خەنساۋات يىگىتنىڭ ھىكايىسى
گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەن كېچىدە،
غۇۋا چىراغ نۇرىدا ئۆي ئىچىدە ،
ئولتىراتتى بىر ئەر بىلەن ئايالى ،
ئۆزى ئۆيدە يىراقلاردا خىيالى.
شۇ دەقىقە ئىشىك ئاستا ئىچىلدى،
ئاجىز كۆزلەر ئىشىككە ھەم تىكىلدى،
ئۇغلى تۇرار ئىشىكىدە تۈكۈپ ياش،
مۇھەببەتكە تەشنا ئىدى بۇ بەڭباش.
كەتتى يورۇپ پۈتۈن جاھان چاقماقتا،
كۆز ياش بىلەن يامغۇر بىللە ئاقماقتا.
"ئانا!"دىدى گۈلدۈرماما توختىدى،
"دادا!"دىدى چاقماق قايتا چاقمىدى.
بالام دىگەچ ئانا ئاڭا ئىتىلدى،
دادىمۇ ھەم ئۇلارغا تىز قېتىلدى.
"كەچۈرۈڭلار" دىدى بالا ۋارقىراپ،
"گۇناھ بىزدە "دىدى ئانا يىغلامسىراپ.
ھەمدۇ سانا ئىيتتى ئۇلار ئاللاھقا،
كەتتى خىيال يەنە ئۆتمۈش يىراققا.
ئەسلى ئۇلار بىر ئائىلە ئىدى ئىناق،
ئۆز ئەمگىكى كۈچى بىلەن تاپقان روناق.
كىلىپ بۇرۇن ۋەھىمىلىك قارا بوران ،
بەخىت-ئامەت ،سائادەتنى يۇتقان تامام.
بۇ ياش يىگىت ئون ئىككىگە كىرگەندە ،
قوش تىللىقنىڭ سىياسىتى كەلگەندە ،
كەلدى كەنىت كادىرلىرى ئۆيىگە،
قوش تىللىقنى ئىلىپ ئاسمان تۆرىگە،
سىنىڭ ئوغلۇڭ دەپتۇ باشلىق بۇلىدۇ،
بىزدەك كادىر ئۇنىڭغا باش ئېگىدۇ ،
تاغار -تاغار پۇلنى بالاڭ تاپىدۇ،
ساھىبجامال قىزلارنى ھەم ئالىدۇ.
ئاتا-ئانا ئاڭلاپ كادىر سۆزىنى ،
بىلەلمىگەچ كەلگۈسىنىڭ سىرىنى ،
ئويلاپ ئۇغۇل ئىستىقبالى بەختىنى ،
يولغا ساپتۇ ئۇلار يۈرەك باغرىنى .
قاپتۇ ئۇلار ئۆز ئوغلىغا دۇئا قىپ،
"ياخشى"دەپتۇ باشقىلارمۇ سالا قىپ.
يىگىت شۇنداق قوش تىللىقتا ئۇقۇپتۇ،
شۇ ئارىدا بىر قانچە يىل ئۆتۈپتۇ .
خەنزۇچىغا كىتەر تىلى شۇنچلىك ،
ئانا تىلنى سۆزلىيەلمەس ئۇنچىلىك .
ئاتا-ئانا دەپتۇ مەيلى ئۇنىڭغا ،
تىلى كىردى،روھى كىرمەس قىنىڭغا.
شۇندىن بۇيان بالا سۆزلەر خەنزۇچە،
ئاتا-ئانا پەخىرلىنەر ئۆزىچە ،
ئەنە شۇنداق ئايلار ئۆتۈپ يىل ئۆتۈپ،
كەپتۇ مانا پەيىت ۋاقتى ھەممە كۈتۈپ.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كىلىپتۇ ،
ئىمتىھاندىن يۇقرى نۇمۇر .ئىلىپتۇ.
مائارىپى ياخشىكەن دەپ كۇلىينىڭ ،
كاللىسىدا بوران چىقىپ بۇ گۇينىڭ ،
ئىچكىرىنى يېزىپتۇ ئۇ ئارزۇغا،
ئۈتۈپتۇ ھەم لەنجۇ ئەمەس گۇڭجۇغا.
ئىتىزلاردا تەر تۆكەركەن دادىسى ،
ئاخشاملاردا ياش تۆكەركەن ئانىسى،
بۇيۇن قىسىپ قالمىسۇن دەپ بالىنى ،
سىتىپتۇ ھەم قوي-ئۆچكىنى كالىنى .
كۆزدىن يىراق كۈڭۈلدىنمۇ ھەم يىراق ،
ئويلىماسكەن ئۆيدىكىنى ئۇ بىراق .
دەسلىپىدە راسا ياخشى ئۇقۇپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئىمان ئاندىن كىتىپتۇ.
ئىچكىرىدە ئۇقۇپ يۈرۈپ ئىككى يىل ،
ئىككى يىلدا قايتماپتۇ بىر تەتىل ،
ئاتا-ئانا تىشىلىپتۇ كۆزلىرى ،
جۇدالىقتا سارغېرىپتۇ يۈزلىرى.
پىشانىگە ئىز سىلىپتۇ قورۇقلار،
كۆزلىرىدىن ئۆچۈپتۇ ھەم يورۇقلار.
مانا ئاخىر ۋىسال كەپتۇ قۇچاق ئەپ ،
باراي دەپتۇ ئۇ خەن ساۋات لايىق ئەپ.
ئاتا-ئانا خۇش بۇلۇپتۇ ئوغلىدىن،
چۈنكى نەۋرە تاتلىق ئىمىش نەۋرىدىن.
ئولتىراتتى ئۆيدەئىسىل تاماق قىلىپ،
بىر نەپەستە ئىشىكىگە بىر بىقىپ.
كىرىپ كەلدى ئوغلى بىر چاغ ئىشىكتىن،
قولتۇقلاپتۇ خەنزۇ قىزنى بېلىدىن .
چۆمۈچ يەرگە چۈشتى ئانا قولىدىن ،
ھېچ بىر سادا چىقماس يەنە دادىدىن.
ئوغلى بولغان قۇلاق تېشىپ قىزىل چاچ،
خەنزۇ قىزى غېرىچ يوپكا يىشىل چاچ،
ئاڭلادەپتۇ ئوغلى ئاتا -ئانىغا ،
مەن كۆيىمگەن ئاشۇ خەنزۇ قىزىغا،
ئالسام دەيمەن ئاشۇ قىزنى توي قىلىپ،
بەرسەڭلەرچۇ ماڭا دادا رازىلىق.
دادا كىلىپ تۇتۇپ بالا قولىدىن ،
"ئالساڭ مەيلى قايسى مىللەت قىزىدىن ،
لىكىن بولسۇن ئېتقادى ،ئىمانى،
جىنىم بالام، ئىمانسىز ئەڭ يامىنى ،
"مىنىڭ ئىسمىم خان"دا
"نىيو يورك تىكى بەش بىنا"دا
نىكاھىغا ئالىدىكەن بۇددىسنى،
ھەتتاكى خئىرىستىئان مۇرتىنى.
مەن ئىشقىلىپ يانمايمەن بۇ يۇلىمدىن ،
چىقساڭلارچۇ خۇراپاتتىن ئاپەتتىن .
چۈشەندۈرسە يانماي نادان يۇلىدىن،
دادا ئۇنى چىققىن دەپتۇ ئۆيىدىن.
كەلمە قايتا تاپمىغۇچە يۇلۇڭنى ،
ئۇنتۇپ كەتكىن ئاناڭنى ھەم ئۆيۈڭنى،
شۇندىن بۇيان كۆرۈشمىگەن قايتىدىن ،
ئاتا-ئانا بالا بىلەن ئەزەلدىن.
ئۇلار دائىم قۇلاق سىلىپ يۈرىدۇ ،
گاھى گاھى خەۋەر كىلىپ تۇرىدۇ،
بىرى دەيدۇ كاۋابچىمىش ئىچكىردە،
بىرى دەيدۇ يانچۇق "ئويناپ"تۈرمىدە،
بۈگۈن مانا قايتىپ كەلدى قايتىدىن ،
ئەمدى ئاڭلاپ باقايلى ئۆز ئاغزىدىن.
بالا ئاغزىدىن
ئېزىپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ شۇ قىتىم ،
ئىچكىرىگە كەلدىم يەنە قايتىدىن ،
كاۋاب ساتتىم گازىر ساتتىم كوچىدا،
ئامال قىلىپ جان بىقىشنىڭ كويىدا،
ئۇ قىز دەسلەپ ئۆتتى ئىناق مەن بىلەن ،
ئۆتىمەن دەپ ئۆمۈر بويى سەن بىلەن ،
تاپقان پۇلۇم قۇرسۇقۇمدىن ئاشمىغاچ،
ئۇ قىز كەتتى"گۈن"دەپ مىنى تاشلىغاچ.
بىلدىم شۇئان ئىمانسىزلىق يامانكەن،
كۆيدۈم پىشتىم دىمەك دەسلەپ ئاسانكەن .
تىپىۋاپتۇ تىزلا باشقا بىرىنى ،
شۇئان بىلدىم مەنمۇ ھايات سىرىنى .
ئاتا-ئانام كەچۈرىدۇ دەپ ئويلاپ،
كەلدىم مانا توۋا قىلىپ قايتىلاپ،
مانا بۇ دەل مىنىڭ ئۆتمۈشۈم،
ئىبرەت بولسا بۇ مىنىڭكى ئۆتۈنۈشىم .
ھىچ ئەمەسكەن ئىنسان پۇلسز،بايلىقسىز،
ئاپەت ئىكەن ئەخلاقسىز ۋە ئىمانسىز.
مەنبە :ئۆزۈم
ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەر پۈتۈن توقۇلما
"مىنىڭ ئىسمىم خان" ، "نىيو يورك تىكى بەش بىنا" ئامرىكىدا ئىشلەنگەن كىنو .ھەر ئىككىسىنىڭ ۋەقەلىكتە مۇسۇلمان بىلەن خىرىستىئان ۋە بۇددىس بىلەن توي قىلدىغان كۆزۈنۈش بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-13 04:39 AM