان. بوۋامنىڭ بوۋىسىمۇ مۇشۇ قۇدۇقتىن سۇ ئىچىپتىكەن.مانا مەنمۇ بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ ھازىرغىچە ئاغرىپ يېتىپ قالماي ياشاۋاتىمەن. سىلەرمۇ مۇشۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىسلەر،ئەگەر رىسقى بولسا سىلەرنىڭ نەۋرەڭلەرمۇ، ھەتتا نەۋرەڭلارنىڭ نەۋرسىمۇ بۇ قۇدۇقتىن سۇ ئىچىپ قاتارغا قوشۇلىدۇ،بالىلىرىم!-دېدى بوۋاي سەل ھاياجانلىنىپ.
-قۇربان بوۋا، سىز دادام كىچىك چاغلاردىمۇ مەھەللىدىكىلەرگە سۇ توشۇپ بېرىپتىكەنسىز، ھازىرمۇ توشۇۋاتىسىز، يەنە قاچانغىچە سۇ تۇشۇيسىز؟ سىز ھارمايدىغان ئوخشايسىز-ھە؟-سورىدىم مەن ئۇنىڭ شۇنچە ساغلام ،كۈچلۈك تۇرقىغا قاراپ.
-توغرا دەيسەن ،داداڭمۇ ،بوۋاڭمۇ مېنىڭ ئاپىرىپ بەرگەن سۈيۈمنى ئىچىپ چوڭ بولغان.مانا يەنە ئۈچ باھارنى ساق -سالامەت ئۆتكۈزۈۋالسام نەق يۈز ياشقا كىرىمەن .يۈز يىل ئاز ۋاقىتمۇ؟ ھازىرغىچە يېشىمغا ئىككى باراۋەر كەلگۈدەك ئەپكەشنى كاردىن چىقىرىپ بولغاندىمەن .قىز چەۋرەمنىڭ ئوغلىمۇ يۈگۈرۈپ ئوينىغىدەك بولۇپ قالدى.ئاللا خالىسا شۇ ئوغلۇمنىڭ توي پولۇسىغىمۇ مەن مۇشۇ قۇدۇقتىن سۇ تۇشۇپ بېرىمەن.ھارمامسەن دېدىڭمۇ؟ شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ئادەم ھارامدىكەن؟باشقىلارنىڭ سالامەتلكى ،  
ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرىشى ئۈچۈن بۇنچىلىك جاپا چەكسەم نېمە بوپتۇ.ئاڭلاپ قوي، مىننەت قىلىش ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس !مەن قىلغان ئەمگىكىمگە رازى.
-بوۋا بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيى راستىنلا ئۆمۈرنى ئۇزارتامدۇ؟-سورىدى قەدىردان.
-ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئىنساننىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئەمەس،-دېدى بوۋاي بىزنى ئەتراپىغا يىغىپ،-ئەمما«سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دەيدىغان بىر ھېكمەتلىك گەپمۇ بار.مانا مېنىڭ  بوۋام بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ 127 يىل ئۆمۈر كۆرگەن.نېمە ئۈچۈن دېسەڭلار،ئۇ چاغلاردا ئۇلار ئوۋچىلىق قىلىپ ساپلا يېشىل ئوتلارنى يېگەن، ھارغۇچە چېپىپ ئويناپ چوڭ بولغان بۇغا،جەرەن،توشقان،كېيىكلەرنى ئوۋلاپ ،ئۇلارنىڭ گۆشىنى جىگدە،يۇلغۇن ئوتۇنلىرىنىڭ چوغىدا كاۋاپ قىلىپ يەپ ،بۇلغانمىغان ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ،ساپ قۇدۇق سۈيى ۋە توغراق غولىدىن چىققان سۇنى ئىچىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى.ھازىرقىدەك سۈنئى يېمەكلىك،بۇلغانغان ھاۋا ئۇ چاغلاردا يوق ئىدى.تۆت پەسىل ئېنىق،زېمىن يېشىللىق ئىدى. شۇڭا كۆپىنچە ئادەملەر يۈز ياشتىن ئاشۇرۇپ ئۆمۇر كۆرەتتى.ھازىر بۇ مەھەللىمىزدىمۇ يۈز ياشتىن  
ئاشقانلاردىن بىر نەچچىسى بار! شۇڭا سىلەر بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئاسرىشىڭلار،مەن سۆزلەپ بەرگەن ئىشلارنى ئەۋلادلارغا سۆزلەپ بېرىشىڭلار كېرەك.ئېسىڭلاردا بولسۇن سۈيى بۇنداق بۇلغانماي ئۆز پېتىچە ساقلانغان بۇلاقلار ئاللىبۇرۇن كۆزلىرى تىنىپ يەر يۈزىدىن يوقالدى.بۇنداق قۇدۇقلارمۇ كۆپ ئەمەس.سىلەر بۇ سەھرانى نەچچە كۈن ئايلانساڭلارمۇ بىر كۈندە بۇنداق قۇدۇقتىن بىرنى ئۇچراتمىقىڭلار تەس!
بوۋاي سۆزىنى تۈگىتىپ بىزنى ئۆيىگە باشلىدى.قۇدۇق بېشىدىكى بۇ بىر  ئېغىزلىق ئۆي كونىرىغىنىدىن تاملىرى ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك  
بىلىنىپ ئادەمنى قورقۇنچ باساتتى.
-قۇربان بوۋا،بۇنداق كونا ئۆيدە يالغۈز ئولتۇرغىچە مەھەللە ئىچىگە كۆچۇپ بېرىپ مەھەللىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرسىڭىز بولمامدۇ؟-دەپ سورىدى ئۆينىڭ تۆت تېمىغا قاراپ قورقۇپ تۇرغان شەھلا.
-ھەي بالىلىرىم ،سىلەرگە نېمە دەپ چۈشەندۇرسەم بولار؟مېنى مەھەللە ئىچىگە كۆچۈپ بارغۇسى يوق دەپ ئويلامسىلەر؟ بۇ ئۆينى رەھمەتلىك بوۋام ئۆز قولى بىلەن لاي ئېتىپ سالغان .كېيىن دادامغا،دادامدىن ماڭا تەۋەررۇك بولۇپ قالدى.مېنىڭ بوۋاممۇ ،داداممۇ  
ھەركۇنى مۇشۇ قۇدۇقتىن جامائەتكە سۇ تۇشۇپ بېرەتتىكەن .سىلەر شۇنى ئۇنتۇماڭلار،ئادەم دېگەن ئەسلىدە بەكلا شەخسىيەتچى كېلىدۇ.ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ! ھەتتا يېقىنلىرىنىمۇ ئېسدىن چىقىرىپ قويىدۇ.مەن دادامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە مەھەللىدىكلەرگە سۇ توشۇپ ئادەملەرنى سۇغۇرىشىم،ئۇلارنىڭ روھىدىكى مەينەتچىلىكلەرنى يۇيۇشۇم كېرەك .باشقا ۋاقىتتا بولسا قۇدۇق بېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ساپ، ئۆز پېتىچە ساقلانغان سۈيىنى قوغدىشىم ،ئۇنىڭ بۇلغىنىشىنى توسۇشىم لازىم.خۇدا ساقلىسۇن ،مەن بىر مەھەل بۇ يەردىن ئايرىلسام ھەممە يەرنى بۇلغاپ كۆنۈپ كەتكەن ئەقىلسىزلار كېلىپ بۇ قۇدۇقتىكى پاكىزە ھاياتلىق سۈيىنىمۇ بولغاشتىن يانمايدۇ.ھەي...بالىلىرىم،ئادەملەر بۇزۇلۇپ كەتتى!
بوۋاي چىڭقىلىپ سۆزلىگەچكە كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
ئارىدىن ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتتى .ھاياتلىق ئۆز ئىزىدا داۋاملىشىۋەردى. قۇربان بوۋاي ئىككى  
باھارنى سالامەت ئۆتكۈزگەن بولسمۇ يۇز ياشقا ئۇلىشالماي كونا قۇدۇق بېشىدىكى ھېلىقى بىر ئېغىزلىق كونا ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
قۇربان بوۋاي دادام دېگەندەك راستىنلا خىزىر بولسا كىرەك .كېيىنكى ئىشلار دەل بوۋاينىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىنىدەك بولدى.
بۇ قۇدۇقنىڭ نامىنى بىلىدىغان بىر قانچە تەنتەك ياشلار بىر كۈنى شەھەردىن بىر قانچە دوستىنى ئەگەشتۇرۇپ قۇدۇق بېشىغا كەپتۇ ۋە ئولتۇرۇشۇپ ئۆزلىرىچىلا بۇ قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھەرقايسىسى ئۆزى بىلگەنچە پەرەز قىلشقا باشلاپتۇ .ئاخىرىدا ھېچقايسىسى بىر-بىرىگە قايىل بولۇشماي ئىككەيلەن كىيىملىرىنى سېلىشىپ سۇ تارتىش جازىسدىكى  
ئارغامچىغا ئېسىلىپ قۇدۇققا چۈشۈپتۇ ۋە قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى پەرەز قىلغاچ تازا يۇيۇنۇشۇپتۇ .قۇدۇق بېشىدا قاراپ تۇرغان ياشلارمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنى دوراپتۇ...
قۇدۇق سۈيى بۇلغاندى.كىشىلەر قۇدۇق سۈيىنى ئىچمەس بولدى! تۇربا سۈيى تېخى  
بۇ چەت مەھەللىگە يېتىپ كەلمىگەن بولغاچقا مەھەللىدىكىلەر ئامالسىز ئېرىقتىكى دۇغلىنىپ ئېقىۋاتقان ،كىملەر تەرىپىدىندۇر بۇلغانغان سۇلارنى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ قۇدۇق ئىلگىرىكىدەك ئۈستى يېپىلىپ قوغدالمىغاچقا ئۇنىڭ سۈيى تېخىمۇ بەك بۇلغىنىپ كەتتى.ئانامنىڭ دېگىنىدەك مەھەللىدە ئاغرىق–سىلاق، ئۆلۈم كۆپىيىپ قالدى.مەھەللىمىزنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى«بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيى بۇلغانغان، ئىچىشكە بولمايدۇ!» دەپ خەت  يېزىلغان تاختىنى ئەكىلىپ كونا قۇدۇقنىڭ بېشىدىكى مەرھۇم قۇربان بوۋاي تۇرغان ئۆينىڭ  
ئىشىكىگە ئېسىپ قويدى.
مەن بۇ كونا قۇدۇقنىڭ ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بارا-بارا ھېس قىلماقتا ئىدىم ...
مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ قۇدۇق بېشىغا كەلدىم.قۇدۇق جازىسى بىر قەۋەت توپىغا كۆمۈلگەن بولۇپ، قارىماققا بوينىنى قىسىپ تۇرغان بىچارە بالىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى .مەن ئېڭىشىپ قۇدۇق ئىچىگە قارىدىم.ئەمما قۇدۇق سۈيىدىن ئۆز ئەكسىمنى، قۇدۇق تېگىدىكى تاشلارنى كۆرەلمىدىم. چۈنكى قۇدۇقتىكى سۇ يۈزى ھەر خىل يۇپۇرماق ،قۇش ماياقلىرى،سوپۇن ماغزاپلىرى ،قايسىدۇر بىر بالىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن توپلەيلىرى بىلەن تولۇپ  
كەتكەن ئىدى.مەن ئىچ –ئىچىمدىن ئوخچىۋاتقان بىر خىل ئازاپ ئىچىدە كۆزۇمنى يۇمۇۋالدىم...
مەن دېرىزىدىن قۇربان بوۋاينىڭ ئۆيىگە قارىدىم .ئەپكەش تامغا يۆلەكلىك تۇراتتى. ئىككى چېلەك سۇنىمۇ ئۇسسىغان قۇشلار كېلىپ ئىچىپ يېرىملاشتۇرغان ئىدى.
«قۇربان بوۋا ،سىز توغرا دەپتىكەنسز! خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر ئاشۇنداق ئەقىلسىز بولىدىكەن!ئۆزىدىن باشقىلارنى، بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى ئويلىمايدىكەن !قىلغانلىرى ئۈچۈن ئۆكۈنۈپ ،ۋىجدان سوتى ئالدىدا پۇچىلانمايدىكەن!خەيىر،بوۋا،خاتىرجەم يېتىڭ !ئۇلارمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى  
چۈشىنىپ قالىدۇ! ئۆز خاتالىقلىرى ئۈچۈن پۇشايمان يېشى تۆكىدۇ!»
مەن ئېغىر خىياللار ئىچىدە قۇدۇق بېشىدىكى قۇربان بوۋاي ئولتۇرىدىغان ئورۇندا ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ قالدىم...

ئەتىرگۈل ھەققىدە رىۋايەت
(چۆچەك)


نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يەر يۈزىدە گۈل يوق ئىكەن.شۇنداق بولغاچقا ئادەملەرنىڭ باغلىرىغا ياۋا ئوت-چۆپتىن باشقا نەرسە ئۈنمەيدىكەن.ئۇ زامانلاردا ئادەملەر بىر-بىرىگە قانداق سوۋغا بېرىشنى بىلەلمەي  قالىدىكەن.ئۇلار ئاخىرى باش قاتۇرۇپ بىر-بىرىگە سوۋغا بېرىشكە توغرا  كەلسە باھار پەسلىگىچە ساقلاپ،ئاشۇ چاغدا مېۋىلىك دەرەخنىڭ چېچەكلىرىنى سوۋغا قىلىشىدىغان بولۇپتۇ.ئەمما چېچەك شېخىدىن ئۈزۈلۈپ ئۇزاق  ئۆتمەيلا پۇرىقىنى يوقىتىپ سولىشىشقا ۋە توزۇشقا باشلىغاچقا، كىشىلەر  كۆڭلىدە«ئۇزۇنغىچە توزۇپ كەتمەيدىغان،پۇرىقى ئاسان يوقىمايدىغان  چوڭ چېچەك بولسا،بىر-بىرىمىزگە سوۋغا قىلساق،يەنە كېلىپ ئۇ چېچەك چوغدەك قىزىل بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى!»دەپ ئويلىشىدى كەن.
ئاشۇ زامانلاردا بىر ھاكاۋۇر پادىشاھ بولغان ئىكەن.ئۇ شۇنداق ھاكاۋۇر  ئىكەنكى،تۇلپارنى تاي،چاھار باغنى ساي دەيدىكەن.ئاشۇ پادىشاھنىڭ  تولىمۇ ئەقىللىق ۋە ساھىپجامال بىر ئايالى بولۇپ،نەچچە يىلدىن كېيىن قوشكېزەك تۇغۇپتۇ.پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەي قاقشاپ يۈرگەن پادىشاھ قوشكېزەك بالىلارنى كۆرۈپ ئالەمچە خوشال بوپتۇ ۋە زىنداندىكى گۇناھكارلارنى قويۇپ بېرىپ،يېتىم-مۇساپىرلارنى يىغىپ قىرىق  كېچە-كۈندۈز بايرام قىلىپ بېرىپتۇ.پادىشاھنىڭ بۇ قوشكېزەك بالىلىرىنىڭ بىرى قىز، بىرى ئوغۇل ئىكەن.  شاھ ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىزىغا  گۈلپەرى،ئوغلىغا ئەلتېكىن دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.كۈنلەر ئايلارنى،ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپتۇ.بۇ بىر جۈپ پەرزەنتلەرمۇ ئون  يىلدا ئانىسىدىن ۋە  ئوردىدىكى مەشقاۋۇللاردىن ئەلەم ۋە قەلەم ماھارەتلىرىنى ياخشى ئىگىلەپ ھەممەيلەننى قايىل قىپتۇ.ئۇلار شۇنچىلىك ئەقىللىق ۋە شۇنچىلىك ماھارەتلىك ئىكەنكى،ئېغىزىدىن شېئىر-قوشاق تۆكۈلۈپلا تۇرىدىكەن.ئوردىدىكى ئۆلىمالارمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىلىمىنىڭ كەملىكىدىن يەرگە قاراپ قالىدىكەن.ئۇلار يەنە ئات مىنىپ ئوۋ ئوۋلايدىكەن.ئوقيانى ئالدىغا قانداق ئاتسا،كەينىگىمۇ شۇنداق ئاتالايدىكەن.بۇنى  كۆرگەن پادىشاھ «ئاخىرى تەختىمگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك پەرزەنتىم بار  
بولدى »دەپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلىدىكەن.
گۈلپەرى بىلەن ئەلتېكىن ئون بىر ياشقا كىرگەن يىلى كۈز پەسلىدە قوشنا مەملىكەتنىڭ قوشۇنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەپتۇ.پەرزەنتلىرىگە بىرەر خەۋپ يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن پادىشاھ ئۇلارنى يىراق سەھرادىكى مېۋىلىك بېغىغا ئاپىرىۋەتمەكچى بوپتۇ.
-ئاتا،مەنمۇ جەڭگە قاتنىشاي،-دەپتۇ ئەلتېكىن.
-مەنمۇ جەڭگە كىرىپ سىزنى قوغدايمەن،-دەپتۇ گۈلپەرى.
-بالىلىرىم،تەنتەكلىك قىلماڭلار ،سىلەر تېخى كىچىك.سىلەر ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانغا يەنە ئون مېۋە پىششىقى بار ،-دەپتۇ پادىشاھ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
-ياق،سەھرادىكى باغقا بارماي ئۇرۇشقا قاتنىشىمىز ،-دەپتۇ گۈلپەرى.
-يۈرەك پارەم،سىز دېگەن قىز بالا .ئەسلى سىز بۇ يېشىڭىزدا تەپكۈچ
تېپىپ،چاكۇم ئويناپ يۈرسىڭىز توغرا بولاتتى.ئەمما...مەن سىلەردىن رازى،بالىلىرىم. ئاتاڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار.
-شاھ ئاتاڭلار توغرا ئېيتىدۇ،-دەپتۇ خانىشمۇ ئۇلارنىڭ قىزىق قانلىقىدىن ئەنسىرەپ،-ئۇرۇش دېگەن قىلىمەن دەپلا قىلىدىغان ئىش ئەمەس،ئالىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا شاھ ئاتاڭلار بىلەن مەن بەرداشلىق  
بېرەلمەي قالىمىز.ماقۇل دەپ مېۋىلىك باغقا بېرىپ ئويناپ تۇرۇڭلار.بۇ ئىشلارمۇ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ،ئاشۇ چاغدا مەن سىلەرنى ئالغىلى بارىمەن.
  بالىلار ئانىسىنىڭ گېپىنى يىرالماي ئىلاجىسىز مېۋىلىك باغقا كەپتۇ.بۇ باغ ئۇلارنىڭ بوۋىسى زامانىدا بەرپا قىلىنغان بولۇپ جاھاندىكى  مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىكەن.بالىلار كەلگەن چاغ نەق كۈز پەسلى بولۇپ مېۋىلەر تازا مەي باغلاپ پىشقان ئىكەن.شۇڭا ئۇلار ئۆز  
زېرىكىشلىرىنى باغنى سەيلە قىلىپ مېۋىلەرنى يېيىش ئارقىلىق تۈگىتىدىغان بوپتۇ.
  بالىلار مېۋىلىك باغقا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ باغقا بىر توپ ئاق كەپتەر كېلىدىغان بوپتۇ .سانىنىڭ نەچچە ئىكەنلىكىنى  بىلگىلى  
بولمايدىغان بۇ كەپتەرلەر ھەر كۈنى بىر تال چوڭ قىزىل چېچەكنى ئېغىزىدا چىشلەپ كېلىدىكەن.ھەر قېتىم كەپتەرلەر كەلگەندە باغ ئىچىنى خۇشپۇراق قاپلاپ كېتىدىكەن.
-سىلەر قەيەردىن كەلگەن كەپتەرلەر؟-دەپ سوراپتۇ گۈلپەرى بىر كۈنى.
-بىز ياخشىلىق پەرىشتىسىنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز.سىلەرگە مەخسۇس ئەتىرگۈل باغچىسى ياساپ بەرگىلى كەلدۇق.ياخشىلىق پەرىشتىسى  
ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىشقا سىلەرنى تاللىدى،سىلەر ھەم ئوماق ھەم ئەقىللىق ئىكەنسىلەر!-دەپتۇ كەپتەرلەر.
-سىلەر چىشلىۋالغان خۇشبۇي چېچەكنىڭ ئىسمى نېمە؟-دەپ سوراپتۇ ئەلتېكىن كەپتەرلەردىن.
-بىزنىڭ ئېلىپ كەلگىنىمىز ئەتىرگۈل،ئەمدى زېمىن تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىدىغان بولدى،-دەپتۇ بىر كەپتەر مەمنۇنلۇق بىلەن.
-ئەمىسە باغچىنى ھازىرلا ياسايلى،ھېلىقى...ئېغىزىڭدىكى چېچەكنىڭ ئىسمىنى يەنە ئۇنتۇپ قالدىم،-دەپتۇ گۈلپەرى خىجىل بولۇپ.
-ئۇنىڭ ئىسمى ئەتىرگۈل،بولدى خىجىل بولماڭ.سىز بۇرۇن ئەتىرگۈلنى كۆرۈپ باقمىغان ،شۇڭا ئىسمىنى دېيەلمەسلىكىڭىز خىجىل بولىدىغان ئىش ئەمەس،-دەپتۇ بىر كەپتەر.
-ئەمدى بىلىۋالدىم.ئەتىرگۈل باغچىسىنى ھازىرلا ياسايلىچۇ؟-دەپتۇ ئايپەرى كەپتەرلەرگە تەلمۈرۈپ.
-ھازىر قىش پەسلى،سوغۇق كېتىپ باھار كەلسۇن.ئاشۇ چاغدا بىز سىلەرگە چىرايلىق ئەتىرگۈل باغچىسى ياساپ بېرىمىز،-دەپتۇ كەپتەرلەرنىڭ سەركەردىسى.
-نېمە،ھازىر قىش پەسلىمۇ؟بۇ باغدىكى دەرەخلەر غازاڭ تۆكمەي يەنىلا يېشىل تۇرىدىغۇ؟مېۋىلەرمۇ تۆكمە بولۇپ كەتمەي شېخىدا مەي بولۇپ  
تۇرىدۇ.بۇنىڭ قىش پەسلى ئىكەنلىكىگە راستىنلا ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ،-دەپتۇ ئەلتېكىن.
-ئەي ئوماقلار،-دەپتۇ كەپتەرلەرنىڭ سەركىسى،-بايا دېدىمغۇ،سىلەر  
نى ياخشىلىق پەرىشتىسى تاللىدى دەپ.پەرىشتىنىڭ نەزىرى چۈشكەن بالا دېگەن تەلەيلىك بولىدۇ.ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزى چۈشكەن يەردىن گۈل-چېچەك ئۈنىدۇ.ئۇلار تۇرغان يەرگە جۇت-شىۋىرغان يولىمايدۇ.
-بۇ باغقا قىش پەسلى كەلمىگەندىكىن،ئەتىرگۈل باغچىسىنى ياساۋېرەيلىچۇ!-دەپتۇ ئايپەرى.
  
-ئالدىرىماڭ،بۇ ئەتىرگۈللەر باھار پەسلىدىن باشقا چاغلاردا كۆكلەپ خۇشپۇراق چاچالمايدۇ.دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ قانۇنىيتى بار.شۇڭا سەل تەخىر قىلىڭ.ئاز كۈندىن كېيىنلا چىرايلىق گۈللۈك باغچا سىلەرگە قۇچاق ئاچىدۇ،-دەپتۇ بىر كەپتەر.
بالىلارنىڭ قەلبى بەخت ۋە خۇشاللىققا تولۇپتۇ.كەپتەرلەرنىڭ سەركىسى ئۇچۇپ كېلىپ ئېغىزىدىكى ئەتىرگۈلنى گۈلپەرىنىڭ چېكىسىگە  
قىستۇرۇپ قويۇپتۇ.شۇندىن ئېتىبارەن بۇ بالىلار كەپتەرلەر بىلەن دوست بولۇپ قاپتۇ.ئۇلار ھەر كۈنى باغدا بىللە ئوينايدىكەن.
كۈنلەر ئۆتۈپ باھار پەسلىمۇ يېقىنلاپ قاپتۇ.بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئاتىسىمۇ دۈشمەنلىرىنى يېڭىپ ئۆز زېمىنىنى قوغداپ قالغان بولۇپ،بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرىنى بالىلىرىنى ئوردىغا ياندۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. بالىلار ۋەزىر بىلەن كېتىشكە ئۇنىماپتۇ.چۈنكى كەپتەرلەر يەنە ئىككى
كۈندىن كېيىن پەرىشتىنىڭ بۇ باغقا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا،گۈلپەرى بىلەن ئەلتېكىن پەرىشتىنى كۆرۈش ئىستىكىدە بولۇپ ۋەزىرگە تەتۈر قارىۋاپتۇ.
-بۇنداق قىلساق شاھ ئاتام چوقۇم خاپا بولىدۇ،-دەپتۇ ئەلتېكىن،- شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىز نامە يېزىپ ئاتامنى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرلەندۈ  
رەيلى ھەم ئۇنىمۇ باغقا كېلىپ پەرىشتە بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلايلى.
-ماقۇل،ئۇنداق بولسا مەن دەرھال قەغەز-قەلەم تەييارلاپ ئاتامغا
خەت يازاي.
گۈلپەرى شۇنداق دەپ قەغەز-قەلەمنى قولىغا ئاپتۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ پەرىشتە ئەۋەتكەن كەپتەرلەر بىلەن دوست بولۇپ قالغانلىقىنى،كەپتەرلەرنىڭ  ئۆزلىرىگە ئاتاپ ئەتىرگۈل باغچىسى ياساپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى، يەنە تېخى ئىككى كۈندىن كېيىن ياخشىلىق پەرىشتىسىنىڭ بۇ باغقا سەيلىگە كەلمەكچى بولغانلىقىنى يېزىپ ئاخىرىغا مۇنۇ قوشاقنى پۈتۈپ  
قويۇپتۇ:
جېنىم ئاتا تېز كېلىڭ،
پەرىشتىنى كۆرەيلى.
گۈللەر تىكىپ بۇ باغقا،
ھۇزۇرىنى سۈرەيلى.
ئۆتكۈزمەستىن ۋاقىتنى
ئەتىگىچە كەلسىڭىز.
بۇ نامىنى يازغۇچى
ئەلتېكىن ۋە قىزىڭىز.
بالىلارنى قانچە قىلىپمۇ گېپىگە كىرگۈزەلمىگەن ۋەزىر ئاخىرى ئۇلار  بەرگەن خەتنى ئېلىپ ئوردىغا قايتىپتۇ.بالىلارنىڭ خېتى ئەخمىقانە  
تۇيۇلۇپ پادىشاھنىڭ غەزىپى تېشىپتۇ.شۇنداقتىمۇ پادىشاھ ئۆز پەرزەنتلىرىگە تولىمۇ ئامراق بولغاچقا ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ،ئۇلارنى ئۆزى ياندۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن باغقا يۈرۈپ كېتىپتۇ.
  پادىشاھ پەرىشتە باغقا كەلمەكچى بولغان كۈنى چۈشتە ئاران باغقا يېتىپ كەپتۇ.ئۇ بالىلارنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىقنى كۆرۈپ ھەيران قاپ تۇ.گۈلپەرىنىڭ چېكىسىدىكى ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقىدىن مەست بولۇپ ئۇنى تويماي پۇراپتۇ.پادىشاھ پەرىشتىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بالىلىرىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاپمۇ يەنىلا ئىشىنەلمەپتۇ.شۇنداقتىمۇ بالىلىرىنىڭ تەلىپىنى  يەردە قويماي ئېسىل شاھلىق تونىنى كىيىپ ئۇلار بىلەن سەيلىگە   
چىقىپتۇ.
  
ئۇلار باغقا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر توپ كەپتەرلەر ئەتىرگۈللەرنى چىشلىگىنىچە باغقا ئۇچۇپ كەپتۇ.
-كەلدى،شاھ ئاتا،پەرىشتە كەلدى!بۇلار پەرىشتىنىڭ ئەلچىلىرى!-دەپ چۇرقىرىشىپتۇ بالىلىرى.
كەپتەرلەر بۇ قېتىم چىشلەپ كەلگەن ئەتىرگۈللەر تېخىمۇ چىرايلىق،تېخىمۇ خۇشپۇراق ئىكەن.باغقا تۇنجى بولۇپ ئۇچۇپ كەلگەن كەپتەر  ئۇدۇل بېرىپ پادىشاھنىڭ مۈرىسىگە قونۇپتۇ ۋەئېغىزىدىكى ئەتىرگۈلنى پادىشاھنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ پۇراتماقچى بولۇپتۇ.كەپتەرنىڭ ئۆزىنىڭ  
ئېسىل تونىنى مەينەت قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن پادىشاھ كەپتەرنى پاققىدە ئۇرۇپ يەرگە چۈشۈرۋېتىپتۇ ۋە:
-ھۇ پاسكىنا قۇش،كۆزۈمدىن يوقال!- دەپ ۋارقىراپتۇ.
   پادىشاھنىڭ شاپىلىقى قاتتىق تەگكەچكە كەپتەر تىپىرلىغان پېتى جان ئۈزۈپتۇ.بۇنى كۆرگەن كەپتەرلەر «دۈررىدە»ئۇچۇشۇپ باغدىن كېتىپ قاپتۇ.باغقا يېقىنلا كېلىپ قالغان پەرىشتىمۇ ئارقىسىغا يېنىپتۇ.پادىشاھنىڭ بالىلىرى دادىسىنىڭ بۇ قىلىقىدىن قېتىپلا قاپتۇ .يۈگۈرۈپ كېلىپ  كەپتەرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈپ «ۋاررىدە»ۋارقىرىشىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ ۋە تەڭلا چىرقىرىشىپ تاشقا ئايلىنىپ قاپتۇ.گۈلپەرىنىڭ چېكىسىدىكى ئەتىرگۈل يەرگە چۈشۈپ  
كېتىپتۇ.
  پادىشاھ ئۆزىنىڭ پەرىشتىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقىنى،  پەرىشتىنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى جازالىغانلىقىنى،بالىلىرى  نىڭ تاشقا ئايلىنىپ قېلىشىغا ئۆزى سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ ھەم ياقا يىرتىپ يىغلاپتۇ.ئاشۇ چاغدا باغقا زىمىستان  قىش يېتىپ كەپتۇ .مېۋىلەر تۆكمە بولۇپ،يوپۇرماقلار چۈشۈشكە
باشلاپتۇ.پادىشاھ زار-زار يىغلاپ ئوردىسىغا قايتىپتۇ.
باھار كەلگەندە پادىشاھ باغقا يەنە كەپتۇ.ئەممە باغدىكى شۇنچە كۆپ مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوپۇرماق چىقىرىپ  چېچەكلىمەستىن،قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان ئىكەن.پەقەت تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىككى بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر تال قىپقىزىل ئەتىرگۈل ئۈنۈپ  چىقىپتۇ.بۇ گۈلپەرىنىڭ چېكىسىدىن چۈشۈپ قالغان گۈل ئىكەن .بۇنى كۆرۈپ  پادىشاھ يەنە ھۆر-ھۆر يىغلاپتۇ ۋە تەختتىن ۋاز كېچىپ بۇ باغقا كېلىپ ئاشۇ بىر تۈپ ئەتىرگۈلنى پەرۋىش قىلىشقا باشلاپتۇ.پادىشاھ  بۇ باغنىڭ ئېگىز سېپىل تاملىرىنى چېقىپ تاشلاپ،باشقىلارنىڭ باغقا كىرىپ ئەتىرگۈل پۇرىقىنى پۇرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ ئەتىرگۈلنى كۆچۈرۈپ چىرايلىق بىر ئەتىرگۈل باغچىسى بەرپا قىپتۇ.تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن بالىلىرىنىڭ ئەتراپىغىمۇ گۈللەر ئۈنۈپ چىقىپتۇ.بۇ گۈللەر باشقا گۈللەردىنمۇ چىرايلىق،باشقا گۈللەردىنمۇ پۇراقلىق  
ئىكەن.شۇنىڭدىن كېيىن ئەتىرگۈل زېمىنغا كەڭ تارقىلىپتۇ.


قار بوۋاي
(ھېكايە)


قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۇنى ياغقان قېلىن قار ئالتە ياشلىق چوغلاننى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى.ئۇ ئەتىگەندىلا ھويلىغا چىقىۋېلىپ دادىسى ھېيتلىق ئېلىپ بەرگەن چىرايلىق ئايىقى بىلەن قار ئۇستىگە دەسسەپ،«غىس-غىس»ئاۋاز چىقىرىپ ئوينىدى.بۇ ئويۇن بەك ياراپ كېتىپ ھويلىدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈردى.
-چوغلان،تەييار بول.بوۋاڭ-موماڭنىڭ ئۆيىگە بارىمىز.-دېدى ئانىسى.
-ئاپا،قاراڭ،بەك جىق قار يېغىپتۇ.مۇشۇ قارنىڭ ئۈستىدە موللاق ئېتىپ ئوينىغۇم كېلىۋاتىدۇ-دېدى چوغلان قارغا قاراپ تۇرۇپ.
مۇشۇنداق سوغۇقتا قاردا موللاق ئېتىپ ئوينىساڭ مۇزلاپ قالمامسەن؟ھېلىمۇ تاڭ سەھەردە تالاغا چىقىۋالغىنىڭنى قارا.ماڭ،تېز كىرىپ ھېيتلىق ئېلىپ بەرگەن ئىشتان- چاپىنىڭنى ،قېلىن پوسماڭنى كىيىپ چىق.
چوغلان ئانىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئۆيگە كىرىپ،قېلىن كىيىملىرىنى كىيدى.ئانىسى ئۇنىڭغا شارپىنى ئوراپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
چوغلان يولدا كېتىۋېتىپ ئەتراپقا قارىدى.ھەممە ياق ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن،چوغلان خۇددى ئاسماندىكى توپ-توپ بۇلۇتلار يەر يۈزىگە چۈشۈپ تۆت ئەتراپقا تەكشى يېيىلغاندەك ھېس قىلدى.ئاق قار قۇياش نۇرىدا مەرۋايىتتەك پارقىرايتتى.ئۇ ئاتا –ئاننىسىنىڭ ئايىغى ئاستىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازغا قۇلاق سالدى.ئۇلارنىڭ ئاياغ ئاستىدىن چىققان ئاۋاز خۇددى يېقىملىق مۇزىكىدەك بىلىندى.ئەمما چوغلان ھەر قانچە كۈچەپ دەسسىسىمۇ ئۇنىڭ ئايىغىدىن چىققان «غىس-غىس»ئاۋاز دادىسى بىلەن ئاىسىنىڭ ئايىغىدىن چىققان ئاۋازغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدى.ئۇ تېخىمۇ كۈچەپ دەسسىدى.پۇتلىرىنىڭ ئاغرىپ كەتكەنلىكىگىمۇ پەرۋا قىلمىدى.ئۇلار ئۇزاق ئۆتمەيلا بوۋىسىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ قالدى.
چوغلان بوۋىسىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ بۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدا ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ بولغان جىققىدە بالىلارنىڭ قاردىن ئادەم شەكلى ياساۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.ۋە قىزىقىپ قاراشقا باشلىدى.
-چوغلان،ماڭ ئوغلۇم،ئۆيگە كىرىمىز.
چوغلان دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىلاجىسىز ھالدا ئۆيگە كىردى.بوۋىسى بىلەن مومىسى ئۇنى بەكمۇ سېغىنغان بولغاچقا،پېشانىلىرىگە سۆيۈپ ئەركىلىتىشكە باشلىدى.چوغلان گەرچە ئۆيدە ئولتۇرىۋاتقان بولسىمۇ،پۈتۈن خىيالى بايا كۆرگەن قار ئادەمدە قالغان ئىدى.شۇڭا ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىرتقا چىقىۋالدى.مومىسى  
داستىخانغا تىزغان ساڭزا-پوشكال،ھۆل-قۇرۇق يېمىشلەرگە قولىنىمۇ ئۇزىتىپ قويمىدى.ئۇنىڭ ئانىسى ھەدە –سىڭىللىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان بولغاچقا،ئۇنىڭ تالاغا ماڭغىنىغا دىققەت قىلمىدى.ئۇ ھويلىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقان دادىسى بىلەن بوۋىسىغا بىردەم قاراشقاندىن كېيىن غىپلا قىلىپ ئۆينىڭ ئالدىغا چىقىۋالدى.
چوغلان بايىقى بالىلارنىڭ قېشىغا بارغاندا،ئۇلار بىر قار ئادەمنى ياساپ بولۇپ،يەنە بىرنى ياساش ئۈچۈن قار دۆۋىلەۋاتاتتى.چوغلان ئۇلاردىن يىراقراق بىر جايدا ئولتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشكە باشلىدى.بىر قانچە بالا گۈرجەك بىلەن باردەمدىلا بىر مۇنچە قارنى.قوللىرىغا پەلەي كىيىۋالغان ئىككى بالا يىغىلغان قارلارنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ،ئادەمنىڭ گەۋدىسى ھالىتىگە كەلتۈردى .چوغلان ھازىرغىچە بۇنداق ئويۇننى،بۇنداق قار ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.شۇڭا ئۇ بەكلا ھەيران قالدى.يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ كۆڭۈللۈك ئويۇننىڭ بارلىقىدىن خۇشال بولدى.ئۇدىققىتىنى يىغىپ يەنىمۇ تەپسىلى قاراشقا باشلىدى ۋە تېخىمۇ ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە قەدەم ئالدىغا ماڭدى.ئۇ مۇشۇ دەمدە يۈزىگە نەشتەردەك سانجىلىۋاتقان سوغۇقنىمۇ،دادىسى بايا ئۆلتۈرگەن قوينىڭ جىگىرىدە قىلىپ بېرىدىغان كاۋاپنىمۇ ئۇنتىغان ئىدى.
قار ئادەم ياساۋاتقان بالىلاردىن بىرى قاراپ تۇرغانلاردىن بىرىنى كۆمۈر پارچىسى تېپىپ كېلىشكە بۇيرىدى.ئۇ بالىلار قار ئادەم ياساشقا ھەقىقەتەن ئۇستا ئىكەن.ئۇلار بىردەمدىلا ئادەمنىڭ باش شەكلىنى چىقىرىپ بولدى.ھېلىقى بالا تېپىپ كەلگەن كۆمۈر پارچىسىنى كۆز ئورنىغا پاتۇردى.ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەردە ھەيۋەتلىك قار ئادەمدىن ئىككىسى پۈتتى.
چوغلان تاكى ئانىسى ئىزدەپ چىققۇچە بايىقى يەردە ئولتۇرۇپ قار ئادەمگە قاراپ تۇردى.ئۇ ئانىسىنىڭ ئاچچىق بىلەن چالۋاقاشلىرىغا پەرۋا قىلماي،بوۋىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگۈچە كەيىگە نەچچە رەت ئۆرۈلۈپ ھېلىقى قار ئادەملەرگە قارىدى.
چوغلان ئۆيگە كىرىپ ئوخشىتىپ ئېتىلگەن پولۇ،مومىسى قۇيغان ئۆپكە-ھېسىپ،دادىسى قىلغان جىگەر كاۋاپلارنى يەۋېتىپمۇ ھېلىقى قار ئادەمنى ئۇنىڭ ياسىلىش جەريانىنى بىرمۇ-بىر ئويلاپ چىقتى.
ئۇ كۈنى قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن بوۋىسىنىڭ ئۆيىدىن يانغاچقا،ئىشىك ئالدىغا چىققاندا چوغلان شۇنچىلىك سىنچىلاپ قاراپمۇ ئۇ قار ئادەملەرنى كۆرەلمىدى.ئۆيگە كېلىپ ئورنىغا كىرىپ ياتقاندىمۇ قار ئادەملەرنى خىيالىدىن نېرى قىلالمىدى.«ئەجەپ قىززىق ئويۇنكەن دېسە،-دەپ ئويلايتتى چوغلان ئىچىدە،-يەردىكى قارنى گۈرجەك بىلەن بىر يەرگە يىغىپ،ئۇنىڭدىن ئادەم ياسايدىكەن.ئەمما ئۇ بالىلار بۈگۈن ئۇ قار ئادەمنىڭ پۇت –قوللىرىنى سىزمىدى.ئۇنىڭغا كىيىممۇ كىيدۈرۈپ قويۇشمىدى.ھازىر سىرتتا ھەممە ئادەم قېلىن كىيىملەرنى كىيىشىپ يۈرىدىغان تۇرسا،ئۇ قار ئادەملەر بۇ چاغقىچە توڭلاپ،ئانام ئەتىگەن دېگەندەك مۇز ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالغاندۇ.ھە،راست !ئۇ بالىلار يەنە قار ئادەمنىڭ ساقال-بۇرۇتىنى سىزىشنى ئۇنتۇپ قالدى.قار ئادەمنىڭمۇ بوۋامنىڭكىدەك ساقىلى،بېلىدە پوتىسى،بېشىدا تەلپىكى بولىشى كېرەكتە.ئەگەر مەن ئۇ بالىلارنىڭ ئورنىدا بولسام،ئۆزۈم ياسىغان قار ئادەمگە چىرايلىق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ قوياتتىم.سىرت شۇنچە سوغۇق،يەنە كېلىپ ھازىر دېگەن ھېيت ۋاقتى.قار ئادەممۇ ماڭا ئوخشاش چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشى كېرەكتە!»چوغلان ئاشۇنداق خىياللارنى سۇرۇپ،قاچانلاردىدۇر ئۇخلاپ قالدى.چۈشىدىمۇ ساپلا ھېلىقى قار ئادەملەرنى كۆردى.چۈشىدە نەچچە رەت قار ئادەملەرنىڭ قېشىغا باردى.قار ئادەمنىڭ قولىنى ياسىماقچى بولۇپ خېلى ھەپىلىشىپمۇ ياسىيالمىدى.
ئەتىسى چوغلانلارنىڭ يان قوشنىسى مەھەللىدىكىلەرنى ھېيتلاشقا چاقىردى.چوغلانمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئۇ ئۆيگە كىردى.ئۇنىڭ بىلەن تەڭتۇش نۇرغۇن بالىلارمۇ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە كىرگەن ئىدى.ئۇششاق بالىلار داستىخاندىكى يېمىشلەر بىلەن سىقىملىرىنى تولدۇرۇشقاندىن كېيىن«ئويناپ كىرىمىز»دەپ سىرتقا چېپىشتى.چوغلاننىڭ خىيالىمۇ قار ئادەم ياساشتا بولغاچقا،يەۋاتقان ئالمىسىنى تاشلاپ،بالىلارنىڭ كەينىدىن يۇگۇردى.
ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىشقان بالىلار ھويلىدا بىر بىرىگە قار ئېتىشىپ ئويناشقا باشلىدى.چوغلان بولسا ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇ ئۆزى قار ئادەم ياساشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى.
چوغلان بوۋىسىنى ياسىماقچى بولدى.ئالدى بىلەن قوشنىسىنىڭ ھويلىسىدىن گۈرجەك ئېلىپ چىقىپ بىر دۆۋە قار يىغدى.ئاندىن ئوماققىنە قوللىرى بىلەن قار بوۋاينى ياساشقا باشلىدى.ئانچە ئۆتمەيلا ئۇنىڭ قوللىرى مۇزلاشقا باشلىدى.ئەمما ئۇ يەنىلا غەيرەت بىلەن ياساۋەردى.گەرچە ياسىغىنى تۈنۈگۈن كۆرگەن قار ئادەمگە ئانچە ئوخشىمىسىمۇ،ئۇ ئىچىدە ناھايتى خۇشال بولدى.ئۇ خېلى ئۇزۇن ھەپىلىشىپ ئۆزى بىلەن تەڭ بىر قار ئادەم ياسىدى.بۇ قار ئادەمنىڭ بېلى ئىنچىكە،بوينى چوڭ،يۈزى قانداقتۇر تۆت چاسا بولۇپ قالغان بولسىمۇ،چوغلانغا بەكلا ياراپ كەتتى.
چوغلان قولىنى بىردەم ئىسىتىۋالغاندىن كېيىن نەدىندۇر چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئككى تال كۆمۈر پارچىسى تېپىپ كېلىپ قار ئادەمنىڭ يۈزىگە پاتۇردى.قولىنى ھەر قانداق قىلىپمۇ ياسىيالماي ئككى تال تاياقنى قول ئورنىدا سانجىپ قويدى.چوغلاننىڭ نەزىرىدە بۇ ئادەم ئۇنىڭ بوۋىسىغىلا ئوخشىغان ئىدى.ئۇ تۇيۇقسىز قار بوۋىسىنىڭ ساقىلى يوقلىقىنى بىلدى-دە،ئىشىك ئالدىدىكى ئانىسى سۈپۈرگىدىن چىقىرىۋەتكەن ئۇششاق تەمەچلەرنى تېرىپ كېلىپ قار ئادەمنىڭ ئېڭىكىگە سانجىدى.
قار بوۋاي ياسىلىپ بولدى.چوغلان ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان خۇشاللىقىنى زورىغا بېسىپ،چاپىنىنى سېلىپ قار بوۋايغا ئاۋايلاپ كىيدۈردى.پوسمىسىنىمۇ ئېلىپ كايدۈرگەندىن كېيىن،قېلىن شارپىسىنى قار بوۋاينىڭ گېلىغا ئوراپ قويدى.«قاردىن بوۋامنى ياساپ چىقتىم،-دەيتتى ئۇ ئۆزئۆزىگە-ئۆزۈمنىڭ مامۇق چاپىنىمنى ،پوسمامنى كەيدۈرۈپ قويدۇم.بوۋام ئەمدى تالادا ھەرگىز توڭلىمايدۇ.خەير-خوش،بوۋا،مەن ئاپام-دادامنىڭ قېشىغا كىرىپ چىقاي.»چوغلان خىيالىدا بوۋىسى بىلەن خوشلىشىپ بولۇپمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردى.قولى،باشلىرى توڭۇپ بولالمىغاندىلا دىر-دىر تىترىگىنىچە قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىردى.
چوغلاننىڭ سوغۇقتىن كۆكىرىپ كەتكەن بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئانىسىنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى.يۈسۈپ ئاكىمۇ بۇنىڭ نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ توڭۇپ-تىترەپ تۇرغان چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇرغان خۇشاللىقنى كۆرگەن دادا تېخىمۇ تېڭىرقاپ قالدى.ئانىسى ئوغلىنى باشقىلاردىن تاياق يېگەن ئوخشايدۇ دەپ سوراقلىغان ئىدى،چوغلان ئۆزىنىڭ ئىشىك ئالدىدا قار بوۋىسىنى ياسىغانلىقىنى ئېيتتى.
-ئەمىسە،چاپان بىلەن پوسماڭ قېنى؟-سورىدى ئاپىسى.
-بوۋامغا كىيدۈرۈپ قويدۇم،تالا بەك سوغۇق تۇرسا.-دېدى چوغلان.
چوغلاننىڭ بۇ گېپى بىلەن ئۆي ئىچىدە يېنىك كۈلكە كۆتۈرۈلدى.چوغلان بولسا ئۆزىنىڭ قايسى گېپىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.
چوغلاننىڭ ئاتا ئانىسى قوشنىسى بىلەن خوشلىشىپ،ئىشىك ئالدىغا چىققاندا ئۆزىنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى چوغلان بىلەن تەڭ دېمەتلىك قار ئادەمنى كۆردى.ئۇنىڭغا كىيدۈرۈلگەن چاپاننى، بوينىغا ئورالغان شارپىنى كۆرگەندە ،دادىسى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئانىسىنىڭ بولسا قاپاقلىرى تېخىمۇ قاتتىق تۈرۈلدى.
-قاملاشنىغان بالا بولدۇڭغۇ!
ئانىسى شۇنداق دېگڭنىچە بېرىپ،ئۇنىڭ چاپىنىنى سالدۇرىشىغا،ئاران تۇرغان قار بوۋاي يىقىلىپ چۈشتى.بۇنى كۆرگەن چوغلان يىغلىغىنىچە بېرىپ ئانىسىغا ئېسىلدى؛
-بوۋامنى تۆلە!بوۋامنى تۆلە!
ئانىسى نېمە قىلقشنى بىلەلمەي يولدىشىغا ئۈمۈد بىلەن قارىدى.
-يىغلىما بالام...
ياق،ياق!-چوغلان دادىسىنىڭ تەسەللىسىگە قۇلاق سالماستىن،تېىخىمۇ يىغلاشقا باشلىدى-تۆلەپ بەرسۇن،قار بوۋامنى تۆلەپ بەرسۇن!
-ماقۇل،ماقۇل.كېلە ئەمىسە. ئىككىمىز قار بوۋاڭنى قايتىدىن ياسايلى.
-ماقۇل،-چوغلان شۇنداق دېگىنىچە ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ كۈلدى.
چوغلان ھويلىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ ئككى دانە گۈرجەك ئېلىپ چىقتى.ئاتا –بالا خۇشال ھالدا بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ قار يىغىشقا باشلىدى. ئانىسى ئوغلىغا قۇرۇق كىيىم-كېچەك ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆيگە ماڭدى.ئۇ ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتقاندا قۇلىقىغا ئوغلىنىڭ شادىيانە كۈلكىسى ئاڭلاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 02:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 04:42:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا ھەقىقەتەن ئېقتىدارلىق يازغۇچى بولغۇدەك.
تېخىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەتلەر تىلەيمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 04:43:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 04:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3458
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 05:29:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدىغان  ھىكايىلاركەن بو  بولۇپمۇ  سۇچى  بوۋاينىڭ بەك تەسىرلىككەن ............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95621
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 436
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 07:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۆزەمنى بىلمەيلا چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كېتىپتىمەن~
   ئادەم دېگەن ھەقىقەتەن خاتالاشقۇچى ئەمەسمۇ، پادىشاھنىڭ ھەممە پۈتۈپ، ئازراق ئىشقا سەۋىر قىلالماسلىقىدىنمۇ،‹‹ سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن ›› دېگەن ھېكمەتنىڭ دانالار سۆزلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز!
   ئاپتورنىڭ قەلىمىگە كۆز تەگمىسۇن!
   بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمىز!  

ھەركەت ئەڭ ياڭراق ئەمەلىي تىلدۇر!

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21088
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2111 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 11:29:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەبى ئىپادىلەش ماھارىتىڭىز مىنى بەك تەسىرلەندۈردى.بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەدەبى ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.تېخىمۇ تىرىشىڭ.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، كىشىنى ش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4395
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 03:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەتجان ئۇكامنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان رومانىنى قۇتلۇقلايمەن. مۇبارەك بولسۇن ئۇكام، بىر كۆرۈشۈش نىسىپ بولار ئىنشائاللاھ، ھەدىڭىز سىزگە داۋاملىق ئۇتۇق تىلەيدۇ.

كۆڭۈل ئاغرىقىڭىزنى قۇمغا يېزىپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى تاشقا ئويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 05:13:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاپتورنىڭ قەلىمىگە كۆز تەگمىسۇن!
   بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمىز!  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3482
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11166
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 08:46:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتىقىغا كىرىپ تۇرىمەن، قەلىمى ھەقىقەتەن ئۆتكۈر. ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. بۇ بالىدا ئۈمىد بار...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش